كوباياشى تاكىجى

شياۋلىن دوشىئېر

20-ئەسىرنىڭ  30-يىللىرى ياپونىيە يازغۇچىسى كوباياشى تاكىجى (1903 −1933-يىللىرى) فاشىستلار دەھشەتلىك باستۇرۇۋاتقان يىللاردا، ئىنتايىن جاپالىق شارائىتتا، ياپونىيە پرولېتارىياتىنىڭ قەھرىمانلىق بىلەن قىلغان كۈرەشلىرىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان نۇرغۇن شانلىق ئەسەرلەرنى يېزىپ، ياپونىيە پرولېتارىيات ئەدەبىياتىنىڭ ئاساسىنى سالدى. 

ئۇيغۇرچە ئىسمى كوباياشى تاكىجى
باشقا نامى 乡利基、堀英之助、伊东继
يۇرتى ياپونىيىنىڭ شىمالىدىكى چيۇتيەن ناھىيىسى
ۋاپات بولغان ۋاقتى 1933-يىل 2-ئاينىڭ 20-كۈنى
چەتئەلچە نامى Kobayashi Takiji
خەنزۇچە ئىسمى 小林多喜二
دۆلەت تەۋەلىكى ياپونىيە
تۇغۇلغان ۋاقتى 1903-يىل 10-ئاينىڭ 13-كۈنى
كەسپى يازغۇچى،سىياسىئون

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

كوباياشى تاكىجى ياپونىيىنىڭ شىمالىدىكى ئاكىتا ناھىيىسىدىكى بىر ئىجارىكەش دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، ئاتا-ئانىسى ئىنتايىن نامرات بولغاچقا، تاغىسنىڭ ياردىمىدە باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە ئالىي دەرىجىلىك سودا مەكتىپىنى پۈتكۈزگەن. 1924-يىلى بىر بانكا ئۇنى خىزمەتچىلىككە قوبۇل قىلغان، مۇشۇ چاغدا ماقالە ئېلان قىلىشقا باشلىغان ھەم ئىجارىكەش دېھقانلارنىڭ كۈرەشلىرىگە ۋە ئىشچىلارنىڭ ئىش تاشلاش ھەرىكەتلىرىگە مەخپىي قاتناشقان. 1933-يىل 2-ئاينىڭ 20-كۈنى كوباياشى تاكىجى بەختكە قارشى ساقچىلارغا تۇتۇلۇپ قېلىپ، شۇ كۈنى كەچتە زىيانكەشلىك بىلەن ئۆلتۈرۈلگەن.

«1928-يىل3-ئاينىڭ15-كۈنى» 

1928 -يىلى ئۇ داڭلىق پوۋېستى «1928-يىل 3-ئاينىڭ 15-كۈنى» نى ئېلان قىلغان. ئۇ ئاڭلىغان، كۆرگەن ۋە تەكشۈرۈپ ئىگىلىگەن ماتېرىياللىرىدىن پايدىلىنىپ، 1928-يىل 3-ئاينىڭ 15-كۈنى ياپونىيە ھۆكۈمىتى ئىشچىلار ھەرىكىتىنى باستۇرغان ۋە ھەربىي، ساقچى، ئىشپىيونلارنى ئەۋەتىپ، ئىنقىلابچىلارنى قولغا ئالغان ۋە زىيانكەشلىك قىلغان جىنايەتلىرىنى پاش قىلىپ، ئىنقىلابچىلارنىڭ قەتئىي تىز پۈكمەيدىغان قەھرىمانلىق جاسارىتىنى مەدھىيىلىگەن. بۇ ئەسەر ھەم كوباياشى تاكىجىنىڭ نامىنى چىقارغان ئەسەر، ھەم ياپونىيە پرولېتارىيات ئەدەبىياتىدىكى دەۋر بۆلگۈچ ئەھمىيەتكە ئىگە ئەسەر.

«قىسقۇچپاقا تۇتقۇچى كېمە »

1929 -يىلى3-ئايدا كوباياشى تاكىجى يەنە بىر پوۋېستى «قىسقۇچپاقا تۇتقۇچى كېمە » نى ئىجاد قىلدى، پوۋېستتا «قىسقۇچپاقا تۇتقۇچى كېمە» دىكى بېلىقچىلارنىڭ نازارەتچىنىڭ خورلىشىغا چىدىمىغىنىدىن تارتىپ، تەدرىجىي ئويغىنىپ، ئۇنىڭغا قارشى كۈرەش قىلغانلىقى ھەم نازارەتچىنى باش ئەگدۈرۈپ، گۇناھىنى تونۇتقانلىقىنى يېزىپ، ياپون ئىمپېرىيالىزمىنىڭ ئىچكى جەھەتتە ئېكسپىلاتاتسىيە يۈرگۈزگەن شەپقەتسىزلىكى ۋە ۋەھشىيلىكىنى چوڭقۇر ئېچىپ بەرگەن، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ياپونىيە خەلقىنىڭ ئېزىشكە قارشىلىق كۆرسەتكەن، باتۇرلۇق بىلەن كۈرەش قىلغان روھىنى مەدھىيىلىگەن.

«سىرتتىكى پومېشچىك»

 «قىسقۇچپاقا تۇتقۇچى كېمە» دىن كېيىن، كوباياشى تاكىجى يەنە «سىرتتىكى پومېشچىك» نى ئېلان قىلىپ، قوشۇمچە سودا-سانائەت كاپىتالىستى بولغان پومېشچىكلارنىڭ دېھقانلارنى خىلمۇخىل ئالداپ ئېكسپىلاتاتسىيە قىلغانلىقىنى ئېچىپ تاشلىغان شۇنداقلا دېھقانلارنىڭ ئىجارىگە قارشى كۆتۈرۈلگەنلىكى ۋە ئۇلارنىڭ ئىشچىلارنىڭ كۈچلۈك ياردىمىدە غەلىبە قىلغانلىقىنى ئىپادىلىگەن.

«پارتىيە ئۈچۈن ياشىغان كىشى»

«پارتىيە ئۈچۈن ياشىغان كىشى» ناملىق تەرجىمىھال ژانىرىدىكى ھېكايە كوباياشى تاكىجىنىڭ ۋەكىللىك ئەسىرى، بۇ ئەسەر ئۇ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغاندىن كېيىن ئېلان قىلىنغان. ھېكايىدە ياپون جاھانگىرلىكىنىڭ «18-سېنتەبىر» ۋەقەسىنى قوزغاپ، جۇڭگوغا تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى قىلغانلىقى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىنىپ، ياپونىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلىش ئۇرۇشىنى توسۇش ئۈچۈن،  «مەن » بىلەن يىتىڭ، شۈشەن ئۈچ كوممۇنىستنى ۋاقىتلىق ئىشچى سۈپىتىدە بىر ھەربىي لازىمەتلىكلەر زاۋۇتىغا كىرگۈزۈپ، مەخپىي پائالىيەتنى قانات يايدۇرغانلىقى، ئىشچىلارغا رەھبەرلىك قىلىپ، ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي كۈرەش قىلغانلىقى تەسۋىرلەنگەن. ئەسەردە بۇ بىرنەچچە كوممۇنىستنىڭ ئۆزىنى قۇربان قىلىش روھىنى مەركەزلىك ئەكس ئەتتۈرۈپ، ياپونىيە جەمئىيىتىدىكى ئۆتكۈر، مۇرەككەپ سىنپىي زىددىيەت ۋە سىنىپىي كۈرەش چوڭقۇر ئېچىپ بېرىلگەن. بۇ ئەسەرگە ياپونىيىدىكى ئوبزورچىلار «ياپونىيە ئەدەبىياتىدا كوممۇنىزمچىلارنىڭ ئوبرازى ئەڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك يارىتىلغان ھېكايە» دەپ باھا بېرىشكەن. 

كوباياشى تاكىجىنىڭ ئەسەرلىرى كۆپ خىل تىللارغا تەرجىمە قىلىنىپ، دۇنيادىكى نۇرغۇن دۆلەت خەلقىنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولغان. ئېلىمىزدە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلۇشتىن بۇرۇنلا «قىسقۇچپاقا تۇتقۇچى كېمە» نىڭ خەنزۇچە تەرجىمىسى نەشر قىلىنغان، دۆلىتىمىز قۇرۇلغاندىن كېيىن، «كوباياشى تاكىجى ئەسەرلىرىدىن تاللانما» ۋە ئۇنىڭ كۆپ خىل ئەسەرلىرى نەشر قىلىنغان.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#