شىنجاڭدىكى يەم–خەشەك قىلىنىدىغان ياۋا ئۆسۈملۈكلەر

 شىنجاڭدا يەم – خەشەك قىلىنىدىغان ياۋا ئۆسۈملۈك مەنبەسى مول بولۇپ ، ئوتلاق تۈرى مۇرەككەپ، ئۆسۈملۈكلەرنىڭ گۇرۇپپىلىرىمۇ كۆپ خىل . بۇنىڭ ئىچىدە يەم–خەشەك قىلىنىدىغان ياۋا ئۆسۈملۈك تۈرى كۆپ بولۇپ ، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە داڭلىق.

ئۇيغۇرچە ئىسمى شىنجاڭدىكى يەم –خەشەك قىلىنىدىغان ياۋا ئۆسۈملۈكلەر
خەنزۇچە ئىسمى 新疆的野生植物饲料

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

 شىنجاڭدا يەم–خەشەك قىلىنىدىغان ياۋا ئۆسۈملۈك مەنبەسى مول بولۇپ ، ئوتلاق تۈرى مۇرەككەپ ، ئۆسۈملۈكلەرنىڭ گۇرۇپپىلىرىمۇ كۆپ خىل . بۇنىڭ ئىچىدە يەم–خەشەك قىلىنىدىغان ياۋا ئۆسۈملۈك تۈرى كۆپ بولۇپ ، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە داڭلىق ، دۇنيادىكى ھەرقايسى ئەللەرنىڭ داڭلىق ئوت–چۆپلىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك تېپىلىدۇ.

 1. شىنجاڭدا تېرىپ ئۆستۈرۈلىدىغان ئوت–چۆپلەرنىڭ ياۋا ئۆسىدىغان يېقىن تۇغقانلىرىدىن تېرىپ ئۆستۈرۈۋاتقانلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغاندا ئۈچ خىل ، 31 ئۇرۇقداش ، 330 دىن ئوشۇق تۈر بولۇپ ، بۇنىڭ مۇتلەق كۆپ ساندىكىسى ئەلا سۈپەتلىك ئوت – چۆپلەر .

پۇرچاق ئائىلىسىگە تەۋە ئۆسۈملۈكلەرنىڭ تېرىپ ئۆستۈرۈلۈۋاتقان ياۋايى تۇغقانلىرىدىن 

1. بېدە ئۇرۇقدىشى : شىنجاڭدا 10 تۈرى بار ، تېرىپ ئۆستۈرۈلۈۋاتقىنى بىرلا تۈر ، يەنى سۆسۈن گۈللۈك بېدە ، يەنە بىر خىل سېرىق گۈللۈك بېدە ھازىر تېرىپ ئۆستۈرۈلۈشكە كۆندۈرۈلۈۋاتىدۇ.

2. قاشقابېدە ئۇرۇقدىشى :شىنجاڭدىن بۇنىڭ تۆت تۈرى چىقىدۇ ، بۇنىڭ ئىچىدە تېرىپ ئۆستۈرۈلۈۋاتقىنى ئىككى تۈر.

3. ئۈچ قۇلاق ئۇرۇقدىشى : شىنجاڭدا تېرىپ ئۆستۈرۈلۈۋاتقىنى يەتتە تۈر (بۇنىڭ ئىچىدە تۆتى ياۋا تۈر)، ياۋايى ئۆسىدىغىنى ئۈچ تۈر. 

4.ئايلانما يوپۇرماقلىق ياۋا پۇرچاق ئۇرۇقدىشى : شىنجاڭدا تېرىپ ئۆستۈرۈلۈۋاتقىنى بىر تۈر ، ياۋايى ئۆسىدىغىنى ئىككى تۈر

5. نوقۇت ئۇرۇقدىشى : تېرىپ ئۆستۈرۈلۈۋاتقىنى بىر تۈر ، ياۋايى ئۆسىدىغىنى ئۈچ تۈر.

6. ياۋا كۆك پۇرچاق ئۇرۇقدىشى : تېرىپ ئۆستۈرۈلۈۋاتقىنى ئۈچ تۈر، بۇنىڭغا تۇغقان كېلىدىغان 16 تۈر بار .

7. خۇش پۇراق ياۋا كۆك پۇرچاق ئۇرۇقدىشى : تېرىپ ئۆستۈرۈلۈۋاتقىنى بىر تۈر، ياۋايى ئۆسۈۋاتقان تۇغقانلىرى سەككىز تۈر.

8. كەتىرا ئۇرۇقدىشى : شىنجاڭدا ھەرخىل ھاياتلىق مۇھىتىغا تارقالغان تەخمىنەن 140 تۈرى بار.

تېرىپ ئۆستۈرۈلىدىغان باشاقلىق ئوت – چۆپلەر بىلەن يېقىن تۇغقانچىلىقى بار ياۋا ئۆسۈملۈكلەر 

بۇلار شىنجاڭدا كەڭ تارقالغان بولۇپ ، ئوتلاقنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى ھېسابلىنىدۇ. ئۇلارنىڭ يۇمران قىسمىدا قەنت ماددىسى بىر قەدەر كۆپ، چېچەكلەشتىن بۇرۇن تەركىبىدە خېلى يۇقىرى مىقداردا يىرىك ئاقسىل بولىدۇ، شىنجاڭدا ئۇلارنىڭ مۇھىم يەم–خەشەكلىك قىممىتى بار، مەسىلەن : تىپچاق ئۇرۇقدىشى (16 ئائىلە، 10 كەنجى تۈر)، ياۋا ئىمپېراتا قومۇشى ئۇرۇقدىشى (بىر تۈر)، قوڭۇر باش ئۇرۇقدىشى (20 تۈر)، مەستەك ئۇرۇقدىشى ، ئارپىغان ئۇرۇقدىشى (ئالتە تۈر)، زەۋرەك ئۇرۇقدىشى (ئىككى تۈر)، توشقان قۇيرۇق ئۇرۇقدىشى (تۆت تۈر)، سىپىل ئۇرۇقدىشى (ئالتە تۈر) قاتارلىقلار .

ئاق لويلا ئائىلىسىدىكى تېرىپ ئۆستۈرۈلىدىغان ئوت – چۆپلەر بىلەن تۇغقانچىلىقى بار ياۋا ئۆسۈملۈكلەر 

بۇنىڭ كۆپىنچىسى قۇرغاقچىلىق ۋە زىيادە قۇرغاقچىلىق شارائىتتا ئۆسىدىغان ئۆسۈملۈكلەردۇر، بەزى تۈرلىرىنىڭ تەركىبىدە ئاقسىل ۋە كۈل تەركىبى مول بولۇپ، شىنجاڭنىڭ چۆللۈك ئوتلاقلىرىنىڭ ئاساسىي ئوت – چۆپى ھېسابلىنىدۇ، مەسىلەن : تەسكەن ئۇرۇقدىشى ، ساھىل لويلىسى ئۇرۇقدىشى، ياۋا سۈپۈرگە ئۇرۇقدىشى، قارا ماناپ ئۇرۇقدىشى قاتارلىقلار.

شىنجاڭدىكى يەم–خەشەك قىلىنىدىغان ياۋايى ئۆسۈملۈكلەردىن ئاساسىي تارقالغىنى باشاقلىقلار ئائىلىسى، قىياق ئائىلىسى، گۈلسامساق ئائىلىسى، پۇرچاق ئائىلىسى، چىغىرتماق ئائىلىسى، قامچا ئوت ئائىلىسى، ئاق لويلا ئائىلىسى، كرېست گۈللۈكلەر ئائىلىسى، ئەتىرگۈل ئائىلىسى، مۇرەككەپ گۈللەر ئائىلىسى قاتارلىقلارغا كىرىدۇ .[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#