جۇ رۇڭجى

جۇ رۇڭجى

 1928-يىلى 10-ئايدا تۇغۇلغان، خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ چاڭشا شەھىرىدىن، 1949 - يىلى 10 جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى گە كىرگەن، 1948 -يىلى 12-ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى ئېلېكتىر ماشىنىلىرى ئېلېكتروماشىنىسازلىق كەسپىنى پۈتتۈرگەن، ئالىي مەكتەپ مەلۇماتىغا ئىگە، ئالىي دەرىجىلىك ئىنژېنېر. ئىلگىرى 14 - نۆۋەتلىك، 15 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گۇۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. 

ئۇيغۇرچە ئىسمى جۇ رۇڭجى
دۆلەت تەۋەلىكى جۇڭگو
يۇرتى خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ چاڭشا شەھىرى
پۈتتۈرگەن مەكتىپى چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى
خەنزۇچە ئىسمى 朱镕基
مىللىتى خەنزۇ
تۇغۇلغان ۋاقتى 1928-يىلى 10-ئاي

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

جۇ رۇڭجى 1947-يىلدىن 1951-يىلىغىچە چىڭخۇا ئۇنىۋىرسىتىتى نىڭ ئېلېكترو ماشىنا ئېلېكتىر كەسپىدە ئوقۇغان. « يېڭى دېموكىراتىك ياشلىرى ئىتتىپاقى » غا قاتناشقان. 

 1951-يىلدىن 1952-يىلىغىچە شەرقىي شىمال ئىشلەپچىقىرىش پىلان باشقارمىسى مۇئاۋىن مۇدىرلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن.

1952-يىلدىن 1958-يىلغىچە دۆلەت پىلان كومىتېتى يېقىلغۇ ئىدارىسىنىڭ، ئۇنىۋېرسال ئىدارە گۇرۇپپا باشلىقى، دۆلەت پىلان كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، مۇئاۋىن باشقارما باشلىقى، ماشىنىسازلىق ئىدارىسى دۆلەت پىلان كومىتېتى ئونىۋېرسال باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان. 

  1958-يىلدىن 1969-يىلغىچەدۆلەت پىلان كومىتېتى  كادىرلىرى ئىشتىن سىرتقى ئوقۇتقۇچىلىقى قىلغان، خەلق ئىگىلىكىنىڭ ئۇنچىرسال ئىدارىسىنىڭ ئېنژىنېرى.   

 1970-يىلدىن 1975-يىلغىچە دۆلەت پىلان كومىتېتى « 7 - ماي » كادىرلار مەكتىپىدە ئەمگەككە قاتناشقان. 

 1975-يىلدىن  1979- يىلىغىچە تۇرۇبا يولى ئىدارىسى ئېلېكترخەۋەرلىشىش نېفىت سانائىتى مىنىستىرلىكى قۇرۇلۇش شېركىتى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، مۇئاۋىن مۇدىرى ئىنژېنېرى، جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادىمىيەسى سانائەت ئىگىلىكى تەتقىقات ئورنىنىڭ ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى. 

 1979-يىلىدىن 1982-يىلىغىچە  دۆلەت ئىقتىساد كومىتېتى يېقىلغۇ ئىدارىسىنىڭ باشقارما باشلىقى، ئۇنۋېرسال ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان.

1982-يىلىدىن 1983-يىلىغىچە دۆلەت ئىقتىسادىي كومىتېتى تېخنىكا ئۆزگەرتىش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى، دۆلەت ئىقتىساد كومىتېتى ئەزاسى. 

 1983-يىلىدىن 1985-يىلىغىچە  ئىقتىسادىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى.   

1985-يىلدىن 1987-يىلىغىچە دۆلەت ئىقتىسادىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، پارتگۇرۇپپىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان. 

1987-يىلىدىن 1991-يىلىغىچە شاڭخەي شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شەھەر باشلىقى، شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى بولغان. 

 1991 -يىلىدىن 1992-يىلىغىچە گۇۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى قوشۇمچە ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، قوشۇمچە گوۋۇيۈەننىڭ ئىقتىساد، سودا ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى. 

 1992 - يىلى 10-ئايدا 14 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيوروسىنىڭ ئەزاسى، دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان. 

 1993 - - يىلى 3-ئايدا مەملىكەتلىك 8 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى يىغىندا، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىلىقىغا تەيىلەندى.  

 1993-يىلى 6-ئايدىن 1995-يىلى 6-ئايغىچە جۇڭگو خەلق بانكىسىنىڭ باشلىقلىقىنى قوشۇمچە ئۈستىگە ئالغان. 

 197-يىلى 9-ئاينىڭ 19-كۈنى ج ك پ 15 - نۆۋەتلىك 1 - ئومۇمىي يىغىنىدا سايلانغان مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى. 

 1998 - يىلى دۆلەت پەن - تېخنىكا مائارىپ رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى بولدى. 

1998-يىلدىن 2003-يىلىغىچە گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى بولغان. 

  1998 - يىلى 4-ئايدا قوشۇمچە دۆلەت ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتى كومىتېتىنىڭ مۇدىرلىقىغا، 5 - ئايدا گوۋۇيۈەن قوشۇمچە سەنشيا قۇرۇلۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى بولغان.

جۇ رۇڭجى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 13 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كاندىدات ئەزاسى، 14 -، 15 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولغان.

ئاساسلىق ئەسىرى

 «جۇ رۇڭجى مۇخبىرنىڭ سوئالىغا جاۋاپ بەردى » دېگەن كىتابى خەلق نەشىرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنىپ پۈتۈن مەملىكەتتە ئاشكارە تارقىتىلىدى. 

 بۇ كىتاپقا يولداش جۇ رۇڭجىنىڭ گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، زۇڭلى بولغان مەزگىلدە، جۇڭگو ۋە چەتئەللىك مۇخبىرلارنىڭ سۇئاللىرىغا ۋە چەتئەلدە ئېلان قىلغان بىر قىسىم نۇتۇقلىرى كىرگۈزۈلگەن. مەزمۇنى 4 قىسىمغا بۆلۈنگەن. 9 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5 - قېتىملىق يىغىنى چەتئەللىك مۇخبىرلارنىڭ سۇئالىغا جاۋاب بەردى، چەت ئەل مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، چەتئەلدە ئېلان قىلغان نۇتۇق ھەمدە سۇئاللىرىغا جاۋاب بەردى مۇخبىر تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىغا ئەگىشىپ، زىيارەتكە چىققاندا شياڭگاڭلىق مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى. كىتابىدا كۆپ قىسىم مەزمۇنى دۆلەت ئىچىدە تۇنجى قېتىم ئاشكارە ئېلان قىلىنغان. 

 بۇ كىتاپ ئىقتىساد، سىياسىي، مەدەنىيەت، جەمىيەت، دىپلوماتىيە قاتارلىق ساھەلەرگە چېتىلىدۇ، مەزمۇنى مول ۋە تەپسىلىي.  يولداش جۇ رۇڭجى سوئال - جاۋاب ئارقىلىق، نەزەرىيىلەرنىڭ يېشىلىشى بولۇپ جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ئىقتىسادى تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چۇڭقۇرلاشتۇرۇشىنى قاراتمىلىق ھالدا شەرھىلىدى، ماكرولۇق تەڭشەشنى كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، ئاسىيا پۇل مۇئامىلە كىرزىسىگە تاقابىل تۇرۇش، جۇڭگونىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرىشى، ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ ۋە دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بولغان سودا ھەمكارلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشى قاتارلىق جەھەتلەردىكى فاڭجىن سىياسەتلىرىنى، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئىسلاھات ئىچىۋىتىشىنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرىۋاتقانلىقىنى جانلىق ئەكس ئەتتۈرۈپ مۇكەممەللەشتۈرۈشىمىز، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسىنى بەرپا قىلىپ، ئىلگىرى سۈرۈش، خەلق ئىگىلىكىنىڭ سىجىل، تېز، ساغلام تەرەققىي قىلىۋاتقانلىقىدەك تارىخى مۇساپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش. 

«جۇ رۇڭجى مۇخبىرنىڭ سوئالىغا جاۋاپ بەردى » كىتاب، ئۈن – سىن ماتېرىياللىرى، يازما خاتىرىدىن تۈزۈلگەن بولۇپ، جەمئىي 60 قىسىم، تەخمىنەن 360 مىڭ خەت، 85 پارچە سۆرەت كىرگۈزۈلگەن.[0]    

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/view/1841.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#