كاراكاس
كاراكاس جەنۇبىي ئامېرىكىنىڭ شىمالىي قىسمىغا جايلاشقان ۋېنېسۇئېلا جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى. دۆلەتنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت مەركىزى.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
كاراكاس جەنۇبىي ئامېرىكىنىڭ شىمالىي قىسمىغا جايلاشقان ۋېنېسۇئېلا جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى. دۆلەتنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت مەركىزى. بۇ شەھەر دېڭىز قىرغاق تاغ تىزمىلىرىنىڭ كاراكاس ۋادىسىغا، ئاۋىلا تېغىنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىگە جايلاشقان. كاراكاس شەھىرى بىلەن ئۇنىڭ سىرتقى پورتى لاگوئايرانىڭ ئارىلىقى 11 كىلومېتىر كېلىدۇ. كاراكاس شەھىرىنىڭ ئاھالىسى 4 مىليون 237 مىڭدىن ئاشىدۇ(1984) .
بۇ شەھەر ۋېنېسۇئېلانىڭ ئەڭ چوڭ سانائەت ھەم يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش رايونى بولۇپ، يېمەك-ئىچمەك، توقۇمىچىلىق، خىمىيە، مېتاللۇرگىيە، ئاپتوموبىل قۇراشتۇرۇش، قۇرۇلۇش، بىناكارلىق قاتارلىق سانائەتلەرنى ئاساس قىلىدۇ. شەھەرنىڭ ئەتراپىدا يېزا ئىگىلىك تەرەققىي قىلغان. كاراكاس شەھىرىنىڭ قۇرۇلۇشى زامانىۋى، شەھەردە ئاتاقلىق مەيدانلار، باغچىلار، مۇزېيلار، 1721-يىلى قۇرۇلغان ۋېنېسۇئېلا مەركىزىي داشۆسى قاتارلىق ئالىي مەكتەپلەر، خەلقئارا ئايرودرومى قاتارلىق ئورۇنلار بار.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
بەيدۇ قامۇسى
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.