يورغىلاپ مېڭىش

يورغىلاپ مېڭىش

يورغىلاپ مېڭىش بىلەن يۈگۈرۈش ئوخشاشلا يۈگۈرۈش تۈرىگە مەنسۇپ بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ روشەن پەرقى بار. يۈگۈرۈشتە تەنھەرىكەتچىنىڭ ئىككى پۇتى بىرلا ۋاقىتتا يەردىن ئايرىلسا بولىدۇ، شۇنداقلا پۇتلار يەرگە چۈشۈپ، يەردىن ئايرىلغۇچە بولغان جەرياندا تىز بوغۇمى ئېگىلگەن ھالەتتە بولىدۇ. ھالبۇكى، يورغىلاپ ماڭغاندا تەنھەرىكەتچىنىڭ ئۆكچىسى ئاۋۋال يەرگە چۈشۈپ، بىر پۇتتا تايىنىشتىن ئىككى پۇتتا تايىنىش ھالىتىگە ئالمىشىدۇ. يەنى يورغىلاپ مېڭىش جەريانىدا ئىككى پۇتنى بىرلا ۋاقىتتا بوشلۇققا كۆتۈرۈشكە بولمايدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى يورغىلاپ مېڭىش
خەنزۇچە نامى 竞走

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

يورغىلاپ مېڭىشيورغىلاپ مېڭىش ئەنگلىيىدە بارلىققا كەلگەن. 1867-يىلى ئەنگلىيىدە تۇنجى نۆۋەتلىك يورغىلاپ مېڭىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلگەن. بۇنىڭدىن كېيىنكى ئون نەچچە يىل ئىچىدىكى ئەڭ داڭلىق يورغىلاپ مېڭىش تەنھەرىكەتچىسى ئامېرىكىلىق ۋىستون بولۇپ، ئۇ26 كۈندە2413 كىلومېتىر، يەنى ئوتتۇا ھېساب بىلەن كۈنىگە93 كىلومېتىر ماڭغان. 1908-يىلىدىكى ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە يورغىلاپ مېڭىش رەسمىي مۇسابىقە تۈرى قىلىنغان بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتىكى ئارىلىقى3500 مېتىر ۋە10 مىل بولغان. كېيىن يورغىلاپ مېڭىش مۇسابىقىسىنىڭ ئارىلىقى بىرقانچە قېتىم ئۆزگەرتىلىپ. 1956-يىلىغا كەلگەندىلا ئەرلەر20 كىلومېتىر ۋە50 كىلومېتىردىن ئىبارەت ئىككى تۈرگە رەسمىي مۇقىملاشقان. ئاياللارنىڭ يورغىلاپ مېڭىشىدىكى ھازىرقى خەلقئارا يېنىك ئاتلېتىكا بىرلەشمىسى رەسمىي ئېتىراپ قىلغان ئارىلىق 5 كىلومېتىر ۋە 10 كىلومېتىر. 

1908-يىلىدىن ئېتىبارەن يورغىلاپ مېڭىش رەسمىي مۇسابىقە تۈرىگە كىرگەندىن بۇيانقى 60 نەچچە يىل ئىچىدە ھەممىلا تۈرنىڭ چېمپىيونلۇقىنى ئاساسەن ياۋروپالىقلار ئىگىلىگەن. بولۇپمۇ 70-يىللاردا گېرمانىيىلىك كاننىنبېك يورغىلاپ مېڭىشتىكى تۆت تۈرنىڭ دۇنيا رېكورتىنى ئىگىلىۋالغان بولۇپ، يېنىك ئاتلېتىكا ھەرىكىتى تارىخىدا مۆجىزە ياراتقان. 1976-يىلى مېكسىكا تەنھەرىكەتچىسى بورىستا 20 كىلومېتىرلىق يورغىلاپ مېڭىشتا تۇنجى بولۇپ ياۋروپالىقلارنىڭ قولىدىن دۇنيا چېمپىيونلۇقىنى تارتىۋالغان. شۇنىڭدىن باشلاپ ھازىرغىچە مېكسىكا دۇنيادا يورغىلاپ مېڭىشتىكى كۈچلۈك دۆلەت بولۇپ تۇرماقتا. ئاياللارنىڭ يورغىلاپ مېڭىشىدا نۆۋەتتە شەرقىي ياۋروپا، ئاۋسترالىيە ۋە جۇڭگو ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ.

يورغىلاپ مېڭىش مۇسابىقىلىرىنىڭ تۈرلىرى كۆپ، مەيدان شارائىتى ئۆزگىرىشچان، ھەر خىل رېكورتلار، ئەڭ ياخشى نەتىجىلەر كۆپ بولغاچقا، ئادەتتىكى كىشىلەر ئاسان ئايرىپ بولالمايدۇ. ئەمما ئەڭ مۇھىم دۇنيا رېكورتىدىن پەقەت تۆتى بار، يەنى ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا تەسىس قىلىنغان تۆت تۈر: ئەرلەر20 كىلومېتىر، 50 كىلومېتىر؛ ئاياللار بەش كىلومېتىر، 10 كىلومېتىرلار.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#