ئىسسىقتىن بولغان باش ئاغرىقى
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ئىسسىقتىن بولغان باش ئاغرىقىسەۋەبى: بۇ كېسەللىك، ئاپتاپ ئۆتۈش، ئۇزۇن مۇددەت يۇقىرى ھارارەتلىك جايلاردا پائالىيەت قىلىش، ئىسسىقلىق تاماقلارنى كۆپ يېيىش، ئىپار، ئەنبەر قاتارلىق ئىسسىقلىق دورىلارنى كۆپ پۇراش، ئىسسىق تەبىئەتلىك دورىلارنى كۆپ ئىستېمال قىلىش، ھەددىدىن ئارتۇق ئاچچىقلاش، يىغلاش، خۇشال بولۇش، ئۈزمەي يۇقىرى ئاۋازدا سۆزلەش، تاماق يېيىش ۋاقتىنى ئۆتكۈزۈۋېتىش، ئاچ قېلىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
ئالامىتى: باش قولغا ئىسسىق بىلىنىش، بۇرۇن ۋە گال قۇرۇش، ئۇسسۇزلۇق ئۆتكۈر بولۇش، سوغۇق نەرسىلەرنى ئىستېمال قىلغاندا ياكى سوغۇق ھاۋا بىلەن ئۇچراشقاندا ئاغرىق پەسىيىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.
- باش ئاغرىيدۇ، ئاغرىش سېزىم ئەزالىرىنىڭ خىزمىتىگە تەسىر يەتكۈزگەندە قۇلاق غوڭۇلدايدۇ. بەزىلەردە باشنىڭ يېرىمى ئاغرىيدۇ. بۇ شەقىقە دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇيقۇ قاچىدۇ، ھاسىرايدۇ، تومۇرى توم ۋە ئىتتىك سوقىدۇ. بېشى ئىسسىق بىلىنىدۇ. لېكىن باش ئانچە ئېغىر بولمايدۇ. كۆز، بۇرۇن ۋە تىلىنى قۇرۇق ھېس قىلىدۇ. گېلى قۇرۇيدۇ. سۈيدۈك ۋە چوڭ تەرەتلەردە ئانچە چوڭ ئۆزگىرىش بولمايدۇ. ئۇسسۇزلۇق كۆپ بولىدۇ. سوغۇق ۋە سوغۇقلۇق نەرسىلەردىن راھەتلىنىدۇ.[0]
1-رېتسېپ
تەركىبى: سەمغى ئەرەبى، كەتىرا، نىشاستە ئالتە گىرامدىن، قىزىلگۈل، رۇبىسۇس 15 گىرامدىن، تەرخەمەك ئۇرۇقى، قاپاق ئۇرۇقى مېغىزى، تاۋۇز ئۇرۇقى مېغىزى، سېمىز ئوت ئۇرۇقى 12 گىرامدىن، كاپۇر ئۈچ گىرام، زەپەر ئىككى گىرام، ئىسپىغۇل لوئابى مۇۋاپىق مىقداردا.
تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، ئىسپىغۇل لۇئابى بىلەن يۇغۇرۇپ، ئۈچ گىرامدىن قۇپى تەييارلىنىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا بىر تالدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.
2-رېتسېپ
تەركىبى: كاپۇر ئىككى گىرام، قىزىلگۈل، تەرەنجىبىن ئالتە گىرامدىن، تەرخەمەك ئۇرۇقى مېغىزى، تاباشىر 15 گىرامدىن، قارا سۇنا ئۇرۇقى 21 گىرام، سېمىز ئوت ئۇرۇقى 18 گىرام، كاسىنە ئۇرۇقى ئالتە گىرام، قاپاق ئۇرۇقى مېغىزى 12 گىرام، رۇببىسۇس توققۇز گىرام.
تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، ئىسپىغۇل لۇئابى بىلەن قۇرس تەييارلىنىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا ئالتە گىرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.
3-رېتسېپ
تەركىبى: نېلۇپەر، ئاق سەندەل، رۇسۇت، مامسىئا 15 گىرامدىن، كاپۇر بىر گىرام، تەرخەمەك سۈيى مۇۋاپىق مىقداردا.
تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، تەرخەمەك سۈيىدە يۇغۇرۇپ، تۈگمىدەك چوڭلۇقتا ھەب تەييارلىنىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا ئۈچ تالدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.
ئىسسىقتىن بولغان باش ئاغرىقى
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
تېببىي جەۋھەر تورى
http://www.tibbiyjawhar.com/html/medical/bash/2013/1208/305.html
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.