ئات يادا تېشى

ئات يادا تېشى

بۇ ئاتنى ئۆلتۈرگەندە ئاتنىڭ ئۈچەي يوللىرى ياكى قېرىنىدىن چىقىدىغان قاتتىق، ئېغىر، تەمى تېتىقسىز، ئازراق سېسىق پۇرايدىغان، شەكلى يۇمىلاق ياكى تۇخۇم شەكىللىك، ئازراق پارقىراقلىقى بار بىر خىل تاشتىن ئىبارەت بولۇپ، ئاغرىق پەسەيتىش، بەلغەم بوشىتىش، قان توختىتىش، جاراھەت پۈتتۈرۈش، سىپازما بوشىتىش، زەھەر قايتۇرۇش، قىزىتما پەسەيتىش رولى بار.

دورا نامى ئات يادا تېشى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 马宝

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

بۇ ئاتنى ئۆلتۈرگەندە ئاتنىڭ ئۈچەي يوللىرى ياكى قېرىنىدىن چىقىدىغان قاتتىق، ئېغىر، تەمى تېتىقسىز، ئازراق سېسىق پۇرايدىغان، شەكلى يۇمىلاق ياكى تۇخۇم شەكىللىك، ئازراق پارقىراقلىقى بار بىر خىل تاشتىن ئىبارەت بولۇپ. «ئات يادا تېشى» نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ. چوڭ، قاتتىق، سىلىق، پارقىراق، ئاقۇش كۈل رەڭ بولغىنى ئەڭ ياخشىدۇر.

كالتسىي كاربونات، ماگنىي فوسفات، ماگنىي كاربونات قاتارلىق ماددىلار بار.

ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق.

ئاغرىق پەسەيتىش، بەلغەم بوشىتىش، قان توختىتىش، جاراھەت پۈتتۈرۈش، سىپازما بوشىتىش، زەھەر قايتۇرۇش، قىزىتما پەسەيتىش.

يۆتەل، سەرئى، قان تۈكۈرۈش، قان قۇسۇش، غەلۋىرەك قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.

1. ئات يادا تېشى 5 گىرام، خۇنسىياۋشان 5 گىرام، تاباشىر 3 گىرام، سوقۇپ ئىچسە قان توختىتىش تەسىرىنى بىرىدۇ.

2. ئات يادا تېشى 7 گىرام، جاراھەت تېشى 5 گىرام، ئانار پوستى 5 گىرام، سوقۇپ جاراھەت بار ئورۇنغا سەپسە، جاراھەت پۈتتۈرىدۇ.

3. ئات يادا تېشى 5 گىرام، كالا ئۆتى 3 گىرام، چايان 3 گىرام، سوقۇپ مۇۋاپىق مىقداردا ئىچسە زەھەر قايتۇرىدۇ.

4. ئات يادا تېشى 10 گىرام، زۇپا، گاۋزىبان، گۈلبىنەپشە قاتارلىقلاردىن 6 گىرامدىن ئېلىپ سوقۇپ سۇپۇپ قىلىپ، مۇۋاپىق مىقداردا ئىچىپ بەرسە، يۆتەل توختىتىپ، بەلغەم بوشىتىش، نەپەسنى راۋانلاشتۇرىدۇ.

بىر گىرام.

زەھەرسىز.

پادزەھرى ھايۋانى.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن، خېيلۇڭجياڭ، جىلىن، لياۋنىڭ، ئىچكى موڭغۇل، شىزاڭ، يۈننەن قاتارلىق جايلاردىن چىقىدۇ.

سۇپۇپى چايان.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

خەتكۈچلەر:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#