كالمېت-گۋېرىن ۋاكسىنىسى

كالمېتگۋېرىن ۋاكسىنىسى

 كالمېت-گۋېرىن ۋاكسىنىسى، بۇ تۇبېركۇليوز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋاكسىنىسى، تىرىك، زەھەرسىز كالا تىپلىق تۇبېركۇلوز تاياقچىسى باكتىريىسىدىن كەلگەن.

ئۇيغۇرچە نامى كالمېت-گۋېرىن ۋاكسىنىسى
چەتئەلچە نامى Bacillus Calmette-Guérin
تىپى ۋاكسىنا
خەنزۇچە نامى 卡介苗
قىسقارتىلىپ ئاتىلىشى BCG
كەشىپ قىلغۇچى كالمېت ، گۋېرىن

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

كالمېتگۋېرىن ۋاكسىنىسى 20 – ئەسىرنىڭ باشلىرىدا، فىرانسىيە دۆلىتىدىكى ئىككى نەپەر باكتېرىئولوگ كالمېت بىلەن گۋېرىن، ئۇلار بىرلىكتە سىناق تەرىقىسىدە   تۇبېركۇتوكسىن سۈنئىي ئالدىنى ئېلىش ۋاكسىنا ياساش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى،« كالمېت گۋېرىن ۋاكسىنىسى » دەپمۇ ئاتىلىدۇ. 

كالمېتگۋېرىن ۋاكسىنىسى  كالمېت- گۋېرىن ۋاكسىنىسىنى ئەملەش بالىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ناھايىتى پايدىلىق، تۇبېركۇليوزكېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، بولۇپمۇ بالىلارنىڭ ھاياتىغا خەۋپ يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولغان ئېغىر تىپتىكى تۇبېركۇليوز، مەسىلەن، تۇبېركۇلوزلۇق مېڭە پەردە ياللۇغى، تېرىقسىمان تۇبېركۇلوز كېسىلى قاتارلىق جەھەتلەردە خېلى كۆرۈنەرلىك رول ئوينايدۇ. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى <(WHO)> تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، كالمېت-گۋېرىن ئالدىنى ئېلىش ۋاكسىنىسىنى تۇبېركۇلوزلۇق مېڭە پەردە ياللۇغى ۋە تارقىلىشچان تۇبېركۇلوز كېسىلىگە ئەملەشنىڭ ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %86 ئۈنۈم بېرىدىغانلىقى؛ سىل خارەكتىرلىك ئۆلگەن ھۈجەيرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا %65 ئۈنۈم بېرىدىغانلىقى؛ سىل خاراكتېرلىك ئۆلگەن مېڭە پەردە ياللۇغى كېسىلىگە %65 ئۈنۈم بېرىدىغانلىقى؛ چېچىلما تۇبېركۇليوز ئۆلۈپ كەتكەن ھۈجەيرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا %78 ئۈنۈم بېرىدىغانلىقى ئىسپاتلانغان.  كۆپ يىللاردىن بۇيان، كالمېت-گۋېرىن ۋاكسىنىسى ئەملەش ئارقىلىق نەچچە مىڭلىغان ھايات قۇتقۇزۇپ قېلىندى.

كالمېتگۋېرىن ۋاكسىنىسى 1 . ئىممۇنولوگىيىلىك چەكلەش دورىسى: ئىممۇنولوگىيىلىك چەكلەش دورىسى يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ ئىممۇنىتېت كۈچى تۆۋەنلىتىدۇ، ۋاكسىنا ئەملەش كېيىن بولۇپ قالسا، تىرىك باكتېرىيە ھۈجەيرىسىدىن يۇقۇملىنىدۇ ھەتتا ھاياتىغا خەۋپ يىتىدۇ. 

 2 . شېكەر كورتىكوئىدلار: مۇنتىزىم، بىمارنىڭ  دورا مىقدارى قەنت پوستلاق ھورمونى ۋە ئىممۇنىت كۈچىنى چەكلەش، زەھىرى ئاجىزلاشتۇرۇلغان ۋاكسىنا ئىممۇنىتېتى قوبۇل قىلىشى كېرەك. نۇرغۇن ستېروئىد ئىممۇنولوگىيىلىك چەكلەش ئىشلىرىغا قارىتا زەھىرى ئاجىزلاشتۇرۇلغان ۋاكسىنىسىغا قارتا ئوخشاش بولمىغان ئىنكاسلارنى قايتۇرۇشتى. لېكىن قەنت پوستلاق ھورمونى تۆۋەن مىقداردا ئىشلىتىش؛  قىسقا مەزگىللىك پۈتۈن بەدەن ئىشلىتىش؛ قىسمەن ئىشلىتىش؛ ياكى تۆۋەن مىقداردا ئىشلىتىش؛ قىسقا ئۈنۈملۈك قەنت پوستلاق ھورمونى ئۇزۇن مۇددەت داۋالاش ۋە بوغۇم ئىچىدە، خالتا ئىچى، ئۆكچە پېيى قەنت پوستلاق ھورمونى ئوكۇل قىلىش ۋە ۋاكسىنىسىنى ۋاختىدا ئەملەش. 

 3 . چاي ئىشقارى: كالمېت-گۋېرىن ۋاكسىنىسى ئەملەش ئېنېرگىيە چاي ئىشقارى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن قان پلازمىسىنىڭ يېرىم يىمىرىلىش دەۋرى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. كۆپ ساندىكى بىمارلارنىڭ يىغىلىشى بولسا قىسقا ۋاقىت ۋە يېنىك بولغان قان پلازمىسىدىكى چاي ئىشقارىنىڭ ئۆرلەش مەزگىلى.

كالمېتگۋېرىن ۋاكسىنىسىتۇبېركۇليوز كېسىلىگە گىرىپتار بولغان، ئۆتكۈر يۇقۇملانغۇچىلار، يۈرەك بۆرەك مېڭە قاتارلىق كېسەللەرگە گىرىپتار بولغانلار، دەرىجىدە ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك، ھۆل تەمرەتكە ۋە باشقا تېرە كېسىلى، ( HIV ) بىلەن يۇقۇملانغۇچىلاربولسا بۇنى ئىشلىتىشتىن بۇرۇن، ئاۋۋال تۇبېركۇلىننى تېرىگە سىناق قىلىپ بېقىشى كېرەك، رېئاكسىيە ئەھۋالى كۆرۈلمىگەندىن كېيىن ئاندىن ئەملەش كېرەك. 

 ئەگەر ئېھتىياتسىزلىقتىن كالمېت-گۋېرىن ۋاكسىنىسى كۆزگە كىرىپ كەتكەندە پاكىز بولمىغان قول، قولياغلىق بىلەن كۆزنى قەتئىي سۈرتمەسلىك ياكى ئۇۋۇلىماسلىق، ئەگەر بوۋاقنىڭ كۆزىدە سىرتقى زەخىم ياكى يۇقۇملىنىش بولمىسا، دەرھال پاكىز سوغۇق سۇ(ئەڭ ياخشىسى فىزىئولوگىيىلىك تۇز سۈيى ياكى سوغۇق قايناق سۇ) بىلەن كۆزىنى كۆپ قېتىم يۇيۇش كېرەك. پۈتۈنلەي پاكىز يۇيۇلۇپ بولغاندىن كېيىن يېڭىدىن تەڭشەلگەن %0.5 لىك سىترېپتومىتسىن كۆزگە تېمىتىش دورىسىنى باشتا بىر سائەتتىن ئىككى سائەتكىچە بىر قېتىم، كېيىن ئەھۋالغا قاراپ قېتىم سانىنى ئازايتىپ، ئىككى كۈندىن ئۈچ كۈنگىچە ئۈزۈلدۈرمەي تېمىتىپ بېرىش كېرەك.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/view/49035.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#