توقسۇ بازىرى

توقسۇ بازىرى

 توقسۇ بازىرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ توقسۇ ناھىيەسىگە جايلاشقان.ئومۇمىي كۆلىمى 3.8 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. ئومۇمىي نوپۇسى 6784 ئادەم.

ئۇيغۇرچە نامى توقسۇ بازىرى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى بازار
يەر مەيدانى 3.8 كۋادرات كىلومېتىر
خەنزۇچە ئاتىلىشى 新和镇
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
تەۋە رايون توقسۇ ناھىيەسى
نوپۇسى 6784

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

توقسۇ بازىرىتوقسۇ بازىرى چۆلتاغ تېغىنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىگە، ئۆگەن دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى تىنما تۈزلەڭلىكىنىڭ ئۈستىگە جايلاشقان، پۈتۈن بازاردىكى يەر شەكلى شەرقىي شىمالدىن غەربىي جەنۇبقا يانتۇ، شەرقتىن غەربكە كەڭلىكى 1.7 كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغا ئۇزۇنلۇقى 2.7 كىلومېتىر، ئومۇمىي كۆلىمى 3.8 كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. شەرقىي شىمالى ئىچئېرىق يېزىسى بىلەن تۇتىشىدۇ، غەربى تاشئېرىق يېزىسى بىلەن قوشنا، جەنۇبى پەي ئالدى بىلەن بازار يېزىسى بىلەن بىر يول ئارقىلىق ئايرىلىپ تۇرىدۇ، دۆلەت يولى 314 ـ لىنيىسى بازارنى كېسىپ ئۆتىدۇ، جۇغراپىيەلىك ئورنى ئەۋزەل، قاتنىشى قولاي.

توقسۇ بازىرىتوقسۇ بازىرى توقسۇ ناھىيەلىك پارتكوم، ھۆكۈمەت تۇرۇشلۇق جاي. توقسۇ ناھىيەسىنىڭ سىياسىي، ئىقتىساد، مەدەنىيەت مەركىزى. پۈتۈن بازار قارىمىقىدا ئۈچ مەمۇرىي كەنت ( توقسۇ كەنتى، يۇلتۇرز كەنتى، چوڭ كوچا كەنتى )، بازارلىق ھۆكۈمەت تۇرۇشلۇق جاينىڭ ئەتراپى؛ ئالتە مەھەللە ئاھالىلەر كومىتېتى ( توقسۇ مەھەللىسى، يۇلتۇز مەھەللىسى، چوڭ كوچا مەھەللىسى، رەستە مەھەللىسى، يېڭىشەھەر مەھەللىسى، ئەتىرگۈل مەھەللىسى )، 96 مەمۇرىي، كارخانا ۋە كەسپىي ئىدارىلەر بار. 2003-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، بازار بويىچە نوپۇس 6784، ئومۇمىي ئائىلە سانى1574 ، بۇنىڭ ئىچىدە بازار نوپۇسى 4519 ئادەم، 1051 ئائىلە؛ يېزا نوپۇسى 2229 ئادەم، 523 ئائىلە؛ ئاساسلىقى ئۇيغۇر، خەنزۇ، خۇيزۇ قاتارلىق مىللەتلەردىن تەركىب تاپىدۇ.

توقسۇ بازىرىئەۋزەل قاتناش، رايون ئەۋزەللىكى ۋە ياخشى بولغان « يۇمشاق ، قاتتىق » مۇھىتنىڭ تۈرتكىسىدە پۈتۈن بازارنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى تېز بولغان. بازاردا يەككە، خۇسۇسىي تىجارەت قىلغۇچى 556 گە يېتىپ، پىششىقلاپ ئىشلەش، ترانسپورت رېمونت قىلىش، كۆپەيتىش، ﻗﻮﻝ-ھۈﻧﻪﺭﯞﻩﻧﻠﯩﻚ، تۈرلۈك ماللار قاتارلىقلارنى ئاساس قىلغان ئىقتىسادىي تۈۋرۈك كەسپى شەكىللەندۈرگەن. جۇغراپيىلىك ئۈستۈنلۈكتىن پايدىلىنىپ، ئىككى مەھەللە ئىش ئورنىدىن قالغان ئىشسىز خادىملار ۋە مەھەللە ئاھالىلىرىدىن تەشكىللەنگەن ئۇششاق-چۈششەك يېمەكلىك كەچلىك بازىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، مەھەللە ھەل قىلىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە قايتا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، 314-دۆلەت يولىغا يېقىن شەھەر بىلەن يېزىلار تۇتاشقان ئورۇندا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئاساس قىلغان سودا بازىرى بەرپا قىلىپ، شەھەر-بازار ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىنى ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈرگەن.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#