ئەزالارنى ئاسراش

ئەزالارنى ئاسراش
ئەزالارنى ئاسراشنىڭ ھەر خىل ئۇسۇللىرى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

كۆزنىڭ سالامەتلىكىنى ساقلاش ئۈچۈن، بەك ئاق، پارقىراپ تۇرغان ۋە نۇر چېچىپ تۇرغان نەرسىلەرگە − كۈننىڭ ئۆزىگە ۋە چوڭ لامپا چىراغ، قار قاتارلىق نەرسىلەرگە كۆپ قارىماسلىق؛ توپا − چاڭ، تۈتۈن، ئاچچىق بۇس − بۇخارلارنىڭ كۆزگە كىرىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش؛ بولۇپمۇ تاش پارچىلىرى، تاش كۆمۈر ئۇچقۇنلىرىدىن ئېھتىيات قىلىش؛ پاشا، كۇمۇتا ۋە باشقا نەرسىلەرنىڭ كۆزگە كىرىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش لازىم. بەك ئۇششاق خەت، ئۇششاق رەقەملەرگە ئۇزاق قاراش كۆزگە ناھايىتى زىيانلىق. كۆپ يىغلاش، كۆپ ئۇخلاش ياكى ئۇزاق ۋاقىت ئۇخلىماسلىق، ئاپتاپتا ئۇزۇن يۈرۈش، كۈن تۇتۇلغاندا، ئاي تۇتۇلغاندا ئۇلارغا قاراش، كەپشەرلەش سايمىنىدىن چىققان نۇرغا قاراش قاتارلىق ئىشلاردىن ساقلىنىش زۆرۈر. ئىلاجى بولسا سارغۇچ رەڭلىك، كۆك رەڭلىك ئەينەك تاقىۋېلىش لازىم. ماشىنا ۋە ھەرىكەتلىك نەرسىلەردە كېتىۋېتىپ خەت ئوقۇماسلىق، خىرە يورۇقلۇق ئاستىدا خەت ئوقۇماسلىق كېرەك. مەكتەپ سىنىپلىرىنىڭ يورۇقلۇقى يېتەرلىك بولۇشىغا، يورۇقلۇقنىڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ سول قول تەرىپىدىن چۈشۈشىگە قەتئىي دىققەت قىلىش لازىم. ئۆتكۈر سوغۇق ۋە ئىسسىق ھاۋانىڭ بىۋاسىتە كۆزگە تەسىر قىلىشتىن ساقلىنىش لازىم. ئۆتكۈر پۇراقلىق نەرسىلەرنى داۋاملىق ئىستېمال قىلىش، جىنسىي ئالاقىنى زىيادە قىلىش، ھاراق، تاماكا ۋە سۈرلەنگەن گۆشلەرنىڭ ھەممىسى كۆزنىڭ ساقلىقىغا زىيان يەتكۈزىدۇ. كۆزنى قاتتىق ئۇۋلىماسلىق، قاراڭغۇدىن يورۇقلۇققا دەرھال چىقماسلىق، بەك تۇزلۇق تاماقلاردىن ۋە قېنىق چاي، ئۆتكۈر چاي دورىلىرىنى داۋاملىق ئىستېمال قىلىشتىن ئېھتىيات قىلىش لازىم. يېشىل سەبزىزارلىقلارغا قاراش كۆزگە پايدىلىق دېيىلسىمۇ، لېكىن داۋاملىق قاراش يەنىلا زىياندىن خالى ئەمەس. گۈزەل مەنزىرىلەرگە سۈزۈك ئېقىن سۇغا قاراش كۆز ئۈچۈن پايدىلىق. ئەڭ ياخشىسى سۈزۈك سۇغۇق سۇغا شۇڭغۇش ۋە ئۇنىڭ ئىچىدە كۆزنى ئېچىشنى ئادەت قىلىش پايدىلىق. ئادەتتە، كۆزنىڭ مىزاجى ھۆل ئىسسىق بولۇپ، قۇرۇق سۇغۇق نەرسىلەر پايدا قىلىدۇ.

 (1) نۇرنىڭ يۇرۇقلۇق دەرىجىسگە دىققەت قىلىش كېرەك. كۈچلۈك، ئۆتكۈر يۇرۇقلۇقتىن ساقلىنىش، يەنى رىنتىگىن نۇرى، لازى نۇرى، ئولتۇرا بىنەپشە نۇرلاردىن ساقلىنىش لازىم. ئادەتتە بىر ئىككى مېتىر ئارلىقتا كۆزگە چۈشىدىغان نۇر 40 ۋاتتىن ئېشىپ كەتمەسلىگى لازىم. ئەگەر كۈچلۈك نۇردىن ساقلانمىغاندا، ئۇ ئاق ئاقسىل ۋە V1Aنىڭ بىرىكىشىنى توسۇپ قويىدۇ.

(2) كۆزنىڭ تازىلىقىغا دىققەت قىلىش لازىم. پاسكىنا نەرسىلەربىلەن كۆزنى سۈرتمەسلىك، ئۇۋلىماسلىق لازىم.

 (3) مەلۇم يۇرۇقلۇق ئاستىدا يۇرۇقلۇق دەرىجىسىگە دىققەت قىلىش، بولۇپمۇ ئىلىكتىر يۇرۇقى بىلەن ياكى چىراق يۇرۇقى ئاستىدا كۆزنىڭ كۆرۈش بولۇڭى°30 -°80 گىرادۇس ئەتراپىدا بولۇش كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا يېزىقچىلىق قىلغاندا ياكى ماتىرىيال كۆرگەندە ھەر يېرىم سائەتتە ياكى بىر سائەتتە بىر قېتىم كۆزنى ئارام ئالدۇرۇش كېرەك.

(4) ئىسسىق - سوغۇق كەيپىياتنىڭ زىيادە تەسىرىدىن زىيادە تەسىرىدىن ساقلىنىش لازىم. ئىسسىقلىق كەيپىيات كۆزنىڭ قىل قان تومۇرلىرىدا قان تولۇش خارەكتىرلىك كۆرۈش سېزىمى ئاجىزلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، سوغۇق كەيپىيات قان تومۇرلارنىڭ تارىيىشى، قان يىتىشمەسلىك خارەكتىرلىك كۆرۈش ئاجىزلىق كىسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇنىڭدەك ئاقسىللىق ۋە ۋىتامىنلىق يىمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستىمال قىلىش كېرەك.

قۇلاق مۇھىم ئەزالارنىڭ بىرى. پاڭ بولۇپ قېلىش كىشلەرگە ناھايىتى ئېغىر ئازاب كەلتۈرىدۇ. بەزىلەر، ھەتتا پاڭلىقتىن كېيىن گاچا بولۇپ قالىدۇ. قۇلاقنى قاتتىق ئاۋازلاردىن، ھاۋانىڭ قاتتىق دولقۇنىدىن، ئۇرۇلۇش، سوقۇلۇشلاردىن ساقلاش لازىم. قۇلاقنىڭ ئاڭلاش پەردىسى ناھايىتى نازۇك بولغاچقا، ئۇ ئاسانلا يىرتىلىپ كېتىپ، پاڭلىق ياكى ئۇزاققىچە ساقايمايدىغان قۇلاق ياللۇغلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. قۇلاقنىڭ ئىچىگە توپا − چاڭ، قۇم، سۇ ۋە ھاشاراتلار كىرىپ قېلىشتىن ساقلىنىش، ئايروپىلان ۋە ئېگىز جايلارغا چىققاندا قۇلاققا پاختا تىقىۋېلىش شىددەتلىك قاتتىق ئاۋازلار، توپ ئاۋازى ئاڭلانغاندا قۇلاقنى قولدا توسۇپ، ئاغزىنى ئېچىپ تۇرۇش كېرەك. بۇنداقتا قۇلاق ئىچكى بېسىمى تۆۋەنلەيدۇ. قۇلاققا كىر توشۇپ قالغاندا ناھايىتى ئېھتىيات بىلەن تازىلاپ تۇرۇش مۇمكىن. لېكىن قۇلاقنى ھەرخىل ياغاچ، مېتال ۋە پاسكىنا نەرسىلەر بىلەن كولىماسلىق لازىم. قۇلاق ئىچى قىچىشقاندا پاختا يۆگەلگەن پىلىكۈچ بىلەن يەڭگىل كولىسا بولىدۇ. قولنى ۋە باشقا نەرسىلەرنى تىقىپ قاتتىق كولاش خەتەرلىك، پاڭ بولۇپ قالماسلىق ئۈچۈن بالىلارنىڭ قۇلاق مۇنچىقىنى سوزماسلىق لازىم. يۇيۇنغاندا قۇلاق ئىچىگە كىرىپ قالغان سۇ ۋە سوپۇن قالدۇقلىرىنى پاكىز پاختا بىلەن تازىلاپ قۇرۇتۇۋېتىش لازىم. قۇلاق ئىچىگە پۈدەش، ۋارقىراش خەتەرلىك. قۇلاق سۇپرىسى ئىسسىق − سوغۇقتىن ئاسان تەسىرلىنىدىغان ۋە ئاسان ئۈششۈپ قالىدىغان بولغاچقا، ئۇنى ئوبدان ئاسراش كېرەك. يېقىملىق ئاۋازلارنى ئاڭلاش، مەسىلەن: ھەرخىل يەڭگىل مۇزىكا ۋە ناخشا ئاۋازلىرى قۇلاقنىڭ ئاڭلاش قۇۋۋىتىنى ئاشۇرۇشقا پايدىلىق.

 (1) قۇلاقنىڭ تازىلىقىغا دىققەت قىلىش كېرەك. قۇلاققا توشۇپ قالغان قۇلاق كىرلىرىنى تازىلاپ تۇرۇش، قالايمىقان كولىماسلىق، قۇلاق سېغىز تىقىلمىسى بولغان ئەھۋالدا ئاستىدا قۇلاقنى تازىلىتىش لازىم.

 (2) ئاڭلاشقا تېگىشلىك بولمىغان غەيرى يۇقۇرى ئاۋازلاردىن ساقلىنىش.

(3) سوغۇقلۇق كەيپىياتقا دىققەت قىلىپ، قۇلاققا نىسبەتەن سوغۇق ئۆتۈپ قېلىشتىن ئالاھىدە ساقلىنىش لازىم.

بۇرۇن ھەر قىسىم پۇراقلارنى سېزىشتىكى مۇھىم ئەزا بولۇپ، ئىسسىق − سوغۇق ياكى قىزىق سۇ ئىشلەتمەسلىك، بەدبۇي پۇراق ۋە ئۆتكۈر پۇراقلاردىن ساقلاش ۋە قول بىلەن كولاپ بۇرۇن شىللىق پەردىلىرىنى زېدىلىمەسلىك لازىم. بۇرۇن بەك قۇرۇپ قالغاندا، ئۇنىڭ ئىچى قاپاق مېغىزى، بادام مېغىزى ياغلىرى ۋە نىلۇپەر يېغى بىلەن ياغلاپ تۇرۇش پايدىلىق. بۇرۇن تۈكىنى يۇلماسلىق ۋە قايچا بىلەن قىرقىماسلىق كېرەك. چۈنكى ئۇلار چاڭ − توزان، جاراسىملارنى تۇتۇپ قېلىش رولىنى ئوينايدۇ، بۇرۇن تۈكىنى يۇلۇش، ھەتتا كۆز ئۈچۈنمۇ زىيانلىق. (1) بۇرۇننىڭ تازىلىقىغا دىققەت قىلىش، بۇرۇن تۈكلىرىنى قالايمىقان يۇلماسلىق، شۇنداقلا بۇرۇن ئىچىنى داۋاملىق يۇيۇپ، چايقاپ تۇرۇش لازىم. بۇنداق بولمىغاندا بۇرۇن ياللۇغى، بۇرۇن ئاقمىسى قاتارلىق ساقىيىشى تەس بولغان كېسەللەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

 (2) ئىسسىق - سوغۇق كەيپىياتقا دىققەت قىلىش، بۇرۇننىڭ مىزاجىنى مۆتىدىل ساقلاش، ئىسسىق - سوغۇق كەيپىياتلارنىڭ زىيادە تەسىرىدىن ساقلىنىش لازىم. سوغۇقلۇق ئېشىپ كەتسە پۇراش سېزىمى تۆۋەن بولىدۇ. ئىسسىقلىق كەيپىيات ئېشىپ كەتسە، بۇرۇن قىل قان تومۇرلىرىنى كېڭەيتىپ، يېرىۋىتىپ بۇرۇن ئىچكى قىسمىدا قاناشنى كەلتإرإپ چىقىرىدۇ.

 (3) بۇرۇنغا قارىتا ھەرخىل پۇراش سېزىملىرىنىڭ زىيادە غىدىقلىنىشىدىن ساقلىنىش، بولۇپمۇ ئۆتكۈر سېسىق پۇراقلىق، ئۆكۈر خۇش پۇراقلىق ياكى ئۆتكۈر غىدىقلىغۇچى قاڭسىق، سېسىق پۇراقلاردىن ساقلىنىش، ئىس- تۇتەك، بۇس- بۇخارالاردىن ساقلانمىغاندا، ئۇ پۇراقلارنىڭ تەركىۋىدە ئالدۇن بولىدۇ. ئالدۇن پارچىلىنىپ باشقىلارغا پارچىلىنىدۇ. ئۇ بولسا زەھەرلىك بولۇپ، پۇراق سېزىمىگە تەسىر يەتكۈزۈپ، پۇراش سىزىمىنى يوق قىلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن زۇكام تىگىش تىز بولىدۇ. ھەم نەپەس خىزمىتىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ. مېڭە ھۈجەيرىلىرىنىڭ جىددىلىگىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئېغىز بوشلۇقىنى ئاسراش: ئېغىز ئىچىنى شۇنىڭدەك تىل، تاماق ۋە يۇتقۇنچاقلارنى ئاسراش لازىم. بەك قىزىق چاي، بەك قىزىق نەرسىلەرنى ئېغىزغا ئېلىۋەرسە ياكى بەك ئۆتكۈر ئاچچىق نەرسىلەرنى چايناپ يەۋەرسە، ئېغىز شىللىق پەردىلىرىنى جاراھەتلەندۈرۈپ ۋە شۆلگەي بەزلىرىنى زەئىپلەشتۈرۈپ قويۇپ، دەسلەپكى ھەزىمگە دەخلى يەتكۈزىدۇ؛ ئېغىزنىڭ تەمنى ئوبدان سەزمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. تاماكا ئىسى ۋە ھەرخىل يېمەكلىكلەرنىڭ قالدۇقلىرى ئېغىز بوشلۇقى ئىچىدە تۇرۇپ قالسا ئوفۇنەت پەيدا قىلىپ، گال ياللۇغى، تىل ۋە تاماق ياللۇغلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئېغىزنى ھەمىشە يۇيۇپ ۋە چايقاپ تۇرۇش كېرەك. ئېغىزنى يۇيۇش ئۈچۈن تۇز سۈيى قاتارلىقلار ياخشى.

(1) ئېغىزنىڭ تازىلىقىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش، تۇز سۇيى، چىش پاستىسى ئارقىلىق چىشنى، ئېغىزنى تازىلاپ تۇرۇش، يىمەك- ئىچمەكلىكلەرنىڭ تازىلىقغا دىققەت قىلش، شاراپ- تاماكۇ قاتارلىقلاردىن ساقلىنىش.

 (2) ئىسسىق- سوغۇق كەيپىياتلارنىڭ زىيادە تەسىر قىلىشىدىن ساقلىنىش لازىم سوغۇق كەيپىيات ئېغىز تىمپىراتۇرسىنى مەزگىللىك تۆۋەنلىتىش ئارقىلىق شۆلگەي ئاجرالمىلىرىنىڭ كىسەللىكتىن مۇداپىئە كۆرۈش ئىقتىدارنى تۆۋەنلەشتۈرۋىتىدۇ. شۇنىڭدەك سوغۇقلۇق ئېشىپ كەتسە تەم سىزىش تۆۋەنلەيدۇ. ئىسسقلىق كەيپىيات تىل ۋە ئېغىز شىللىق پەرىدىلىرىنىڭ نەملىك ئاجرىتىپ چىقىرىشىنى قالايمىقانلاشتۇرىدۇ. شۇنىڭدەك شۆلگەي ئاجىرىتىشىنى زەئىپلەشتۈرۈپ، غىدىقلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ھەمدە ئېغىزنىڭ تەم سېزىش قابىلىيىتىنى ئاشۇرۋېتىدۇ. (3) ھەرخىل تەملىك نەرسىلەرنى ھەم ھەر خىل تەبىئەتلىك نەرسىلەرنى كەينى- كەينىدىن بىرلا ۋاقىتتا ئىستىمال قىلشتىن ساقلىنىش لازىم . بۇنداق بولمىغاندا تىلنىڭ تەم سېزىش ئىقتىدارنى بۇزۇپ، تىلنىڭ سېزىش ئىقتىدارنى توسقۇنلۇققا ئۇچرىتىدۇ. شۇنداقلا شۆلگەي بەزلىرىنىڭ شۆلگەي سۇيۇقلىغى ئاجىرتىپ چىقىرىشنى كەلتۈرۈپ شۆلگەي بېزىنىڭ خىزمىتىنى بۇزىدۇ.

 (4) ئېغىز بىلەن نەپەسلىنىشتىن ساقلىنىش كىرەك. بۇنداق بولمىغاندا نەپەس سىستصمىسىدا ۋە ھەزىم قىلىش سىستىمىسىدا بىر قىسىم كىسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. يەنى بۇغۇز ياللۇغى، بادام بەز ياللۇغى.... قاتارلىقلار كصلىپ چىقىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە خورەك تارتىشتىن ئىبارەت يامان ئادەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

چىشنى ئاسراش ناھايىتى مۇھىم. چىش ياخشى بولمىسا، يېگەن تاماقنىڭ تەمىمۇ ئانچە ئوبدان تېتىمايدۇ ھەم تاماقنىڭ ئېغىزىدا پارچىلىنىشى ۋە بىرىنچى قېتىم ھەزم بولۇش ياخشى بولمىغانلىقى ئۈچۈن، ئاشقازان، ئۈچەيلەردىكى ھەزم خىزمىتىگىمۇ تەسىر يېتىدۇ. چىشلارنى ئاسراش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن ئۇنىڭ تازىلىقىغا قاتتىق رىئايە قىلىش لازىم. تاماقتىن كېيىن چىش ئارىلىقىدىكى تام−اق ق−ال−دۇقىن−ى چىقى−رىپ تاش−لاپ ي−ۇي−ۇپ ت−ازى−لاش، ئەتىگەندە − كەچتە چوتكىلاپ، مىسۋاكلاپ يۇيۇش كېرەك. قاتتىق نەرسىلەرنى كۈچەپ چاينىماسلىق، بادام، ئۆرۈكچە، ياڭاق قاتارلىق نەرسىلەرنى ھەرگىز چىش بىلەن چاقماسلىق لازىم. بۇلار چىشنىڭ ئېمال ماددىسىغا دەز يەتكۈزۈپ، چىشنىڭ بۇزۇلۇشىغا ئېلىپ بارىدۇ. شىرنىلىك نەرسىلەر، ھەسەل، قەنت، ناۋات، ئۈزۈم، مېغىز قاتارلىق نەرسىلەرنىڭ قالدۇقلىرى چىشقا كۆپ زىيانلىقتۇر. بۇلار چىشنىڭ پات چىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇنداق نەرسىلەرنى ئىستېمال قىلىپ بولغاندىن كېيىنلا، دەرھال ئېغىزنى چايقىۋېتىش، بولۇپمۇ بالىلار تاتلىقلارنى يېگەندىن كېيىن ئاغزىنى چايقىۋېتىش ناھايىتى مۇھىم. سۇغۇق نەرسىلەرنى ئېغىزغا ئالغاندىن كېيىنلا قىزىق نەرسىلەرنى ئىچىش چىشنىڭ ساغلاملىقىغا زىيانلىق. چىرىگەن چىشلارنى ۋاقتىدا زاماسكىلىتىش، چىش مىدىرلاپ قالغاندا تۇزلۇق سۇدا چايقاپ تۇرۇش پايدىلىق. ساق چىشلارنى ھەرخىل سۈنئىي بىرىكمە مېتاللار بىلەن قاپلىتىش خەتەرلىك. چۈنكى بۇلار ئادەمنى تەدرىجىي زەھەرلەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن چىشنى قاپلاش زۆرۈر بولغاندا ئالتۇن بىلەن پىلاتىنا ئارىلاشتۇرۇلغان مېتاللار بىلەن قاپلىغان ياخشى.

 (1) تاتلىق يىمەكلىكلەرنى كأپ يىمەسلىك، بولۇپمۇ بالىلىق ۋە ئۆسمۈرلۈك ۋاقىتلىرىدا تاتلىق يىمەكلىكلەردىن ئىمكان قەدەر ساقلىنىش. (2) قاتتىق نەرسىلەرنى چىش بىلەن چاقماسلىق، قاتتىق نەرسىلەنى چېقىش چىشنىڭ ئىمال ماددىسىغا تەسىر يەتكۈزۈپ، چىشنىڭ قوزغىلىشىنى كەلتۈرلۈپ چىقىرىدۇ. ھەمدە چىشنى زەخمىلەندإرإپ چىرىشنى ئىلگىرى سإرىدۇ.

(3) چىش تازىلىقىغا دىققەت قىلىش، چىشنى پاكىزە چوتكىلاپ يۇيۇش لازىم.

(4) يىمەكلىكلەرنىڭ تىمپىراتۇرسىغا دىققەت قىلىش، ئىسسىق- سوغۇق كەيپىياتنىڭ بىرلا ۋاقىتتا تەسىردىن ساقلىنىش لازىم. بۇنداق بولمىغاندا بۇ چىش مىلىكىگە تەسىر يەكۈزىدۇ. ھەم چىش ئاغرىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

(1) تېرىنىڭ تازىلىقغا دىققەت قىلىش لازىم.

(2) ئىسسىق، سوغۇق، قۇرۇق كەيپىياتنىڭ زىيادە تەسىرىدىن ساقلىنىش لازىم.

 (3) تېرىگە زىيادە سېزىمچانلىق پەيدا قىلىدىغان نەرسىلەرنىڭ كۆپلەپ تەسىر قىلىشىدىن ساقلىنىش لازىم. يۈرەكنى ئاسراش: يۈرەك ئىنسان ھاياتى ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم رەئىس ئەزالارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇنىڭ ساغلاملىقى ئادەمنىڭ سالامەتلىكى ئۈچۈن بەكمۇ زۆرۈر. يۈرەك ئىنتايىن سەزگۈر ۋە مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسى بىلەن بەك يېقىن ئالاقىدار ئەزا بولغاچقا، ئىچكى ۋە تاشقى تەسىراتنى ناھايىتى تېز قوبۇل قىلىدۇ. بولۇپمۇ سىرتقى تەسىرات ۋە روھىي كەيپىياتتىكى ئۆزگىرىشلەر مەسىلەن: غەزەپ، خۇشاللىق، غەم − قايغۇ ۋە روھىي زەربىلەر بىۋاسىتە يۈرەككە تەسىر قىلىپ يۈرەكنىڭ فىزىئولوگىيىلىك خىزمىتىگىمۇ دەخلى يەتكۈزىدۇ. ئەگەر يۈرەكنىڭ خىزمىتى بۇزۇلسا، پۈتۈن ئەزالارنىڭ، جۈملىدىن نېرۋا سىستېمىسىنىڭ پائالىيەتلىرىگىمۇ تەسىر يېتىپ، ھەرخىل ئەسەبىي − روھىي كېسەللىك ئەھۋاللىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. روھىي جەھەتتىن دىققەتچىلىك ۋە روھىي زەربىگە ئۇچرىمىغان ئادەملەرنىڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشى شۇنىڭغا باغلىق دېيىلىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن يۈرەكنى قوزغاپ ھەرىكىتىنى تېزلەشتۈرىدىغان ھەرخىل ماددىي ئامىللار ۋە دورا − دەرمەكلەرنى زۆرۈر بولمىغاندا ئىشلىتىشتىن ئېھتىيات قىلىش كېرەك. بەدبۇي پۇراقلار، قاڭسىق تاماقلار ۋە دەھشەتلىك، قورقۇنچلۇق مەنزىرىلەر ۋە ئۇشتۇمتۇت ئۇچرىغان دەھشەتلىك ھادىسىلەر )مەسىلەن: ۋەھشىي ھايۋانلار، ئىتلار، بۆرىلەرنىڭ قورقۇتۇشى( ۋە قاتتىق ئاۋازلارمۇ يۈرەكتە يامان تەسىر قالدۇرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، يۈرەكنى ماددىي ۋە روھىي يامان تەسىراتلارنىڭ ھۇجۇمىدىن ئاسراش لازىم. ھاراق، تاماكا، سېمىز گۆش، ياغ، تۇخۇم سېرىقى قاارلىقلار يۈرەككە سالامەتلىكى ئۈچۈن ياخشى ئەمەس. تاتلىق ئ−ان−ار، ئالما ۋە مېۋە − چىۋىلەر، ۋىتامىنلار يۈرەككە پايدىلىق.

 (1) روھى ئامىللارنىڭ زىيادە قوزغۇتىشىدىن ساقلىنىش لازىم. چۈنكى روھى كەيپىياتنىڭ زىيادە تەسىرى بەدەننى قۇرتىدۇ ھەم سۇغۇتىدۇ. روھىنىڭ تۇلۇقلىنىپ تۇرىشىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ. نەتىجىدە ئادەم بەدىنىدە ئەسەبىي خارەكتىرلىك كەيپىيات زىيادە ئورۇننى ئىگىلەيدۇ. ئاقىۋەتتە قۇۋىتى نەپساننىڭ يۈرەكنىڭ خىزمىتىنى باشقۇرۇپ تۇرۇش خىزمىتىگە تەسىر يىتىدۇ. نەتىجىدە يۈرەك ئېغىش، يۈرەك تىترەش، قورقۇنچاقلىق ھەتتا ئۇشتۇمتۇت ھوشىدىن كېتىش خارەكتىرلىك ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

 (2) بىرلا ۋاقىتتا ئېغىر جىسمانى ھەركەتلەرنى كۈچەپ قىلماسلىق، ئصغىر جىسمايى ھەركەتلەر ھەركەتنىڭ زىيادىلىكىگە كىرىدۇ. زىيادە قىلغان ھەركەت قان تۇمۇلارنى كېڭەيتىپ، نىرۋا ئۇچلىرىنى زىيادە كۈچلۈك غىدىقلاشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ھەمدە يۈرەك رېتېمسىزلىنىش، يۈرەك ئېغىش، چالاڭغۇراش ئەھۋاللىرىنى كېلىپ چىقىدۇ.

(3) يىمەك- ئىچمەكنىڭ تەركىۋىگە ئالاھىدە دېققەت قىلىش، يەنى تۇز، ياغ قاتارلىقلارنى كۆپ ئىستىمال قىلماسلىق كېرەك. ئادەتتە ئاقسىللىق قىممىتى يۇقۇرى بولغان ياغنىڭ چۆكۈشى تۆۋەن، ئېنىرگىيەسى يۇقۇرى بولغان يىمەكلىكلەرنى تاللاپ ئىستىمال قىلىش لازىم. مەسىلەن سېرىق ماي، قايماق، سۈت قاتارلىقلار. يىمەكلىكلەر ئىچىدە مەلۇم مىقداردا ئصنىرگىيەنى بىۋاستە تولۇقلاش مەقسىدى بىلەن ئىمكانىيەت بولغان شارائىتتا قەن تەركىۋى تويۇنمىغان يىمەكلىك ۋە ئىچىملىكلەرنى ئىستىمال قىلىش كېرەك. تۇزلۇق يىمەكلىكنى كۆپ ئىستىمال قىلغاندا ئېلىكتىرولىتلارنىڭ تەڭپۇڭلىغى بۇزۇلۇپ Naنىڭ چۆكۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، پۇتنىساللىق ئىنىرگىيەنى تەرتىپسىزلەندۈرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن يۈرەك سىنۇس تۈگۈنگە تەسىر يەتكۈزىدۇ ھەمدە يۈرەكنىڭ زىيادە سوقۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ھەزىم يوللىرىنىڭ تارتىشىش خارەكتىرلىك ئىچى سۈرۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ماي زىيادە بولغاندا يۈرەكنىڭ تاجىسىمان ئارتىيەسى قېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ھەمدە يۈرەك مۇسكۇلىغا قان يىتىشمەلىك كېلىپ چىقىدۇ.

 (4) ئەقلى خىزمەت پائالىيەت ۋە جىنسى تۇرمۇشنى تەرتىپكە سېلىش كىرەك. ئەقىلى خىزمەتنىڭ زىيادە بولۇشى نىرۋاچارچاشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، نىرۋاىنىڭ چارچىشى نىرۋىغا مۇناسىۋەتلىك بولغان يۈرەك، جىگەر قاتارلىق ئەزالراغا تەسىر يەتكۈزىدۇ. ئاخىردا نىرۋا خارەكتىرلىك يۈرەك ئاجىزلىق، نىرۋا خارەكتىرلىك يۈرەك خىزمىتى چېكىنىش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

(5) يۈرەكنى كۈچلاندۇرغۇچى ، خوشلاق كەلتۈرگۈچى، قۇۋۋەتلەندإرگۈچى دورا- دەرمەكلەرنى قالايمىقان ئىشلەتمەسلىك لازىم. نۇرمال ئەھۋالدا بۇ دورىلارنى قالايمىقان ئىشلەتسە، روھنى زىيادە قوزغىتىدۇ، بەدەن تىمپىراتۇرسىنى زىيادە ئاشۇرىدۇ ۋە ئىنتىلىشچانلىغىنى ئاشۇرىدۇ. نەتىجىدە ئويغۇنۇش خارەكتىرلىك تۇرمۇشتا تەرتىپسىزلىك كېلىپ چىقىدۇ. خىزمەت ۋە ئەقلى پائالىيەتكە تەسىر يەتكإزىدۇ. يۈرەكنىڭ نۇرمالنى فىزىلوگىيەلىك خىزمىتىنى بۇزۇپ، يۈرەكنىڭ نىرۋا ئامىللىرى بىلەن تەڭشەشكە تەسىر يەتكۈزىدۇ ھەمدە يۈرەكنىڭ قان سىقىپ چىقىرىش پائالىيتى توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ.

(6) ھەسسايەت خارەكتىرلىك ئۆزگۈرۈشلەرنىڭ زىيادە تەسىرىدىن ساقىلىنىش، مەسىلەن: ئىشقى مۇھەببەت، ئاشىق- بىقارار، سأيەإ- تەلپإنإش….

(7) ھەر خىل كصسەللىكلەرنىڭ يإرەككە تەسىر قىلىشىدىن ساقلىنىش. مەسىلەن: رىماتىزىم، سېېستىماتىك بۆرە چاقىسى خارەكتىرلىك كىسەللىكلەر، ئۇنىڭدىن باشقا تىبۇركىلىيۇز، زۇكام قاتارلىقلارنىڭ يۈرەككە تەسىر قىلىشىدىن ساقلىنىش.

ئۆپكە ئىنساننىڭ ئەڭ مۇھىم نەپەسلىنىش ئەزاسى بولۇپ، تۈزۈلۈش جەھەتتىن بەك نازۇك ۋە يۇمران بولغاچقا، ئىچكى − تاشقى تەسىراتنى ناھايىتى ئاسان قوبۇل قىلىدۇ. ئۆپكە ئادەم بەدىنىدىكى ئاپتوماتىك شامال ساندۇقى بولغاچقا، مىنۇت − سېكونت توختىماستىن ھاۋا ئالماشتۇرۇپ، پۈتۈن بەدەننى ھاۋائىي نەسىيمىلىك قان بىلەن تەمىنلەش، بەدەندىكى ماددا ئالمىشىش تاشلاندۇقلىرى ۋە ھامۇرى كاربون (كاربون Ⅳ) نى سىرتقا چىقىرىپ تاشلاش ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدىغان گاز ئالماشتۇرغۇچى ئىستانىسىدۇر. ئۆپكىنى قاتتىق سوغۇق ۋە قاتتىق ئىسسىق، توپا − چاڭ، تۈتۈن، بۇس − بۇخارات ۋە بەدبۇيلۇقلاردىن ساقلاش كېرەك. ئۆپكىنىڭ چوڭقۇر قىسمىدا بىر بۆلۈك ھاۋا ھەر دائىم قەپقالىدىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنى ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش بەكمۇ مۇھىم. شۇڭا تەنھەرىكەت قىلىش ۋە چوڭقۇت تىنىپ ھاۋا يۇتۇش ۋە ھاۋانى بىر ئاز توختىتىپ تولۇق چىقىرىپ تاشلاش ئۆپكىگە پايدىلىق. تاماكا تۈتۈنى ئۆپكە ئۈچۈن بەك زىيانلىقيىغىنچاقلىغاندا

 (1) چاڭ- توزاڭ، پاسكىنىچىلىقتىن ساقلىنىش؛ چاڭ- توزاڭ بىلەن ئۇزۇن مۇددەت ئۇچرىشىش ۋە مۇھىيتنىڭ ياخشى بولماسلىغى قاتارلىق سىلىكاتلىق (سىلىتسىيلىق) ئۆپكە، ئۆپكە قېتىشىش، ئۆپكە تىبىركىلىيوزى، يامان سۈپەتلىك ئۆپكە توقۇلما ئۆسمىسى قاتارلىق كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. چۈنكى چاڭ- توزاڭ خارەكتىرلىك ئامىللار ئأپكە پۈۋەكچىلىرىنى ئۆزلۈكسىز غىدىقلاپ تۇرغانلىقتىن، ئۆپكە پۈۋەكچىلىرىدە تالالىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئۆپكە تالالىرى قېلىنلىشىدۇ ۋە تالالىشىدۇ.

 (2) سوغۇق ھاۋانىڭ ۋە سوغۇق كەيپىياتنىڭ زىيادە تەسىرىدىن ساقلىنىش؛ سوغۇق ھاۋانىڭ كأپ تەسىرى ۋە كۆپلەپ شۈمۈرلىشى شاخ كانايچىلارغا كۈچەيتىدۇ. تەسىر قىلىپ شاخ كانايچىلارنىڭ ۋاقىتلىق لۆمۈلدەپ ھەركەت قىلىشىنى كۈچەيتىدۇ. ئاقىۋەتتە ئالىرگىيە خارەكتىرلىك شاخ كاناي ياللۇغى ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. تىۋىتلەرنىڭ چاڭ- توزاڭنى سۈزگۈچى ئاجرالمىلىرى توسقۇنلۇققا ئۇچرىغاندا سوغۇق ھاۋا ئۆپكىگە كېتىپ غىدىقلىنىش، قىسقىرىش ھاسىل بولۇپ، يۆتەل كېلىپ چىقىدۇ. تەكرارلىنىۋەرسە ئاخىردا كاناي ياللۇغىنى، ئاندىن شاخ كاناي ياللۇغىنى، ئۆپكە ھاۋالىق ئىششىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ھەمدە ئۆپكە كېسىلىمۇ كېلىپ چىقىدۇ.

(3) ئۆپكە ھاۋا سىغىمچانلىق ئىقتىدارنى ئىمكان قەدەر نۇرمال ساقلاش ، نەپەسلىنىش تەرتىۋىنى تەرتىپكە سېلىش، ئەرلەر ۋە ئوغۇللار قوساقچە بىلەن نەپەسلىنىش، ئاياللار ۋە قىزلار كۆكرەكچە نەپەسلىنىشكە ئادەتلىنىش، بۇ خىل ئەھۋاللار فىزىلوگىيەلىك تەرەققىيات ۋە جىنسى تەرەققىياتنىڭ نورمالنى يىتىلىشى ئۈچۈن زۆرۈر ھېسابلىنىدۇ.

 (4) تاماكۇ، نەشە، ئەپيۇن قاتارلىق چېكىملىكلەر، ئىس- تۇتەك، بۇس- بۇخارا قاتارلىق ناچار مۇھىت ئامىللىرىدىن ساقلىنىش كېرەك. ئادەتتە زەھەرلىك چېكىملىكلەر مەلۇم دەرىجىدە نىكوتىن تۇتقان بولىدۇ. نىكوتىننىڭ قاتۇرۇش، ئويۇتۇش تەسىرى بولغانلىقتىن ھەمدە قان تۇمۇرلار تارايتقۇچى، تېنىچلاندۇرغۇچى خېمىيىۋى ماددا بولغانلىقىتىن قان تۇمۇرلارنىڭ تارىيتىش بىلەن ئۆپكىدە ماددا ئالمىشىشنىڭ نۇرمالنى خىزمىتىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ ۋە ئۆپكە قىلقان تۇمۇرلىرىنىڭ تۇسۇلۇپ قېلىىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. نەتىجىدە شۇ ئورۇنغا تەسىر يەتكۈزۈپ، توقۇلما ئۇزۇقلۇق بىلەن ئۇزۇقلانمايدۇ. بۇنىڭ بىلەن توقۇلما قورۇقلۇنىپ كېتىپ راك كېسەللىكى بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. بۇس- بۇخارالار بولسا غەيرى نورمال بەلغەمنىڭ كېلىپ چىقىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئأپكە ياللۇغىنى كەلتإرإپ چىقىرىدۇ. تۇتۇنلەر كأپ بولسا نەپەس بوغۇلىدۇ.CO2كۈچىيىپ ئۆپكە توقۇلمىلىرىنىڭ قېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ئىنسان بالىسىنىڭ چوڭىيىشى ۋە جىسمانىي جەھەتتىن يېتىلىشى ئۈچۈن، ئەلۋەتتە مۇۋاپىق ئوزۇقلىنىپ تۇرۇش كېرەك. ئوزۇقلۇق ماتېرىياللىرىنىڭ بار بولۇشى بىلەنلا، ئوزۇقلىنىش مەسىلىسى ھەل بولۇپ كەتمەيدۇ. سىرتتىن كىرگەن ھەرخىل ئوزۇقلۇق ماددىلىرىنى بەدەنگە مۇۋاپىقلاشتۇرۇش ۋە ئۇنى سىڭدۈرۈش ۋە تارقىتىش ئۈچۈن بەدەنگە ناھايىتى مۇھىم ئاپپاراتلار ۋە خىمىيىۋى كارخانىلار مەۋجۇت. يېيىلگەن ئوزۇقلۇق ماددىلار ئادەم بەدىنىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان نۇرغۇن مۇرەككەپ ئەزالار ھەرخىل خىمىيىۋى سۇيۇقلۇقلارنى ئىشلەپچىقىرىدىغان كارخانىلار − بەزىلەرنىڭ تىنماي ئىشلىشى بىلەنلا ئاندىن ئوزۇقلۇقلار ئۆزگىرىپ ئادەم بەدىنىگە سىڭىدۇ. ئادەمنىڭ روھىي ۋە جىسمانىي خىزمەتلىرى ئۈچۈن كۈچ − قۇۋۋەت ھاسىل بولۇپ تۇرىدۇ. مانا مۇشۇنداق ئاپپاراتلارنىڭ بىرى بەلكى چوڭراقى ئاشقازان ۋە ئۈچەيلەردۇر. ئۆزىنىڭ سالامەتلىكىنى ساقلاپ كېسەل بولماسلىقنى ۋە ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشىنى خالايدىغانلار ئەلۋەتتە ھەزم ئەزالىرىنىڭ سالامەتلىكىنى ئاسراشقا دىققەت قىلىشلىرى لازىم. قەدىمكى ھۆكۈمالار »ئاشقازان ئادەم بەدىنىنىڭ كۆلى، ئادەمنىڭ پۈتۈن ئىچكى − تاشقى ئەزالىرى مۇشۇ كۆلدىن سۇ ئىچىپ ياشايدۇ« دېگەن. ئوبدان تەھلىل قىلىنسا بۇ ناھايىتى ھېكمەتلىك سۆزدۇر. مەئدە )ئاشقازان( نى ئاسراش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن يېمەك − ئىچمەكلەرنىڭ ساقلىقنى ساقلاش قائىدىلىرىگە مۇۋاپىق بولۇشنى كاپالەتلەندۈرۈش، يۇمشاق ۋە سىڭىشلىك تاماقلارنى مۇۋاپىق مىقداردا يېيىش، ئاشقازان كۆتۈرەلمىگۈدەك مىقداردا تاماق يېيىشتىن ساقلىنىش لازىم. بەك ئاچچىق، يىرىك ۋە قاتتىق نەرسىلەر ۋە بۇزۇلغان يېمەكلىكلەر ئاشقازانغا كىرىپ قېلىشتىن ئېھتىيات قىلىش كېرەك. ئېغىزدا ئوبدان چاينالمىغان ۋە ئېغىزدا ئىپتىدائىي ھەزم قىلىنمىغان تاماقلار ئاشقازانغا زىيانلىق. بەك ئاچچىق نەرسىلەر جۈملىدىن ھاراق، كۈچلۈك سىركە قاتارلىق كىسلاتا خۇسۇسىيەتلىك نەرسىلەر ئاشقازانغا مۇۋاپىق كەلمەيدۇ. بەك قىزىق ياكى بەك سوغۇق نەرسىلەر داۋاملىق ئىستېمال قىلىنسا ئاشقازان شىللىق پەردىلىرىنى زېدىلەيدۇ. تىۋىتلىرىنى بۇزىدۇ، ھەزم سۇيۇقلۇقلىرى ئىشلەپچىقىرىدىغان بەزلەر خىزمىتىگە دەخلى يەتكۈزىدۇ، ئاشقازان يارىسى ۋە باشقا ئىللەتلەرگە ۋاسىتىچى بولىدۇ.يىغىنچاقلىغاندا

(1) ئىسسىق- سوغۇق كەيپىياتنىڭ زىيادە تەسىردىن ساقلىنىش لازىم. سوغۇق كەيپىيات ئاشقازان ئاجىزلىق، ئاشقازان جاراھىتى قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. سوغۇقلۇق ئېشىپ كەتسە ئاشقازان ھارارىتىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئاقسىل فىرمىنتى بىلەن كىراخمال فىرمىنتىنىڭ ئاكتىپلىغىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ. تاماق سىڭمەيدىغان بولۇپ قالىدۇ، گاز كۆيۈيىدۇ، تۇز كىسلاتاسى يىتىشمەسلىك كېلىپ چىقىدۇ، ئۇنىدىن باشقا سۇيۇقلۇقتىن ئاشقازاننىڭ تىمپىراتۇرسى تۆۋەنلەپ شىللىق پەرىدىلىرىنىڭ HCIنى ئاجىرتىشى تۆۋەنلەپ، بەزى ھۈجەيرىلەرنىڭ ئىشقارلىق سۇيۇقلۇق ئاجىرتىپ چىقىشىنى كۈچەيتىپ، ياللۇغلىنىشنى كەلتإرإپ چىقىرىدۇ. ئىسسىق كەيپىيات ئاشقازان كىسلاتاسى ئارتىپ كېتىش، ئاشقازان 12 بارماق ئۈچەي يارىسى قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئىسسىق كەيپىيات ئاشقازان تاملىرىنى غىدىقلاپ، ئاشقازان كىسلاتاسىنىڭ ئاجىرلىشىنى كۈچەيتىدۇ. نەتىجىدە ئاشقازان كىسلاتلىسى ئىششىش خارەكتىرلىك كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. يەنى ئىسسىق نەرسىلەر ئاشقازان تىمپىراتۇرسىنى ئاشۇرۋېتىدۇ. ھەم كۈچلۈك غىدىقلاشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئاشقازان كىسلاتاسى كۆپىيىپ كېتىپ ياللۇغلىنىش كېلىپ چىقىدۇ.

 (2) ئاشقازاننى غىدىقلىغۇچى ئاچچىق نەرسىلەرنى كۆپ ئىستىمال قىلىشتىن ساقلىنىش، يەنى ھاراق قاتارلىق بىر قىسىم ئىسپىرىت تەركىپلىك نەرسىلەردىن پەرھىز قىلىش لازىم. غىدىقلىغۇچى ئاچچىق نەرسىلەر ئاشقازاننى غىدىقلىغانلىقتىن، ئاشقازان بەزلىرى تېخىمۇ كۆپ ئاشقازان سۇيۇقلىغىنى ئاجىرتىپ چىقىرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئاشقازان يارىسى قاتارلىق كېسەللىكلەر كېلىپ چىقىدۇ. كاۋاك قاتارلىق ئىسپىرىتلىق تەركىپلەرنىڭ ئاشقازانغا كىرىشى ئاشقازان ھأجەيرىلىرىنىڭ قېتىشىنى كەلتإرإپ چىقىرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئاشقازاننىڭ ئىلاستىكىلىغى يوقۇلىدۇ، ھەم يارا كېلىپ چىقىۇ. ھەمدە تەدرىجى راكقا ئأزگإرىدۇ. ئاچچىق غىدىقلىغۇچىلار ئاشقازاننى كۈچلۈك غىدىقلاپHCI كىسلاتاسىنى ئاشۇرۋېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن كۈچلۈك ئاغرىش، سانجىق، تۈرۈش قاتارلىق يېقىمسىز ھالەتلەرنى پەيدا قىلىدۇ.

(3) تاماق يىگەندە زىيادە تويۇنۇپ يىمەسلىك، بىر نەچچە لوقما ئىشتىھا ساقلاپ قېلىشقا ئادەتلىنىش؛ غىزالانغاندىن كېين 40 قەدەم مېڭىش، ئالدى بىلەن سول تەرەپنى يېرىم سائەت بېسىپ يېتىش، ئاندىن يېرىم سائەت ئوڭ تەرەپنى بېسىپ يېتىشقا ئادەتلىنىش كېرەك. بولمىسا كۆپۈنچە ئاشقازان ساڭگىلاش كېسەللىكى كېلىپ چىقىدۇ.

(1) ئىسسىق- سوغۇق كەيپىياتنىڭ تەسىرىگە دېققەت قىلىش، ئىسسىق- سوغۇق كەيپىياتنى تەڭشەپ تۇرۇش، زىيادە سوغۇق تېيىلغاق، سوغۇق قۇرۇغۇچى، ئىسسىق تۇتقۇچى يىمەكلىك ھەم دورا- دەرمەكلەرنىڭ تەسىرىدىن ساقلىنىش لازىم. زىيادە سوغۇقلۇق ھەزىم قىلىشتا مەلۇم مۇھىت تىمپىراتۇرسىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ. يەنى مۇھىت تىمپىراتۇرسىغا تەسىر يەتكۈزۈپ ئۈچەي ھەركىتى ھەم ھەزىم سۇيۇقلىقىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ. زىيادە سوغۇق كەيپىيات ئەزالارنىڭ ھەركىتىنى سۇسلاشتۈرىدۇ، نەتىجىدە ئۈچەينىڭ لۆمۈلدەش ھەركىتىگە تەسىر يىتىپ ئۇنىڭ ھەركىتى سۇسلىشىدۇ. ئىسسىق- سوغۇق نەرسىلەر ئإچەيگە تەسىر قىلغاندىن كېيىن ھاسىل قىلغان ھالەت ئۆزگۈرۈشى ئاشقازاننىڭكىگە ئوخشاش بولمايدۇ. NH4+نىڭ كأپلەپ پارچىلىنىپ NH4+نىڭ ئىرىتىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ھەمدە ئۈچەي شىللىق پەردىلىرىدىكى شىلىملىق ماددىلار كۆپۈيۈپ كېتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئاغرىش، قاناش خارەكتىرلىك ئۈچەي مەنبەلىك ئىچى سۈرۈش كېلىپ چىقىدۇ. سوغۇق نەرسىلەر ئۈچەي ھارارىتىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ، ئإچەينىڭ شۈمۈرۈشى توسقۇنلۇققا ئۇچراپ، ئاممۇنىي كىسلاتا ئېشىپ كېتىدۇ. ئىشقارلىق سۇيۇقلۇق ئېشىپ كېتىپ كاللەكلىتىشنى توسقۇنلۇققا ئۇچرىتىدۇ. ئىسسىق قورغاق نەرسىلەر ئۈچەي ھارارىتىنى ئاشۇرۋېتىپ ئۈچەينىڭ يىرىكلىشىش ۋە نىئوسىزلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئاممۇنىي ئىئۇننىڭ قۇيۇقلۇق دەرىجىسى ئېشىپ كېتىدۇ. ئۈچەي شىللىق پەردىلىرىدە سۈركۈلۈش ھالىتى كېلىپ چىقىدۇ. ھەم ئۈچەينىڭ زىدىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ ئۈچەي يارىسى، ئۈچەي تېشىلىش، ئۈچەي سىلى، ئۈچەي كېزىكى قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىدۇ.

(2) زىيادەە غىدىقلىغۇچى، قوزغاتقۇچى، ئاچچىق يىمەكلىك ۋە ئىچىملىكنى كأپ ئىستىمال قىلىشتىن ساقلىنىش لازىم. مەسىلەن: ھاراق، لازا.... قاتارلىقلار، ھاراق بولسا بىر قىسىم ھەزىم سۇيۇقلۇغى ۋە ئۈچەينىڭ لۆمۈلدەش ھەركىتىگە چوڭ تەسىر كۆرسىتىدۇ، قۇرۇغىچى نەرسىلەر تۇتۇش، توختۇتۇش رولىغا ئىگە بولغانلىقتىن ئۈچەينىڭ تۇتۇش كۈچىگە تەسىر يىتىپ يەنى ئاشۇرۋېتىپ يىمەكلىكنىڭ پارچىلىنىشىغا تەسىر كۆرسىتىپ ئۈچەي قاناش، بۇۋاسىر كېسىلىنى پەيدا قىلىدۇ.

(3) ئىجابەت ۋاقتى( چىقىرىش) نورمال بولۇش، ۋاقىتتا چىقىرىش پائالىتىيىنى ئۆز ۋاقتىدا نۇرمال داۋاملىشالايدۇ. بەزى ھاللاردا قىززىتمىلىق كېسەللەردا ئىجابەت ۋاقتىدا بولماسلىق كېلىپ چىقىدۇ. زۇكامدن ئېغىر قىززىش بولسا چوڭ تەرەتنىڭ كېلىشىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ. بۇنداق ۋاقىتتا كىلىزما قىلىش ئارقىلىق ئىجابەت پائالىيىتىنى نورمال قىلىش لازىم. ئەگەر چوڭ تەرەت نورمال بولمىسا H2Sكىسلاتاسىنىڭ قايتا سۈمۈرۈلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئېغىر بولسا گۈڭگىرىت سولفىت بىلەن زەھەرلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇنداقلا قەۋزىيەت، ئۈچەي تولغۇشىش، ئۈچەي ياللۇغى قاتارلىقلار كېلىپ چىقىدۇ.

(4) قورساق توق ۋاقىتلاردا ئۈچەي ئالمىشىپ قېلىش، ئۈچەي تولغۇشۇپ قېلىش ئېھتىمالى بولغان جىددى ھەركەتلەردىن ساقلىنىش، تاماق يەپ بولۇپ Km4- 3 سەيلە قىلىش لازىم.

 (5) ئۆگىنىش، دەم ئېلىش، بولۇپمۇ جىنسى تۇرمۇشنى تەرتىپكە سېلىش، بۇلار بىۋاستە مەركىزى نىرۋا سېستىمىسىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ. مەركىزى نىرۋا سصستىمىسى بولمىسا ئاشقازان ئۈچەيلەرگە بىۋاستە تەسىر قىلىدۇ. ھەم يۈرەككە، جىگەرگە تەسىر قىلىپ يۈرەك، جىگەر زەئىپلىشىش قاتارلىق ئالامەتلەر كېلىپ چىقىدۇ.

(1) ئىسسىق- سوغۇق كەيپىياتنىڭ زىيادە تەسىرىدىن ساقلىنىش، ئۇلار ئاشقازان ئاستى بەز توقۇلمىسىنى توزغۇتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئىشقارلىق سۇيۇلۇق ۋە ئىنسولىننىڭ ئاجىزلىشىنى كۈچەيتىدۇ. شۇنداقلا ئاشقازان ئاستى بېزىنىڭ خىزمىتىنى ئېغىرلاشتۇرىدۇ. نەتىجىدە خاس ئەزانىڭ ئىممۇنتى تۆۋەنلەپ ئاسانلا كېسەللىك سەۋەپچىسى بىلەن يۇقۇملىنىدۇ.

(2) قەنتىنىڭ زىيادە ئىستىمال قىلىنىشىدىن ساقلىنىش كېرەك.

(3) ئۆتكۈر قورغاتقۇچى ۋە غىدىقلىغۇچى نەرسىلەردىن ساقلىنىش، شۇنىڭ بىلەن بىرگە قان ئازلىق، كۆپ قان چىقىپ كېتىش ۋە قان بۇزۇلۇش كېسەللىكلەردىن ساقلىنىشىمىز لازىم. جىگەرنى ئاسراش: جىگەر ئىنسان بەدىنىدىكى ئەڭ مۇھىم بىر خىمىيىۋى كارخانا بولۇپ، پۈتۈن ئوزۇقلۇق ماددىلىرى مۇشۇ كارخانىدا بىر قېتىم پىششىقلاپ ئىشلەنگەندىن كېيىن، ئەزالارغا تارقىلىپ سىڭىش سالاھىيىتىگە ئىگە بولالايدۇ. جىگەر خىزمىتىدە چاتاق چىقسا ئومۇمىي بەدەننىڭ ماددا ئالمىشىش خىزمىتىدە چاتاق چىقىدۇ. جىگەرنىڭ مىزاجى ھۆل ئىسسىق دېيىلىدۇ. جىگەردە سانسىز ھۈجەيرىلەر بولۇپ، ئۇلار ناھايىتى ئاسان زىيانغا ئۇچرايدۇ. جىگەر ھۈجەيرىلىرى زەھەرلىك ماددىلاردىن، ئىسسىق − سوغۇقتىن ئوڭاي تەسىرلىنىدۇ. جىگەرنىڭ جازىبە )تارتىش( كۈچى بەك كۈچلۈك بولغانلىقى ئۈچۈن، ئاشقازانغا چۈشكەن بەك سوغۇق ۋە بەك قىزىق نەرسىلەر تەسىرىنى ئاسان قوبۇل قىلىۋالالايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن داۋاملىق سوغۇق نەرسىلەرنى، مەسىلەن: مۇز سۈيى، مارۇژنى، قار سۈيى ۋە توڭلاتقۇدا سوۋۇتۇلغان بەك سوغۇق ئىچىملىكلەرنى تولا ئىستېمال قىلىش جىگەرنىڭ تەبىئىي ھارارىتىنى سوۋۇتۇشقا ئېلىپ بارىدۇ. بەك زۆرۈرىيەت بولمىغاندا، بۇنداق نەرسىلەرنى ئىستېمال قىلماسلىق كېرەك، ھەممىدىن زىيانلىقى ھاراقتۇر.ھاراقنى كۆپ ئىچكەندە جىگەر قېتىش كېسەللىكى، ھەتتا جىگەر راكى كېلىپ چىقىشى مۇمكىن. بەك سېمىز گۆش − ياغ، تۇخۇم قاتارلىقلارمۇ جىگەرگە ئانچە مۇۋاپىق ئەمەس. سەپرالىق نەرسىلەرمۇ زىيانلىق. شېكەر ماددىلىق نەرسىلەر لايىق مىقداردا يېيىلسە جىگەرگە مۇۋاپىق

كېلىدۇ.يىغىنچاقلىغاندا

 (1) ئىسسىق- سوغۇق كەيپىياتنىڭ زىيادە تەسىردىن ساقلىنىش، يەنى بۇ كۆپ ھاللاردا جىگەر ھارارىتىنى يۇقۇرى كۆتۈرۋېتىدۇ. نەتىجىدە كۆپلەپ ئىسسىقلىقنىڭ سىرتقى ئەزالارغا قويۇپ بىرلىشى كېلىپ چىقىدۇ. بۇ خىل ئەھۋال ئاخىرقى ھېسابتا جىگەرنىڭ ئۆزىنىڭ ئېنىرگىيە بىلەن تەمىنلىنىشى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرايدۇ. بۇ خىل ئەھۋالنىڭ كېلىپ چىقىشى جىگەردىكى بىئوخېمىەلىك جەريانغا تەسىر يەتكۈزىدۇ. نەتىجىدە خلىتلارنى ئىشلەش، ھەزىم جەريانىنى كونتۇرۇل قىلىش، بەدەن ئىممونىتىنى كونتۇرۇل قىلىش قاتارلىق پائالىيەتلەر توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ. بۇ خىل ئەھۋال ئاقىۋەتتە جىگەر ئىششىش، يوغىناش، زەئىپلىشىش ھەتتا يۇقۇملىنىپ يېرىڭداش قاتارلىق غەيرى نۇرمال ئەھۋاللارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. زىيادە سوغۇق كەيپىيات ھەزىم يوللىرىدىن باشلاپ جىگەرگە قەدەر ھەزىم يوللىرىنىڭ ياكى ئەزالارنىڭ مەلۇم مۇھىت تىمپىراتۇسىنى تأۋەنلىتىدۇ. بولۇپمۇ جىگەردە ئەڭ مۇھىمى ماي، قەنىت، ئاقىسللار فىرمىنىتلارنى ئاكتىپلاشتۇرغۇچى فىرمىنىتلارنىڭ رولىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ. يەنە بىر جەھەتتىن جىگەر قان ئايلىنىشنىڭ ئومۇمى جەريانىغا توسقۇنلۇق قىلىدۇ. ئاقىۋەتتە جىگەر جىددى ياللۇغلىنىش، جىگەر قېتىش ھەتتاكى بىرلەمچى جىگەر راكىغا ئوخشاش كېسەللىكەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

(2) ئاچچىق، زىيادە غىدىقلىغۇچى، قوزغاتقۇچى، زەھەرلىگإچى، قۇرۇتقۇچى، قۇرىغۇچى يىمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلىشتىن ساقلىنىش ھەمدە مايلىق، تەستە ھەزىم بولىدىغان ئىسپىرىت تەركىپلىك زەھەرلىگإچى يىمەك- ئىچمەكلىكلەردىن ساقلىنىش لازىم. بىزنىڭ كۈندۈلۈك تۇرمۇشىمىزدا زەھەرلىك تەركىپنى تۇتقۇچى ئەڭ مۇھىمى ھاراق، ئۇنىڭدىن باشقا لازا، ئاچچىقسۇ قاتارلىقلار. بۇنداق يىمەكلىكلەر جىگەردە رىئاكسىيە ھاسىل قىلىپ، گىلىكوگىن ئىشلەش ئىقتىدارنى بۇزىدۇ. لازا، ئاچچىقسۇنىڭ جىگەرگە تەسىرى بولمىسىمۇ، ھاراقنىڭ تەسىرى چوڭ بولىدۇ. بولۇپمۇ تۇرمۇشتا زىايدە قوزغاتقۇچى نەرسىلەر جىگەرگە كۆپلەپ كېلىش، بىر مەزگىل جىگەرنى قىززىتقاندەك قىلسىمۇ ئېنىرگىيە قويۇپ بىرىش تەسىرنى چوڭ زىيانغا ئۇچرىتىدۇ. ئاقسىل، ماي، قەنىت فېرمىنىتلارنىڭ ئاكتىلىنىش فېرمىنىتلارنى ئاكتىپلاشتۇرۋېلىپ جىگەر توقۇلمىلىرىغا ئېغىر بېسىم كەلتۈرۈپ چىقرىىدۇ. نەتىجىدە ئاللىرگىيە خارەكتىرلىك (زەھەرلىنىش) كېسەللىگىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. نەشە، ئەپيۇن قاتارلىق زەھەرلىك چېكىملىكلەر ئۆپكىدىن قانغا، قاندىن جىگەرگە بېرىش قاتارلىق باسقۇچلارنى بېسىپ ئۆتۈپ نىرۋا سىستىمىسىغا تەسىر قىلىپ، ئىممۇنىتلىققا چوڭ تەسىر يەتكۈزىدۇ. نەتىجىدە جىگەرنىڭ خىزمىتىگە تەسىر يىتپ جىگەر ياللۇغى، جىگەر قېتىش، قورساققا سۇ چۈشۈش قاتارلىق كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

 (3) يىمەكلىكلەر تەركىۋىگە دىققەت قىلىش، تۇز، تۇخۇم، ماي قاتارلىق يىمەكلىكلەرنى زىيادە ئىستىمال قىلماسلىق، تۇخۇم، مايلارنىڭ زىيادە ئىستىمال قىلىنىش ئۆت سۇيۇقلىغىنىڭ پەيدا بولۇش ۋە ئاجىزلىشىش مىقدارىنى ئاشۇرۋېتىدۇ. تۇز قاتارلىقلارنىڭ زىيادە ئىستىمال قىلىنىشى ئۆت سۇيۇقلىغىنىڭ قۇيۇقلۇق دەرىجىسىگە بىۋاستە تەسىر يەتكۈزىدۇ. نەتىجىدە ئۆت سۇيۇقلىغى بەدەنگە بىۋاستە تاراپ كېتىدۇ. ئۇندىن باشقا ئۆت سۇيۇقلىغى قويۇلۇشۇپ، ئۆتتە تاش پەيدا بولۇش ئەھۋالىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

(4) يىمەك- ئىچمەك سىرتقى مۇھىت تازىلىقىغا دىققەت قىلىش، يۇقۇملىنىش مەنبىيى بولغان سۇ، ھايۋان قاتارلىق يۇقۇملىنىش مەنبەلىرىنى پاكىزە ساقلاش ۋە ئاسراش.

(5) نىرۋا، روھى ئاممللار، زىيادە ئأگىنىش، ئەقلى ئەمگەك، كۈچۈنۈش خارەكتىرلىك زىيادە ئەمگەكتىن پەرھىز قىلىش (ساقلىنىش) كېرەك.  بۆرەكنى ئاسراش: بۆرەك ئادەم بەدىنىدىكى ئەڭ مۇھىم چىقىرىش ئەزالىرىدىن بىرى بولۇپ، تۈزۈلۈشىمۇ ناھايىتى نازۇك ۋە مۇرەككەپ. بۆرەكنىڭ ئومۇمىي بەدەندىكى قالدۇق سۇيۇقلۇقلارنى ۋە زىيانلىق نەرسىلەرنى سۈزۈپ چىقىرىدىغان مۇھىم ۋەزىپىسى بولۇپ، بۇنىڭ خىزمىتىدە چاتاق چىقسا ئادەم بەدىنىدە سۈيدۈك بىلەن زەھەرلىنىش ۋە سۇلۇق ئىششىق پەيدا بولۇپ، ئىستىسقائى لەھمىي كېلىپ چىقىدۇ. بۆرەككە مەئدەن جىنسلىق نەرسىلەر، مەسىلەن: سىماب، گۈڭگۈرت، تۇز قاتارلىق نەرسىلەر غەيرىي نورمال ھالدا تەسىر قىلسا، بۆرەك توقۇلمىلىرىنى بۇزىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن يۇقىرىقىدەك نەرسىلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلماسلىق كېرەك.يىغىنچاقلىغاندا:

 (1) ئىسسىق- سوغۇق كەيپىياتنىڭ زىيادە تەسىرىدىن ساقلىنىش؛ ئىسسىقىلىق كەيپىيات بۆرەك توقۇلمىلىرىنىڭ ئىنچىكە تۈزۈلۈشىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ. بۆرەكنىڭ سۈزۈش ھأجەيرىلىرىگە تەسىر كۆرسىتىپ. بۆرەككە ئىسسىق كەيپىيات تەسىر قىلسا بۆرەكنىڭ ھۆل سوغۇق مىزاجىغا تەسىر يەتكۈۈپ بەلغىمى شورنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بەلغىمى شور ھۆل سوغۇق ئەزا كېسەللىكىنىڭ ئامىلى. سوغۇق كەيپىيات- بۆرەكنىڭ سەزگۈچى پەردىلىرىنىڭ ئىلاستىكىلىغى نۇرمالدىن ئېشىپ كېتىدۇ. نەتىجىدە قان بېسىمى يۇقۇرى- تۆۋەن بولۇش ئەھۋاللىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. كۆپۈنچە قان بېسىم چۈشۈپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا قان بېسىمنى تەكشۈرۈش بىلەن بۆرەك كىسىلىگە دىئاگنۇز قويغىلى بولمايدۇ.

 (2) بۆرەكنىڭ سۈيدۈك چىقىرىپ تۇرۇش پائالىيىتىنى ۋاقتىدا بىجىرىپ تۇرۇش كېرەك. بۆرەكنىڭ سۈيدۈك ئاجىرتىش پائالىيىتى ئۈزلۈكسىز بولىدۇ. ئەگەر سۈيدۈك پائالىيىتى ۋاقتىدا بولمىسا كىتونلۇق ماددىلار يېغىلىپ قېلىپ بۆرەكنىڭ بېسىمىنى ئاشۇرۇۋېتىپ، ھەر خىل بۆرەك كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ھەم بەدەننىڭ ئومۇمىي يۈزلۈك سۈيدۈكتىن زەھەرلىنىش كېلىپ چىقىدۇ.

 (3) سۈيدۈك مىقدارىنى كۆپەيتكۈچى ۋە شۇنداقلاجىنسىيەتنى قۇۋەتلىگۈچى كۆڭۈلنى ئاچقۇچى دورا- دەرمەكلەرنى قالايمىقان ئىشلەتمەسلىك كېرەك. يەنى سۈيدۈك ھەيدىگۈچى دورىلارنى ئىشلەتكەندە سۈيدۈك كۆپىيىدۇ. شۇنىڭ بىلەن چىقىرىش بولۇپ تۇرغان بولسىمۇ لېكىن ئەسلى نورمال ھالىتىدىن ئارتىپ، بۆرەكنىڭ نورمال ھالەت بۇزۇلۈش بىلەن بىرگە كېرەكلىك تەركىپمۇ چىقىپ كېتىپ، بەدەن ئىچىدىكى مۇۋازىنەت بۇزىلىدۇ.

 (4) يىمەك- ئىچمەكنىڭ تەركىبىگە دىققەت قىلىش تۇز تەركىپلىك يىمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستىمال قىلماسلىق كېرەك.

(1) مىڭە سىلكىنىش ئېھتىمالى بولغان جىسمانىي ھەركەتلەر، ئۇرۇلۇپ سوقۇلۇش، يېقىلىش قاتارلىق مىڭىگە زەخمە يەتكۈزگۈچى زەربىلەردىن ساقلىنىش لازىم.

 (2) روھى ئامىللارنىڭ زىيادە قوزغۇلىشىدىن ساقلىنىش لازىم. ھەسەتخورلۇق، غەيۋەتخورلۇق قاتارلىق پىسخىك كەيپىياتنىڭ قۇلى بولۇپ قېلىشتىن ساقلىنىش؛ كۆكسى قارنى كەڭ، قەيسەر ئىرادىلىك بولۇش؛

 (3) ئەقلى ئەمگەك ( ئۆگىنىش)، دەم ئېلىشنى تەرتىپىگە سېلىش، مىڭە چارچاش ۋە نىرۋا ئاجىزلىق ئامىللىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش

(4) جىنسىي تۇرمۇشنى تەرتىپكە سېلىش، ھاراق، تاما قاتارلىق زەھەرلىك ئىچىملىك، چىكىملىكلەرنى ئىستىمال قىلماسلىق.

(5) رەيئىي ئەزالارنى قۇۋەتلىگإچى، قوزغاتقۇچى، ھاياجانلاندۇرغۇچى، كۈچلەندۈرگۈچى، جىنسىيەت دورىلىرىنى ئىشلەتمەسلىك.

(6) ناچار تۇرمۇش ئۇسۇللىرى ۋە ئۇلارنى يۇقۇتۇشقا تىرىشىش، يەنى سۈنئىي لەززەتلىنىش، شەھۋانى فىلىم ۋە رەسىملەرنى كۆرۈش، پاھىشۋازلىق قىلىش قاتارلىق ناچار ئادەتلەردىن ساقلىنىش لازىم.

(7) ئۇزۇقلىنىشنى تەرتىپكە سصلىش، ۋاقتى- ۋاقتىدا ئۇزۇقلىنىش، بىر توق بىر ئاچ يۈرۈشتىن ساقلىنىش، شۇنداقلا ئۇزۇقلۇقلارنىڭ ئىستىمال قىلىنىش قائىدىسىگە دىققەت قىلىش لازىم.

(8) ئۇزۇقلۇق تەركىبىگە دىققەت قىلىش، ئىنىرگىيە قۇۋۋىتى تۆۋەن سۈپىتى ناچار ئۇزۇقلۇقلارنى داۋاملىق ئىستىمال قىلىۋەرمەسلىك، ھەر كۈنى 20-10gقەنىت ياكى شىكەر تۇلۇقلاپ تۇرۇش لازىم. بەك ئاچچىق، غىدىقلىغۇچى، قان ئايلىنىشنى جىددىيلەشتۈرگۈچى يىمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستىمال قىلماسلىق.

 (9) ئىشقى- مۇھەببەت، ئاشىق- بىقارار....قاتارلىق ئامىللارنىڭ ئىھتىمالىدىن ساقلىنىش

(10) يېتىش، ئۇخلاش ئۇسۇللىرىغا دىققەت قىلىش، ئاسان ھاياجانلىلىنىش، ئوڭدا يېتىش ئىھتىمالىنى ئۆزگەرتىش، شۇنداقلا كۆپ ئېھتىلام بۇلۇش، سىيلان( ئاق خۇن مېڭىش) ، جىريان( ئۇرۇق- تۇخۇملارنىڭ چىقىپ كېتىشى) قاتارلىق ئەھۋاللار بولسا ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىش. (11) ئىسسىق، سوغۇق كەيپىيتنىڭ زىيادە تەسىرىگە دىققەت قىلىش.

(12) قۇرۇق ۋە سۇغۇق كەيپىياتنىڭ زىيادە تەسىرىگە دىققەت قىلىش.

(13) مىڭىنى زەخمىلەندۈرۈش ئىھتىمالى بولغان كېسەللىكلەردىن توبىركوليوز، رىماتىزىم، بۆرە چاقىسى، سىبلىس، ماخاۋ، ئەيدىز ۋە ئېغىر دەرىجىدىكى سۇسىزلىنىش كەلتۈرۈپ چىقارغۇچى ئامىللاردىن ساقلىنىش ۋە شۇنداقلا ئۇنىڭ مىڭىگە تەسىر قىلىشىنىڭ دەرھال ئالدىنى ئېلىش لازىم.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تېبابىتى دورىگەرلىكىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدە سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=6&contentNameId=996

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#