بالىلارنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىش كەيپىياتى

بالىلارنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىش كەيپىياتى

بالىلارنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىش كەيپىياتى بولسا بالىلارنىڭ پسىخىكىسىنىڭ تەرەققىي تەڭپۇڭ ھالەتتىكى مەزگىلى بولۇپ، بۇ ۋاقىتتا بالىلارنىڭ ئۆزىنى ئاساس قىلىش ئېڭى كۈچەيگەن ۋاقىت بولۇپ، باشقىلارغا قارشى تۇرۇشنى ياخشى كۆرىدۇ. بالىلاردا يۇقىرىقى ئىپادىلەر بايقالسا، بۇ ئۇنىڭ ئاللىقاچان «قارشىلىق كۆرسىتىش باسقۇچ» قا كىرىپ بولغانلىقنىڭ ئىپادىسى، پسىخولوگلار بۇ ئادەم ھاياتىدىكى «بىرىنچى قېتىملىق قارشىلىق كۆرسىتىش باسقۇچى» دەپ ئاتىشىدۇ.

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

بالىلارنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىش كەيپىياتىنۇرغۇنلىغان ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنىڭ تەخمىنەن ئىككى يېرىم ياشقا كىرگەندە ئەسلىدىكى مۇلايىم، گەپ ئاڭلايدىغان بالىنىڭ تۇيۇقسىز جاھىل بولۇپ قالغانلىقىنى، قىلما دېگەن ئىشنى قەستەن قىلىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭغا ئېلىپ بەرمىگەن نەرسىنى يىغلاپ، قەغىش قىلىپ تۇرۇپ ئالغۇزىدىغانلىقىنى بايقىشىدۇ. ئۈچ ياشقا كىرەي دېگەندە بالىلارنىڭ بۇ خىل قارشىلىق كۆرسىتىش كەيپىياتى بارغانسېرى روشەن ئىپادىلىنىدۇ، بۇ ئىككى-ئۈچ ياشلىق بالىلارنىڭ پسىخىكىسىنىڭ تەرەققىي تەڭپۇڭ ھالەتتىكى مەزگىلى بولۇپ، بۇ ۋاقىتتا بالىلارنىڭ ئۆزىنى ئاساس قىلىش ئېڭى كۈچەيگەن ۋاقىت بولۇپ، باشقىلارغا قارشى تۇرۇشنى ياخشى كۆرىدۇ. باشقىلارنىڭ ئۆزىنىڭ ئىشىغا ئارىلىشىشىنى، بولۇپمۇ چوڭلارنىڭ ئارىلىشىشىنى ياخشى كۆرمەيدۇ. چوڭلار ئارىلاشقاندا تىنچسىزلىنىپ، بىئارام بولىدۇ، ھەتتا قاتتىق يىغلاپ توختىمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە كەيپىياتنىڭ ئۆزگىرىشى ناھايىتى تېز بولۇپ، ناھايىتى تېز ئاچچىقلىنىدۇ، ئەگەر بالىلاردا يۇقىرىقى ئىپادىلەر بايقالسا، بۇ ئۇنىڭ ئاللىقاچان «قارشىلىق كۆرسىتىش باسقۇچ» قا كىرىپ بولغانلىقنىڭ ئىپادىسى، پسىخولوگلار بۇ ئادەم ھاياتىدىكى «بىرىنچى قېتىملىق قارشىلىق كۆرسىتىش باسقۇچى» دەپ ئاتىشىدۇ. ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ بۇ خىل قارشىلىق كۆرسىتىشىگە ئارتۇقچە ئەنسىرەپ، جىددىيلىشىپ كەتمىسىمۇ بولىدۇ. پەقەت بالىنىڭ نېرۋا، پسىخىكا جەھەتتىكى يېتىلىش جەريانىدا چوقۇم بېسىپ ئۆتىدىغان جەريان ئىكەنلىكىنى بىلىۋېلىشى كېرەك. بۇ بالىلارنىڭ مۇستەقىللىق خاراكتېرى ۋە مىجەزىنىڭ شەكىللىنىشىدىكى ئاساسلىق ئىپادىلەر بولۇپ، ئاتا-ئانىلار بۇ ئىشتىن خۇشاللىق ۋە پەخىرلىنىش ھىس قىلسا بولىدۇ.

بالىلارنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىش كەيپىياتىبالىلارنى بۇ خىل قارشىلىق كۆرسىتىش كەيپىياتى ۋە ھەرىكىتىگە قارىتا ئاتا-ئانىلار توغرا بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلىنى قوللانسا، بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ناھايىتى پايدىلىق.

1. يولسىز بولغان ھەرىكەت ۋە تەلەپكە قارىتا سەۋرچانلىق بىلەن چۈشەندۈرۈش ۋە تەربىيە بېرىش كېرەك، كۆپىنچە ئەھۋالدا سۆز بىلەن قايىل قىلغاندا غەلىبە قازانغىلى بولىدۇ.

2. ئاشۇ ۋاقىتتا سۆز بىلەن قايىل قىلىشنىڭ ئۈنۈمى بولمىسا، ئەگەر بالا يىغلاپ توختىمىسا، ئۇنداقتا «سوغۇق قانلىق بىلەن بىر تەرەپ قىلىش» ئۇسۇلىنى قوللانسا بولىدۇ. بالا يىغلاۋەرسىمۇ، ھېچقانداق ئىش بولمىغاندەك ئولتۇرسا، بالا يىغلاشنىڭ ئۈنۈمى بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلىدۇ.

3. بالىنىڭ قىزىقىشى ۋە دىققىتىنى باشقا نەرسىگە بۇراش كېرەك. بالىنىڭ دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرۈشى ۋاقىتلىق بولۇپ، ناھايىتى تېزلا دىققىتى چېچىلىپ كېتىدۇ. بۇ خىل ئۇسۇلنى قوللانسا، ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، بالىنىڭ ئانچە مۇھىم بولمىغان تەلىپىنى قاندۇرۇپ قويسىمۇ بولىدۇ، بۇنداق بولغاندا بالا ئاتا-ئانىسىنىڭ كۆيۈنۈشىنى ھېس قىلىدۇ. بالىنىڭ غۇرۇرى ۋە ئۆز-ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىنى كۈچەيتكىلى بولىدۇ. 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#