ئالېكساندېر فلېمىڭ (1881-1955) پېنتسىللىننىڭ داۋالاش ئۈنۈمى ياخشى ئانتىبئوتىكئىكەنلىكىنى بايقىغاندىن بۇيان، ئۇ سانسىزلىغان كىشىلەرنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇۋالدى، ئۇ تا ھازىرغىچە ئىنسانلارنىڭ كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالىشىنىڭ ياخشى دورىسى.

ئۇيغۇرچە ئىسمى ئالېكساندېر فلېمىڭ
دۆلەت تەۋەلىكى ئەنگلىيە
ۋاپات بولغان ۋاقتى 1955-يىل 3-ئاينىڭ 11-كۈنى
پۈتتۈرگەن مەكتىپى ۋېستمىنستېر ئۇنىۋېرسىتېتى
خەنزۇچە ئىسمى 亚历山大·弗莱明
تۇغۇلغان ۋاقتى 1881-يىل 8-ئاينىڭ 6-كۈنى
كەسپى بىئوخىمىك، مىكرو بىئولوگىيە ئالىمى
چەتئەلچە نامى Alexander Fleming

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

فلېمىڭ (1881-1955) ئەنگلىيە ەدە تۇغۇلغان بولۇپ، كىچىكىدىنلا تەبىئەتنى سۆيەتتى، ھەمىشە جانلىقلار ھادىسىسى ھەققىدە چوڭلاردىن سوئال سورايتتى. ئائىلىسىنىڭ نامراتلىقى تۈپەيلىدىن، ئۇ مۇنتىزىم مەكتەپتە ئوقۇيالمىغان، بىراق ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىشنى داۋاملاشتۇرغان. 20 يېشىدا، ئوقۇش مۇكاپات پۇلىغا تايىنىپ، لوندون ئۇنىۋېرسىتېتى بۈۋي مەريەم مېدىتسىنا ئىنستىتۇتىغا كىرىپ دوختۇرلۇقنى ئۆگەنگەن. ئەگرى-توقاي كەچۈرمىشلەر فىلېمىڭغا بىلىم ئېلىشنىڭ ئاسان ئەمەسلىكىنى تونۇتقان، شۇنىڭ بىلەن ئۇ تېببىي ئىلىم كىتابلىرى «دېڭىزى» غا شۇڭغۇپ، قېتىرقىنىپ ئۆگەنگەن. فلېمىڭ 27 يېشىدا دۆلەتلىك ئىمتىھاندىن ئۆتكەن ھەمدە ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئالتۇن مېدالىغا ئېرىشكەن، كېيىن بۈۋى مەريەم مېدىتسىنا ئىنستىتۇتىدا تەتقىقات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان.

فلېمىڭ بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن، ھەربىي دوختۇرخانىغا كېلىپ، قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە قاتناشقان، ئۇ نۇرغۇن يارىدارلارنىڭ يارىسىنىڭ يىرىڭداپ يۇقۇملىنىشى تۈپەيلىدىن قول-پۇتلىرىنىڭ كېسىۋېتىلگەنلىكىنى ياكى ئازاب بىلەن ئۆلۈۋاتقانلىقىنى، يەنە بەزى بىر تۈركۈم يارىدارلار دېزىنفېكسىيە دورىلىرى قان سۇيۇقلۇقىغا كىرىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن قان كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرگەن، بۇلار فلېمىڭنىڭ كۈچلۈك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى قوزغىغاچقا، ئۇ يارىنى دېزىنفېكسىيە قىلغىلى بولىدىغان ھەم قوشۇمچە تەسىرى بولمىغان يېڭى دورا تېپىپ چىقىش ئىرادىسىگە كەلگەن. ئۇرۇش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، فلېمىڭ ئانا مەكتىپىگە قايتىپ، داۋاملىق تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانغان.

فلېمىڭنىڭ تەجرىبىخانىسى سوغۇق ھەم نەم يەر ئاستى ئۆيىدە ئىدى. ئۇ يارىنىڭ يۇقۇملىنىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەبكار ئۈزۈمسىمان شار باكتېرىيىنى ئايرىم-ئايرىم بىرقانچە ئەينەك قاچىدا ئۆستۈرىدۇ، باشقا سپورىلارنىڭ كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئەينەك قاچىلارنىڭ ئۈستىنى يېپىۋېتىدۇ. بىر كۈنى فلېمىڭ قاچىلاردىن بىرىنىڭ ئاغزىنى ئېتىشنى ئۇنتۇپ قالىدۇ. ئىككىنچى كۈنى سەھەردە ئاغزى يېپىلمىغان ئەينەك قاچىنىڭ چۆرىسىدە بىر قەۋەت كۆكۈچ رەڭدىكى كۆكەرتكۈچى زەمبۇرۇغنى بايقايدۇ، فلېمىڭ ئۇنى مىكروسكوپ ئاستىغا قويۇپ كۆزىتىپ، كۆكۈچ رەڭدىكى كۆكەرتكۈچى زەمبۇرۇغ بار جايدا ئۈزۈمسىمان شار باكتېرىيىسىنىڭ يوقالغانلىقىنى ۋە زەمبۇرۇغنىڭ ئەتراپىدىكى ئۈزۈمسىمان شار باكتېرىيىلىرىنىڭمۇ ئۆلگەنلىكىنى بايقايدۇ. بۇ تاسادىپىي بايقاش ئۇنى چەكسىز ھاياجانلاندۇرىدۇ، چۈنكى بۇ كۆكۈچ رەڭدىكى كۆكەرتكۈچى زەمبۇرۇغنىڭ ئۈزۈمسىمان شار باكتېرىيەسىنى يوقىتىش ۋە ئۇنىڭ تارقىلىشىنى توسۇش رولى بار ئىدى. فلېمىڭ بۇ خىل كۆكەرتكۈچى زەمبۇرۇغنى «پېنىتسىللىن» دەپ ئاتايدۇ. كېيىن ئۇ يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، پېنىتسىللىن 800 ھەسسە سۇيۇقلاندۇرۇلغاندىن كېيىنمۇ باكتېرىيىنىڭ ئۆسۈشىنى تىزگىنلىيەلەيدىغانلىقىنى ھەم يۇقىرى قويۇقلۇقتىمۇ ھۈجەيرىنى زەخىملەندۈرمەيدىغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ. شۇنداق قىلىپ فلېمىڭ 1928-يىلى ئۆزىنىڭ يېڭى دورا تېپىش ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ، پېنتسىللىن ئىنسانلار تۇنجى بايقىغان ئانتىبىئوتىكقا ئايلىنىدۇ. فلېمىڭ پېنتسىللىننى بايقىغاندىن بۇيان، كىشىلەر 2000 خىلدىن ئارتۇق ئانتىبىئوتىكنى بايقىدى ھەم ھەر يىلى يېڭى بايقاشلار بولۇۋاتىدۇ.

1928-يىلى فلېمىڭ ئۆزىنىڭ ئۇلۇغ بايقىشىنى ۋۇجۇدقا چىقاردى. ئۇ ئۆزىنىڭ تەجرىبىخانىسىدا بىر خىل زەمبۇرۇغ بىلەن يۇقۇملىنىشنى مەخسەت قىلغان باكتېرىيە يېتىشتۈرۈش تەجرىبىسى ئېلىپ بېرىۋاتقاندا، زەمبۇرۇغ ئەتراپىدا باكېترىيە يوق بىر دائىرە بارلىقىنى بايقايدۇ. فلېمىڭ بۇنىڭدىن مۇنداق ھۆكۈم چىقىرىدۇ؛ ئاشۇ خىل زەمبۇرۇغ بىر خىل زەھەرلىك ماددا ئىشلەپ چىقىرىپ، باكتېرىيىنى ئۆلتۈرگەن، ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇ يەنە بۇنداق زەمبۇرۇغنىڭ يەنە بىر نەچچە خىل باكتېرىيە ئۆلتۈرۈش رولى بولغان زەھەرلىك ماددىنى ئىشلەپ چىقىرىدىغانلىقىنى بايقايدۇ. فلېمىڭ زەمبۇرۇغنىڭ نامى بىلەن بۇ خىل زەھەرلىك ماددىنى «پېنتسىللىن» دەپ ئاتايدۇ ھەمدە ئۇنىڭ ئادەم ۋە ھايۋانغا زىيىنى يوقلۇقىنى بايقايدۇ. 

1929-يىلى فلېمىڭ ئۆزىنىڭ تەتقىقات نەتىجىسىنى ئېلان قىلىدۇ. بىراق دەسلەپتە ئۇنىڭغا ھېچكىم ئەھمىيەت بەرمەيدۇ. فلېمىڭ پېنتسىللىننىڭ كېلىنكىلىق داۋالاشتا ئىشلىتىلىشكە بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ، بىراق ئۇ پتنتسىللىنى ساپلاشتۇرۇشنىڭ ئۇسۇلىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلمەيدۇ، شۇ سەۋەبتىن بۇ ئاجايىپ دورا 10 يىلغىچە ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرالمىغانىدى. 

30-يىللارنىڭ ئاخىرىدا، ئەنگىلىيىلىك ئىككى مېدىتسىنا تەتقىقاتچىسى B. E چېنېن بىلەن W. H فىلورى تاسادىپىي ئەھۋال ئاستىدا فلېمىڭنىڭ پېنتسىللىن ھەققىدىكى ماقالىسىنى ئوقۇپ قالىدۇ ۋە قايتا تەجرىبە ئىشلەپ كۆرۈپ، بۇ نەزەرىيىنىڭ توغرىلىقىنى ئېتراپ قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئىككىيلەن پېنتسىللىننى ساپلاش مەسىلىسىنى تەتقىق قىلىشقا كىرىشىپ ھايۋاناتلارنىڭ بەدىنىدە بۇ دورىنى تەجرىبە قىلىدۇ. 1945-يىلى كېلىنكىلىق تەجرىبە ئېلىپ بېرىپ، بۇ خىل دورىنىڭ ھەقىقەتەن كارامەت ئۈنۈمى بارلىقىنى بايقايدۇ.

ئەنگىلىيە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئىلھام بېرىشى بىلەن، دورا شىركەتلىرى بۇ ساھەگە كىرىپ كەلدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۇزۇن ئۆتمەي پېنتسىللىننى تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىشنىڭ چارىسىنى تېپىپ چىقتى. دەسلەپتە، پېنتسىللىن پەقەت ئۇرۇشتا يارىدار بولغانلارنى قۇتقۇزۇشقىلا ئىشلىتىلەتتى. 1944-يىلىغا كەلگەندە ئەنگىلىيە بىلەن ئامېرىكىدا ئاۋامغىمۇ بېرىلدىغان بولدى. 1945-يىلى دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندا، پېنتسىللىن دۇنيا مىقياسىدا ئىشلىتىلىدىغان بولدى.

پېنتسىللىننىڭ بايقىلىشى باشقا باكتېرىيىگە قارشى دورىلارنى تەتقىق قىلىش خىزمىتىگە ئىلھام بولدى. شۇنىڭ بىلەن باكتېرىيىگە قارشى نۇرغۇنلىغان ئاجايىپ-غارايىپ دورىلار بايقالدى. بىراق، پېنتسىللىن ئەڭ كەڭ تارقالغان ۋە ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىدىغان، بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان ئانتىبئوتىك دورىدۇر. 

پېنتسىللىننىڭ باكتېرىيەگە قارشى ئاساسلىق دورا سۈپىتىدە ئۇزۇن مۇددەت ئىشلىتىلىشىدىكى سەۋەب، ئۇ كۆپ خىل باكتېرىيىلەرنى يوقىتالايدۇ، ئۇنى سىفىلىس، سۆزنەك، سكارلاتىنا، بوغما، يەللىك گانگرېنانى داۋالاشقا ئىشلەتكىلى بولىدۇ، ئۇندىن باشقا يەنە ئۇنىڭ بىلەن ھەر خىل ياللۇغلىنىشلارنى، مەسىلەن: بوغۇم ياللۇغى، ئۆپكە ياللۇغى، مىڭە پەردە ياللۇغى (مېنىنگىت) ، قان زەھەرلىنىش كېسىلى، كۆز يارىسى، سۆڭەك ياللۇغى، كاناي ياللۇغى ۋە ئۇنىڭدىن باشقا نۇرغۇن كېسەللەرنى داۋالاشقا بولىدۇ.

پېنىتسىللىننىڭ يەنە بىر پايدىلىق يېرى شۇكى، كېسەل داۋالاشتا ئىشلىتىلىش مىقدارىنىڭ پەرقى ناھايىتى زور. كۈنىگە 50 مىڭ مىقداردا ئۇرسا بەزى كېسەللىكلەرگە شىپالىق بېرىدۇ، كۈنىگە 100 مىليون مىقداردا ئۇرسىمۇ يامان ئاقىۋەت كەلتۈرۈپ چىقارمايدۇ. قىسمەن ئادەملەرنىڭ پېنتسىللىنگە رېئاكسىيە بېرىدىغانلىقىنى ئىنكار قىلىشقا بولمايدۇ، بىراق بۇ ھامىنى ئاز سانلىقلارنى تەشكىل قىلىدۇ. كۆپ ساندىكى بىمارلارغا پېنىتسىللىن شىپالىق بېرىدۇ. 

پنىتسىللىن مىليونلىغان ئادەملەرنىڭ جېنىنى قۇتقۇزۇپ قالغانلىقى ئۈچۈن، فلېمىڭنىڭ ئورنى زور دەرىجىدە كۆتۈرۈلدى. گەرچە چېنېن بىلەن فىلورى بۇ شۆھرەتتىن بەھرىمەن بولۇشقا ھەقلىق بولسىمۇ، بىراق پېنتسىللىننىڭ بايقىلىشى يەنىلا فلېمىڭگە مەنسۇپ، ئەگەر فلېمىڭ بولمىغان بولسا پېنتسىللىننىڭ بايقىلىشى يەنە نەچچە يىل كېچىككەن بولاتتى. 

1945-يىلى، فلېمىڭ ئەنگلىيە لىك خوۋارد فلورېي ۋە گېرمانىيىلىك ئېرنىست چاين ئۈچ ئادەم بىرلىكتە نوبېل فىزىئولوگىيە ۋە مېدىتسىنا مۇكاپاتىغا ئېرىشىدۇ.

[0]

پېنىتسىللىن
پېنىتسىللىن
پېنىتسىللىن

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/view/53615.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#