ھەربىي خەرىتە
ئارمىيىنىڭ ئۇرۇش قىلىشى خەرىتىدىن ئايرىلالمايدۇ، بەزىلەر خەرىتىنى «ھەربىي يۈرۈشتىكى ئۈنسىز يول باشلىغۇچى» ، «ئارمىيىنىڭ كۆزى» گە ئوخشىتىدۇ.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ھازىرقى زامان ئۇرۇشىدا، خەرىتە ئارمىيىنىڭ جەڭ قىلىش ۋە جەڭگە قوماندانلىق قىلىشىدا كەم بولسا بولمايدىغان قورالىغا ئايلاندى. 2-دۇنيا ئۇرۇشىدا، ئەنگلىيە-ئامېرىكا بىرلەشمە ئارمىيىسى نورماندىيە جېڭىدە قۇرۇقلۇق ئارمىيىسى ئۈچ گۇرۇپپىۋى ئارمىيىسىنىڭ30 دىۋىزىيىسى، دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ5000 دىن ئارتۇق پاراخوتى، 12 مىڭ800 دىن ئارتۇق ئايروپىلانى، تەخمىنەن2 مىليون ئادىمى بولۇپ، 3000 خىلغا يېقىن، جەمئىي70 مىليون نۇسخا خەرىتە ئىشلەتكەن. ئامېرىكا ئارمىيىسى چاۋشيەنگە تاجاۋۇز قىلغاندا، 1-ئېيىدا4 دىۋىزىيە قۇرۇقلۇققا چىقىپ جەڭگە قاتنىشىپ، 10 مىليون پارچە خەرىتە ئىشلەتكەن، بۇ1-دۇنيا ئۇرۇشىدىكى بارلىق خەرىتىلەرنىڭ سانىدىنمۇ كۆپ. بۇ ھازىرقى زامان ئۇرۇشىدا يەر شەكلى خەرىتىسى رولىنىڭ بارغانسېرى مۇھىملاشقانلىقىنى، ئىشلىتىلىش دائىرىسىنىڭمۇ بارغانسېرى كېڭەيگەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.
قوشۇنلاردا ئىشلىتىلىدىغان ھەربىي خەرىتە ئادەتتىكى خەرىتىلەرگە ئوخشايدۇ ھەم ئۇنىڭدىن پەرقلىنىدۇ. ھەربىي خەرىتىدە، ئاساسەن، جەڭگە ئېھتىياجلىق، جۈملىدىن، تۈرلۈك يول، دەريا-ئېقىن، كۆۋرۈك؛ تۈرلۈك يەر شەكلى ماتېرىياللىرى، مەسىلەن، تاغ، ئېدىر، تۈزلەڭلىك، قۇملۇق، يايلاق، سازلىق قاتارلىقلار بەلگىلىنىدۇ. قوشۇنلار خەرىتىگە تايىنىپ يۆنىلىشكە ھۆكۈم قىلىدۇ، يۈرۈش لىنىيىسى ۋە توختاش نۇقتىسىنى بېكىتىدۇ، خەرىتىگە ئاساسەن، يەر شەكلىنى تەھلىل قىلىپ، ئىستراتېگىيە ۋە تاكتىكىلارنى تۈزىدۇ، جەڭنى ئورۇنلاشتۇرىدۇ. قوشۇنلار ھەربىي خەرىتىدىن ئايرىلىپ قالسا، كۆزىدىن ئايرىلىپ قالغان ئەماغا ئوخشاپ قالىدۇ.
قۇياش ۋە قول سائىتى
ئادەتتىكى ئەھۋالدا ۋاقىت ئاۋۋال نۇقتىغا يەتكەندە قۇياش شەرق؛ سائەت 12 دە قۇياش دەل جەنۇبتا؛ سائەت 18 دە قۇياش غەربتە. مۇشۇ خىل قانۇنىيەت بويىچە بولغاندا تەخمىنىي جاينىڭ يۆنىلىشىگە باھا بېرىشكە بولدۇ. قاپىيىلەشتۈرۈلگەن قائىدىدە بولسا سائەت سانى قۇياشنىڭ يېرىم چۈشۈش (ھەر كۈنى 24 سائەت بويىچە ھېسابلىنىدۇ)، 12 باش ھەرپى شىمالنى. مەسىلەن: ھازىرچۈشتىن كىيىن 14 تىن 40 مىنۇت قۇياشقا توغرلىغاندا 7 دىن 20 مىنۇت بۇلۇشى كېرەك. 12 باش ھەرپ ئورنى كۆرسەتكۈچىنىڭ ئىسترېلكىسى شىمال تەرەپنى كۆرسىتىدۇ.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
بەيدۇ قامۇسى
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.