ئاق ئاغمىخان

ئاق ئاغمىخان

ئاق ئاغمىخان (ئىلمىي نامى: Mustela erminea): جەمئىي 37 كەنجى تۈرى بار. بەدەن ئېغىرلىقى 25-116 گرام، تەن ئۇزۇنلۇقى 170-330 مىللىمېتىر. 

ئاق ئاغمىخان سازلىق، ئورمانلىق، ئېتىزلىقلاردا  كۆپ ياشايدۇ. ئاساسىي ئوزۇقلۇقى قۇش تۈرى ۋە كىچىك تىپتىكى گۆشخورلار. ياۋروپا، رۇسىيە، ئاسىيانىڭ يىراق شەرق رايونى، ياپونىيە، شىمالىي ئامېرىكىنىڭ شىمالىي قىسمىغا جايلاشقان بولۇپ، شۇنىڭدەك جۇڭگونىڭ شەرقىي شىمال ۋە غەربىي شىمال قاتارلىق جايلارغىمۇ تارقالغان.

ئۇيغۇرچە نامى ئاق ئاغمىخان
ئىنگلىزچە نامى Stoat ياكى Ermine
تىپى خوردىلىق ھايۋانلار تىپى
تۈركۈمى گۆشخورلار تۈركۈمى
ئۇرۇقداشلىرى ئاغمىخان ئۇرۇقدىشى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 白鼬
تەۋەلىكى ھايۋانلار دۇنياسى
سىنىپى ئەمگۈچىلەر سىنىپى
ئائىلىسى ئاغمىخانلار ئائىلىسى
تۈرى ئاق ئاغمىخان

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئاق ئاغمىخانئاق ئاغمىخان، بەدەن ئېغىرلىقى 25-116 گرام، تەن ئۇزۇنلۇقى 170-330 مىللىمېتىر، قۇيرۇق ئۇزۇنلۇقى 95-140 مىللىمېتىر. بەدەن شەكلى سىبىرىيە ئاغمىخىنىغا ئوخشاپ قالىدۇ، تېنى ئىنچىكە ئۇزۇن، پۇتلىرى كىچىك بولۇپ، رەڭگى پەسىلگە قاراپ ئوخشاش بولمايدۇ، يازلىق تۈكى تېنىنىڭ دۈمبە ۋە قورساق يۈزى رەڭگى ئوخشىمايدۇ، ئارقا تەرىپى، ئىككى يۈز ئارقىغا تەرىپى، بويۇن تەرەپ، بەدەننىڭ يان تەرىپى تارتىپ پۇت بېغىش ۋە قۇيرۇقىنىڭ ئارقا تەرىپى كۈل رەڭ قوڭۇر، پۇت دۈمبىسى كۈل رەڭ ئاق رەڭلىك؛ قورساق قىسمى، ئاستىنقى كالپۇكى، ئېڭەك قىسمى، بوغۇز قىسمى تارتىپ قورساق قىسمى ۋە تۆت پۇتىنىڭ ئىچكى تەرىپى ئاق رەڭلىك؛ پۇت دۈمبىسى كۈل رەڭ ئاق رەڭلىك؛ قۇيرۇق ئاستىدىكى تۈۋى ئۈچتىن ئىككى قىسمى قورسىقىنىڭ رەڭگى ئوخشاش بولىدۇ، ئاخىرقى بىر قىسمىنىڭ ھەممىسىنىڭ 3/1 قىسمىنى قارا رەڭ ئىگىلەيدۇ. يۇڭلۇق پۈتۈن بەدىنىنىڭ ھەممىسى ساپ ئاق رەڭلىك، پەقەت قۇيرۇق ئۇچى قارا رەڭدە بولىدۇ  ئۆمرى يەنى يېشى بەش ياشتىن سەككىز ياشقىچە بولدۇ.

باش سۆڭىكى بىر قەدەر قىسقا، تۇمشۇقى قىسقا، كۆز چانىقى ئىككى چاناق ئالدى گىرۋىكى تۇمشۇقىنىڭ ئارىلىقى سەل يۇقىرى، بۇرۇن تۆشۈكى ئارا كەڭلىكى بۇرۇن سۆڭەك ئالدى مەركىزى يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، ئارقا قىرغىقى ۋە سۆڭەك سەل ئويمان بولىدۇ. چاناق ئارقا ئۆسۈكى روشەن گەۋدىلىنىپ تۇرىدۇ، ئۇنىڭ كەينىدە چاناق ئارتقى قىسمى بەك تار، چاناق ئارتقى كەڭلىكى ۋە چاناق ئارىلىقىدىكى قىسمىنىڭ كەڭلىكى ئاساسەن تەڭ. چاناق ئالدى تۆشۈك بىر قەدەر چوڭ. مەڭىز دوغىسى ئىنچىكە، شەكلى يان ياي شەكىللىك. قورساق يۈزى، تاڭلاي ئارقا قىسمى بىلەن ئاڭلاش پۈۋەكچىسى ئارىسىدىكى كەڭلىكى چوڭ. قانات سۆڭىكى ئويمىنى U شەكىللىك بولۇپ، ئاڭلاش پۈۋەكچىسى شەكلى سەل سىلىندىرسىمان، ئىككى قۇتا كۆپۈك ئىچىدە گىرۋىكىنى ئارىسىدىكى ئارىلىق تەڭ كەڭلىك ئۆسۈكچە كۆرۈنەرلىك. چىشى ھايۋان ئەمچەك توپچىسى تۆت جۈپ. قۇيرۇقى كالتە، تەن ئۇزۇنلۇقىنىڭ 3/1 قىسمىنى ئىگىلەيدۇ. بەدەن تۈكلىرى قىسقا بولۇپ، پەقەت قۇيرۇق تۈكلىرى ئۇزۇن بولىدۇ. 

چىشى 

ئاق ئاغمىخانئانا ئاق ئاغمىخاننىڭ چىشى: 3.1.3.1/3.1.3.2=34 قىسمىنى ئىگىلەيدۇ. ئۈست جاغ كۈرەك چىشى ياي شەكىللىك  قاتار ھاسىل بولغان، 3- ئۈستى چىشى بىر قەدەر توم؛ تۆۋەنكى جاغ بىرىنچى چىشى بەك كىچىك، ئالدىنقى ئېزىق چىشى چىش تاجى يانتۇ شەكىللىك، ئاۋۋال يۇقىرى، كېيىن تۆۋەن  كەسكۈر چىشلىقلار چىش تاجى تەرەققىي قىلغان بولۇپ، نېپىز پىچاق شەكىللىك. ئۈستۈنكى ئېزىق چىش تار ۋە ئۇزۇن ھەم توغرىسىغا تىزىلغان، ئىچكى قىسمى سەل يۇمىلاق، ئوتتۇرىسىدا بىر كىچىك ئۇچلۇق. سىرتقى يوپۇرمىقى كىچىك، ئۇچلۇق روشەن، كېيىن بىر خىل. كەينى ئوتتۇرا قىسمى ئويمان، ئالدىنقى ئىككى بىسى چوققىسى شەكىللىك، كېيىن پەس ۋە تەكشى؛ ئەقىل چىش بەك كىچىك. 

ئاق ئاغمىخاننىڭ ماسلىشىش ئىقتىدارى ئىنتايىن كۈچلۈك بولۇپ، يايلاق، چىملىق، سازلىق يەر، ئورمان ۋە يېرىم چۆل، يېرىم سەھرا قۇم بارخانلىرى ۋە تېرىقچىلىق رايونلىرى، تاغ ئورمانلىقى قاتارلىقلار جايلاردا ياشايدۇ.

ئاق ئاغمىخانئاق ئاغمىخان كېچىسى ھەرىكەتلىنىدىغان ھايۋان، گۇگۇمدىن باشلاپ پائالىيىتىنى باشلايدۇ، لېكىن بەزىدە كۈندۈزىمۇ ئۇنى كۆرگىلى بولىدۇ، پائالىيەت دائىرىسى كۆپىنچە ئوۋلاش ئوبيېكتى پائالىيىتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ئادەتتە يالغۇز ھەرىكەت قىلىدۇ، مۇقىم ئوۋ ساياھەت رايونى بار، يەنى: ساھە ئىچىدىكى تاش، دەرەخ كۆتىكى، دەرەخ شاخلىرى ئۈستى. ھەرىكىتى ئىنتايىن چاققان، كۆرۈش سېزىمى ۋە ئاڭلاش سېزىمى ناھايىتى ئۆتكۈر.

ئاق ئاغمىخان بىر خىل گۆشخور ھايۋان بولۇپ، ئىستېمال ئىقتىدارى ناھايىتى يۇقىرى. ئاساسلىقى چاشقان، قۇش، قوش ماكانلىق ھايۋان، ئۆمىلىگۈچى ھايۋان، بېلىق ۋە ھاشارات قاتارلىقلارنى يەيدۇ، يەنە شىرنىلىك مېۋە قاتارلىق ئۆسۈملۈك يەيدۇ. ناھايىتى كۈچلۈك ئوۋ ئوۋلاش ئىقتىدارىغا ئىگە، ئوۋنى بايقاپ قالسا بوينى ئۇزىراپ پۈتۈن بەدىنى يەر يۈزىگە يېقىن بۇلۇپ، يەر بېغىرلاپ ئالدىغا سۈرۈلىدۇ.

ئاق ئاغمىخانئاق ئاغمىخان كۆپىنچىسى تاغ جىنسلىرىنىڭ يېرىقلىرى، دەرەخ غولى ياكى ياغاچ ئاستى، قالايمىقان تاش دۆۋىسى، ئوت-چۆپ دۆۋىسى، دەرەخ كامارلىرى  ۋە چاشقان تۆشۈكى قاتارلىق جايلارنى ئىگىلەپ ئۇۋا ياسايدۇ. ئۇۋا قۇرۇلمىسى بىر قەدەر ئاددىي، ئوت-چۆپ، مۇخ، ئىنچىكە شاخ ياكى ئوۋ يۇڭ ۋە پەيلىرى قاتارلىقلارنى ئىشلىتىدۇ.

ھەر يىلى 2-4-ئايلاردا كۈيلەيدۇ، ئىزچىل دېگۈدەك پۈتكۈل باھار (بەزى جايلاردا يازدا بولىدۇ)، جۈپلىشىش پەسلى باش يازدا، باش يازدىن باشلاپ چېتىشىدۇ، بوغاز بولۇش مەزگىلى 9-10 ئاي. كېيىنكى يىلى 3-4-ئايدا، ھەر قېتىمدا 4-9 غىچە بالا تۇغىدۇ، ئەڭ كۆپ بولغاندا 13 كە يېتىدۇ. يېڭى تۇغۇلغان بالىسىنىڭ تۈكى يوق (كۆز بىلەن كۆرگىلى بولمايدىغان). بەدەن ئېغىرلىقى تەخمىنەن 4.3 گىرام. ئادەتتە مۇنداق دىيىلگەن: ھامىلىدار بولۇپ 9-10-ئايدىن كېيىن تۇغۇلغان بالىسىنى ئاندىن تولۇق يېتىلىدۇ، ئەمما ئانا ئاق ئاغمىخان يەڭگىشتىن بۇرۇن تۆرەلمە يېتىلىش پەقەت بىر يېرىم ئايلا بۇلۇپ، شۇنىڭ بىلەن بالىسى تۇغۇلغان چاغدا تېخى تولۇق يېتىلىپ بولالمىغان بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە باشقا كىچىك تىپتىكى ئاغمىخان ئائىلىسىدىكى ھايۋانلار قارىغاندا يېتىلىشى ناھايىتى ئاستا: ئاق ئاغمىخان بالىسىنىڭ كۆزى بىر ئايلىق بولغاندا ئاندىن ئېچىلىدۇ. لېكىن، ئۇۋىسىدا ناھايىتى تېزلا ھەمراھلىرى بىلەنھەركەت قىلالايدۇ. بالا ئاق ئاغمىخان 60 كۈن بولغاندا ئوۋلاشنى باشلاپ تاكى ياز پەسلىنىڭ ئاخىرغىچە ئانا ئاغمىخان بىلەن بىللە تۇرىدۇ. بالىلىق دەۋرىدە ئاق ئاغمىخاننىڭ ئېمىشى 42 كۈن، 3 ئايلىقتىن بىر ياشقىچە بولغاندا جىنسىي جەھەتتىن يېتىلىدۇ. ئۆمرى يەنى يېشى: بەش ياشتىن سەككىز ياشقىچە.

ئاق ئاغمىخانئاق ئاغمىخان ئەسلىي ئافغانىستان، ئالبانىيە، ئاندوررا، ئاۋسترىيە، ئەزەربەيجان، بېلارۇسىيە، بېلگىيە، بوسنىيە-گېرتسېگوۋېنا، بۇلغارىيە، كانادا، جۇڭگو، كرودىيە، چېخ جۇمھۇرىيىتى، دانىيە، ئېستونىيە، فىنلاندىيە، فرانسىيە، گرۇزىيە، گېرمانىيە، گرېتسىيە، ۋېنگرىيە، ھىندىستان، ئىېرلەن، ئىتالىيە، ياپونىيە، قازاقىستان، قىرغىزىستان، لاتۋىيە، لىچتېنشتېين، لىتۋانىيە، ليۇكسېمبۇرگ، ماكېدونىيە، مولدوۋا، موڭغۇلىيە، مونتېنېگرو، گوللاندىيە، نورۋېگىيە، پاكىستان، بولان، پورتۇگالىيە، رۇمىنىيە، رۇسىيە فېدېراتسىيەسى، سېربىيە، سلوۋاكىيە، سلوۋېنىيە، ئىسپانىيە، شۋېتسىيە، شىۋېتسارىيە، تاجىكىستان، رۇم (تۈركىيە)، ئۇكرائىنا، ئەنگلىيە، ئامېرىكا، ئۆزبېكىستان قاتارلىق دۆلەتلەر.

كىرگۈزگە دۆلەتلەر: يېڭى زېللاندىيە. 

   نامى  ئىلمىي نام  نام بېرىلگەن ۋاقتى 
 1.ئاق ئاغمىخان رۇسىيەنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى كەنجى تۈرى Mustela erminea aestiva Kerr, 1792
 2.ئاق ئاغمىخان شىمالىي قۇتۇپ تۇندرا كەنجى تۈرى  Mustela erminea alascensis  Merriam, 1896
 3.ئاق ئاغمىخان ۋانكۇۋېر ئارىلى كەنجى تۈرى

 Mustela erminea anguinae  Hall, 1932
 4.ئاق ئاغمىخان شىمالىي قۇتۇپ تۇندرا كەنجى تۈرى 

 Mustela erminea arcticus  Merriam, 1896
 5.ئاق ئاغمىخان ئاركانزاس كەنجى تۈرى 

  Mustela erminea augustidens Brown, 1908
 6.ئاق ئاغمىخان مانىتوبا ئۆلكىسى كەنجى تۈرى   Mustela erminea bangsi Hall, 1945 
 7.ئاق ئاغمىخان ۋېلش شاھزادىسى كەنجى تۈرى  Mustela erminea celenda  Hall, 1944
 8.ئاق ئاغمىخان بوناپارت كەنجى تۈرى  Mustela erminea cigognanii  Bonaparte, 1838
 9.ئاق ئاغمىخان بۈرگىلەر كەنجى تۈرى  Mustela erminea erminea  Linnaeus, 1758
 10.ئاق ئاغمىخان برىتانىيە كولومبىيە ئۆلكىسىنىڭ كەنجى تۈرى  Mustela erminea fallenda Hall, 1945
 11.ئاق ئاغمىخان ھىندىستان كەنجى تۈرى  Mustela erminea ferghanae  Thomas, 1895
 12.ئاق ئاغمىخان ۋاشىنگتون كەنجى تۈرى Mustela erminea gulosa  Hall, 1945
 13.ئاق ئاغمىخان شارلوت ئارىلى كەنجى تۈرى Mustela erminea haidarum  Preble, 1898
 14.ئاق ئاغمىخان ئىرېلاندىيە كەنجى تۈرى  Mustela erminea hibernica  Thomas & Barrett-Hamilton, 1895
 15.ئاق ئاغمىخان بارانوف تاقىم ئاراللىرى كەنجى تۈرى  Mustela erminea initis  Hall, 1945
 16.ئاق ئاغمىخان روكى تاغ تىزمىسى كەنجى تۈرى Mustela erminea invicta  Hall, 1945
 17.ئاق ئاغمىخان كودىئاك كەنجى تۈرى Mustela erminea kadiacensis Merriam, 1896
 18.ئاق ئاغمىخان شەرقىي سىبىرىيە كەنجى تۈرى   Mustela erminea kaneii Baird, 1857
 19.ئاق ئاغمىخان كامچاتكا يېرىم ئارىلى كەنجى تۈرى   Mustela erminea karaginensis Jurgenson, 1936
 20.ئاق ئاغمىخان ئالتاي كەنجى تۈرى   Mustela erminea lymani Hollister, 1912
 21.ئاق ئاغمىخان قىرغىزىستان كەنجى تۈرى   Mustela erminea martinoi Ellerman & Morrison-Scott, 1951
 22.ئاق ئاغمىخان ئىتالىيە كەنجى تۈرى  Mustela erminea minima  Cavazza, 1912
 23.ئاق ئاغمىخان موڭغۇلىيە كەنجى تۈرى   Mustela erminea mongolica Ognev, 1928
 24.ئاق ئاغمىخان سېررالېئون كەنجى تۈرى  Mustela erminea muricus  Bangs, 1899
 25.ئاق ئاغمىخان خونسيۇ ئارىلى كەنجى تۈرى   Mustela erminea nippon  Cabrera, 1913
 26.ئاق ئاغمىخان  تەيس دەريا دېلتا كەنجى تۈرى Mustela erminea ognevi Jurgenson, 1932
 27.ئاق ئاغمىخان ئولىمپىك تېغى كەنجى تۈرى  Mustela erminea olympica Hall, 1945
 28.ئاق ئاغمىخان گرېنلاندىيە ئارىلى كەنجى تۈرى  Mustela erminea polaris  Barrett-Hamilton, 1904
 29.ئاق ئاغمىخان كانادا كەنجى تۈرى   Mustela erminea richardsonii Bonaparte, 1838
 30.ئاق ئاغمىخان شوتلاندىيە كەنجى تۈرى  Mustela erminea ricinae Miller, 1907
 31.ئاق ئاغمىخان ئالتۇن قوڭغۇراق ئارىلى كەنجى تۈرى  Mustela erminea salva  Hall, 1944 
 32. ئاق ئاغمىخان سانتا كرۇز ئارىلى كەنجى تۈرى  Mustela erminea seclusa  Hall, 1944
 33. ئاق ئاغمىخان مېلۋىل يېرىم ئارىلى كەنجى تۈرى  Mustela erminea semplei Sutton & Hamilton, 1932
 34. ئاق ئاغمىخان ئەنگلىيە كەنجى تۈرى  Mustela erminea stabilis Barrett-Hamilton, 1904
 35. ئاق ئاغمىخان پۇجى ئالاھىدە قولتۇقى كەنجى تۈرى   Mustela erminea streatori  Merriam, 1896
 36. ئاق ئاغمىخان كاۋكاز كەنجى تۈرى   Mustela erminea teberdina Korneev, 1941
 37. ئاق ئاغمىخان تۇبۇرۇسكى كەنجى تۈرى   Mustela erminea tobolica Ognev, 1923

ئاق ئاغمىخانبۇ تۈرنىڭ كەنجى تۈرى كۆپ، تارقىلىش دائىرىسى كەڭ بولۇپ، جانلىقنىڭ ساقلىنىش نىسبىتى سەل ئاز، يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان كىرتىك قىممەت ئۆلچىمى (تارقالغان رايونلار ياكى تەۋرىنىش دائىرىسى 20 مىڭ كۋادرات كىلومېتىردىن كىچىك، ماكانى سۈپىتى، تۈر توپى كۆلىمى، رايونلارغا پارچە-پۇرات تارقالغان)، تۈر توپلىرىنىڭ سانى يۈزلىنىشى مۇقىم. شۇڭا باھالاش خەتەرلىك كىرزىسىگە بولغان تۈرى يوق. 

«دۇنيا تەبىئەتنى قوغداش ئىتتىپاقى« (IUCN)؛ 2013-يىلى يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان تۈرلەر قىزىل تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن ver 3.1 ____ خەتىرى يوق. 

جۇڭگودا، دۆلەت ئورمانچىلىق ئىدارىسى 2000-يىلى ئېلان قىلغان «دۆلەت قوغدايدىغان پايدىلىق ياكى مۇھىم ئىقتىسادىي قىممەت، پەن تەتقىقات قىممىتىگە ئىگە قۇرۇقلۇقتا ياشايدىغان ياۋايى ھايۋانلار نامى مۇندەرىجىسى گە  كىرگۈزۈلگەن.

ئاق ئاغمىخانئاق ئاغمىخان ئاساسلىقى ھەر خىل زىيانداش چاشقانلارنى ئوزۇق قىلىدۇ، بۇ يېزا ئىگىلىك چارۋىچىلىقغا ئىنتايىن پايدىلىق. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئاق ئاغمىخاننىڭ قىشلىق يۇڭ-تېرىسىنىڭ سۈپىتى بىر قەدەر ياخشى، بېزەك تېرە ماتېرىيالى قىلىشقا بولىدۇ. 2008-يىلى، تونگا پادىشاھى تۇپۇۋ بەشىنچى ئاق ئاغمىخان تېرىسىنى ئۇستىگە يېپىنىپ تەختكە ئولتۇرۇش مۇراسىمىغا قاتناشقان. ئىلگىرى، قىش ۋاقىتلىرىدا ئاق ئاغمىخان تېرىسى ناھايىتى قىممەتلىك بولغاچقا، كىشىلەرنىڭ ئۆلتۈرۈش ئوبيېكتى بولۇپ قالغان. بۈگۈنكى كۈندە بىر قىسىم ئاق ئاغمىخانلار ماكانى ئىچىدە ئوۋ ئوۋلاش مەنئى قىلىنىغان.[0]

Merriam, 1896

Merriam, 1896

Hall, 1932

Merriam, 1896

Mustela erminea augustidens

Mustela erminea bangsi

Hall, 1945

Hall, 1944

Bonaparte, 1838

Thomas, 1895

Hall, 1945

Preble, 1898

Hall, 1945

Mustela erminea kaneii

Mustela erminea karaginensis

Mustela erminea lymani

Mustela erminea martinoi

Mustela erminea mongolica

Bangs, 1899

Cabrera, 1913

Mustela erminea olympica

Barrett-Hamilton, 1904

Mustela erminea richardsonii

Hall, 1944

Mustela erminea streatori

Merriam, 1896

Mustela erminea teberdina

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#