جۈپەن

جۈپەن مىلادىيە 2-ئەسىردە سۇلى-قەشقەر دە ئۆتكەن مەشھۇر بۇددا ئۆلىماسى. 

ئۇيغۇرچە ئىسمى جۈپەن
ياشىغان زامان مىلادىيە 2-ئەسىر
كەسپى بۇددا ئۆلىماسى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 巨盘
يۇرتى قەشقەر

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

جۈپەن (巨盘) مىلادىيە 2-ئەسىردە سۇلى-قەشقەر دە ئۆتكەن مەشھۇر بۇددا ئۆلىماسى. سۇلى (قەشقەر) خەن سۇلالىسى دەۋرىدە «غەربىي دىيار» دەپ ئاتالغان ئوتتۇرا ئاسىيادىكى 36 شەھەر دۆلىتىنىڭ بىرى.

بۇددا دىنى مىلادىيە يىلنامىسى باشلىنىشنىڭ ئالدى–كەينىدە ھىندىستان دىن خوتەن ئارقىلىق كىرگەن. جۈپەن خەنزۇچە تارىخ مەنبەلىرىدە خاتىرلەنگەن ئىسىم بولۇپ، ئۇنىڭ ئەنەتكەكچە يەنى بۇددىزىمچە ئىسىمى نامەلۇم («جۈپەن» دېگەن ئىككى خەنزۇچە خەتنىڭ ئەينى دەۋىردىكى تەلەپپۇزى بىزگە نامەلۇم بولغاچقا، ئۇنى ھازىرقى تەلەپپۇز بويىچە ئۇيغۇرچىغا ياندۇرۇپ ئىسىم ياساپ ئولتۇرماي، يازما تارىختا يېزىلغىنى بويىچە ئالدۇق. بۇنىڭدىن كېيىن شەجەرىسى يېزىلدىغانلارنىمۇ مۇشۇ پىرىنسىپ بويىچە بىر تەرەپ قىلدۇق). ئۇ سۇلى خانى ئانگونىڭ تاغىسى بولۇپ، مىلادىيە 2-ئەسىردە خان تەرىپىدىن كۇشان خانى كانىشكا يېنىغا بارىم تايلىققا ئەۋەتىلگەن.

ئەينى زاماندا ھىندىستاننىڭ غەربىي شىمالىدىكى مەشھۇر شەھەر پېشاۋۇرنى پايتەخت قىلغان كۇشان دۆلىتى غەربىي دىياردا ئەڭ چوڭ بۇددا دىنى دۆلىتى بولۇپ، جۈپەن پىشاۋۇردىكى خانلىق ئىبادەتخانا كاپىسا (kapisa) بىھارسىدا ئىستىقامەت قىلىپ ئوقۇغان ھىنايانا بۇددىزىمنىڭ مۇخلىسى ئىدى.

پىشاۋۇر خانلىق بىھارسىدا ئىستىقامەت قىلغان جۈپەن بۇددا دىنى ھىنايانا مەزھىپىنىڭ داڭلىق ئۆلىما ئالىمى بولۇپ يېتىلگەن. ئانگو ۋاپات بولغاندىن كېيىن، جۈپەن كۇشان خانى كانىشكانىڭ يۆلىشى بىلەن سۇلى دۆلىتىنىڭ خانلىق تەختىگە چىقىپ، ھىنايانا بۇددىزمىنى كەڭ يولغا قويغان. قەشقەر ھىنايانا مەزھىپى كېڭىيىپ، قۇدرەت تاپقان.

بۇددا ئۆلىماسى فاشىيەن مىلادىيە 400-يىلى قەشقەر گە زىيارەتكە كېلىپ، بۇ يەردە بۇددا دىنىنىڭ ھىنايانا مەزھىپى ئۈستۈنلۈكنى ئىگەنلىگەنلىكىنى، قەشقەر پادىشاھى ھەر بەش يىلدا بىر قېتىم 1-ئايدىن 3-ئايغىچە شەھەرنى زىننەتلەپ، خەير-ئېھسان قىلىدىغانلىقىنى، خان ۋە ئۇنىڭ ۋەزىر-ۋۇزرالىرى يەتتە كۈن ئاتلىق يۈرۈپ بۇددىست راھىبلارنى يوقلاپ، بۆز توقۇلما بۇيۇملارنى سەدىقە قىلىپ دۇئا ئالىدىغانلىقىنى كۆرگەنلىكىنى يازغان.

جۈپەن خان بولغاندىن كېيىن پۈتۈن كۈچى بىلەن كېڭەيتكەن ھىنايانا مەزھىپى نەچچە ئەسىرگىچە قەشقەر خەلقىنىڭ دىنىي ئېتىقاد پائالىيىتىدە مۇھىم سالماقنى ئىگىلىگەن. بۈيۈك تاڭ راھىبى شۇەنزاڭ مىلادىيە 644-يىلى قەشقەردە 100 ئىبادەتخانا، 10مىڭدەك راھىب بارلىقىنى، ھىنايانا مەزھىپى ئۈستۈنلىككە ئىگە ئىكەنلىكىنى يازغان.

مۇشۇ دەۋىرلەردە سۇلى–قەشقەر بۇددىزىم مەدەنىيىتىنى، جۈملىدىن رەسساملىق، ھەيكەلتاراشلىق يۈكسەك دەرىجىدە راۋاج  تاپقان. چاقماق دەرياسىنىڭ جەنۇبىي قىرغىقىدىكى يارلىقتا يەر يۈزىدىن 22 مېتىر ئېگىزلىكتىكى توققۇز ھۇجرا تاشكېمىرلىرى ئىچىگە ياسالغان بۇت ۋە تام رەسىملىرى ئاشۇ دەۋر مەدەنىيىتىنىڭ مەھسۇلى.

بۇ دەۋىردە بۇددا دىنىغا ئائىت قول-ھۈنەرۋەنچىلىكمۇ ناھايىتى تەرەققىي قىلغان. بۇددا ئالىمى فاشىيەن قەشقەر خانى مىلادىيە 465-يىلى شىمالىي ۋې خانىغا سوۋغا قىلغان كاسايانى ۋېي پادىشاھى ئوتقا سالغاندا كۆيمىگەنلىكىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەنلىكىنى يازغان.

 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#