سۆيگۈ قەلەندەرى

فىلىمدە ياش چوپرا رېژىسسورلىق قىلغان ، شاھرۇھخان، جۇھى چاۋلا، ساننى دېئول رولغا چىققان .

فىلىمدە كىرەن (جۇھى چاۋلا)گە ئەسەبىيلەرچە ئاشىق بولۇپ قالغان  راھۇل (شاھرۇھخان رولدا )نىڭ  ، سۇنىل(ساننى دېئول رولدا)  بىلەن كىرەننى  ئايرىۋېتىپ كىرەنگە  ئېرىشمەكچى بولغانلىقىدەك بىر ھېكايە سۆزلەنگەن . 

ئۇيغۇرچە نامى سۆيگۈ قەلەندەرى
باش رولچى شاھرۇھ خان، جۇھى چاۋلا، ساننى دېئول
باشقا نامى Darr(ئەسلى تەرجىمىسى قورقۇنچ)
ئىشلەنگەن ۋاقتى 1993-يىلى
ئىشلىگەن شىركەت Yash Raj Films
خەنزۇچە ئاتىلىشى 恐惧\爱的恐惧
تۈرى ۋەھىمىلىك
ئۇزۇنلىقى 178مىنۇت
قويۇلغان ۋاقتى 1993.12.4
imdbكودى tt0109555

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ھاۋا ئارمىيە ئوفېتسىرى سۇنىل(ساننى دېئول رولدا)بىلەن گۈزەل كىرەن توي قىلىدۇ. لېكىن كىرەننى سەۋدايىلارچە ياخشى كۆرۈپ قالغان بىرى تېلېفوندا كېكەچلەپ تۇرۇپ: «سىزنى سۆيىمەن، كى..كى..كىرەن» دەيدۇ. ئۇ دەل سۇنىلنىڭ باشلىقىنىڭ ئوغلى راھۇل (شاھرۇھخان رولدا) ئىدى.

ئىش بارغانسېرى مۇرەككەپلىشىپ كېتىدۇ، سۇنىل كىرەن (جۇھى چاۋلا رولدا)نى ئېلىپ شىۋىتسىيەگە شېرىنئاي ئۆتكۈزگىلى بارىدۇ. ئەمما بۇ ساياھەت ناھايىتى مەخپى تۇتۇلىدۇ. ئىلگىرى كىرەننى ياخشى كۆرگەن زابوي ئۆلتۈرىلىدۇ، ئۇنىمۇ راھۇل ئېسىپ ئۆلتۈرگەن، ئۇ كىرەننىڭ رەسىمىنى جەسەتنىڭ يېنىغا قويۇپ، ئۆزىنى ئۆلتۈرۋالغاندەك كۆرۈنۈش پەيدا قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن كىرەننىڭ ئۆيىدىكىلىرى يېنىك تىن ئېلىپ، كىرەنگە ئاۋارىچىلىق ئازلىغانلىقىدىن خۇشال بولىدۇ. راھۇل دەل مۇشۇ پەيىتتە كىرەننىڭ ئۆيىدىكىلىرى بىلەن دوست بولىدۇ، تېخى ئۇلارنىڭ خۇشاللىقىغا جۆر بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن سۇنىل بىلەن كىرەننىڭ شىۋىتسىيەگە كەتكەنلىكى ئاشكارا بولىدۇ.

شۇنىڭ بىلەن راھۇل شىۋىتسىيەگە بارىدۇ. ئاندىن ناھايىتى ئۇستىلىق بىلەن سۇنىل بىلەن كىرەن بىر زىياپەتتە ئۇسسۇل ئويناۋاتقاندا يالغاندىن ئۇلارنى ئۇچرىتىپ قالغان بولىۋالىدۇ. ئىككەيلەن بەك ھەيران قالغان بولسىمۇ لېكىن يەنىلا ئۇنى قارشى ئالىدۇ.

ئەڭ ئاخىرىدا سۇنىل راھۇلدىن گۇمانلىنىدۇ، راھۇل ئۇنى يارىلاندۇرىدۇ. راھۇل كېمىنى ھەيدەپ كىرەن بىلەن مەجبۇرىي توي قىلماقچى بولىدۇ. سۇنىل كېمىگە چىقىپ، راھۇلغا 3 پاي ئوق ئاتىدۇ، راھۇل ئۆلىدىغان ۋاقىتتا ئاخىرقى قېتىم كىرەننىڭ ئىسمىنى ئاتايدۇ، بۇ قېتىم كېكەچلىمەيدۇ.

 رول  ئارتىس  ئەسكەرتىش
 راھۇل شاھرۇھ خان 
 كىرەن جۇھى چاۋلا 
 سۇنىل  ساننى دېئول 

فىلىم 1994-يىلى Filmfare Award مۇكاپاتىدا ئۈچ تۈردە ئىسمى ئاتالغان.

ياش چوپرا ئەڭ مۇنەۋۋەر رېژىسسورمۇكاپاتىغا ، شاھرۇھخان ئەڭ مۇنەۋۋەر سەلبىي پېرسوناژ مۇكاپاتىغا ،ئانۇپام كېر ئەڭ مۇنەۋۋەر كومېدىيىلىك پېرسوناژ مۇكاپاتىغا نام ئاتالغانىدى ، ئەڭ ئاخىرىدا ئانۇپام كېر مۇكاپاتلانغان.

 ياش چوپرا بۇ فىلىمى ھىندىستان دۆلەتلىك فىلىم مۇكاپاتى تەرىپىدىن  مۇكاپاتلانغان.

شاھرۇھ خان رول ئالغان سەلبىي پېرسوناژلارغىمۇ ئادەمنىڭ ئاسانلىقچە نەپرەتلەنگۈسى كەلمەيدۇ. ئۇنىڭ ئالغان رولىغا قارىغاندا باش پېرسوناژ خېلىلا بىر يەردە قالغان.

ئېيتىلىشىچە، فىلىمدىكى شاھرۇھ خان ئالغان رولنى نۇرغۇن ئارتىسلار رەت قىلىۋەتكەندىن كېيىن ئاندىن شاھرۇھخان ئەڭ مۇنەۋۋەر سەلبىي پېرسوناژ مۇكاپاتىغا ،ئانۇپام كېر ئەڭ مۇنەۋۋەر كومېدىيىلىك پېرسوناژ مۇكاپاتىغا نام ئاتالغانىدى ، ئەڭ ئاخىرىدا ئانۇپام كېر مۇكاپاتلانغان.

 ياش چوپرا بۇ فىلىمى ھىندىستان دۆلەتلىك فىلىم مۇكاپاتى تەرىپىدىن  مۇكاپاتلانغان.

شاھرۇھ خان رول ئالغان سەلبىي پېرسوناژلارغىمۇ ئادەمنىڭ ئاسانلىقچە نەپرەتلەنگۈسى كەلمەيدۇ. ئۇنىڭ ئالغان رولىغا قارىغاندا باش پېرسوناژ خېلىلا بىر يەردە قالغان.

ئېيتىلىشىچە، فىلىمدىكى شاھرۇھ خان ئالغان رولنى نۇرغۇن ئارتىسلار رەت قىلىۋەتكەندىن كېيىن ئاندىن شاھرۇھخانغا كەلگەن ئىكەن.



ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#