گۈڭگۈرت
گۈڭگۈرت «sulfur» خىمىيەلىك ئېلېمېنت، ئېلېمېنت بەلگىسى S ، ئاتوم رەت نومۇرى 16.
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
گۈڭگۈرت «sulfur» خىمىيەلىك ئېلېمېنت، ئېلېمېنت بەلگىسى S ، ئاتوم رەت نومۇرى 16.
گۈڭگۈرت سېرىق رەڭلىك كرىستال ماددا بولۇپ، قىيپاش چاسا گۈڭگۈرت ، يەككە يانتو ۋە ئېلاستىك گۈڭگۈرت قاتارلىقلار بار. گۈڭگۈرت ئېلېمېنتى تەبىئەتتە گۈڭگۈرت كىسلاتا تۇزى ياكى گۈڭگۈرتلەشكەن ماددا شەكلىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ.
گۈڭگۈرت ئادەم بەدىنىدىكى ئاقسىلنى تەشكىل قىلغۇچى مۇھىم ئېلېمېنت بولۇپ، ئادەمنىڭ ھاياتلىق پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. گۈڭگۈرت ئاساسلىقى ئوغۇت، مىلتىق دورىسى، سىلىقلاشتۇرغۇچ، ھاشارات يوقىتىش دورىسى ۋە زەمبۇرۇغقا قارشى دورىلارنى ياساشتا ئىشلىتىلىدۇ. گۈڭگۈرت سۇدا ئاسان ئېرىمەيدۇ ، ئېتىل ئالكوگولدا ئازراق ئېرىيدۇ، ئاممىياكلاردا ئاسان ئېرىيدۇ .
ئادەم بەدىنىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، تەبىئىي گۈڭگۈرت زەھەرسىز، زىيانسىز بولىدۇ، بىراق سۇيۇق سۇلفات كىسلاتاسى، سۇلفات، گۈڭگۈرت كىسلاتا تۇزلىرى، گۈڭگۈرت بىرىكمىسى قاتارلىقلار ئۆتكۈر زەھەرلىك بولىدۇ، قويۇق سۇلفات كىسلاتاسى ئادەم بەدىنىدىكى تېرىنى چىرىتىۋېتەلەيدۇ.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.