سەرەس
سەرەس بولسا يىپەك ئاكاتسىيە (Albizia julibrissin Durazz) دەرىخىنىـڭ پوسـتى بولـۇپ . پەي ۋە چىشلارنى چىڭىتىش،قان تازىلاش، خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
سەرەس بولسا پۇرچاق ئائىلىسىدىكى يوپۇرماق تاشلايدىغان دەرەخ يىپەك ئاكاتسىيە (Albizia julibrissin Durazz) دەرىخىنىـڭ پوسـتى بولـۇپ ، بـۇ دەرەخـنىـڭ قـوۋزىــقــى« سەرەس» ئۇرۇقى، «توخۇمى سەرەس» نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ. سىرتقى يۈزى قوڭۇر رەڭدىن بېغىر رەڭگىچە،ئازراق پۇرىقى بار. ئازراق قىرتاق تەمى بولۇپ، تىلنى ئازراق غىدىقلايدۇ.ياز ۋە كۈز پەسلىللىرىدە پوتىنى ئاجرىتىۋېلىپ يىغۋىلىنىدۇ،مەملىكىتىمىزنىڭ شەرقى شىمال، خېنەن، خېبىي، خۇبىي قاتارلىق جايلىرىدىن چىقىدۇ.
كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئاشۇرۇش، پەي ۋە چىشلارنى چىڭىتىش،قان تازىلاش، خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئىشقارلار، سېرىق كتونلار، بولساخاردى، تانىن ئامىنو كىسلاتاسى، مىكرو ئېلېمېنتلار.
1. كۆزنى روشەن قىلىش ئۈچۈن، سەرەنسىڭ يوپۇرمىقىنى قاينىتىپ سۈيى كۆزگە تېمىتىلىدۇ ياكى سۈيى ئىچىپ بېرىلىدۇ.
2. چىش تۈۋىنى چىڭىتىش ئۈچۈن، سەرەسنى قاينىتىپ سۈيىدە ئېغىز غار- غار قىلىنىدۇ.
3. جاراھەتنى پىشۇرۇش ئۈچۈن، سەرەسنى سوقۇپ، سۇپۇپ تەييارلاپ، جاراھەتلەرگە چېپىلىدۇ.
4. سەرەسنى چالا سوقۇپ ئىچىدىكى نېپىز قۇۋزىقىنى ئېلىۋېتىپ، تۆت كۈن سۇغا چىلاپ ئاندىن ئۇنىڭدىن ئەرەق تارتىپ 21 كۈن ياكى ئۇنىڭدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىستېمال قىلسا يۇقىرىقى كېسەللىكلەرگە پايدا قىلىدۇ: بۇ مەزگىلدە كەكلىك ۋە قۇشقاچ گۆشلىرى يېيىلىدۇ: بۇغداي ۋە گۈرۈچ ئىستېمال قىلىنىدۇ.
رەزۇل سەرخەس
كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاجىزلىقى، چىش تۈۋى بوشاپ كېتىش، پالەچ، لەقۋا، بوغۇم ئاغرىقى، يىرىڭلىق جاراھەت، قۇستۇر ۋە باشقا تېرە كېسەللىكلىرىگە ئىشلىتىلىدۇ.
كېلىش مەنبەسى(ئەسەر)
ئۇيغۇر تېبابىتى خام دورىلار ئىلمى بىرىنچى توم(سىناق نۇسخا) شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى. [0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.