گۇ يەنۋۇ
گۇ يەنۋۇ (1613-1682-يىللار) مىڭ سۇلالىسى نىڭ ئاخىرلىرى ۋە چىڭ سۇلالىسى نىڭ باشلىرىدا ئۆتكەن مەشھۇر مۇتەپەككۇر، ئالىم. لەقىمى تىڭ لىن، جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ كۇنشەن دېگەن يېرىدىن. گۇ يەنۋۇ ئۆسمۈرلۈك دەۋرىدە، تارىخىي كىتابلار ۋە ھەربىي ئىشلارغا ئائىت كىتابلارنى ئوقۇپ، دۆلىتىگە ياخشى جاۋاب قايتۇرۇشقا بەل باغلىغان.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
گۇ يەنۋۇگۇ يەنۋۇ (1613-1682-يىللار) مىڭ سۇلالىسى نىڭ ئاخىرلىرى ۋە چىڭ سۇلالىسى نىڭ باشلىرىدا ئۆتكەن مەشھۇر مۇتەپەككۇر، ئالىم. لەقىمى تىڭ لىن، جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ كۇنشەن دېگەن يېرىدىن. گۇ يەنۋۇ ئۆسمۈرلۈك دەۋرىدە، تارىخىي كىتابلار ۋە ھەربىي ئىشلارغا ئائىت كىتابلارنى ئوقۇپ، دۆلىتىگە ياخشى جاۋاب قايتۇرۇشقا بەل باغلىغان. مىڭ سۇلالىسى نىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا، «قىساسكارلار جەمئىيىتى» نىڭ پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىپ، مىڭ سۇلالىسى نىڭ پاسسىپ ھاكىمىيىتىگە زەربە بەرگەن. چىڭ قوشۇنى قورۇلغا كىرگەندىن كېيىن، كۇنشەن ئەتراپىدا چىڭ سۇلالىسى گە قارشى كۈچ تەشكىللىگەن. چىڭ قوشۇنى كۇنشەنگە بېسىپ كىرگەندە، گۇ يەنۋۇنىڭ ئانىسى ئاچلىق ئېلان قىلىپ ئۆلۈۋالغان. ئانىسى ئۆلۈش ئالدىدا گۇ يەنۋۇغا چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتىدە ئەمەلدار بولماسلىقنى تاپىلىغان. مىڭ سۇلالىسى بەربات بولغاندىن كېيىن، گۇ يەنۋۇ جاھان كېزىپ، ياقا يۇرتلارنىڭ تاغ-دەريالىرى، ئۆرپ-ئادەتلىرى توغرىسىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، ئۆزىنى چېگرا مۇداپىئە تەتقىقاتى ۋە جۇغراپىيە تەتقىقاتىغا ئاتىغان. ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا، ئۇ شەنشىنىڭ خۇايىن دېگەن يېرىدە خىلۋەتچىلىكتە ياشاپ، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئەسەر يېزىشقا كىرىشىپ، ناھايىتى زور مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشكەن. چىڭ ھۆكۈمىتى مىڭ سۇلالىسى تارىخى مەھكىمىسى ۋە كۇڭزىچى ئۆلىمالار يۇرتى تەسىس قىلىپ، گۇ يەنۋۇنى تەكلىپ قىلغاندا، تەكلىپنى قەتئىي رەت قىلىپ، ئۆز قەسىمىدە چىڭ تۇرۇپ سۇباتلىق دىيانىتىنى ساقلىغان.
گۇ يەنۋۇگۇ يەنۋۇنىڭ «كۈندىلىك خاتىرىلەر، يەتتە ئىقلىمدىكى شىپائىي داۋالار دەستۇرى، فونېتىكىغا ئائىت بەش كىتاب» ۋە «زېمىن تەركىرىسى» قاتارلىق داڭلىق ئەسەرلىرى بار. ئۇ خۇاڭ زۇڭشى ۋە ۋاڭ فۇجىلار بىلەن بىر قاتاردا مىڭ سۇلالىسى نىڭ ئاخىرلىرى ۋە چىڭ سۇلالىسى نىڭ باشلىرىدا ئۆتكەن ئۈچ چوڭ مۇتەپەككۇر دەپ ئاتالغان. سىياسىي جەھەتتە، ئۇ پادىشاھلىق مۇستەبىت تۈزۈمگە ۋە «شەخسىي ئىدارە قىلىش» قا قارشى تۇرۇپ، «كۆپچىلىك ئىدارە قىلىش» نى تەشەببۇس قىلغان. ئۇ: «دۆلەتنى مۇنقەرز قىلىش» بىلەن «پۈتۈن دۇنيانى مۇنقەرز قىلىش» نىڭ پەرقى بار، دۆلەت مۇنقەرز بولدى دېگەنلىك سۇلالە ئالماشتى دېگەنلىك بولىدۇ، بۇ پادىشاھ ۋە ۋەزىرلەرنىڭ ئىشى؛ پۈتۈن دۇنيانى مۇنقەرز قىلىش بولسا، مىللەتنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىغا مۇناسىۋەتلىك چوڭ ئىش دەپ قاراپ، «دۆلەتنىڭ تەقدىرىگە كۆڭۈل بۆلۈش ھەركىمنىڭ مەسئۇلىيىتى» دېگەن نۇقتىئىنەزەرنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئىلمىي تەتقىقات جەھەتتە، ئۇ قۇرۇق گەپ سېتىشقا، ئەمەلىيەتتىن چەتنىگەن ئۆگىنىشكە قارشى تۇرۇپ، ئۆگەنگەننى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشنى تەشەببۇس قىلغان، ئۇ قەدىمكى شەيئىلەر ياكى ھازىرقى شەيئىلەرنى تەتقىق قىلىشتىن قەتئىينەزەر، رېئال جەمئىيەتنىڭ ئېھتىياجىنى نەزەرگە ئېلىش كېرەك، دەپ قارىغان. گۇ يەنۋۇنىڭ بىلىمى ناھايىتى چوڭقۇر بولۇپ، تارىخ، جۇغراپىيە، فونېتىكا، ئېتنوگرافىيە، ئىقتىساد قاتارلىق ساھەلەردىمۇ زور تۆھپە ياراتقان.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.