خې جۇچياڭ

1986-يىلى  5-ئايدىن  1989-يىلىغىچە خې جۇچياڭ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ بەش قېتىم  52 كىلوگرام دەرىجىلىكلەرنىڭ ئېغىرلىق كۆتۈرۈش ئۈچ تۈرىدىكى دۇنيا رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلىغان ھەمدە ئىككى قېتىم مۇشۇ دەرىجىلىكلەرنىڭ تىك كۆتۈرۈش دۇنيا چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈرگەن.

ئۇيغۇرچە ئىسمى خې جۇچياڭ
مىللىتى خەنزۇ
تۇغۇلغان ۋاقتى 1967-يىل
تەنھەرىكەت تۈرى ئېغىرلىق كۆتۈرۈش
دۆلەت تەۋەلىكى جۇڭگو
يۇرتى گۇاڭدۇڭ
كەسپى تەنھەرىكەتچى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

خې جۇچياڭ 1967-يىلى گۇاڭدۇڭ جۇشەندىكى بىر ئاددىي دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. تۇرمۇش غورىگىل بولغاچقا، كىچىكىدىنلا ئائىلە ئىشلىرىغا ياردەملەشكەن. جاپالىق تۇرمۇش ئۇنىڭدا جاپا-مۇشەققەتكە چىداش پەزىلىتىنى يېتىلدۈرگەن. 1980-يىلى نەنخەي ناھىيىلىك ئۆسمۈرلەر تەنتەربىيە مەكتىپىنىڭ ترېنېرى 13 ياشلىق خې جۇچياڭنى تاللىۋالغان، تۆت يىلدىن كېيىن گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك ئېغىرلىق كۆتۈرۈش كوماندىسىغا تاللانغان. تۇغما شارائىتى ياخشى بولمىغاچقا، خې جۇچياڭ ئۆلكىلىك كوماندىغا ئۈچ كىرىپ ئۈچ چىققان. 1983-يىلى يەنە قايتۇرۇۋېتىدىكەن دېگەن گەپنى ئاڭلاپ، شۇ ھامان ترېنېرنى ئىزدەپ تېپىپ، تىزلىنىپ تۇرۇپ قەسەم بېرىپ: «مەن ئۆلسەممۇ ئېغىرلىق كۆتۈرۈش سۇپىسىدا ئۆلىمەن» دېگەن. ترېنېر تەسىرلىنىپ ئۇنى ئېلىپ قالغان. خې جۇچاڭ بۇ قىممەتلىك پۇرسەتنى ئالاھىدە قەدىرلەپ، بېرىلىپ جاپالىق مەشىق قىلىپ، ھەمىشە كۆز يېشى ۋە قان-تەرىنى ئېقىتىپ تۇرۇپ بوغۇملىرىنى بېسىپ، سىقىش كۈچىنى ئاشۇرغان. ئۇ ئادەتتىكى ئادەملەردىن نەچچە ھەسسە ئارتۇق ئەجىر سىڭدۈرۈپ، ئاران دېگەندە ئۆلكىلىك كوماندىدا پۇت دەسسەپ تۇرالىغان. ئادەتتىن تاشقىرى تاۋلىنىش ئارقىسىدا، 

ئۇ بىرقانچە يىللىق قىسقىغىنا ۋاقىت ئىچىدە ئادەتتىن تاشقىرى نەتىجىلەرگە ئېرىشكەن. مەملىكەتلىك رېكورت، مەملىكەتلىك چېمىپيون، ئاسىيا رېكورتى، ئاسىيا چېمپىيونى، دۇنيا رېكورتى، دۇنيا چېمپىيونلۇقىدەك بىر قاتار شەرەپلىك ھالقىلارغا خې جۇچياڭنىڭ ئىسمى يېزىلغان. ئۇ  1987-يىلى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ دۇنيا بويىچە «ئون مۇنەۋۋەر»، ئاسىيا بويىچە «ئون مۇنەۋۋەر»، مەملىكەت بويىچە «ئون مۇنەۋۋەر» تەنھەرىكەتچى بولۇپ باھالانغان.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#