ياۋروپادىكى ئاقسۆڭەكلەر دەرىجىلىرى

ياۋروپادىكى ئاقسۆڭەكلەر ئوتتۇرا ئەسىرلەردە يۇقىرىدىن-تۆۋەنگە قاراپ نۇرغۇن دەرىجىلەرگە ئايرىلغان.

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ياۋروپادىكى ئاقسۆڭەكلەر ئوتتۇرا ئەسىرلەردە يۇقىرىدىن-تۆۋەنگە قاراپ

1. كىنەر _ 公爵 _ Duke

 ئاقسۆڭەكلەر دەرىجىسى ئىچىدە كىنەز بىرىنچى دەرىجىلىك ئۇنۋان بولۇپ، ئۇرنى ئەڭ يوقىرى. كىنەز قىلىپ تەيىللىندىغانلار ئادەتتە پۈتۈنلەي خان جەمەتى ئىچىدىكلەر ياكى خان جەمەتىنىڭ يېقىن تۇققانلىرى بولىدۇ.

2. ماركىز _ 侯爵 _ marquis

 ماركىز ئىككىنچى دەرىجىلىك ئۇنۋان بولۇپ، ئالاھىدە ھوقۇققا ئىگە چېگرا رايونلارنىڭ قوماندان-باشلىقلىرى بولۇپ، بېقىندى ياكى مۇستەقىل دۆلەتلەرنىڭ چوڭ فېئودال يەر ئىگىلىرى بىلەن تەڭ ئورۇندا تۇرىدۇ. بۇ كىنەز بىلەن گىرافنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئەمەل بولۇپ، گىرافتىن يوقىرى.

3. گىراف _ 伯爵 _ Earl (گېرمانىيەدە Graf ، فىرانسىيەدەCount)

 گىراف ئادەتتە پادىشاھنىڭ ھەربى ھوقۇق، مەمۇرى ۋە مالىيە ھوقۇقىنى تۇتىدىغان ئەمەلدارلىرىدۇر. بەزىدە يەرلىكنىڭ ئەمەلدارلىرى بولۇپ، ھوقۇقى ئەۋلاتتىن-ئەۋلاتقا مىراس قالىدۇ. كىيىن ئورنى تۆۋەنلەپ كەتكەن. ماركىز بىلەن ۋىكونتنىڭ ئارىسىدا بولۇپ، 3-دەرىجىلىك ئەمەل ھېساپلىنىدۇ.

4. ۋىكونت _ 子爵 _ Viscount

 ۋىكونت بولسا گىرافنىڭ ياردەمچىسى بولۇپ، كېيىن مۇستەقىل مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان. ھوقۇق مىراس قالىدۇ.

5. بارون _ 男爵 _ Baron

 بارون ئاقسۆڭەكلەر ئەمىلى ئىچىدىكى ئەڭ تۆۋەن دەرىجە بولۇپ، بۇ سۆزنىڭ مەنىسى «ئادەتتىكى بىر ئادەم» دىگەن مەنىدە بولۇپ، كېيىن «كۈچلۈك ئىقتىدارغا ئىگە ئادەم» دىگەن مەنىگە ئۆزگەرگەن.

قاتارلىق دەرىجىلەرگە ئايرىلىدۇ. يوقىرىقى ئەمەللەر ئىچىدە كىيىنكى ئەۋلاتلىرىغا مىراس قالدىغان ۋە ئۆمۈرلۈك ئاقسۆڭەك دەپ ئىككىگە ئايرىلىدۇ، مىراس قالىدىغىنىغا چوڭ ئوغلى ۋارىسلىق قىلىدۇ. ئۆمۈرلۈك ئاقسۆڭەكلىك ئەمىلى ئادەم ھايات چىغىدا مەۋجۇت بولۇپ، ئەۋلاتلىرى ۋارىسلىق قىلالمايدۇ. بۇلاردىن سىرت يەنە بولغۇسى بارون ۋە چەۋەنداز دەپ ئىككى ئۇنۋانمۇ بار. بۇلار ئاددى پۇقرالار بولۇپ، ئاقسۆڭەكلەردىن بولمايدۇ.

ئەنگلىيەدە يەنە ئاقسۆڭەكلەرگە بېرىلىدىغان سىر _ 爵士 _ Sir ، لورد _ 勋爵 _ Lord دەپمۇ ئۇنۋانلار بار. بۇ ئۇنۋانلارغا ئالاھىدە تۆھپىسى بار كىشلەرمۇ ئېرىشىلەيدۇ. ئايال پادىشاھ بىر يىلدا ئىككى قېتىم ئۇنۋان بېرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزىدۇ. ھەر قېتىمدا 1000 ئادەم ئەتراپىدا بولۇپ، پادىشاھنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ۋە يېڭى يىل كۈنى ئۆتكۈزۈلىدۇ. بۇ تىزىملىكىنى ئەنگلىيە دىكى ھەرقايسى پارتىيە گۈرۇھلارنىڭ ۋەكىللىرىدىن تەشكىللەنگەن كومىتىت مەسئۇل بولۇپ تۈزىدۇ. باش ۋەزىر تەۋسىيە قىلسىمۇ ياكى ئەنگلىيە فىدىراتىسيەسىگە ئەزا دۆلەتلەر ھۆكۈمەتلىرى ئۆز پۇقرالىرىنى تەۋسىيە قىلسىمۇ بولىدۇ. ئايال پادىشاھمۇ ئۆزىمۇ بىكىتىدۇ.

ھازىر كىشىلەر بۇ ئۇنۋانلارغا بەك ۋاي دەپ كەتمەيدىغان بولۇپ كەتتى. ئۆتكەن 50 يىلدا 300 دەك ئادەم بۇ خىل ئۇنۋان ئېلىشنى رەت قىلغان. ھەتتا بەزىلەر كۆپ قېتىم بۇ ئۇنۋاننى ئېلىشنى رەت قىلغان. ئەنگىلىيەلىك لورى ئىسىملىك بىر رەسسام ئىلگىرى _ كېيىن بولۇپ 5 قېتىم ئۇنۋان ئېلىشنى رەت قىلغان. بۇنىڭ سەۋەبى بولسا ئۇ بۇ ئۇنۋانلارغا قىززىقمايدىكەن. بۇ خىل ئەھۋالنىڭ كېلىپ چىقىشىغا ئۇنۋاننىڭ بەك كۆپ بېرىلىپ تازا ئەتىۋارى قالمىغانلىقى سەۋەپ بولغان.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#