يانار تاغ توشقىنى
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
يانار تاغ توشقىنى يەنە مېكسىكا توشقىنى دەپمۇ ئاتىلىدىغان بولۇپ، مېكسىكىنىڭ تاغلىق رايونلىرىدا ياشايدىغان بىر خىل جۇغى كىچىك ھايۋان. ئۇلار دۇنيا بويىچە 2-كىچىك توشقان بولۇپ، پەتەك توشقانلارنىڭلا كەينىگە تىزىلغان. يانار تاغ توشقىنىنىڭ قۇلىقى يۇمىلاق، پۇتى قىسقا، يۇڭلىرىمۇ قىسقا ھەم قېلىن بولىدۇ. ئۇلار ئاز-ئازدىن توپلىشىپ ياشايدىغان بولۇپ، ئەزالىرىنىڭ سانى 5-2 گىچە بولىدۇ.
ئۇلار ئادەتتە كېچىسى ھەرىكەت قىلىدىغان بولۇپ، خەتەرگە يولۇققاندا يۇقىرى ئاۋاز چىقىرىپ ھەمراھلىرىنى ئاگاھلاندۇرىدۇ.
يانار تاغ توشقانلىرىنىڭ سانى ياشاش شارائىتىنىڭ ناچارلىشىشى ھەمدە كۆپ ئوۋلىنىش سەۋەبلىك بارغانسېرى ئازىيىپ كەتكەن. ئۇلارنىڭ تەن ئېغىرلىقى 600-390 گىرام ئەتراپىدا بولۇپ، ياشايدىغان جايلىرى تاغلاردا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتى، ھەددىن ئارتۇق مال-چارۋا بېقىش، شەھەرلىشىش، يېزا-ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتى ھەمدە ئورمانلارنى قالايمىقان كېسىش سەۋەبلىك بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان.
يانار تاغ توشقانلىرى زاكاتون ئوتىنىڭ يوپۇرمىقى، ھاشارەتلەر، ھايۋاناتلارنىڭ تاپلىرى ھەمدە ئالنوس دەرىخىنىڭ يوپۇرماقلىرىنى ئوزۇق قىلىدۇ. يامغۇر پەسلىدە ئۇلار بۇغداي قاتارلىق دانلىق زىرائەتلەرنى ئوزۇق قىلىدۇ.
1969-يىلىدىكى ئىستاتىستىكىلارغا ئاساسلانغاندا، يانار تاغ توشقانلىرىنىڭ سانى ئاران 1200-1000 غىچە بولۇپ، كۆپ بولغاندا 12 يىل ياشىيالايدۇ.ئۇلار تەبىئەتتە تولىمۇ ئەنسىز ھالەتتە ياشايدىغان بولۇپ، ھەر ۋاقىت كۈشەندىلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراش ئېھتىماللىقى بار. بىراق، ئۇلار ئەتراپىدىكى مۇھىتقا ئاساسەن رەڭگى ئۆزگىرىدىغان يۇڭىغا، سەزگۈرلۈكى يۇقىرى ئەزالىرىغا تايىنىپ دۈشمەنلىرىگە تاقابىل تۇرىدۇ.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.