دۇ فۇ  (712-770-يىللار) ، تەخەللۇسى زىمېي، نەسەب نامى دۇ شاۋلىن، خېنەن ئۆلكىسى گۇڭشەن ناھىيىسىنىڭ شەھەر سىرتىدىكى ياۋۋەن كەنتىدە تۇغۇلغان. ئۇ شېئىر ئىجادىيىتىگە بىر ئۆمۈر ئىشتىياق باغلىغاچقا، كېيىنكى ئەۋلادلار ئۇنى شائىرلار پەيدا بولغاندىن بۇيانقى ئەڭ ئۇلۇغ «شېئىرىيەت ئەۋلىياسى» دەپ ئاتاشقان.

دۇ فۇ(712-770-يىللار) ، تەخەللۇسى زىمېي، نەسەب نامى دۇ شاۋلىن، خېنەن ئۆلكىسى گۇڭشەن ناھىيىسىنىڭ شەھەر سىرتىدىكى ياۋۋەن كەنتىدە تۇغۇلغان.

ئۇيغۇرچە ئىسمى دۇ فۇ
خەنزۇچە ئىسمى 杜甫
باشقا نامى دۇ شاۋلىن
ياشىغان زامان تاڭ سۇلالىسى
يۇرتى خېنەن ئۆلكىسى گۇڭشەن ناھىيەس
تۇغۇلغان ۋاقتى 712-يىل
ۋاپات بولغان ۋاقتى 770-يىل
دۆلەت تەۋەلىكى جۇڭگو
مىللىتى خەنزۇ
كەسپى شائىر

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

دۇ فۇ  (712-770-يىللار) ، تەخەللۇسى زىمېي، نەسەب نامى دۇ شاۋلىن، خېنەن ئۆلكىسى گۇڭشەن ناھىيەسىنىڭ شەھەر سىرتىدىكى ياۋۋەن كەنتىدە تۇغۇلغان. دۇ فۇ ياش چاغلىرىدىلا «خانغا يول كۆرسىتىپ، ئۆرپ-ئادەتلەرنى ئاددىيلاشتۇرۇش» تەك دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ئىرادىسىنى تىكلىگەن. 20 ياشقا كىرگەندە دۇ فۇ جەنۇبتا جېجياڭنى ئايلىنىپ، نۇرغۇن مەشھۇر جايلارنى، ئاسار ئەتىقىلەرنى كۆرگەن، گۈزەل تاغ-دەريالارنى ساياھەت قىلغان، ئەمەلىي بىلىمىنى ئاشۇرغان، كېيىنكى ئەدەبىي ئىجادىيەتلىرى ئۈچۈن پۇختا ئىدىيىۋى ئاساس ۋە تۇرمۇش ئاساسى سالغان.

دۇ فۇنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ئىرادىسى ۋە مول بىلىم-ئىستېداتى بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ مەنسەپ تۇتۇش يولى كۆڭۈلدىكىدەك بولمىغان. ئۇ كېجۈ ئىمتىھانى ئارقىلىق بىرەر ئەمەلگە ئېرىشىشنى ئويلىغانۇ، زادىلا ئارزۇسىغا يېتەلمىگەن. ئۇ مەنسەپدارلارنىڭكىگە كىرىپ-چىقىپ يۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ئۆزىنى تەۋسىيە قىلىپ قويۇشىنى ئۈمىد قىلغان، نەتىجىدە، ھەممىلا يەردە مىخقا ئۈسۈۋالغان، تۇرمۇشى بارغانسېرى قىيىنلاشقان، «پايتەختتە دورا سېتىپ، ئەل-ئاغىنىلىرىنىڭكىدە كۈن ئالىدىغان» ھالغا چۈشۈپ قالغان.

سىياسىي جەھەتتىن ئىخلاسى قايتىش، تۇرمۇشتىكى نامراتلىق ئۇنى تۆۋەن قاتلامدىكى ئەمگەكچى خەلق بىلەن يېقىنلىشىش، ئۇلارنىڭ ساداسىنى ئاڭلاش، شۇ ئارقىلىق كىشىلەر ئارىسىدىكى زۇلمەتنى چۈشىنىش، رېئالىستىك بۈيۈك شائىر بولۇپ يېتىشىپ چىقىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلغان. 

ئۇ فېئودال خانلىقنىڭ چىرىكلىكىنى يۈرەكلىك پاش قىلىدىغان «ساھىبجاماللار توغرىسىدا نەزم»، «لەشكىرىي يۈرۈش توغرىسىدا نەزم» قاتارلىق خەلقنىڭ دەرد-ئەلىمىنى ئەكس ئەتتۈرگەن شېئىرلىرىنى يازدى. «ئاستانىدىن فېڭشەن ناھىيەسىگە قىلغان سەپەر ئۈستىدىكى تەسىراتىم» شائىرنىڭ مۇشۇ مەزگىلدىكى ئىجادىيىتىنىڭ ئەڭ يۇقىرى مۇۋەپپەقىيىتىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. شۇ چاغدا شائىر پايتەختتىن فېڭشيەن ناھىيەسىگە تۇغقان يوقلاپ بارغانىدى. ئۇ چاڭئەن كوچىسىدا توڭلاپ ئۆلگەن بوۋايغا ئېچىنىپ، قاراشقىمۇ چىدىيالمىغان؛ لىشەندىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقاندا، خۇاچىڭ سارىيىدىن ئاڭلىنىۋاتقان نەغمە-ناۋا ئۇنىڭ يۈرىكىگە يىڭنىدەك سانجىلغان. ئويلىمىغان يەردىن، ئۇ ئۆيىگە كىرىپ كەلگەندە ئامراق كىچىك ئوغلى ئاچلىقتىن ئۆلۈپ قالغانلىقىنى كۆرگەن. شۇنىڭ بىلەن شائىر تولۇپ تاشقان ئازاب ۋە نەپرەت ئىچىدە، «باي-غوجاملار ئۆيلىرىدە نازۇ نېمەت سېسىپ ياتار، قەھرىتاندا بىچارىلەر كوچىلاردا ئۆلۈپ ياتار» دېگەن داڭلىق مىسرالىرىنى يازغان.

كېيىن باشقىلارنىڭ تەۋسىيەسى بىلەن دۇ فۇ ھەربىي مەسلىھەتچىلىك ئەمىلىنى ئىشلەپ باققان، لېكىن بىر يىلغا بارمايلا ئۆڭلۈك-سۆيگۈن توپىلىڭى باشلانغان، دۇ فۇ يەنە سەرسانلىق ۋە سەرگەردانلىق تۇرمۇشىنى باشلىغان. مالىمانچىلىققا تولغان جەمئىيەت ۋە ئادەتتىن تاشقىرى كەچۈرمىشلەر دۇ فۇنىڭ شېئىر ئىجادىيىتىنى تېخىمۇ رېئالىستىك ئىجادىيەتنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە كۆتۈرگەن. بۇ مەزگىلدە ئۇ «شىنئەن بېگى»، «شىخاۋ بېگى»، «تۇڭگۇەن بېگى» ۋە «نىكاھتىن كېيىنكى جۇدالىق»، «قېرىغاندىكى جۇدالىق»، «ماكانسىز قالغاندىكى جۇدالىق» قاتارلىق «ئۈچ بەگ»، «ئۈچ جۇدالىق» دەپ ئاتالغان ئۆلمەس شېئىرلارنى يازغان. جاپالىق تۇرمۇش دۇ فۇغا خەلقنى تونۇتقان، ئۇ ئەمگەكچى خەلققە بولغان چوڭقۇر مېھىر-مۇھەببەت بىلەن تولغان نۇرغۇن ئەسەرلەرنى يازغان. «كۈز بورىنىدا ۋەيران بولغان كەپەمگە بېغىشلاپ»، «يەنە ۋۇلاڭغا بېغىشلاپ» قاتارلىقلاردا شائىرنىڭ ئەمگەكچى خەلققە ۋە نامرات زىيالىيلارغا بولغان چوڭقۇر ھېسداشلىقى ئىپادىلەنگەن.

دۇ فۇنىڭ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا تۇرمۇشى قىيىنلىشىپ، سالامەتلىكى بارغانسېرى ناچارلىشىپ كەتكەن، لېكىن ئۇ ئۆزىنىڭ شېئىر ئىجادىيىتىنى زادىلا توختاتمىغان، ئەكسىچە نامراتلىق، كېسەل قانچە قىينىغانسېرى شېئىرنى شۇنچە كۆپ يازغان. چېڭدۇدا ئۇ بىر مەزگىل ھۈنەر-كەسىپ مەھكىمىسىنىڭ خادىمىلىقىغا تەيىنلەنگەنىدى، بۇ مەزگىلدە ئادەمنى ھەيران قالدۇرغۇدەك جاسارىتى بىلەن  430 نەچچە پارچە شېئىر يازغان، بۇ ئۇنىڭ بارلىق شېئىرلىرىنىڭ ئوندىن ئىككىسىنى ئىگىلەيدۇ. سەكراتقا چۈشۈپ قالغان ۋاقىتتىمۇ ئۇ يەنىلا ئەسكى قېيىق ئۈستىدە يېتىپ، «كېسەل ئىلكىدە قېيىقتا يېتىپ ئويلىغانلىرىم» دېگەن داستانىنى يېزىپ، دۆلەتنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈلپەتلەرنى ئۇنتۇمىغان. بۇ شېئىرنى يېزىپ ئۇزاق ئۆتمەي، ئەۋلادلار «شېئىر ئەۋلىياسى» دەپ ئاتىغان بۇ بۈيۈك شائىر شياڭجياڭ دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىمىدا بىر ئەسكى قېيىق ئۈستىدە ئالەمدىن ئۆتكەن. 

دۇ فۇنىڭ ئىدىيىسى ئاساسلىق كۇڭزىچىلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان، «نامراتلىقتىمۇ خەلقنىڭ غېمىنى يېيىش»، «لازىم بولغاندا ئۆزىنى قۇربان قىلىش» ئۇنىڭ ئىزچىل روھى ئىدى. ھازىرغىچە ئۇنىڭ  1400 نەچچە پارچە شېئىرى ساقلانغان، ئۇلارنىڭ مەزمۇنى كەڭ، چوڭقۇر، تاڭ دەۋرىنىڭ ئوتتۇرا مەزگىلىدىكى جەمئىيەتنىڭ كەسكىن ئۆزگىرىشلىرى كۆپ تەرەپتىن ئەكس ئەتتۈرۈلگەن بولۇپ، كىشىلەر ئۇنى «شېئىرىي تارىخ» دەپ ئاتاشقان.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#