قوناق ئۇنى چۆچۈرىسى
قوناق چۆچۈرىسى يۇمشاق قوناق ئۇنى ، قارىمۇچ ، قوينىڭ لوق گۆشى، پىننە ، چاۋا ياغ ، پەمىدۇر ، پىياز ، تۇز ، چامغۇر قاتارلىقلارنى ماتېرىيال قىلىدۇ .
تەييارلاش ئۇسۇلى ئادەتتە ئائىلىلەردە ئېتىلىدىغان چۆچۈرە بىلەن ئوخشاش .
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
1.گۆش ۋە 70 گرام چاۋا ياغنى قوناقتەك چوڭلۇقتا توغراپ، ئۇنىڭغا ئىسسىق سۇ، مۇۋاپىق تۇز قۇيۇپ ئارىلاشتۇرىمىز(گۆش ئۆز ئېغىرلىقىنىڭ يېرىم نىسبىتى بويىچە سۇ يەيدۇ) .
ئاندىن ئۇنىڭغا ئۇششاق چانالغان پىيازنى، قارىمۇچنى ئارىلاشتۇرۇپ قىيما تەييارلىنىدۇ.
2. قوناق ئۇنىغا تۇز ۋە قايناق سۇ قۇيۇپ خېمىر يۇغۇرۇپ، 20 گرام چوڭلۇقتا زوۋۇلا ئۈزۈپ، ئاندىن ئوتتۇرىسىدىن كاۋاك ئېچىپ تەييارلانغان قىيمىدىن سېلىپ تۈگۈپ، قوناق چۆچۈرىسى تەييارلىنىدۇ.
3. قازانغا سۇ قۇيۇپ، 70 گرام چاۋا ياغنى ئۇششاق توغراپ سېلىپ، قاينىغاندا توغرالغان چامغۇر ۋە پەمىدۇرنى سېلىپ 10 12 مىنۇت قاينىتىپ تەييارلانغان چۆچۈرىنى سېلىپ، پەس ئوتتا سىم-سىم قاينىتىپ پىشۇرۇلىدۇ.
4. ئاش پىشقاندىن كېيىن پىننە سېلىپ ئىككى-ئۈچ مىنۇت تۇرغۇزۇپ قاچىلارغا ئۇسىمىز. جەنۇبىي شىنجاڭدا قىش كۈنلىرى كۆپ ئېتىلىدۇ. ئىچىشلىك بولىدۇ.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.