قارا گىلاس

قارا گىلاس

قارا گىلاس ئاپتونۇم رايونىمىزنىڭ ئىلى رايۇنىدا كۆپرەك ئۆستۈرۈلىدۇ. ئىلى رايۇنىدا 8 - ئايدا پىشىدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى قارا گىلاس
تەۋەلىكى ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى
سىنىپى جۈپ پەللىلىك ئۆسۈملۈكلەر سىنىپى
ئائىلىسى ئازغان ئائىسى
تۈرى قارا گىلاس
خەنزۇچە ئاتىلىشى 黑樱桃
تىپى يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەر تىپى
تۈركۈمى ئازغان تۈركۈمى
ئۇرۇقداشلىرى گىلاس ئۇرۇقدىشى
كەنجى ئائىلىسى ئالۇچا كەنجى ئائىلىسى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

دەرىخى 

قارا گىلاس دەرىخى ئېگىزلىكى يەتتە مېتىر، دەرەخ قوۋزىقى قارامتۇل كۈلرەڭ . كىچىك شاخلىرى يۇمران، سۇس قوڭۇر رەڭدە ، ئۇزۇن تۈكچىلەر قاپلاپ تۇرىدۇ . قىشلىق بىخلىرى ئۇزۇن تۇخۇم شەكىللىك.

يۇپۇرمىقى 

قارا گىلاس يۇپۇرمىقى ياپلاق شەكىللىك، ئۇزۇن 3-9 سانتىمېتىر ، كەڭلىكى 1.5 - 4 سانتىمېتىر ، ئۇچى ئۇچلۇق،  قۇيرۇق ئۇچى قىسقا ، يۇپۇرماق قىرلىرى چىشلىق بۇلۇپ، ئۈستۈنكى يۈزىنىڭ رەڭگى يېشىل، ئارقا يۈزى سۇس يېشىل ، يۇپۇرماق سېپىنىڭ ئۇزۇنلىقى 0.5 - 1.5 سانتىمىېتر، يۇمشاق تۈكچىلىرى بولىدۇ.

مېۋە شەكلى ۋە تەمى 

قارا گىلاس مېۋە شەكلى يۇمىلاق ، پوستى ئوتتۇراھال قېلىن ، رەڭگى توق بېغىرەڭ ، ئېتى يۇمشاق ، تەمى چۈچۈمەل تاتلىقى ، ئوتتۇراھال ، سۇلۇق، شىرنىلىك ، خۇشنۇي پۇراقلىق ، ئۇرۇقچىسى چوڭ ، ئېتى ئۇرۇقچىسىدىن ئاجرايدۇ . ئىلى رايۇنىدا 8 - ئايدا پىشىدۇ .

قارا گىلاسقارا گىلاس دەرىخى ئاپتاپ خالايدۇ ، ئىسسىق ۋە نەملىكنى ياخشى كۆرىدىغان  مېۋىلىك دەرەخ ، يىللىق ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ℃  10 قا ماس كېلىدۇ ، يىللىق ھۆل - يېغىن مىقدارى 600-700 مېللىمېتىر بولغان ،  يىللىق قۇياش نۇرى چۈشۈش ۋاقتى 2600-2800 سائەتتىن يۇقىرى ھاۋا كىلىماتى شارائىتىدا ئۆسىدۇ .  تۇپراق قاتلىمى قېلىن قۇمساڭ تۇپراقلىق يەرنى ياخشى بولىدۇ. توپسىنىڭ يېپىشقاقلىقى ئېغىر بولغان تۇپراقتا ئۆستۈرگەندە يىلتىز سستىمىسى چوڭقۇر بولمايدۇ،  قۇرغاقچىلىققا چىدىمايدۇ ، ھۆلچىلىككە ھەم شامالغا تاقابىل تۇرالمايدۇ . 

قارا گىلاس كۈنگەي كەڭ يوپۇرماقلىق ئورماندا ياكى جۇڭگونىڭ خېيلۇڭجياڭ ، جى لىن، لىياۋ نېڭ ، رۇسىيەنىڭ يىراق شەرق رايونى ، چاۋشيەن، ياپونىيە ۋە شىنجاڭنىڭ ئىلى رايۇنىدا كۆپرەك ئۆستۈرۈلىدۇ . [0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#