خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرىنىڭ جىنايى ئىشلار دەۋا قائىدىسى دىگەن سۆزلۈك كۆپ خىل مەنە تۈرىنى ئىپادىلىگەن، تۆۋەندىكى مەنە تۈرلىرى بويىچە كۆرۈڭ:
  1. خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرىنىڭ جىنايى ئىشلار دەۋا قائىدىسى ()
  2. خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرىنىڭ جىنايى ئىشلار دەۋا قائىدىسى ()

خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرىنىڭ جىنايى ئىشلار دەۋا قائىدىسى

خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرىنىڭ جىنايى ئىشلار دەۋا قائىدىسى

خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرىنىڭ جىنايى ئىشلار دەۋا قائىدىسى 1997-يىلى 1-ئاينىڭ 15-كۈنى ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى 8-نۆۋەتلىك تەپتىش ھەيئتىنىڭ 69-يىغىنىدا ماقۇللانغان. 1998-يىل 12-ئاينىڭ 16-كۈنى ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى 9-نۆۋەتلىك تەپتىش ھەيئىتىنىڭ 21-يىغىنىدا تۈزىتىش كىرگۈزۈلۈپ ئېلان قىلىنغان. 1999-يىل 1-ئاينىڭ 18-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قۇيۇلغان. 

ئۇيغۇرچە نامى خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرىنىڭ جىنايى ئىشلار دەۋا قائىدىسى
ماقۇللانغان ۋاقتى 1997-يىلى 1-ئاينىڭ 15-كۈنى
يولغا قۇيۇلغان ۋاقتى 1999-يىل 1-ئاينىڭ 18-كۈنى
خەنزۇچە نامى 人民检察院刑事诉讼规则
ئېلان قىلىنغان ۋاقتى 1998-يىل 12-ئاينىڭ 16-كۈنى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

1-باب ئومۇمىي پرىنسىپ

1-ماددا بۇ قائىدە خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرىنىڭ جىنايى ئىشلار دەۋالىرىدا قانۇنى قاتتىق ئىجرا قىلىشىغا، ھوقۇقىنى توغرا يۈرگۈزۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش مەقسىتىدە، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرىنىڭ تەشكىلىي قانۇنى» ۋە ئالاقىدار قانۇنلارغا ئاساسەن، خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرىنىڭ خىزمەت ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ تۈزۈپ چىقىلدى.

2-ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرىنىڭ جىنايى ئىشلار دەۋاسىدىكى ۋەزىپىسى؛ بىۋاسىتە قوبۇل قىلغان دېلولارنى تەھقىقلەش، قولغا ئېلىشنى تەستىقلاش ياكى قارار قىلىش، ئەيىبلەش، جىنايى ئىشلار دۋالىرى ئۈستىدىن قانۇن نازارەتچىلىكى يۈرگۈزۈش، جىنايەت پاكىتلىرىنىڭ توغرا، ۋاقتىدا ئېنىقلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش، قانۇننى توغرا تەتبىقلاش، جىنايەتچىلەرنى جازالاش، جىنايەتسىز كىشىلەرنىڭ جىنايي جاۋابكارلىققا تارتىلماسلىقىنى كاپالەتلەندۈرۈش، دۆلەتنىڭ جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ بىر تۇتاش، توغرا يولغا قويۇلۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش، سوتسىيالىستىك قانۇن-تۈزۈمنى قوغداش، پۇقرالارنىڭ جىسمانىي ھوقۇقى، مال-مۈلۈك ھوقۇقى، دېموكراتىيە ھوقۇقى ۋە باشقا ھوقۇقلىرىنى قوغداش، سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش ئىشلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشىنى كاپالەتلەندۈرۈش.

3-ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى جىنايى ئىشلار دېلولىرىنى بېجىرىشتە، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جىنايى ئىشلار دەۋ اقانۇنى»دا بەلگىلەنگەن تۈرلۈك تۈپ پرىنسىپ، تەرتىپلەرگە ۋە باشقا ئالاقىدار قانۇن بەلگىلىمىلىرىگە قاتتىق ئەمەل قىلىشى كېرەك.

4-ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى جىنايى ئىشلار دېلولىرىنى بېجىرىشتە، دېلونى تەپتىش خادىمى بېجىرىش، دېلو بېجىرگۈچى تارماقنىڭ مەسئۇلى تەكشۈرۈش، باش تەپتىش ياكى تەپتىش ھەيئىتى قارار قىلىش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ.

5-ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى قانۇندىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە ئىچكى ئاپپارات تەسىس قىلىدۇ، جىنايى ئىشلار دەۋالىرىدا تەھقىقلەش، تەكشۈرۈپ قولغا ئېلىش، تەكشۈرۈپ ئەيىبلەشكە ئوخشاش كەسپىي ئىش تەقسىماتى بويىچە ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، ئۆزئارا چەكلىشىپ، دېلو بېجىرىش سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ.

6-ماددا جىنايى ئىشلار دەۋالىرىدا، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى ۋە مەخسۇس خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرىنىڭ خىزمەتلىرىگە رەھبەرلىك قىلىدۇ؛ يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى تۆۋەن دەرىجىلىك خەلق تەپتىش ەمھكىمىلىرىنىڭ خىزمەتلىرىگە رەھبەرلىك قىلىدۇ؛ باش تەپتىش، تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمىتىگە بىر تۇتاش رەھبەرلىك قىلىدۇ.

7-ماددا جىنايى ئىشلار دەۋالىرىدا، يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى تۆۋەن دەرىجىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى چىقارغان قارارلارنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا ياكى ئۆزگەرتىشكە ھوقۇقلۇق؛ تۆۋەن دەرىجىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى بېجىرگەن دېلولاردا خاتالىق بارلىقىنى سەزسە، ئۇلارنى تۈزىتىشكە بۇيرۇشقا ھوقۇقلۇق. 

تۆۋەن دەرىجىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى يۇقىرى دەرىجىلىك خەل تەپتىش مەھكىمىلىرىنىڭ قارارلىرىنى ئىجرا قىلىشى، ئەگەر خاتالىق بار دەپ قارىسا، ئىجرا قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە دوكلات قىلىشى كېرەك.

2-باب باشقۇرۇش تەۋەلىكى

8-ماددا خىيانەتچىلىك، پارىخورلۇق جىنايىتى، دۆلەت خادىملىرىنىڭ مەسئۇلىيەتسىزلىك جىنايىتى، دۆلەت ئورگىنى خادىملىرىنىڭ خىزمەت ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ سادىر قىلغان قانۇنسىز سولاش، قىيناپ سوراق قىلىپ، قىستاپ ئىقرار قىلدۇرۇش، ئۆچ ئېلىپ زىيانكەشلىك قىلىش، قانۇنسىز ئاختۇرۇشتىن ئىبارەت پۇقرالارنىڭ جىسمانىي ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىش جىنايەتلىرى، شۇنىڭدەك پۇقرالارنىڭ دېموكراتىيە ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىش جىنايىتى دېلولىرىنى خەلق تەپتىش مەكھىمىسى دېو ئېچىپ تەھقىقلەيدۇ.

خىيانەتچىلىك، پارىخورلۇق جىنايىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى خاس پرىنسىپىنىڭ 8-بابىدا بەلگىلەنگەن خىيانەتچىلىك، پارىخورلۇق جىنايىتىنى ۋە باشقا بابلىرىدا ئېنىق بەلگىلەنگەن 8-بابتىكى ئالاقىدار ماددىلار بويىچە جىنايەت بېكىتىپ جازا بېرىلىدىغان جىنايەت دېلولىرىنى كۆرسىتىدۇ.

دۆلەت خادىملىرىنىڭ مەسئۇلىيەتسىزلىك جىنايىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى خاس پرىنسىپىنىڭ 9-بابىدا بەلگىلەنگەن مەسئۇلىيەتسىزلىك جىنايىتى دېلولىرىنى كۆرسىتىدۇ.

دۆلەت ئورگىنى خادىملىرى خىزمەت ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ سادىر قىلغان، پۇقرالارنىڭ جىسمانىي ھوقۇقى ۋە دېموكراتىيە ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىش جىنايەت دېلولىرى تۆۋەندىكىچە:

1. قانۇنسىز سولاش دېلوسى (جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 238-ماددىسى)؛

2. قانۇنسىز ئاختۇرۇش دېلوسى (جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 245-ماددىسى)؛

3. قىيناپ سوراق قىلىپ، قىستاپ ئىقرار قىلدۇرۇش دېلوسى (جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 247-ماددىسى)؛

4. زورلۇق بىلەن گۇۋاھلىق ئېلىش دېلوسى (جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 247-ماددىسى)؛

5. نازارەت ئاستىدا باشقۇرۇلۇۋاتقانلارغا تەن جازاسى بېرىش ۋە ئۇلارنى خارلاش دېلوسى(جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 248-ماددىسى)؛

6. ئۆچ ئېلىپ زىيانكەشلىك قىلىش دېلوسى (جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 256-ماددىسى).

9-ماددا دۆلەت ئورگىنى خادىملىرى خىزمەت ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ سادىر قىلغان باشقا چوڭ-چوڭ جىنايەت دېلولىرىدىن خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ بىۋاسىتە قوبۇل قىلىشىغا توغرا كەلگەنلىرىنى خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى ئۆلكە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ قارارى بىلەن دېلو ئېچىپ تەھقىقلىسە بولىدۇ.

10-ماددا بۇ قائىدىنىڭ 9-ماددىسىدا كۆرسىتىلگەن دېلولارنى ئاساسىي قاتلام خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى ياكى شۆبە، ئوبلاستلىق، شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى بىۋاسىتە دېلو ئېچىپ تەھقىقلەشكە تېگىشلىك دەپ قارىسا، ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق جايدىكى ئۆلكە دەرىجىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ قارار قىلىشىغا قاتلام بويىچە يوللىشى كېرەك. شۆبە، ئوبلاستلىق، شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى ئاساسىي قاتلام خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى ئۆلكە دەرىجىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە قاتلام بويىچە يوللىغان دېلولارنى تەكشۈرۈپ، دېلو ئېچىپ تەھقىقلەشكە بولىدىغان-بولمايدىغانلىقى توغرىسىدىكى پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۆلكە دەرىجىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە يوللىشى كېرەك.

ئۆلكە دەرىجىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ دېلو ئېچىپ تەھقىقلەشنى قارار قىلىشىغا يوللايدىغان دېلولارنى تەپتىش ھەيئتى مۇزاكىرە قىلىپ بېكىتىشى، بىۋاسىتە قوبۇل قىلىشنى تەستىقلىتىش تەكلىپنامىسى تۈزۈشى، ئۇنىڭغا ئېنىقلانغان دېلو ئەھۋالى ھەمدە خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ دېلو ئېچىپ تەھقىقلەشكە تېگىشلىك دەپ قارىغان ئاساسلىرىنى ئېنىق يېزىشى، شۇنىڭدەك مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى قوشۇپ ئەۋەتىشى كېرەك.

ئۆلكە دەرىجىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى بىۋاسىتە قوبۇل قىلىشنى تەستىقلىتىش تەكلىپنامىسىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېينكى ئون كۈن ئىچىدە، دېلو ئېچىپ تەھقىقلەشكە بولىدىغان-بولمايدىغانلىقىنى تەپتىش ھەيئىتى مۇزاكىرە قىلىپ قارار قىلىشى كېرەك.

ئۆلكە دەرىجىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى تۆۋەن دەرىجىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ بىۋاسىتە دېلو ئېچىپ تەھقىقلىشىنى قارار قىلسىمۇ، ئۆزى بىۋاسىتە ئېچىپ تەھقىقلەشنى قارار قىلسىمۇ بولىدۇ.

11-ماددا بۇ قائىدىنىڭ 9-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن دېلو ئېچىپ تەھقىقلەيدىغان دېلونىڭ خاراكتېرىگە قاراپ، خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرىنىڭ تەھقىقلەشكە مەسئۇل تارمىقى تەھقىقلىشى كېرەك.

دېلو يوللاشنىڭ كونكرېت رەسمىيىتىنى دېلو يىپ ئۇچىنى سەزگەن كەسپىي تارماق بېجىرىدۇ.

12-ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى تەھقىقلىگەن خىيانەتچلىك، پارىخورلۇق دېلولىرىنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدىكى جىنايى ئىشلار دېلولىرىغا چېتىشلىق بولغانلىرىدىن جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىگە كىرىدىغانلىرىنى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىگە كىرىدىغانلىرىنى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش كېرەك. يۇقىرىقى ئەھۋالدا ئاساسىي جىنايەت جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدە بولسا، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ئاساسلىق تەھلىقلەيدۇ، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ماسلىشىدۇ؛ ئاساسىي جىنايەت خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدە بولسا، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئاساسلىق تەھقىقلەيدۇ، خەلق تەپتىش ەمھكىمىسى ماسلىشىدۇ؛ ئاساسىي جىنايەت خەلق تەپتىش ەمھكىمىلىرىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدە بولسا، خەلق تەپتىش مەھكىمىىسى ئاساسلىق تەھقىقلەيدۇ، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ماسلىشىدۇ.

13-ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى بىۋاسىتە قوبۇل قىلغان دېلولاردا دەرىجە بويىچە دېلو ئېچىپ تەھقىقلەش تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ.

ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى مەملىكەت خاراكتېرلىك چوڭ جىنايەت دېلولىرىنى دېلو ئېچىپ تەھقىقلەيدۇ؛ ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى ئۆلكە(ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر)خاراكتېرلىك چوڭ جىنايەت دېلولىرىنى دېلو ئېچىپ تەھقىقلەيدۇ؛ شۆبە، ئوبلاستلىق، شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى ئۆز رايونىدىكى چوڭ جىنايەت دېلولىرىنى ئېچىپ تەھقىقلەيدۇ؛ ئاساسىي قاتلام خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى ئۆز رايونىدىكى چوڭ جىنايەت دېلولىرىنى دېلو ئېچىپ تەھقىقلەيدۇ؛ ئاساسىي قاتلام خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى ئۆز رايونىدىكى جىنايەت دېلولىرىنى دېلو ئېچىپ تەھقىقلەيدۇ.

14-ماددا يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى زۆرۈر تاپقاندا تۆۋەن دەرىجىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدىكى دېلولارنى بىۋاسىتە تەھقىقلىسە ياكى تەھقىقلەشكە ئۇيۇشتۇرسا، قوماندانلىق قىلسا، قاتناشسا بولىدۇ. ئۆز مەھكىمىسىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدىكى دېلولارنى تۆۋەن دەرىجىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تەھقىقلىشىگە تاپشۇرسىمۇ بولىدۇ؛ تۆۋەن دەرىجىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى دېلو ئەھۋالى ئېغىر، مۇرەككەپ بولغان، يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى تەھقىقلەشكە تېگىشلىك دەپ قارىغان دېلولارنى يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى تەھقىقلەشكە تېگىشلىك دەپ قارىغان دېلولارنى يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تەھقىقلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.

15-ماددا دۆلەت خادىملىرىنىڭ ۋەزىپىسىگە مۇناسىۋەتلىك جىنايەت دېلولىرى جىنايەت گۇماندارى ئىشلەيدىغان جايدىكى خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدە بولىدۇ؛ باشقا خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدە بولسا تېخىمۇ مۇۋاپىق بولىدىغانلىرى شۇ خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدە بولسا بولىدۇ.

16-ماددا باشقۇرۇش تەۋەلىكى ئېنىق بولمىغان دېلولارنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىنى مۇناسىۋەتلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى بىلەن كېڭىشىپ بېكىتىشكە بولىدۇ. باشقۇرۇش تەۋەلىكى ھوقۇقىدا تالاش-تارتىش بولغان ياكى ئەھۋالى ئالاھىدە بولغان دېلولارنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىنى ئۇلارغا ئورتاق بولغان يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى بېكىتىدۇ.

17-ماددا بىرنەچچە خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدە بولغان دېلو، دەسلەپتە قوبۇل قىلغان خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدە بولسىمۇ بولىدۇ.

18-ماددا تۆۋەن دەرىجىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرىنىڭ دېلو ئېچىپ تەھقىقلەش تەۋەلىكى ئېنىق بولمىغان ياكى باشقۇرۇش تەۋەلىكىنى ئۆزگەرتىشكە تېگىشلىك بولغان دېلولارنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىنى، يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى بەلگىلەپ بەرسە بولىدۇ.

19-ماددا ھەربىي تەپتىش مەھكىمىسى، تۆمۈريول ترانسپورتى تەپتىش مەھكىمىسىگە ئوخشاش مەخسۇس خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكى، شۇنىڭدەك ئارمىيە، قوراللىق ساقچى قىسىملىرىنىڭ يەرلىككە چېتىشلىق جىنايى ئىشلار دېلولىرىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەر بويىچە بولىدۇ.

3-باب چەتلەپ تۇرۇش

20–ماددا تەپتىش خادىملىرىدىن پاش قىلىنغان ئىشلارنى قوبۇل قىلىش ۋە دېلو بېجىرىش جەريانىدا، جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنىنىڭ 28-ماددىسى ياكى 29-ماددىسىدا بەلگىلەنگەن ئەھۋاللارنىڭ بىرى بارلىقىنى سەزگەنلىرى چەتلەپ تۇرۇشنى ئۆزى ئوتتۇرىغا قويۇشى كېرەك؛ چەتلەپ تۇرۇشنى ئۆزى ئوتتۇرىغا قويسا، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى بۇ قائىدىنىڭ 23-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، شۇ خادىمىنىڭ چەتلەپ تۇرۇشىنى قارار قىلىشى كېرەك. دەۋالاشقۇچى ۋە ئۇنىڭ قانۇنىي ۋاكالەتچىسى ئۇنىڭ چەتلەپ تۇرۇشىنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

21-ماددا تەپتىش خادىملىرى چەتلەپ تۇرۇشنى ئاغزاكى ياكى يازما ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ ھەمدە سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈشى كېرەك. ئاغزاكى ئىلتىماسنى خاتىرىلەپ قويۇش كېرەك.

22-ماددا دەۋالاشقۇچى ۋە ئۇنىڭ قانۇنىي ۋاكالەتچىسى چەتلەپ تۇرۇش تەلىپىنى خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە يازما ياكى ئاغزاكى ئوتتۇرىغا قويۇشى ھەمدە سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈشى كېرەك؛ جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنىنىڭ 29-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، چەتلەپ تۇرۇشنى ئىلتىماس قىلغۇچىلار ئالاقىدار ئىسپات ماتېرىياللىرىنى يەتكۈزۈپ بېرىشى كېرەك. خەلق تەپتىش مەھكىمىسى قاراپ چىقىش ياكى تەكشۈرۈش ئارقىلىق، چەتلەپ تۇرۇش شەرتىگە چۈشىدىغانلىرىنىڭ چەتلەپ تۇرۇشىنى قارار قىلىشى، چەتلەپ تۇرۇش شەرتىگە چۈشمەيدىغانلىرىنىڭ ئىلتىماسىنى رەت قىلىشى كېرەك.

23-ماددا باش تەپتىشنىڭ چەتلەپ تۇرۇشىنى تەپتىش ھەيئىتى مۇزاكىرە قىلىپ قارار قىلىدۇ. تەپتىش ھەيئىتى باش تەپتىشنىڭ چەتلەپ تۇرۇشىنى مۇزاكىرە قىلغاندا، يىغىنغا مۇئاۋىن باش تەپتىش رىياسەتچىلىك قىلىدۇ، باش تەپتىش قاتناشسا بولمايدۇ. باشقا تەپتىش خادىملىرىنىڭ چەتلەپ تۇرۇشىنى باش تەپتىش بېكىتىدۇ.

24-ماددا دەۋالاشقۇچى ۋە ئۇنىڭ قانۇنىي ۋاكالەتچىسى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى مەسئۇلىنىڭ چەتلەپ تۇرۇشىنى تەلەپ قىلماقچى بولسا، شۇ جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى بىلەن تەڭ دەرىجىلىك خەلق تەپتىش ھەيئىتىنىڭ مۇزاكىرە قىلىپ قارار قىلىشىغا سۇنۇشى كېرەك.

25-ماددا چەتلەپ تۇرۇشقا تېگىشلىك خادىملار چەتلەپ تۇرۇشنى ئۆزى ئوتتۇرىغا قويمىغان، دەۋالاشقۇچى ۋە ئۇنىڭ قانۇنىي ۋاكالەتچىسىمۇ چەتلەپ تۇرۇشنى ئىلتىماس قىلمىغان بولسا، باش تەپتىش ياكى تەپتىش ھەيئىتى ئۇنىڭ چەتلەپ تۇرۇشىنى قارار قىلىشى لازىم.

26-ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىسى چەتلەپ تۇرۇش ئىلتىماسىنى رەت قىلىش قارارى چىقارغاندىن كېيىن، دەۋالاشقۇچى ۋە ئۇنىڭ قانۇنىي ۋاكالەتچىسىگە ئۇقتۇرۇپ قويۇشى كېرەك؛ ئۇلار بۇ قارارغا قايىل بولمىسا، چەتلەپ تۇرۇش ئىلتىماسىنى رەت قىلىش قارارنامىسىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن بش كۈن ئىچىدە ئەسلىي قارار قىلغان ئورگانغا قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

27-ماددا دەۋالاشقۇچى ۋە ئۇنىڭ قانۇنىي ۋاكالەتچىسى چەتلەپ تۇرۇش ئىلتىماسىنى رەت قىلىش قارارىغا قايىل بولماي، قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلسا، قارار قىلغۇچى ئورگان ئۈچ كۈن ئىچىدە قايتا قاراپ چىقىش قارارى چىقىرىشى ھەمدە ئىلتىماس قىلغۇچىغا يازما ئۇقتۇرۇپ قويۇشى كېرەك.

28-ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرىنىڭ دېلولارنى بىۋاسىتە قوبۇل قىلغان تەھقىقلىگۈچى خادىملىرى ياكى تولۇقلاپ تەھقىقلىگەن خادىملىرى چەتلەپ تۇرۇش قارارى چىقىرىلغۇچە دېلونى تەھقىقلەشنى توختىتىپ قويسا بولمايدۇ.

29-ماددا شۇ دېلونى تەھقىقلەشكە قاتناشقان تەھقىقلىگۈچى خادىملار خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە يۆتكىلىپ كەلگەن بولسا، شۇ دېلودا تەپتىش خادىمى ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالسا بولمايدۇ.

30-ماددا جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنىنىڭ 28-ماددىسى ياكى 29-ماددىسىدا بەلگىلەنگەن ئەھۋاللارنىڭ بىرىگە توغرا كېلىپ چەتلەپ تۇرىدىغان تەپتىش خادىملىرى چەتلەپ تۇرۇش قارارى چىقىرىلغۇچە قولغا چۈشۈرگەن دەلىل-ئىسپات ۋە ئېلىپ بارغان دەۋا ھەرىكىتىنىڭ كۈچكە ئىگە بولىدىغان-بولمايدىغانلىقىنى تەپتىش ھەيئىتى ياكى باش تەپتىش دېلونىڭ كونكرېت ئەھۋالىغا ئاساسەن بېكىتىدۇ.

31-ماددا بۇ قائىدىنىڭ چەتلەپ تۇرۇش توغرىسىدىكى بەلگىلىمىلىرى پۈتۈكچى، قانۇن ساقچىسى ۋە خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى تەكلىپ قىلغان ياكى ئەۋەتكەن تەرجىمان، باھالىغۇچىلارغىمۇ باب كېلىدۇ.

پۈتۈكچى، قانۇن ساقچىسى ۋە خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى تەكلىپ قىلغان ياكى ئەۋەتكەن تەرجىمان، باھالىغۇچىلارنىڭ چەتلەپ تۇرۇشىنى باش تەپتىش بېكىتىدۇ.

4-باب مەجبۇرلاش تەدبىرى

1-پاراگراف مەجبۇرىي چاقىرتىش

32-ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىسى دېلو ئەھۋالىغا قاراپ جىنايەت گۇماندارىنى مەجبۇرىي چاقىرتسا بولىدۇ.

مەجبۇرىي چاقىرتىشنى باش تەپتىش تەستىقلايدۇ ۋە مەجبۇرى چاقىرتىش گۇۋاھنامىسىغا ئىمزا قويىدۇ.

33-ماددا مەجبۇرىي چاقىرتىشتا، مەجبۇرىي چاقىرتىش گۇۋاھنامىسىنى مەجبۇرىي چاقىرتىلغان جىنايەت گۇماندارىغا كۆرسىتىش كېرەك. قارشىلىق كۆرسەتكەنلەرگە، ئېھتىيات قورالى ئىشلىتىپ مەجبۇرىي ئېلىپ كېلىشكە بولىدۇ.

مەجبۇرىي چاقىرتىشنى ئىجرا قىلىدىغان خادىم ئىككىدىن كەم بولسا بولمايدۇ.

34-ماددا مەجبۇرىي چاقىرتىشنىڭ داۋاملىشىش ۋاقتى جىنايەت گۇماندارى يېتىپ كەلگەن ۋاقىتتىن باشلاپ ھېسابلىنىدۇ. جىنايەت گۇماندارى يېتىپ كەلگەندىن كېيىن «مەجبۇرىي چاقىرتىش گۇۋاھنامىسى» غا يېتىپ كەلگەن ۋاقىتنى تولدۇرغۇزۇش ھەمدە مەجبۇرىي چاقىرتىش گۇۋاھنامىسىغا ئىمزا قويدۇرۇش ياكى تامغىسىنى باستۇرۇش، ئاندىن دەرال سوئال سوراش لازىم. سوئال سوراپ بولغاندىن كېيىن، جىنايەت گۇماندارىغا سوئال سوراپ بولغان ۋاقىتنى مەجبۇرىي چاقىرتىش گۇۋاھنامىسىغا تولدۇرغۇزۇش كېرەك. جىنايەت گۇماندارى تولدۇرۇشقا ئۇنىمىسا، تەپتىش خادىملىرى «مەجبۇرىي چاقىرتىش گۇۋاھنامىسى» غا ئەسكەرتىپ قويۇشى لازىم.

بىر قېتىملىق مەجبۇرىي چاقىرتىشنىڭ داۋاملىشىش ۋاقتى ئەڭ ئۇزاق بولغاندا 12 سائەتتىن ئېشىپ كەتسە بولمايدۇ؛ ئارقا-ئارقىدىن مەجبۇرىي چاقىرتىش ئۇسۇلى ئارقىلىق، جىنايەت گۇماندارىنى شەكلى ئۆزگەرگەن ھالدا سولاپ قويۇشقا بولمايدۇ.

35-ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىسى جىنايەت گۇماندارىنى مەجبۇرىي چاقىرتىشنى جىنايەت گۇماندارى تۇرۇشلۇق شەھەر، ناھىيە تەۋەسىدىكى جايلاردا ئېلىپ بېرىشى كېرەك.

جىنايەت گۇماندارى تۇرۇشلۇق شەھەر، ناھىيە تەۋەسىدىكى جايلاردا ئېلىپ بېرىشى كېرەك.

جىنايەت گۇماندارىنىڭ ئىشلەيدىغان ئورنى ۋە نوپۇسى بار جاي بىلەن ئولتۇراق جايى ئوخشاش بىر شەھەر، ناھىيىدە بولمىسا، مەجبۇرىي چاقىرتىشنى جىنايەت گۇماندارى ئىشلەيدىغان جايدىكى شەھەر، ناھىيىدە ئېلىپ بېرىش لازىم؛ پەۋقۇلئاددە ئەھۋالدا جىنايەت گۇماندارىنىڭ نوپۇسى بار جاي ياكى ئولتۇراق جايىدىكى شەھەر، ناھىيىدە ئېلىپ بېرىلسىمۇ بولىدۇ.

36-ماددا مەجبۇرىي چاقىرتىپ كېلىنگەن جىنايەت گۇماندارىغا قوللىنىلغان مەجبۇرلاش تەدبىرىنى ئۆزگەرتىشكە توغرا كەلسە، باش تەپتىش ياكى تەپتىش ھەيئىتىنىڭ قارارى بىلەن مەجبۇربىي چاقىرتىش مۇددىتى ئىچىدە ئۆزگەرتىش رەسمىيىتىنى ئۆتەش كېرەك.

مەجبۇرىي چاقىرتىش مەزگىلىدە باشقا مەجبۇرلاش تەدبىرىنى قوللانماسلىق قارار قىلىنسا، مەجبۇرىي چاقىرتىش مۇددىتى توشقاندىن كېيىن مەجبۇرىي چاقىرتىشنى توختىتىش لازىم.

2-پاراگراف بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كېپىلگە بېرىش

37-ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىسى تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىگە توغرا كەلگەن جىنايەت گۇماندارىنى بىر تەرپ قىلنغۇچە كېپىلگە بەرسە بولىدۇ:

(1) رېجىم جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ھۆكۈم قىلىنىش ياكى قوشۇمچە جازا ئايرىم تەتبىقلىنىش ئېھتىمالى بارلار؛

(2) مۇددەتلىك قاماق جازاسىدىن يۇقىرى جىنايى جازا ھۆكۈم قىلىنىش ئېھتىمالى بولۇپ، قولغا ئالمىسىمۇ جەمئىيەتكە خەۋپ يەتكۈزمەيدىغانلار؛

(3) توختىتىپ قويۇلغانلاردىن قولغا ئېلىشقا تېگىشلىك بولسىمۇ، دەلىل-ئىسپاتى قولغا ئېلىش شەرتىگە توشمايدىغانلار؛

(4) قولغا ئېلىشقا تېگىشلىك بولغانلاردىن ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولغانلار؛

(5) قولغا ئېلىشقا تېگىشلىك بولغانلاردىن ھامىلىدار ياكى بالىسىنى ئېمىتىۋاتقانلار؛

(6) قاماپ قويۇلغان جىنايەت گۇماندارلىرىدىن قانۇندا بەلگىلەنگەن تەھقىقلەش يۈزىسىدىن قاماپ تۇرۇش، ئەيىبلەش سۈرۈكى ئىچىدە دېلوسىنى ئاياغلاشتۇرغىلى بولماي داۋاملىق تەھقىقلەشكە ياكى ئەيىبلەشكە تېگىشلىك بولغانلار؛

(7) ئىناۋەتلىك پاسپورت ياكى ئىناۋەتلىك چېگرىدىن كىرىش-چىقىش گۇۋاھنامىسى بىلەن تەھقىقلەشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇش مەقسىتىدە چېگرىدىن چىقىپ كېتىش ئېھتىمالى بولسىمۇ، قولغا ئېلىشقا تېگىشلىك بولمىغانلار.

38-ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىسى جەمئىيەت ئامانلىقىغا ئېغىر خەۋپ يەتكۈزگەن جىنايەت گۇماندارلىرىنى ۋە جىنايىتىنىڭ خاراكتېرى قەبىھ، قىلمىشى ئېغىر باشقا جىنايەت گۇماندارلىرىنى بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كېپىلگە بەرسە بولمايدۇ.

39-ماددا قاماپ قويۇلغان جىنايەت گۇماندارى ۋە ئۇنىڭ قانۇنىي ۋاكالەتچىسى، يېقىن تۇغقانلىرى ۋە ھاۋالە قىلغان ئادۋوكاتى بىر تەرەپ قىلنغۇچە كېپىلگە بېرىشنى ئىلتىماس قىلسا، تەكشۈرۈش ئارقىلىق مۇشۇ قائىدىنىڭ 37-ماددىسىدا بەلگىلەنگەن ئەھۋاللارنىڭ بىرىگە توغرا كەلسە، باش تەپتىشنىڭ قارارى بىلەن جىنايەت گۇماندارىنى بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كېپىلگە بېرىشكە بولىدۇ.

40-ماددا قاماپ قويۇلغان جىنايەت گۇماندارى ۋە ئۇنىڭ قانۇنىي ۋاكالەتچىسى، يېقىن تۇغقىنى ۋە تەكلىپ قىلغان ئادۋوكاتى خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كېپىلگە بېرىشنى ئىلتىماس قىلسا، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى يەتتە كۈن ئىچىدە قوشۇلىدىغان-قوشۇلمايدىغانلىقى توغرىسىدا جاۋاب بېرىشى كېرەك. تەكشۈرۈش ئارقىلىق مۇشۇ قائىدىنىڭ 137-ماددىسىدا بەلگىلەنگەن ئەھۋاللارنىڭ بىرىگە توغرا كەلسە، قاماپ قويۇلغان جىنايەت گۇماندارىغا بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كېپىلگە بېرىش رەسمىيىتىنى قانۇن بويىچە بېجىرىپ بېرىش؛ تەكشۈرۈش ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كېپىلگە بېرىش شەرتىگە چۈشمىسە، ئىلتىماس قىلغۇچىغا ئۇقتۇرۇپ قويۇش ھەمدە بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كېپىلگە بېرىشكە قوشۇلمايدىغانلىق سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈپ قويۇش لازىم.

41-ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىسى جىنايەت گۇماندارىنى كېپىل كۆرسىتىشكە ياكى كېپىللىك پۇلى تاپشۇرۇشقا بۇيرۇشى كېرەك.

42-ماددا كېپىل بولغۇچى كېپىللىكنى ئۈستىگە ئېلىشتا، جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنىنىڭ 54-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن كېلىشى ھەمدە خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىشى شەرت.

43-ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىسى كېپىلگە تۆۋەندىكى مەجبۇرىيەتلەرنى ئادا قىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرۇپ قويۇشى كېرەك:

(1) كېپىللىك قىلىنغۇچىنىڭ جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنىنىڭ 56-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە رىئايە قىلىشىغا نازارەتچىلىك قىلىش؛

(2) كېپىللىك قىلىنغۇچىنىڭ جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنىنىڭ 56-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ كېلىدىغان قىلمىش سادىر قىلىش ئېھتىمالى بارلىقىنى ياكى سادىر قىلغانلىقىنى سەزسە، ئىجرا قىلغۇچى ئورگانغا ۋاقتىدا دوكلات قىلىش.

كېپىل يۇقىرىقى مەجبۇرىيەتلەرنى ئۈستىگە ئېلىشقا ۋەدە بەرگەندىن كېيىن بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كېپىلگە بېرىش كاپالەتنامىسىگە ئىمزا قويۇشى ياكى تامغىسىنى بېسىشى كېرەك.

44-ماددا كاپالەت پۇلى ئارقىلىق كېپىللىك قىلىنىدىغانلىرىدا، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى جىنايەتنىڭ خاراكتېرى ۋە قىلمىشى، جىنايەت گۇماندارىنىڭ جىسمانىي خېيىمخەتىرى، ئىقتىسادىي ئەھۋالى ۋە جىنايەت سوممىسىغا قاراپ جىنايەت گۇماندارىنى 1000 يۈەندىن ئارتۇق كاپالەت پۇلى تاپشۇرۇشقا بۇيرۇسا بولىدۇ.

45-ماددا جىنايەت گۇماندارىنى بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كېپىلگە بېرىشتە، دېلو بېجىرگۈچى پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى، تارماق مەسئۇلى تەكشۈرۈشى، باش تەپتىش بېكىتىشى لازىم.

46-ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىسى بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كېپىلگە بېرىلىدىغان جىنايەت گۇماندارىغا بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كېپىلگە بېرىش قارارىنى ئوقۇپ بېرىشى، جىنايەت گۇماندارىنى ئۇنىڭغا ئىمزا قويغۇزۇشى ياكى تامغىسىنى باستۇرۇشى ھەمدە جىنايەت گۇماندارىنى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنىنىڭ 56-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە رىئايە قىلىشقا بۇيرۇشى؛ ئۇنىڭغا بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلسا قانۇنىي جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرۇپ قويۇشى؛ كاپالەت پۇلى ئارقىلىق كېپىلگە بېرىلىدىغان بولسا، جىنايەت گۇماندارىغا كاپالەت پۇلىنى بەلگىلەنگەن جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورنىغا تاپشۇرۇشنى ئۇقتۇرۇپ قويۇشى كېرەك.

47-ماددا جىنايەت گۇماندارىغا بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كېپىلگە بېرىش قارارىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كېپىلگە ېبرىشنى ئىجرا قىلىش ئۇقتۇرۇشىنى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ ئىجرا قىلىشىغا يەتكۈزۈپ بېرىشى ھەمدە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا ئىجرا قىلىش مەزگىلىدە جىنايەت گۇماندارىنىڭ ئولتۇرۇشلۇق جايدىكى شەھەر، ناھىيىدىن ئايرىلىشىنى تەستىقلاشتا خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىش كېرەكلىكىنى ئۇقتۇرۇپ قويۇۇشى كېرەك. كپېىل ئارقىلىق كېپىللىك قىلىنىدىغانلىرىدا، بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كېپىلگە بېرىش كاپالەتنامىسىنى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا يەتكۈزۈپ بېرىش لازىم.

48-ماددا كېپىل ئارقىلىق كېپىللىك قىلىنىدىغانلىرىدا، بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كېپىلگە بېرىش مەزگىلىدىكى كېپىل داۋاملىق كېپىللىك قىلىشنى خالىمىسا ياكى كېپىللىك شەرتىدىن مەھرۇم بولسا، جىنايەت گۇماندارىنى قايتا كېپىل كۆرسىتىشكە بۇيرۇش ياكى كاپالەت پۇلى ئارقىلىق كېپىللىك قىلىشقا ئۆزگەرتىش ئەھۋالىنى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا ئۇقتۇرۇپ قويۇشى كېرەك.

49-ماددا كاپالەت پۇلى ئارقىلىق كېپىللىك قىلىنىدىغانلىرىدا، بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كېپىللىك بېرىلگۈچى كاپالەت پۇلى تاپشۇرۇشنى رەت قىلسا ياكى تاپشۇرغان كاپالەت پۇلى بەلگىلەنگەن سانغا يەتمىسە، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كېپىلگە بېرىش تەدبىرىنى ئۆزگەرتىپ، كېپىللىك ئۇسۇلى ياكى كاپالەت پۇلى سانىنى ئۆزگەرتىش توغرىسىدا قارار چىقىرىشى، ئۆزگەرتىش ئەھۋالىنى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا ئۇقتۇرۇپ قويۇشى كېرەك.

50-ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كېپىلگە بېرىش ئىجرا قىلىنىۋاتقان مەزگىلدە، جىنايەت گۇماندارىنىڭ ئۆزى ئولتۇرۇشلۇق شەھەر، ناھىيىدىن ئايرىلىشىغا قوشۇلىدىغان-قوشۇلمايدىغانلىقىنى خەلق تەپتىش مەھكىمىسىدىن سورىغاندا، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى دېلونىڭ كونكرېت ئەھۋالىغا قاراپ بېكىتىشى كېرەك.

51-ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىسى كېپىلنىڭ جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنىنىڭ 55-ماددىسىدا بەلگىلەنگەن مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلماي، كېپىللىك قىلىنغۇچىنىڭ جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنىنىڭ 56-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلىرىنى ۋاقتىدا مەلۇم قىلمىغانلىقىنى سەزسە، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا ئۇقتۇرۇپ قويۇشى، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىدىن كېپىلگە جەرىمانە قويۇش قارارى چىقىرىشنى تەلەپ قىلىشى لازىم. جىنايەت شەكىللەندۈرگەن كېپىلنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.

52-ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىسى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنىنىڭ 56-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغان جىنايەت گۇماندارلىرىدىن كاپالەت پۇلى تاپشۇرغانلىرىنىڭ كاپالەت پۇلىنى مۇسادىرە قىلىش توغرىسىدا كاپالەت پۇلى ئالغان جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا ئۇقتۇرۇش قىلىشى ھەمدە دېلونىڭ كونكرېت ئەھۋالىغا قاراپ جىنايەت گۇماندارىنى تۆۋىنامە يېزىشقا، قايتا كاپالەت پۇلى تاپشۇرۇشقا، كېپىل كۆرسىتىشكە بۇيرۇشى ياكى تۇرار جايىنى نازارەت ئاستىغا ئېلىشى، قولغا ئېلىشى كېرەك.

قايتا كاپالەت پۇلى تاپشۇرۇش تەرتىپىدە مۇشۇ قائىدىنىڭ 44-، 45-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە تەتبىقلىنىدۇ.

جىنايەت گۇماندارى بىر تەرەپ قىلىنغۇچە داۋاملىق كېپىلگە بېرىلگەن بولسا، كېپىلگە بېرىش ۋاقتىنى قوشۇپ ھېسابلاش كېرەك.

53-ماددا بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كېپىلگە بېرىش بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلغان تۆۋەندىكى جىنايەت گۇماندارلىرىنى قولغا ئېلىش كېرەك:

(1) ئۆلۈۋېلىشقا، قېچىپ كېتىشكە ئۇرۇنۇپ، تەھقىقلەشتىن، ئەيىبلەشتىن ئۆزىنى قاچۇرغانلار؛

(2) دەلىل-ئىسپاتلارنى يوقىتىۋېتىش، ياساش ياكى تىل بىرىكتۈرۈۋېلىش ئارقىلىق گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىق بېرىشىگە كاشىلا قىلىپ، تەھقىقلەش، ئەيىبلەش خىزمىتىنىڭ نورمال ئېلىپ بېرىلىشىغا تەسىر يەتكۈزگەنلەر؛

(3) تەستىقىدىن ئۆتكۈزمەي ئۆزى ئولتۇرۇشلۇق شەھەر، ناھىيىدىن ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئايرىلىپ، ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلار ياكى ئولتۇرۇشلۇق شەھەر، ناھىيىدىن ئىككى قېتىم تەستىقسىز ئايرىلغانلار؛

(4) چاقىرتىلغاندا ھازىر بولماي ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلار ياكى ئىككى قېتىم چاقىرتىلغاندا ھازىر بولمىغانلار.

54-ماددا بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كېپىلگە بېرىلگەن مەزگىلدە قەستەن يېڭى جىنايەت ئۆتكۈزگەن جىنايەت گۇماندارى قولغا ئېلىنىدۇ؛ كاپالەت پۇلى تاپشۇرغان بولسا، ئۇنى مۇسادىرە قىلىش توغرىسىدا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا ئۇقتۇرۇش قىلىنىدۇ.

55-ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىسى جىنايەت گۇماندارلىرىنى بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كېپىلگە بېرىشنى قارار قىلغاندا، كېپىلگە بېرىش ۋاقتىنى ئۇزاق بولغاندا 12 ئايدىن ئاشۇرۇۋەتسە بولمايدۇ.

56-ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى جىنايەت گۇماندارىنى بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كېپىلگە بېرىشنى قارار قىلىپ، دېلونى خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەندىن كېيىن، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى داۋاملىق بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كېپىلگە بېرىشكە تېگىشلىك جىنايەت گۇماندارىنىڭ كېپىلگە بېرىش رەسمىيىتىنى قانۇن بويىچە بېجىرىشى كېرەك. بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كېپىلگە بېرىش رەسمىيىتىنى قانۇن بويىچە بېجىرىشى كېرەك. بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كېپىلگە بېرىش سۈرۈكىنى يېڭىۋاشتىن ھېسابلاش ھەمدە جىنايەت گۇماندارىغا ئۇقتۇرۇپ قويۇش لازىم.

57-ماددا بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كېپىلگە بېرىش مەزگىلىدە دېلو تەھقىقلەش، ئەيىبلەشنى توخىتىتىپ قويۇشقا بولمايدۇ.

58-ماددا بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كېپىلگە بېرىش سۈرۈكى توشقان ياكى جىنايەت گۇماندارىنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تېگىشلىك ئەمەسلىكى سېزىلگەن بولسا، بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كېپىلگە بېرىشنى ۋاقتىدا بىكار قىلىش ياكى كۈچتىن قالدۇرۇش كېرەك.

59-ماددا بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كېپىلگە بېرىشنى بىكار قىلىش ياكى كۈچتىن قالدۇرۇشتا، دېلو بېجىرگۈچىلەر پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى، تارماق مەسئۇلى تەكشۈرۈشى، باش تەپتىش بېكىتىشى كېرەك.

60-ماددا بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كېپىلگە بېرىشنى بىكار قىلىش ياكى كۈچتىن قالدۇرۇش قارارىنى ئىجرا قىلغۇچى ئورگانغا ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇش ھەمدە بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كېپىلگە بېرىشنى بىكار قىلىش ياكى كۈچتىن قالدۇرۇش قارارنامىسىنى جىنايەت گۇماندارىغا يەتكۈزۈپ بېرىش، كېپىلى بارلارنىڭ كېپىلگە كېپىللىك مەجبۇرىيىتىنى بىكار قىلىش ھەققىدە ئۇقتۇرۇش قىلىش كېرەك.

61-ماددا جىنايەت گۇماندارى بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كېپىلگە بېرىش مەزگىلىدە جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنىنىڭ 56-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلمىغان ياكى جىنايەت گۇماندارىنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تېگىشلىك ئەمەسلىكى سېزىلىپ، بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كېپلگە بېرىشنى ئۆزگەرتكەن، بىكار قىلغان ياكى كۈچتىن قالدۇرغاندا، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا كاپالەت پۇلىنى قايتۇرۇپ بېرىش ھەققىدە ئۇقتۇرۇش قىلىش كېرەك.

62-ماددا جىنايەت گۇماندارى ۋە ئۇنىڭ قانۇنىي ۋاكالەتچىسى، يېقىن تۇغقىنى ياكى جىنايەت گۇماندارى ھاۋالە قىلغان ئادۋوكات ۋە ئاقلىغۇچى بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كېپىلگە بېرىش قانۇندا بەلگىلەنگەن سۈرۈكتىن ئېشىپ كەتتى دەپ قاراپ، خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كېپىلگە بېرىشنى قارار قىلىشى لازىم. تەكشۈرۈش ئارقىلىق قانۇندا بەلگىلەنگەن سۈرۈكتىن ئېشىپ كەتكەن دەپ قارىسا، باش تەپتىشنىڭ تەستىقىنى ئالغاندىن كېيىن بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كېپىلگە بېرىشنى بىكار قىلىشى؛ تەكشۈرۈش ئارقىلىق قانۇندا بەلگىلەنگەن سۈرۈكتىن ئېشىپ كەتمىگەنلىكى ئېنىقلانغان بولسا، ئىلتىماس قىلغۇچىغا يازما جاۋاب بېرىشى لازىم.

3-پاراگراف تۇرار جايىنى نازارەت ئاستىغا ئېلىش

63-ماددا خەلق تەپتىش مەھىكمىسى مۇشۇ قائىدىنىڭ 37-ماددىسىدا بەلگىلەنگەن ئەھۋاللارنىڭ بىرىگە توغرا كەلگەن جىنايەت گۇماندارىنىڭ تۇرار جايىنى نازارەت ئاستىغا ئالسا بولىدۇ.

64-ماددا جىنايەت گۇماندارىنىڭ تۇرار جايىنى نازارەت ئاستىغا ئېلىشتا، دېلو بېجىرگۈچىلەر پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى، تارماق مەسئۇلى تەكشۈرۈشى، باش تەپتىش بېكىتىشى كېرەك.

65-ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، تۇرار جايى نازارەت ئاستىغا ئېلىنىدىغان جىنايەت گۇماندارىغا تۇرار جايىنى نازارەت ئاستىغا ئېلىش قارارنامىسىنى ئوقۇپ بېرىشى، جىنايەت گۇماندارىغا ئىمزا قويدۇرۇشى ياكى تامغىسىنى باستۇرۇشى ھەمدە جىنايەت گۇماندارىنى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنىنىڭ 57-مادىسىدىكى بەلگىلىمىگە رىئايە قىلىشقا بۇيرۇشى، بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلسا قانۇن جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرۇپ قويۇشى لازىم.

66-ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىسى تۇرار جايىنى نازارەت ئاستىغا ئېلىشنى ئىجرا قىلىش ئۇقتۇرۇشىنى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ ئىجرا قىلىشىغا يەتكۈزۈپ بېرىشى ھەمدە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا ئىجرا قىلىش مەزگىلىدە جىنايەت گۇماندارىنىڭ تۇرار جايى، ئولتۇرۇشلۇق جايىدىن ئايرىلىشنى ياكى باشقىلار بىلەن كۆرۈشۈشنى تەستىقلاشتا، خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىشى كېرەكلىكىنى ئۇقتۇرۇپ قويۇشى لازىم.

67-ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى تۇرار جايىنى نازارەت ئاستىغا ئېلىشنى ئىجرا قىلىۋاتقان مەزگىلدە، جىنايەت گۇماندارىنىڭ تۇرار جاي، ئولتۇرۇشلۇق جايدىىن ئايرىلىشىنى ياكى باشقىلار بىلەن كۆرۈشۈشىنى تەستىقلاشقا قوشۇلىدىغان-قوشۇلمايدىغانلىقىنى خەلق تەپتىش مەھكىمىسىدىن سورىغاندا، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى دېلونىڭ كونكرېت ئەھۋالىغا قاراپ قوشۇلىدىغان-قوشۇلمايدىغانلىقىنى بېكىتىشى لازىم.

68-ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىسى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنىنىڭ 57-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغان جىنايەت گۇماندارلىرىدىن قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىنى قولغا ئالىدۇ؛ قىلمىشى يېنىكرەك بولغانلىرىغا تەنبىھ بەرسە، توۋىنامە يازدۇرسا بولىدۇ.

تۇرار جايىنى نازارەت ئاستىغا ئېلىش بەلگىلىمىسىگە خىلاپ تۆۋەندىكى قىلمىشلارنى سادىر قىلغانلاردىن قىلمىشى ئېغىر بولغان جىنايەت گۇماندارلىرىنى قولغا ئېلىش كېرەك:

(1) قەستەن يېڭى جىنايەت ئۆتكۈزگەنلەر؛

(2) ئۆلۈۋېلىشقا، قېچىپ كېتىشكە ئۇرۇنۇپ، تەھقىقلەشتىن، ئەيىبلەشتىن ئۆزىنى قاچۇرغانلار؛

(3) دەلىل-ئىسپاتلارنى يوقىتىۋېتىش، ياساش ياكى تىل بىرىكتۈرۈۋېلىش، گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىق بېرىشىگە كاشىلا قىلىش ئارقىلىق تەھقىقلەش، ئەيىبلەش خىزمىتىنىڭ نورمال ئېلىپ بېرىلىشىغا تەسىر يەتكۈزگەنلەر؛

(4) تەستىقتىن ئۆتكۈزمەي تۇرۇپ تۇرار جايىدىن ياكى بەلگىلەنگەن ئولتۇرۇشلۇق جايىدىن ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئايرىلىپ، ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلار ياكى تۇرار جايىدىن، بەلگىلەنگەن ئولتۇرۇشلۇق جايىدىن ئىككى قېتىم تەستىقسىز ئايرىلغانلار؛

(5) تەستىقتىن ئۆتكۈزمەي تۇرۇپ باشقىلار بىلەن ئۆز مەيلىچە كۆرۈشۈپ ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلار ياكى باشقىلار بىلەن تەستىقسىز ئىككى قېتىم كۆرۈشكەنلەر؛

(6) چاقىرتىلغاندا ھازىر بولماي ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلار ياكى ئىككى قېتىم چاقىرتىلغاندا ھازىر بولمىغانلار.

69-ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىسى جىنايەت گۇماندارلىرىنىڭ تۇرار جايىنى نازارەت ئاستىغا ئېلىش ۋاقتىنى ئۇزاق بولغاندا ئالتە ئايدىن ئاشۇرۇۋەتسە بولمايدۇ.

70-ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى جىنايەت گۇماندارىنىڭ تۇرار جايىنى نازارەت ئاستىغا ئېلىشنى قارار قىلىپ، دېلونى خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەندىن كېيىن، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى تۇرار جايىنى داۋاملىق نازارەت ئاستىغا ئېلىشقا تېگىشلىك دەپ قارىسا، جىنايەت گۇماندارىنىڭ تۇرار جايىنى نازارەت ئاستىغا ئېلىش رەسمىيىتىنى قانۇن بويىچە بېجىرىشى لازىم. تۇرار جايىنى نازارەت ئاستىغا ئېلىش سۈرۈكىنى يېڭىۋاشتىن ھېسابلاش ھەمدە جىنايەت گۇماندارىغا ئۇقتۇرۇپ قويۇش كېرەك.

71-ماددا تۇرار جايىنى نازارەت ئاستىغا ئېلىش مەزگىلىدە دېلونى تەھقىقلەش، ئەيىبلەشنى ئۈزۈپ قويۇشقا بولمايدۇ.

72-ماددا جىنايەت گۇماندارلىرىدىن تۇرار جايىنى نازارەت ئاستىغا ئېلىش سۈرۈكى توشقان ياكى جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تېگىشلىك ئەمەسلىكى سېزىلگەنلىرىنىڭ تۇرار جايىنى نازارەت ئاستىغا ئېلىشنى بىكار قىلىش ياكى كۈچتىن قالدۇرۇش لازىم.

73-ماددا تۇرار جايىنى نازارەت ئاستىغا ئېلىشنى بىكار قىلىش ياكى كۈچتىن قالدۇرۇشتا، دېلو بېجىرگۈچىلەر پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى، تارماق مەسئۇلى تەكشۈرۈشى، باش تەپتىش بېكىتىشى كېرەك.

74-ماددا تۇرار جايىنى نازارەت ئاستىغا ئېلىشنى بىكار قىلىش ياكى كۈچتىن قالدۇرۇش قارارىنى ئىجرا قىلغۇچىغا ئورگانغا ئۇقتۇرۇپ قويۇش ھەمدە تۇرار جاينى نازارەت ئاستىغا ئېلىشنى بىكار قىلىش ياكى كۈچتىن قالدۇرۇش قارارنامىسىنى جىنايەت گۇماندارىغا يەتكۈزۈپ بېرىش كېرەك.

75-ماددا جىنايەت گۇماندارى ۋە ئۇنىڭ قانۇنىي ۋاكالەتچىسى، يېقىن تۇغقىنى ياكى جىنايەت گۇماندارى ھاۋالە قىلغان ئادۋوكات ۋە ئاقلىغۇچى تۇرار جاينى نزارەت ئاستىغا ئېلىش قانۇندا بەلگىلەنگەن سۈرۈكتىن ئېشىپ كەتتى دەپ قارارپ، خەلق تەپتىش مەھكىمىسگە تۇرار جاينى نازارەت ئاستىغا ئېلىشنى بىكار قىلىش تەلىپىنى قويسا، خەلق تەپتىش مەھىكمىسى يەتتە كۈن ئىچىدە تەكشۈرۈپ قارار قىلىشى لازىم. تەكشۈرۈش ئارقىلىق قانۇندا بەلگىلەنگەن سۈرۈكتىن ئېشىپ كەتكەن دەپ قارالسا، باش تەپتىشنىڭ تەستىقى بىلەن تۇرار جاينى نازارەت ئاستىغا ئېلىشنى بىكار قىلىش، تەكشۈرۈش ئارقىلىق قانۇندا بەلگىلەنگەن سۈرۈكتىن ئېشىپ كەتمىگەنلىكى ئېنىقلانسا، ئىلتىماس قىلغۇچىغا يازما جاۋاب بېرىش كېرەك.

4-پاراگراف توختىتىپ قويۇش

76-ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىسى تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلگەن جىنايەت گۇماندارىنى توختىتىپ قويۇشنى قارار قىلسا بولىدۇ:

1) جىنايەت ئۆتكۈزگەندىن كېيىن ئۆلۈۋېلىشقا، قېچىپ كېتىشكە ئۇرۇنغان ياكى قېچىپ كەتكەنلەر؛

2) دەلىل-ئىسپاتنى يوقىتىۋېتىش، ياساش ياكى تىل بىرىكتۈرۈۋېلىش ئېھتىمالى بولغانلار.

77-ماددا جىنايەت گۇماندارىنى توختىتىپ قويۇشتا، دېلو بېجىرگۈچى پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويۇش، تارماق مەسئۇلى تەكشۈرۈشى، باش تەپتىش بېكىتىشى كېرەك.

78-ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىسى توختىتىپ قويۇش قارارى چىقارغاندىن كېيىن، ئۇنى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ ئىجرا قىلىشىغا يەتكۈزۈپ بېرىشى كېرەك. زۆرۈر تېپىلغاندا، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ ئىجرا قىلىشىغا ياردەملەشسە بولىدۇ.

79-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى بولغان جىنايەت گۇماندارلىرىدىن نەق جىنايەت ئۆتكۈزگەنلىرىنى توختىتىپ قويۇشتا، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى دەرھال شۇ ۋەكىل قاراشلىق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ھەيئەت رىياسىتى ياكى دائىمىي كومىتېتىغا دوكلات قىلىشى؛ باشقا ئەھۋاللار سەۋەبىدىن توختىتىپ قويۇشقا توغرا كەلگەندە، شۇ ۋەكىل قاراشلىق خەلق قۇرۇلتىيى ھەيئەت رىياسىتى ياكى دائىمىي كومىتېتىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىشى لازىم.

خەلق تەپتىش مەھكىمىسى شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى بولغان جىنايەت گۇماندارىنى توختىتىپ قويۇشتا، شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ھەيئەت رىياسىتى ياكى دائىمىي كومىتېتىغا بىۋاسىتە دوكلات قىلىشى ياكى رۇخسىتىنى ئېلىش كېرەك.

يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى بولغان جىنايەت گۇماندارىنى توختىتىپ قويۇشتا، دەرھال شۇ ۋەكىل قاراشلىق خەلق قۇرۇلتىيى بىلەن تەڭ دەرىجىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ دوكلات قىلىشىغا ياكى رۇخسىتىنى ئېلىشىغا قاتلام بويىچە يوللاش لازىم.

تۆۋەن دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى بولغان جىنايەت گۇماندارىنى توختىتىپ قويۇشقا، شۇ ۋەكىل قاراشلىق خەلق قۇرۇلتىيى ھەيئەت رىياسىتىگە ياكى دائىمىي كومىتېتىغا بىۋاسىتە دوكلات قىلسا ياكى ئۇلارنىڭ رۇخسىتىنى ئالسا بولىدۇ. شۇ ۋەكىل قاراشلىق خەلق قۇرۇلتىيى بىلەن تەڭ دەرىجىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە دوكلات قىلىشنى ياكى ئۇلارنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىشنى ھاۋالە قىلسىمۇ بولىدۇ. يېزىلىق، مىللىي يېزىلىق، بازارلىق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى ولغان جىنايەت گۇماندارىنى توختىتىپ قويۇشتا، ناھىيە دەرىجىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى يېزىلىق، مىللىي يېزىلىق، بازارلىق خەلق قۇرۇلتىيىغا دوكلات قىلىدۇ.

ئىككى دەرىجىلىكتىن ئارتۇق خەلق قۇرۇلىتيىنىڭ ۋەكىلى بولغان جىنايەت گۇماندارىنى توختىتىپ قويۇشتا، مۇشۇ ماددىنىڭ 2-، 3-، 4-تارماقچىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە دوكلات قىلىش ياكى رۇخسىتىنى ئېلىش لازىم.

دېلو بېجىرگۈچى ئورۇن تۇرۇشلۇق ئۆلكە، شەھەر، ناھىيە )رايون(دىن باشقا جايدىكى خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى بولغان جىنايەت گۇماندارىنى توختىتىپ قويۇشتا، شۇ ۋەكىل قاراشلىق خەلق قۇرۇلتىيى بىلەن تەڭ دەرىجىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە دوكلات قىلىش ياكى ئۇلارنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىشنى ھاۋالە قىلىش؛ ئىككىى دەرىجىلىكتىن ئارتۇق خەلق قۇرۇلىتيىنىڭ ۋەكىلى بولغانلارنى ئايرىم-ئايرىم ھالدا شۇ ۋەكىل قاراشلىق خەلق قۇرۇلتىيى بىلەن تەڭ دەرىجىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە دوكلات قىلىش ياكى ئۇلارنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىشنى ھاۋالە قىلىش لازىم.

80-ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىسى جىنايەت گۇماندارىنى توختىتىپ قويغاندىن كېيىن، توختىتىپ قويۇش سەۋەبىنى ۋە قاماپ قويغان جاينى توختىتىپ قويۇلغۇچىنىڭ ئائىلە تاۋابىئارتلىرىغا ياكى ئۇ تۇرۇشلۇق ئورۇنغا 24 سائەت ئىچىدە ئۇقتۇرۇپ قويۇشى كېرەك.

تەھقىقلەشكە توسالغۇ بولۇش سەۋەبىدىن 24 سائەت ئىچىدە ئۇقتۇرۇش قىلغىلى بولمىسا، باش تەپتىشنىڭ تەستىقىنى ئېلىش ھەمدە سەۋەبىنى ئېنىق يېزىپ دېلوغا سېلىپ قويۇش؛ ئۇقتۇرۇش قىلىشقا ئامال بولمىسا، باش تەپتىشكە دوكلات قىلىش ھەمدە سەۋەبىنى ئېنىق يېزىپ دېلوغا سېلىپ قويۇش كېرەك.

81-ماددا توختىتىپ قويۇلغان جىنايەت گۇماندارىدىن 24 سائەت ئىچىدە سوئال سوراش كېرەك.

82-ماددا توختىتىپ قويۇلغان جىنايەت گۇماندارلىرىدىن توختىتىپ قويۇشقا تېگىشلىك ئەمەسلىكى سېزىلگەنلىرىنى دەرھال قويۇپ بېرىش؛ قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كېپىلگە بېرىش ياكى تۇرار جايىنى نازارەت ئاستىغا ئېلىشقا بولىدىغانلىرىنى مۇشۇ قائىدىدىكى بەلگىلىمە بويىچە بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كېپىلگە بېرىش ياكى تۇرار جايىنى نازارەت ئاستىغا ئېلىش رسمىيىتىنى بېجىرىش لازىم.

توختىتىپ قويۇلغان جىنايەت گۇماندارىنى قولغا ئېلىشقا توغرا كەلسە، مۇش قائىدىدىكى بەلگىلىمە بويىچە قولغا ئېلىش رەسمىيىتىنى بېجىرىش لازىم.

83-ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىسى توختىتىپ قويغان جىنايەت گۇماندارىنىڭ قامىلىپ تۇرۇش سۈرۈكى ئون كۈن بولىدۇ، ئالاھىدە ئەھۋالدا 1-4 كۈنگىچە ئۇزارتىشقا بولىدۇ.

84-ماددا جىنايەت ئۆتكۈزۈۋاتقان ياكى جىنايەت ئۆتكۈزگەندىن كېيىن سېزىلگەن، تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان، تۈرمىدىن قاچقان، تۇتۇش ئۈچۈن قوغلىنىۋاتقان جىنايەت گۇماندارى ياكى جىنايەت ئۆتكۈزگەنلەرنى، پۇقرالار تۇتۇپ خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە ئاپىرىپ بەرسە، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئۆتكۈزۈۋېلىشى ھەمدە كونكرېت ئەھۋالغا قاراپ مۇناسىپ جىددىي تەدبىر قوللىنىش-قوللانماسلىقنى قارار قىلىشى لازىم. ئۆزىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدە بولمىغانلىرىنى مەسئۇل ئورگاننىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا ئۆتكۈزۈ بېرىشى كېرەك.

85-ماددا جىنايەت گۇماندارى ۋە ئۇنىڭ قانۇنىي ۋاكالەتچىسى، يېقىن تۇغقىنى ياكى جىنايەت گۇماندارى ھاۋالە قىلغان ئادۋوكات ۋە ئاقلىغۇچى خەلق تەپتىش مەھكىمىسى توختىتىپ قويغان جىنايەت گۇماندارىنىڭ قامىلىپ تۇرۇش ۋاقتى قانۇندا بەلگىلەنگەن سۈرۈكتىن ئېشىپ كەتتى دەپ قاراپ، خەلق تەپتىش مەھكىمىسىدىن جىنايەت گۇماندارىنى قويۇپ بېرىش ياكى توختىتىپ قويۇش تەدبىرىنى ئۆزگەرتىشنى تەلەپ قىلسا، خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تەھقىقلەش تارمىقى ئۈچ كۈن ئىچىدە تەكشۈرۈپ بولۇشى كېرەك.

تەھقىقلەش تارمىقى تەكشۈرۈش ئارقىلىق قانۇندا بەلگىلەنگەن سۈرۈكتىن ئېشىپ كەتتى دەپ قارىسا، جىنايەت گۇماندارىنى قويۇپ بېرىش ياكى توختىتىپ قويۇش تەدبىرىنى ئۆزگەرتىش ھەققىدىكى پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى، باش تەپتىشنىڭ تەستىقىنى ئالغاندىن كېيىن جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ ئىجرا قىلىشىغا ئۇقتۇرۇش قىلىشى؛ تەكشۈرۈش ئارقىلىق قانۇندا بەلگىەلنگەن سۈرۈكتىن ئېشىپ كەتمىدى دەپ قارىسا، ئەرز قىلغۇچىغا يازما جاۋاب بېرىشى لازىم.

تەھقىقلەش تارمىقى تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى شۇ تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تۈرمە-قاماقخانا تەپتىش تارمىقىغا بىرلا ۋاقىتتا يازما ئۇقتۇرۇش قىلىشى كېرەك.

5-پاراگراف قولغا ئېلىش

86-ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى جىنايەت پاكىتلىرىنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل-ئىسپات تېپىلغان، قاماق جازاسىدىن يۇقىرى جىنايى جازا بېرىلىش ئېھتىمالى بولغان جىنايەت گۇماندارلىرىدىن بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كېپىلگە بېرىش، تۇرار جايىنى نازارەت ئاستىغا ئېلىش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللانغاندا، جەمىيەتكە خەۋپ يەتكۈزۈشىدىن ساقلانغىلى بولماي قولغا ئېلىش زۆرۈر بولۇپ قالغانلىرىنى قولغا ئېلىشنى تەستىقلىشى ياكى قارار قىلىشى لازىم.

«جىنايەت پاكىتلىرىنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل-ئىسپات تېپىلغان بولۇش» تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرلا ۋاقىتتا ھازىرلاشنى كۆرسىتىدۇ:

1) جىنايى قىلمىشنى جىنايەت گۇماندارىنىڭ سادىر قىلغانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل-ئىسپات بولۇش؛

2) شۇ جىنايى قىلمىشنى جىنايەت گۇماندارىنىڭ سادىر قىلغانلىقىنى ئسىپاتلايدىغان دەلىل-ئىسپات بولۇش؛

3) جىنايەت گۇماندارىنىڭ جىنايى قىلمىشنى سادىر قىلغانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل-ئىسپاتنىڭ راستلىقى ئېنىقلانغان بولۇش.

«جىنايەت پاكىتى» بىر جىنايى قىلمىشقا ئائىت پاكىت بولسىمۇ، بىرقانچە جىنايى قىلمىش ئىچىدىكى ھەرقانداق بىر جىنايى قىلمىشقا ئائىت پاكىت بولسىمۇ بولىدۇ.

87-ماددا بىرقانچە جىنايى قىلمىشنى سادىر قىلغان ياكى بىرلىشىپ جىنايەت ئۆتكۈزگەن دېلولاردىكى جىنايەت گۇماندارلىرىدىن مۇشۇ قائىدىنىڭ 86-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن بولۇپ، تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلگەنلىرىنى قولغا ئېلىشنى تەستىقلاش ياكى قارار قىلىش كېرەك:

(1) بىرقانچە جىنايەت ئىچىدىكى بىر جىنايەتنى ئۆتكۈزگەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل-ئىسپات بار بولغانلار؛

(2) كۆپ قېتىم جىنايەت سادىر قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ بىر قېتىملىقىنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل-ئىسپات بار بولغانلار؛

(3) بىرلىشىپ جىنايەت ئۆتكۈزۈشتە جىنايەت پاكىتىنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل-ئىسپات بار بولغان جىنايەت گۇماندارلىرى.

88 ماددا جىنايەت گۇماندارى ئۆزىنىڭ راست ئىسىم-فامىلىسىنى، ئادرېسىنى ئېيتىپ بەرمىگەن، سالاھىيىتى ئېنىق بولمىغان دېلولاردا، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى تەكشۈرۈش ئارقىلىق، مەزكۇر قائىدىدىنىڭ 86-، 87-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە چۈشىدۇ دەپ قارىسا، قولغا ئېلىشنى تەستىقلىشى ياكى قارار قىلىشى كېرەك.

89-ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلگەن جىنايەت گۇماندارلىرىغا خەلق تەپتىش مەھكىمىسى قولغا ئېلىشنى تەستىقلىماسلىق قارارى چىقىرىشى ياكى قولغا ئالماسلىقى كېرەك:

1) مۇشۇ قائىدىنىڭ 86-، 87-ماددىسىدا بەلگىلەنگەن قولغا ئېلىش شەرتىگە چۈشمەيدىغانغانلار؛

2) جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنىنىڭ 15-ماددىسىدا بەلگىلەنگەن ئەھۋاللارنىڭ بىرى بولغانلار.

90-ماددا قولغا ئېلىشقا تېگىشلىك جىنايەت گۇماندارلىرىدىن ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولغانلار ياكى ھامىلىدار ۋە ئېمىتىۋاتقان بالىسى بار ئاياللارغا خەلق تەپتىش مەھكىمىسى قولغا ئېلىشنى تەستىقلىماسلىق قارارى چىقارسا ياكى قولغا ئالمىسا بولىدۇ.

91-ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ جىنايەت گۇماندارىنى قولغا ئېلىشنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ياكى قارار قىلىش ئىشىنى قولغا ئېلىش تارمىقى بېجىرىدۇ.

92-ماددا تەكشۈرۈپ قولغا ئېلىش تارمىقى قولغا ئېلىشقا دائىر دېلولارنى بېجىرگەندە، تەكشۈرۈشكە دېلو بېجىرگۈچى خادىملارنى بەلگىلىشى كېرەك. دېلو بېجىرگۈچى خادىملار دېلو ماتېرىيالىنى كۆرۈشى، دېلو كۆرۈش خاتىرىسى يېزىشى، قولغا ئېلىشنى تەستىقلىشى ياكى قارار قىلىشى؛ قولغا ئېلىشنى تەستىقلىماسلىق ياكى قولغا ئالماسلىق پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى، تارماق مەسئۇلى تەكشۈرگەندىن كېيىن باش تەپتىشنىڭ تەستىقلىشى ياكى قارار قىلىشىغا سۇنۇشى؛ چوڭ دېلولارنى تەپتىش ھەيئىتى مۇزاكىرە قىلىپ قارار قىلىشى لازىم. 

تەكشۈرۈپ قولغا ئېلىش تارمىقى قولغا ئېلىش دېلولىرىنى بېجىرگەندە، بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كېپىلگە بېرىش، تۇرار جايىنى نازارەت ئاستىغا ئېلىش تەدبىرىنى قوللىنىش پىكرىنى بىۋاسىتە ئوتتۇرىغا قويسا بولمايدۇ.

93-ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىسى بىر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى بولغان جىنايەت گۇمادارىنى قولغا ئېلىشنى تەستىقلاش ياكى قارار قىلشىتا، شۇ دەرىجىلىك خەل قۇرۇلىتيى ھەيئەت رىياسىتى ياكى دائىمىي كومىتېتىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىشى لازىم.

يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى بولغان جىنايەت گۇماندارىنى قولغا ئېلىشنى تەستىقلاش ياكى قارار قىلىشتا، شۇ ۋەكىل قاراشلىق خەلق قۇرۇلتىيى ھەيئەت رىياسىتى ياكى دائىمىي كومىتېتىنىڭ رۇخسىنى بىۋاسىتە ئېلىشقىمۇ، شۇ ۋەكىل قاراشلىق خەلق قۇرۇلتىيى بىلەن تەڭ دەرىجىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە ئۇلارنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىشنى ھاۋالە قىلىشقىمۇ بولىدۇ؛ يېزىلىق، مىللىي يېزىلىق، بازارلىق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى بولغان جىنايەت گۇماندرىنى قولغا ئېلىشنى تەستىقلا ش ياكى قارار قىلىشتا، ناھىيە دەرىجىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى يېزىلىق، مىللىي يېزىلىق، بازارلىق خەلق قۇرۇلتىيىغا مەلۇم قىلىدۇ.

ئىككى دەرىجىلىكتىن ئارتۇق خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ ۋەكىلى بولغان جىنايەت گۇماندارىنى قولغا ئېلىشنى تەستىقلاش ياكى قارار قىلىشتا، ئايرىم-ئايرىم ھالدا مۇشۇ ماددىنىڭ 1-، 2-، 3-تارمىقىدىكى بەلگىلىمە بويىچە رۇخسەت ئېلىش كېرەك.

دېلو بېجىرگۈچى ئورۇن تۇرۇشلۇق ئۆلكە، شەھەر، ناھىيىدىن باشقا جايدىكى خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى بولغان جىنايەت گۇماندارىنى قولغا ئېلىشنى تەستىقلاش ياكى قارار قىلىشتا، شۇ ۋەكىل قاراشلىق خەلق قۇرۇلتىيى بىلەن تەڭ دەرىجىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە ئۇلارنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىشنى ھاۋالە قىلىش؛ ئىككى دەرىجىلىكتىن ئارتۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى بولغانلىرىنى ئايرىم - ئايرىم ھالدا شۇ ۋەكىل قاراشلىق خەلق قۇرۇلتىيى بىلەن تەڭ دەرىجىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە ئۇلارنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىشنى ھاۋالە قىلىش لازىم.

94-ماددا چەت ئەللىكلەر، دۆلەت تەۋەلىكى يوق كىشىلەر چېتىشلىق بولغان دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈش جىنايىتى دېلولىرى ياكى دۆلەت بىلەن دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سىياسىي، دىپلوماتىيە مۇناسىۋىتىگە دائىر دېلولار، شۇنىڭدەك قانۇننى تەتبىقلاش ھەقىقەتەن قىيىن بولغان دېلولاردا، قولغا ئېلىشقا تېگىشلىك بولغان جىنايەت گۇماندارلىرىنى شۆبە، ئوبلاستلىق، شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى تەكشۈرۈپ ھەمدە پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، قاتلام بويىچە ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تەكشۈرۈشىگە يوللايدۇ. ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ پىكرىنى ئالغاندىن كېيىن قولغا ئېلىشنى تەستىقلاشنى قارار قىلىدۇ؛ تەكشۈرۈش ئارقىلىق قولغا ئېلىشقا تېگىشلىك ئەمەس دەپ قارىغانلىرىدا، بىۋاسىتە قولغا ئېلىشنى تەستىقلىماسلىق قارارى چىقارسا بولىدۇ.

چەت ئەللىكلەرگە، دۆلەت تەۋەلىكى يوق كىشىلەرگە چېتىشلىق بولغان مۇشۇ قائىدىنىڭ 1-تارمىقىدا بەلگىلەنگەنلىرىدىن باشقا جىنايەت دېلولىرىنى شۆبە، ئوبلاستلىق، شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى تەكشۈرۈپ ھەمدە پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۆلكە دەرىجىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تەكشۈرۈشىگە يوللايدۇ. ئۆلكە دەرىجىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى تەڭ دەرىجىلىك ھۆكۈمەت تاشقى ئىشلار تارمىقىنىڭ پىكرىنى ئالغاندىن كېيىن قولغا ئېلىشنى تەستىقلاشنى قارار قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە ئەنگە ئالدۇرىدۇ. تەكشۈرۈش ئارقىلىق قولغا ئېلىشقا تېگىشلىك ئەمەس دەپ قارىسا، بىۋاسىتە قولغا ئېلىشنى تەستىقلىماسلىق قارارى چىقارسا بولىدۇ.

95-ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىسى قولغا ئېلىشنى تەكشۈرىدىغان تۆۋەندىكى دېلولارنى بېجىرگەندە بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە ئەنگە ئالدۇرۇشى كېرەك:

(1) قولغا ئېلىش تەستىقلىنىدىغان دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈش دېلولىرى، چەت ئەلگە چېتىشلىق دېلولار؛

(2) تەپتىش ئورگىنى بىۋاسىتە دېلو ئېچىپ تەھقىقلەيدىغان دېلولار.

يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئەنگە ئالدۇرۇشقا يوللانغان ماتېرىياللارنى تەكشۈرۈشى، خاتالىق سېزىلسە ئون كۈن ئىچىدە تەكشۈرۈش پىكرىنى ئەنگە ئالدۇرۇشقا يوللىغان تۆۋەن دەرىجىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە ئۇقتۇرۇپ قويۇشى ياكى بىۋاسىتە تۈزىتىشى كېرەك.

96-ماددا جىنايەت گۇماندارى ۋە ئۇنىڭ قانۇنىي ۋكالەتچىسى، يېقىن تۇغقىنى ياكى جىنايەت گۇماندارى ھاۋالە قىلغان ئادۋوكات ۋە ئاقلىغۇچى خەلق تەپتىش مەھكىمىسى قولغا ئېلىشنى تەستىقلىغان ياكى قاار قىلغان جىنايەت گۇماندارىنى قاماش ۋاقتى قانۇندا بەلگىلەنگەن سۈرۈكتىن ئېشىپ كەتتى دەپ قاراپ، خەلق تەپتىش مەھكىمىسىدىن جىنايەت گۇماندارىنى قويۇپ بېرىشنى ياكى قولغا ئېلىش تەدبىرىنى ئۆزگەرتىشنى تەلەپ قىلسا، خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تەكشۈرۈپ قولغا ئېلىش تارمىقى تەكشۈرۈشى، تەھقىقلەش ئورگىنىدىن ياكى ئۆز مەھكىمىسىنىڭ تەھقىقلەش تارمىقىدىن ئالاقىدار ئەھۋاللارنى ئىگىلىشى ھەمدە يەتتە كۈن ئىچىدە تەكشۈرۈپ بولۇشى لازىم.

تەكشۈرۈپ قولغا ئېلىش تارمىقى تەكشۈرۈش ئارقىلىق، قانۇندا بەلگىلەنگەن سۈرۈكتىن ئېشىپ كېتىپتۇ دەپ قارىسا، جىنايەت گۇماندارىنى قويۇپ بېرىش ياكى قولغا ئېلىش تەدبىرىنى ئۆزگەرتىش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، باش تەپتىشنىڭ تەستىقىنى ئالغاندىن كېيىن جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا ئىجرا قىلىشنى ئۇقتۇرۇشى؛ تەكشۈرۈش ئارقىلىق قانۇندا بەلگىلەنگەن سۈرۈكتىن ئېشىپ كەتمەپتۇ دەپ قارىسا، ئىلتىماس قىلغۇچىغا يازما جاۋاب بېرىشى لازىم.

تەكشۈرۈپ قولغا ئېلىش تارمىقى تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئۆز مەھكىمىسىنىڭ تۈرمە-قاماقخانا تەپتىش تارمىقىغا يازما ئۇقتۇرۇشى لازىم.

97-ماددا تەكشۈرۈپ قولغا ئېلىش تارمىقى تەكشۈرۈپ قولغا ئېلىشقا دائىر دېلولارنى بېجىرگەندە ئايرىم تەھقىقلىمەيدۇ. تەكشۈرۈپ قولغا ئېلىش داۋامىدا قولغا ئېلىشنى تەستىقلاپ بېرىشكە يوللىغان دەلىل-ئىسپاتلاردا گۇمان بار دەپ قارىسا، ئالاقىدار دەلىل-ئىسپاتلارنى قايتا تەكشۈرۈپ كۆرۈشكە، جىنايەت گۇماندارىدىن سوئال سوراشقا، گۇۋاھچىدىن گەپ سوراشقا بولىدۇ؛ لېكىن، مەجبۇرلاش تەدبىرى قوللىنىلمىغان جىنايەت گۇماندارىدىن سوئال سوراشتىن ئىلگىرى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ياكى ئۆز مەھكىمىسىدىكى تەھقىقلەش تارمىقىنىڭ پىكرىنى ئېلىشى كېرەك.

5-باب تەكشۈرۈپ قولغا ئېلىش

1-پاراگراف قولغا ئېلىشنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش

98-ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تەكشۈرۈپ قولغا ئېلىش تارمىقى تەڭ دەرىجىلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قولغا ئېلىشنى تەستىقلاپ بېرىشكە يوللىغان دېلولارنى قوبۇل قىلغاندا، قولغا ئېلىشنى تەستىقلاش تەكلىپنامىسىنىڭ ۋە دېلو ماتېرىياللىرىنىڭ تولۇق بولغان-بولمىغانلىقىنى ئېنىقلىشى كېرەك.

99-ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قولغا ئېلىشنى تەستىقلاپ بېرىشكە يوللىغان جىنايەت گۇماندارى توختىتىپ قويۇلغان بولسا، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى قولغا ئېلىشنى تەستىقلىتىش تەكلىپنامىسىنى تاپشۇرۇلغاندىن كېيىنكى يەتتە كۈن ئىچىدە قولغا ئېلىشنى تەستىقلاش-تەستىقلىماسلىق قارارى چىقىرىشى؛ توختىتىپ قويۇلمىغان بولسا، قولغا ئېلىشنى تەستىقلىتىش تەكلىپنامىسىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىنكى 15 كۈن ئىچىدە قولغا ئېلىشنى تەستىقلاش-تەستىقلىماسلىق قارارى چىقىرىشى كېرەك؛ چوڭ، مۇرەككەپ دېلولاردا 20 كۈندىن ئاشۇرۇۋېتىشكە بولمايدۇ.

100-ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قولغا ئېلىشنى تەستىقلاپ بېرىشكە يوللىغان جىنايەت گۇماندارلىرىدىن خەلق تەپتىش مەھكىمىسى تەكشۈرۈپ، مۇشۇ قائىدىنىڭ 86-، 87-ماددىلىرىدىكى بەلگىلىمىگە چۈشىدۇ دەپ قارىغانلىرى ئۈستىدە قولغا ئېلىشنى تەستىقلاش قارارى چىقىرىشى، دېلو ماتېرىياللىرى بىلەن بىرگە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ ئىجرا قىلىشىغا يەتكۈزۈپ بېرىشى كېرەك.

101-ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قولغا ئېلىشنى تەستىقلاپ بېرىشكە يوللىغان جىنايەت گۇماندارلىرى بۇ قائىدىنىڭ 89-ماددىسى ياكى 90-ماددىسىدا بەلگىلەنگەن ئەھۋاللارغا توغرا كېلىپ، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى قولغا ئېلىشنى تەستىقلىماسلىق قارارى چىقارغان بولسا، سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈشى، دېلو ماتېرىياللىرىنى قوشۇپ جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ ئىجرا قىلىشىغا يەتكۈزۈپ بېرىشى كېرەك. تولۇقلاپ تەھقىقلەشكە تېگىشلىك بولغانلىرىنى بىرلا ۋاقىتتا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا ئۇقتۇرۇشى كېرەك.

102-ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ قولغا ئېلىشنى تەستىقلاش قارارلىرىنى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى دەرھال ئىجرا قىلىشى ھەمدە ئىجرا قىلىش ئۇچۇر قەغىزىنى تەستىقلاش قارارى چىقارغان خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە ۋاقتىدا يەتكۈزۈپ بېرىشى؛ ئىجرا قىلالمىسا، ئۇچۇر قەغىزىنى خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە يەتكۈزۈپ بېرىشى ھەمدە ئىجرا قىلالماسلىق سەۋەبىنى ئېنىق يېزىشى كېرەك. خەلق تەپتىش مەھكىمىسى قولغا ئېلىشنى تەستىقلىماسلىقنى قارار قىلغان بولسا، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قارارنامىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن قاماقتىكى جىنايەت گۇماندارىنى دەرھال قويۇپ بېرىشى ياكى مەجبۇرلاش تەدبىرىنى ئۆزگەرتىشى ھەمدە ئىجرا قىلىش ئۇچۇر قەغىزىنى قولغا ئېلىشنى تەستىقلىماسلىق قارارى چىقارغان خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە يەتكۈزۈپ بېرىشى كېرەك.

103-ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىسى تەكشۈرۈپ قولغا ئېلىشقا دائىر دېلولارنى بېجىرگەندە، قولغا ئېلىشقا تېگىشلىك بولسىمۇ جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قولغا ئېلىشنى تەستىقلاپ بېرىشكە يوللىمىغان جىنايەت گۇماندارلىرىنى سەزسە، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا قولغا ئېلىشنى تەستىقلاپ بېرىشكە يوللاش ھەققىدە تەكلىپ بېرىشى كېرەك. جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قولغا ئېلىشنى تەستىقلاپ بېرىشكە يوللىماسلىق سەۋەبى پۇت تىرەپ تۇرالمىسا، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى بىۋاسىتە قولغا ئېلىش قارارى چىقىرىپ، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ ئىجرا قىلىشىغا يەتكۈزۈپ بەرسە بولىدۇ.

104-ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىسى قولغا ئېلىشنى تەستىقلاش قارارىدا ھەقىقەتەن خاتالىق بارلىقىنى سەزسە، ئەسلىدىكى قولغا ئېلىشنى تەستىقلاش قارارىنى كۈچتىن قالدۇرۇشى، ئۇنى جامائەت خەۋپسىز, , لىكى ئورگىنىنىڭ ئىجرا قىلىشىغا يوللاپ بېرىشى لازىم. 

قولغا ئېلىشنى تەستىقلىماسلىق قارارىدا ھەقىقەتەن خاتالىق بارلىقى سېزىلىپ قولغا ئېلىشنى تەستىقلاشقا توغرا كەلسە، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئەسلىدىكى قولغا ئېلىشنى تەستىقلىماسلىق قارارىنى كۈچتىن قالدۇرۇشى ھەمدە يېڭىۋاشتىن قولغا ئېلىشنى تەستىقلاش قارارى چىقىرىپ، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ ئىجرا قىلىشىغا يوللاپ بېرىشى كېرەك.

ئەسلىدىكى قولغا ئ, ېلىشنى تەستىقلاش قارارى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، قويۇپ بېرىلگەن جىنايەت گۇماندارىنىڭ ياكى قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن قولغا ئېلىش تەدبىرى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كېپىلگە بېرىش، تۇرار جايىنى نازارەت ئاستىغا ئېلىشقا ئۆزگەرتىلگەن جىنايەت گۇماندارىنىڭ يەنە قولغا ئېلىشقا تېگىشلىك ئىكەنلىكى سېزىلسە، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى قولغا ئېلىش رەسمىيىتىنى يېڭىۋاشتىن بېجىرىشى كېرەك.

105-ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قايتا قاراپ چىقىشنى تەلەپ قىلغان قولغا ئېلىش تەستىقلانمىغان دېلولاردا، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى تەكشۈرۈپ قولغا ئېلىش تارمىقىدىكى باشقا دېلو بېجىرگۈچىنى قايتا قاراپ چىقىشقا بەلگىلىشى ھەمدە قايتا قاراپ چىقىش تەكلىپنامىسى ۋە دېلو ماتېرىياللىرىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىنكى يەتتە كۈن ئىچىدە ئۆزگەرتىش-ئۆزگەرتمەسلىك توغرىسىدا قارار چىقىرىپ، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا ئۇقتۇرۇش قىلىشى لازىم.

106-ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قولغا ئېلىش تەستىقلانمىغان دېلونى بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ قايتا تەكشۈرۈپ كۆرۈشىگە سۇنسا، بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق تەپتىش مەھكىمىسى قايتا تەكشۈرۈپ كۆرۈشنى ئىلتىماس قىلىش پىكىرنامىسى ۋە دېلو ماتېرىياللىرىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىنكى 15 كۈن ئىچىدە، باش تەپتىش ياكى تەپتىش ھەيئىتى ئۆزگەرتىش-ئۆزگەرتمەسلىك ھەققىدە قارار چىقىرىشى، تۆۋەن دەرىجىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ۋە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ ئىجرا قىلىشىغا ئۇقتۇرۇشى كېرەك. ئەسلىدىكى قارارنى ئۆزگەرتىشكە توغرا كەلسە، قولغا ئېلىشنى تەستىقلىماسلىق قارارى چىقارغان خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە ئەسلىي قارارنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ قولغا ئېلىشنى تەستىقلاش قارارنامىسىنى قايتا تۈزۈشنى ئۇقتۇرۇشى لازىم. زۆرۈر تېپىلغاندا، يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى بىۋاسىتە قولغا ئېلىشنى تەستىقلاش قارارى چىقىرىپ، تۆۋەن دەرىجىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ ئىجرا قىلىشىغا يوللاپ بېرىشىنى ئۇقتۇرسىمۇ بولىدۇ.

قولغا ئېلىش تەستىقلانمىغان دېلولارنى قايتا تەكشۈرۈپ كۆرۈشنى خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تەكشۈرۈپ قولغا ئېلىش تارمىقى بېجىرىدۇ.

107-ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىسى قولغا ئېلىشنى تەستىقلىماسلىق قارارى چىقارغان ھەمدە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا تولۇقلاپ تەھقىقلەشنى ئۇقتۇرۇش قىلغان دېلولارنى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى تولۇقلاپ تەھقىقلىگەندىن كېيىن يەنە قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلغان بولسا، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا قولغا ئېلىشنى تەستىقلاپ بېرىشكە قايتا يوللاش ھەققىدە تەكلىپ بېرىشى لازىم. جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قايتا قاراپ چىقىش تەلىپىدە چىڭ تۇرۇۋالغان دېلولارنى خەلق تەپتىش مەھكىمىسى قوبۇل قىلماسلىقى لازىم.

108-ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قولغا ئېلىشنى تەستىقلاپ بېرىشكە يوللىغان دېلولاردا، تەكشۈرۈپ قولغا ئېلىش تارمىقى قولغا ئېلىشنى تەستىقلاش، قولغا ئېلىش تەدبىرىنى ئۆزگەرتىش، ئەمەلدىن قالدۇرۇش ئەھۋالىنى ئۆز مەھكىمىسىنىڭ تۈرمە-قاماقخانا تارمىقىغا يازما ئۇقتۇرۇشى كېرەك.

2-پاراگراف قولغا ئېلىشنى تەكشۈرۈپ قارار قىلىش

109-ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىسى بىۋاسىتە دېلو ئېچىپ تەھقىقلەيدىغان دېلولارنى بېجىرگەندە، جىنايەت گۇماندارىنى قولغا ئېلىشقا تېگىشلىك دەپ قارىسا، تەھقىقلەش تارمىقى جىنايەت گۇماندارىنى قولغا ئېلىش پىكىرنامىسىنى تولدۇرۇپ، دېلو ماتېرىياللىرى بىلەن بىرگە ئۆز مەھكىمىسىنىڭ تەكشۈرۈپ قولغا ئېلىش تارمىقىنىڭ تەكشۈرۈشىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىدۇ. جىنايەت گۇماندارى توختىتىپ قويۇلغان بولسا، تەھقىقلەش تارمىقى توختىتىپ قويۇلغاندىن كېيىنكى ئۈچ كۈن ئىچىدە دېلونى ئۆز مەھكىمىسىنىڭ تەكشۈرۈپ قولغا ئېلىش تارمىقىنىڭ تەكشۈرۈشىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىشى لازىم. پەۋقۇلئاددە ئەھۋالدا، تەكشۈرۈشكە ئۆتكۈزۈپ بېرىش ۋاقتىنى بىر كۈندىن تۆت كۈنگىچە ئۇزارتىشقا بولىدۇ.

110-ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تەكشۈرۈپ قولغا ئىلىش تارمىقى ئۆز مەھكىمىسىنىڭ تەھقىقلەش تارمىقى تەكشۈرۈپ قولغا ئېلىشقا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن دېلولارنى قوبۇل قىلغاندا، جىنايەت گۇماندارىنى قولغا ئېلىش پىكىرنامىسى ۋە دېلو ماتېرىياللىرىنىڭ تولۇق بولغان-بولمىغانلىقىنى ئېنىقلىشى كېرەك.

111-ماددا ئۆز مەھكىمىسىنىڭ تەھقىقلىگۈچى تارمىقى تەكشۈرۈپ قولغا ئېلىشقا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن دېلودىكى جىنايەت گۇماندارى توختىتىپ قويۇلغان بولسا، تەكشۈرۈپ قولغا ئېلىش تارمىقى جىنايەت گۇماندارىنى قولغا ئېلىش پىكىرنامىسىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىنكى يەتتە كۈن ئىچىدە، باش تەپتىش ياكى تەپتىش ھەيئىتى قولغا ئېلىش-ئالماسلىقنى قارار قىلىشى كېرەك؛ جىنايەت گۇماندارى توختىتىپ قويۇلمىغان بولسا، تەكشۈرۈپ قولغا ئېلىش تارمىقى جىنايەت گۇماندارىنى قولغا ئېلىش پىكىرنامىسىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىنكى 15 كۈن ئىچىدە باش تەپتىش ياكى تەپتىش ھەيئىتى قولغا ئېلىش-ئالماسلىقنى قارار قىلىشى كېرەك؛ چوڭ، مۇرەككەپ دېلولاردا 20 كۈندىن ئاشۇرۇۋېتىشكە بولمايدۇ.

112-ماددا ئۆز مەھكىمىسىنىڭ تەھقىقلەش تارمىقى تەكشۈرۈپ قولغا ئېلىشقا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن جىنايەت گۇماندارى مۇشۇ قائىدىنىڭ 86-، 87-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە چۈشىدىغان بولۇپ، باش تەپتىش ياكى تەپتىش ھەيئتى تەرىپىدىن قولغا ئېلىش قارار قىلىنغان بولسا، تەكشۈرۈپ قولغا ئېلىش تارمىقى قولغا ئېلىش قارارنامىسى بىلەن دېلو ماتېرىياللىرىنى تەھقىقلەش تارمىقىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشى، تەھقىقلەش تارمىقى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا ئىجرا قىلىشنى ئۇقتۇرۇشى لازىم. زۆرۈر تېپىلغاندا، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئىجرا قىلىشقا ھەمكارلاشسا بولىدۇ.

113-ماددا ئۆز مەھكىمىسىنىڭ تەھقىقلەش تارمىقى تەكشۈرۈپ قولغا ئېلىشقا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن جىنايەت گۇماندارى مۇشۇ قائىدىنىڭ 89 -، 90-ماددىسىدىكى بەلگىلمىگە چۈشىدىغان بولۇپ، باش تەپتىش ياكى تەپتىش ھەيئىتى قولغا ئالماسلىقنى قارار قىلسا، تەكشۈرۈپ قولغا ئېلىش تارمىقى قولغا ئالماسلىق قارارىنى دېلو ماتېرىيالى بىلەن بىللە تەھقىقلەش تارمىقىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشى كېرەك. جىنايەت گۇماندارلىرىدىن توختىتىپ قويۇلغانلىرىنى تەھقىقلەش تارمىقى دەرھال قويۇپ بېرىش ھەققىدە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا ئۇقتۇرۇش قىلىشى لازىم.

114-ماددا قولغا ئېلىشقا تېگىشلىك جىنايەت گۇماندارىنى شۇ مەھكىمىنىڭ تەھقىقلەش تارمىقى قولغا ئېلىشقا ئۆتكۈزۈپ بەرمىگەن بولسا، تەكشۈرۈپ قولغا ئېلىش تارمىقى تەھقىقلىگۈچى تارماققا جىنايەت گۇماندارىنى تەكشۈرۈپ قولغا ئېلىشقا ئۆتكۈزۈپ بېرىش توغرىسىدا تەكلىپ بېرىشى كېرەك. تەكلىپ وبۇل قىلىنمىسا، تەكشۈرۈپ قولغا ئېلىش تارمىقى باش تەپتىش ياكى تەپتىش ھەيئىتىنىڭ قارار قىلىشىغا سۇنسا بولىدۇ.

115-ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىسى بىۋاسىتە دېلو ئېچىپ تەھقىقلەيدىغان دېلولارنى بېجىرگەندە، جىنايەت گۇماندارى قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن تەھقىقلەش تارمىقى قولغا ئېلىش سەۋەبى ۋە قاماپ تۇرۇلغان جاينى قولغا ئېلىنغۇچىنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتىغا ياكى ئىشلەيدىغان ئورنىغا 24 سائەت ئىچىدە ئۇقتۇرۇشى لازىم.

تەھقىقلەشكە توسالغۇ بولىدىغانلىقى تۈپەيلىدىن 24 سائەت ئىچىدە ئۇقتۇرۇش قىلىشقا بولمايدىغانلىرىدا، باش تەپتىشنىڭ تەستىقىنى ئېلىش ھەمدە سەۋەبىنى يېزىپ دېلوغا سېلىش كېرەك.

116-ماددا جىنايەت گۇماندارى قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تەھقىقلىگۈچى تارمىقى 24 سائەت ئىچىدە سوئال سورىشى كېرەك.

قولغا ئېلىشقا تېگىشلىك ئەمەسلىكى مەلۇم بولسا، باش تەپتىشنىڭ تەستىقى بىلەن قولغا ئېلىش قارارىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ياكى ئىجرا قىلىشنى ئۇقتۇرۇش لازىم.

مۇشۇ ماددىنىڭ 2-تارمىقىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، جىنايەت گۇماندارى قويۇپ بېرىلىدىغان ۋە قولغا ئېلىش تەدبىرى ئۆزگەرتىلىدىغان بولسا، تەھقىقلىگۈچى تارماق تەكشۈرۈپ قولغا ئېلىش تارمىقىغا ئۇقتۇرۇپ قويۇشى لازىم.

مۇشۇ ماددىنىڭ 2-تارمىقىدىكى بەلگىلىمە بويىچە قويۇپ بېرىلگەن ۋە قولغا ئېلىش تەدبىرى ئۆزگەرتىلگەن جىنايەت گۇماندارلىرىدىن قايتا قولغا ئېلىشقا تېگىشلىك ئىكەنلىكى سېزىلگەنلىرىنىڭ قولغا ئېلىش رەسمىيىتىنى قايتا بېجىرىش كېرەك.

117-ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىسى بىۋاسىتە دېلو ئېچىپ تەھقىقلەيدىغان دېلولارنى بېجىرگەندە، قولغا ئالماسلىق قارارى چىقارغاندىن كېيىن، جىنايەت گۇماندارىنىڭ قولغا ئېلىشقا تېگىشلىك ئىكەنلىكى سېزىلسە، قولغا ئېلىش رەسمىيىتىنى قايتا بېجىرىشى لازىم.

118-ماددا يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى قارار قىلغان قولغا ئېلىش تەدبىرىنى ئۆزگەرتمەكچى ياكى ئەمەلدىن قالدۇرماقچى بولسا، ئەسلىي قولغا ئېلىشنى قارار قىلغان خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىش كېرەك.

119-ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىسى بىۋاسىتە دېلو ئېچىپ تەھقىقلەيدىغان دېلولارنى بېجىرگەندە، تەھقىقلىگۈچى تارماق قولغا ئېلىش تەدبىرىنى قارار قىلىش، ئۆزگەرتىش، ئەمەلدىن قالدۇرۇش ئەھۋالىنى ئۆز مەھكىمىسىنىڭ تۈرمە-قاماقخانا تەپتىش تارمىقىغا يازما ئۇقتۇرۇش قىلىشى لازىم.

6-باب دېلو ئېچىش

1-پاراگراف دېلو قوبۇل قىلىش

120-ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى مۇشۇ قائىدىنىڭ 2-بابىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، ئۆز مەھكىمىسىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدىكى دېلو مەلۇم قىلىش، شىكايەت قىلىش، پاش قىلىش ۋە جىنايەت گۇماندارىنىڭ ئۆزىنى مەلۇم قىلىشىنى بىۋاسىتە قوۇل قىلىدۇ. يەنە ئۆز مەھكىمىسىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەسىدە بولمىغان جىنايەتكە مۇناسىۋەتلىك دېلو مەلۇم قىلىش، شىكايەت قىلىش، پاش قىلىش ۋە ئۆزىنى مەلۇم قىلىشنىمۇ قوبۇل قىلىشى كېرەك.

121-ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرىنىڭ پاش قىلىش مەركىزى پاش قىلىنغان جىنايەت يىپ ئۇچلىرىنى بىر تۇتاش قوبۇل قىلىدۇ ۋە باشقۇرىدۇ. شۇ مەھكىمىنىڭ باش تەپتىشى ۋە باشقا تارمىقى ياكى خادىملىرى قوبۇل قىلغان جىنايى دېلو يىپ ئۇچلىرىنى پاش قىلىش مەركىزىگە ۋاقتىدا تەستىقلاپ چۈشۈرۈپ بېرىش ياكى ئۆتكۈزۈپ بېرىشى لازىم.

ئالاقىدار ئورگان ياكى تارماق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تەكشۈرۈپ دېلو ئېچىش-ئاچماسلىقىغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن دېلو يىپ ئۇچلىرى ۋە خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تەھقىقلەش تارمىقى دېلو بېجىرگەندە سەزگەن دېلو يىپ ئۇچلىرىنى تەھقىقلەش تارمىقى بىۋاسىتە تەكشۈرىدۇ. 

122-ماددا پاش قىلىش مەركىزى پاش قىلىنغان جىنايەت يىپ ئۇچلىرىنى تاپشۇرۇۋالغاندا، پاش قىلغۇچى ۋە پاش قىلىنغۇچىنىڭ ئاساسىي ئەھۋالى، پاش قىلىنغان ئاساسىي مەزمۇن ۋە بېجىرىش ئەھۋالىنى بىرمۇبىر تىزىملىشى كېرەك. يۈزتۇرانە پاش قىلغان ۋە تېلېفون ئارقىلىق پاش قىلغان بولسا، پاش قىلىش خاتىرىسى قالدۇرۇش لازىم. زۆرۈر تېپىلغاندا ئۈنئالغۇغا ئالسىمۇ بولىدۇ.

ئۆزىنى مەلۇم قىلغان بولسا، ئۆزىنى مەلۇم قىلش خاتىرىسىنى قالدۇرۇش، ئۆزىنى مەلۇم قىلغۇچى خاتىرىنىڭ ھەربىر بېتىگە ئىمزا قويۇشى ياكى تامغىسىنى بېسىشى لازىم.

123-ماددا پاش قىلىش مەركىزى ئىسىم-فامىلىسىنى ۋە پاش قىلغانلىقىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان پاش قىلغۇچىلارنىڭ مەخپىيەتلىكىنى ساقلىشى كېرەك. پاش قىلىش ماتېرىيالىنى پاش قىلىنغان ئورۇن ۋە ئادەمگە ېبرىش قەتئىي مەنئى قىلىنىدۇ.

124-ماددا پاش قىلىش مەركىزى پاش قىلىنغان يىپ ئۇچلىرىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ۋاقتىدا تەكشۈرۈشى ھەمدە پاش قىلىنغان يىپ ئۇچىدىكى ئوخشاش بولمىغان ئەھۋال ۋە باشۇرۇش تەۋەلىكىگە ئائىت بەلگىلىمىگە ئاساسەن، يەتتە كۈن ئىچىدە ئايرىم-ئايرىم ھالدا تۆۋەندىكىدەك بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك:

1) خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدە بولمىغانلىرىنى ئالاقىدار مەسئۇل ئورگاننىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش ھەمدە دېلو مەلۇم قىلغۇچى، شىكايەت قىلغۇچى، پاش قىلغۇچى، ئۆزىنى مەلۇم قىلغۇچىغا ئۇقتۇرۇپ قويۇش لازىم. خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدە بولمىغان، ئەمما جىددىي تەدبىر قوللىنىشقا تېگىشلىك بولغانلىرىغا ئالدى بىلەن جىددىي تەدبىر قوللىنىش، ئاندىن مەسئۇل ئورگانغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش كېرەك.

2) خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدە بولسا، «ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرىنىڭ تەھقىقلەش خىزمىتىدىكى ئىچكى چەكلەش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە دائىر بىرقانچە بەلگىلىمىسى»نىڭ 2-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، پاش قىلىنغان يىپ ئۇچلىرىنى تارقاقلاشتۇرۇشنى كوللېكتىپ مۇزاكىرە قىلىش لازىم. ئۆز مەھكىمىسىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدە بولسا، پاش قىلىش مەركىزى ئىش تەقسىماتى بويىچە ئۆز مەھكىمىسىدىكى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ بېجىرىشگە ئۆتكۈزۈپ بېرىشى؛ تۆۋەن دەرىجىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ياكى باشقا خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدە بولسا، پاش قىلىش مەركىزى باشقۇرۇش تەۋەلىكى ھوقۇقىغا ئىگە خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىشى كېرەك.

پاش قىلىنغان يىپ ئۇچىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىشتە، پاش قىلىش ماتېرىيالىنىڭ ئەسلىسىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش كېرەك.

پاش قىلىنغان مۇھىم يىپ ئۇچلىرىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىشتە، باش تەپتىشنىڭ تەستىقىنى ئېلىش لازىم.

125-ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىسى بىۋاسىتە قوبۇل قىلغان مۇھىم دېلو يىپ ئۇچلىرىنى دەرىجە بويىچە ئەنگە ئېلىپ باشقۇرۇش تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ. ھاكىم، باشقارما باشلىقى دەرىجىلىك كادىرلارنىڭ مۇھىم دېلو يىپ ئۇچلرى بىردەك ئۆلكە دەرىجىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە ئەنگە ئالدۇرۇلىدۇ، بۇنىڭدىن چېتىلىدىغان جىنايەت سوممىسى ناھايىتى كۆپ ياكى جىنايەتچىنىڭ ئاقىۋىتى پەۋقۇلئاددە ئېغىر بولغانلىرى قاتلام بويىچە ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە ئەنگە ئالدۇرۇلىدۇ؛ نازىر، ئىدارە باشلىقى دەرىجىلىكتىن يۇقىرى كادىرلارنىڭ مۇھىم دېلو يىپ ئۇچلىرى بىردەك ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە ئەنگە ئالدۇرۇلىدۇ.

مۇھىم يىپ ئۇچى دېگەندە، خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى قانۇن بويىچە بىۋاسىتە دېلو ئېچىپ تەھقىقلەيدىغان ھاكىم، باشقارما باشلىقى دەرىجىلىكتىن يۇقىرى كادىرلارنىڭ جىنايى دېلو يىپ ئۇچلىرى كۆزدە تۇتۇلىدۇ.

126-ماددا مۇھىم دېلو يىپ ئۇچلىرىنى ئەنگە ئالدۇرغاندا، مۇھىم دېلو يىپ ئۇچلرىنى ئەنگە ئالدۇرۇش جەدۋىلىنى بىرمۇبىر تولدۇرۇش كېرەك. يىپ ئۇچى ئەنگە ئېلىنغاندىن كېيىن يەتتە كۈن ئىچىدە بىر تەرەپ قىلىش، ئەھۋال جىددىي بولغانلىرىنى ئەنگە ئالدۇرۇشتىن بۇرۇن دوكلات قىلىش لازىم.

ئەنگە ئالغان يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئەنگە ئالدۇرۇلغان ماتېرىياللارنى ۋاقتىدا تەكشۈرۈشى، ئوخشاش بولمىغان پىكرى بولسا، ئون كۈن ئىچىدە تەكشۈرۈش پىكرىنى ئەنگە ئالدۇرغان تۆۋەن دەرىجىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە ئۇقتۇرۇپ قويۇشى كېرەك.

2-پاراگراف دەسلەپكى تەكشۈرۈش

127-ماددا تەھقىقلەش تارمىقى پاش قىلىش مەركىزى ئۆتكۈزۈپ بەرگەن پاش قىلىنغان يىپ ئۇچلىرىنى تەكشۈرگەندىن كېيىن دەسلەپكى تەكشۈرۈش زۆرۈر دەپ ھېسابلىسا، باش تەپتىش ياى تەپتىش ھەيئىتىنىڭ قارار قىلىشىغا يوللىشى لازىم. پاش قىلىنغان يىپ ئۇچلىرىنى دەسلەپكى تەكشۈرۈشنى تەھقىقلەش تارمىقى ئېلىپ بارىدۇ، ئەمما خاراكتېرى ئېنىق بولمىغان، تەۋەلىك بويىچە بىر تەرەپ قىلىش قىيىن بولغان دېلو يىپ ئۇچلىرىنى دەسلەپكى تەكشۈرۈشنى پاش قىلىش مەركىزى ئېلىپ بارىدۇ.

128-ماددا پاش قىلىنغان يىپ ئۇچلىرىنى دەسلەپكى تەكشۈرۈش جەريانىدا، تەكشۈرۈلگۈچىنىڭ جىسمانىي، مال-مۈلۈك ھوقۇقىغا چەك قويۇلمايدىغان سوئال سوراش، سۈرۈشتۈرۈش، ئېنىقلاش، باھالاش، دەلىل - ئىسپاتلىق ماتېرىياللارنى ئالدۇرۇشقا ئوخشاش تەدبىرلەر قوللىنىلسا بولىدۇ. تەكشۈرۈلگۈچىگە مەجبۇرلاش تەدبىرى قوللىنىشقا، تەكشۈرۈلگۈچىنىڭ مال-مۈلكىنى پېچەتلەشكە، تۇتۇپ قېلىشقا، توڭلتىشقا بولمايدۇ.

129-ماددا تەھقىقلەش تارماقلىرى پاش قىلىنغان يىپ ئۇچلىرىنى دەسلەپكى تەكشۈرگەندىن كېيىن تەكشۈرۈش يەكۈنى دوكلاتىنى يېزىپ، بىر تەرەپ قىلىش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، باش تەپتىشنىڭ بېكىتىشىگە يوللىشى كېرەك:

1. جىنايەت پاكىتى بار بولۇپ، جىنايى جاۋابكارلقنى سۈرۈشتۈرۈشكە تېگىشلىك دەپ ھېسابلىسا، دېلو ئېچىپ تەھقىقلەشنى تەستىقلاشقا يوللاش؛

2. تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، دېلو ئاچماسلىقنى تەستىقلاشقا يوللاش؛

1) جىنايەت پاكىتى يوق دەپ قارالسا؛

2) پاكىت ئېنىق بولمىغان، دەلىل-ئىسپات تولۇق بولمىغان بولسا؛

3) جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنىنىڭ 15-ماددىسىدا بەلگىلەنگەن ئەھۋاللارنىڭ بىرى بار بولسا.

130-ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىسى مۇھىم دېلو يىپ ئۇچلىرىنى دسلەپكى تەكشۈرگەندىن كېيىنكى بىر تەرەپ قىلىش ئەھۋالىنى قارار چىقارغاندىن كېيىنكى ئون كۈن ئىچىدە ئەنگە ئېلىش دائىرىسى بويىچە يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە ئەنگە ئالدۇرۇشى لازىم. يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى بىر تەرەپ قىلىش مۇۋاپىق بولمىغان دەپ قارىسا، ئەنگە ئالدۇرۇلغان ماتېرىياللارنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىنكى ئون كۈن ئىچىدە تۆۋەن دەرىجىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە تۈزىتىشنى ئۇقتۇرۇشى كېرەك.

131-ماددا تەھقىقلەش تارمىقى پاش قىلىش مەركىزى ئۆتكۈزۈپ بەرگەن پاش قىلىش ماتېرىياللىرىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىنكى بىر ئاي ئىچىدە، بىر تەرەپ قىلىش توغرۇلۇق پاش قىلىش مەركىزىگە جاۋاب بېرىشى؛ تۆۋەن دەرىجىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئۆتكۈزۈپ بەرگەن پاش قىلىش ماتېرىياللىرىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىنكى ئۈچ ئاي ئىچىدە، بىر تەرەپ قىلىش ئەھۋالىدىن يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئۆتكۈزۈپ بەرگەن پاش قىلىش ماتېرىياللىرىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىنكى ئۈچ ئاي ئىچىدە، بىر تەرەپ قىلىش ئەھۋالىدىن يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ پاش قىلىش مەركىزىگە جاۋاب بېرىشى، قەرەلى توشقۇچە جاۋاب قايتۇرمىغان بولسا، پاش قىلىش مەركىزىگە جاۋاب بېرىشى، قەرەلى توشقۇچە جاۋاب قايتۇرمىغان بولسا، پاش قىلىش مەركىزى ھەيدەكچىلىك قىلىشى لازىم.

132-ماددا خاتا ئەرز قىلىپ قويۇلغانلىقى سەۋەبىدىن ئەرز قىلنغۇچى ۋە پاش قىلىنغۇچىغا يامان تەسىر پەيدا قىلىنغان بولسا، ئالاقىدار تارماقلارغا پاكىتنىڭ ئەينىنى ئېيتىپ قويۇش لازىم.

قارا چاپلاپ زىيانكەشلىك قىلغانلارنىڭ جاۋابكارلىقىنى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈش كېرەك.

3-پاراگراف دېلو ئېچىش

133-ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىسى دېلو ئېچىپ تەھقىقلەشنى قارار قىلغاندا، دېلو ئېچىش قارارنامىسى تۈزۈشى كېرەك.

134-ماددا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ دېلو ئاچمىغانلىقى ئۈستىدىن ئەرز بەرگەن بولسا، تەھقىقلەش تارمىقى دېلو ئاچماسلىق ئۇقتۇرۇشىنى تۈزۈپ،دېلو مەزمۇنى ۋە دېلونىڭ كېلىش مەنبەسى، دېلو ئاچماسلىقنى قارار قىلىش سەۋەبى، ۋە قانۇن ئاساسىنى ئېنىق يېزىپ، 15 كۈن ئىچىدە ئەرز قىلغۇچىغا يەتكۈزۈپ بېرىشى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۆز مەھكىمىسىنىڭ ئەرز تەپتىش تارمىقىغا ئۇقتۇرۇپ قويۇشى كېرەك. ئەرز قىلغۇچى قايىل بولمىسا، دېلو ئاچماسلىق ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىنكى ئون كۈن ئىچىدە، قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.

دېلو ئاچماسلىقنى قايتا قاراپ چىقىش ئىشىنى خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئەرز تەپتىش تارمىقى بېجىرىدۇ ھەمدە قايتا قاراپ چىقىش ئىلتىماسىنى تاپشۇرۋالغاندىن كېيىنكى 30 كۈن ئىچىدە، قايتا قاراپ چىقىش ئىلتىماسىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىنكى 30 كۈن ئىچىدە، قايتا قاراپ چىقىش قارارى چىقىرىدۇ.

خەلق تەپتىش مەھكىمىسى جىنايەت شەكىللەندۈرمىگەنلەر ئۈستىدىن دېلو ئاچماسلىقنى قارار قىلىدۇ، لېكىن پاش قىلىنغۇچىلاردىن پارتىيە ئىنتىزامى، مەمۇرىي ئىنتىزام بويىچە جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈشكە تېگىشلىك بولغانلارنى ئالاقىدار مەسئۇل ئورگاننىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشى لازىم.

135-ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىسى خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرىگە دېلو ئېچىشنى قارار قىلغاندا، مۇشۇ قائىدىنىڭ 79-ماددىسىدا بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە شۇ ۋەكىل قاراشلىق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ھەيئەت رىياسىتى ياكى دائىمىي كومىتېتىنى خەۋەرلەندۈرۈشى كېرەك.

7-باب تەھقىقلەش

1-پاراگراف جىنايەت گۇماندارىدىن سوئال سوراش

136-ماددا جىنايەت گۇماندارىدىن سوئال سوراشقا تەپتىش خادىملىرى مەسئۇل بولىدۇ. سوئال سورىغاندا تەپتىش خادىمى ئىككىدىن كەم بولماسلىقى لازىم.

137-ماددا قولغا ئېلىشقا ، توختىتىپ قويۇشقا تېگىشلىك بولمىغان جىنايەت گۇماندارىنى باش تەپتىشنىڭ تەستىقى بىلەن ئۇ تۇرۇشلۇق شەھەر، ناھىيىدىكى بەلگىلەنگەن ئورۇنغا چاقىرتىپ كېلىپ ياكى ئۇنىڭ تۇرار جايىغا بېرىپ سوئال سوراشقا بولىدۇ. 

جىنايەت گۇماندارىنى چاقىرتىشتا، ئۇنىڭغا چاقىرتىش ئۇقتۇرۇشى ۋە ئالاقىدار ئىسپاتلارنى كۆرسىتىش ھەمدە چاقىرتىش ئۇقتۇرۇشىغا ئىمزا قويدۇرۇش ياكى تامغىسىنى باستۇرۇش لازىم.

مۇشۇ قائىدىىنىڭ 35-ماددىسىنىڭ 2-تارمىقىدىكى بەلگىلىمە جىنايەت گۇماندارىنى چاقىرتىشقا باب كېلىدۇ.

138-ماددا بىر قېتىملىق چاقىرتىشنىڭ داۋاملىشىش ۋاقتىنى ئۇزاق بولغاندا 12 سائەتتىن ئاشۇرۇۋېتىشكە بولمايدۇ. جىنايەت گۇماندارىنى ئارقا-ئارقىدىن چاقىرتىش يولى بىلەن شەكلى ئۆزگەرگەن ھالدا قاماشقا بولمايدۇ.

139-ماددا قاماقتىكى جىنايەت گۇماندارىدىن سوئال سوراشتا، سوراققا ئېلىپ چىقىش گۇۋاھنامىسىنى تولدۇرش ھەمدە قاماقخانىدا سوئال سوراشتا، سوراققا ئېلىپ چىقىش گۇۋاھنامىسىنى تولدۇرۇش ھەمدە قاماقخانىدىن ئېلىپ چىقىپ جىنايەتچىنى، جىنايەت پاكىتىنى ياكى تاپشۇرغۇزۇلغان جىنايەتكە مۇناسىۋەتلىك پۇل-ماللارنى تونۇتۇشقا توغرا كەلسە، جىنايەت گۇماندارىنى خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە ئېلىپ كېلىپ سوراق قىلسا بولىدۇ.

جىنايەت گۇماندارىنى خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە ئېلىپ كېلىپ سوراق قىلىشتا، باش تەپتىشنىڭ تەستىقى بىلەن ئىككىدىن ئارتۇق ئەدلىيە ساقچىسى يالاپ كېلىشى كېرەك.

140-ماددا جىنايەت گۇماندارىدىن سوئال سورىغاندا، ئالدى بىلەن ئۇنىڭ ئاساسىي ئەھۋالىنى ئېنىقلاپ، جىنايى قىلمىشىنىڭ بار-يوقلۇقىنى سوراپ، ئۆزىنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزگەنلىكىگە دائىر پاكىتىنى بايان قىلىشىغا ياكى ئۆزىنى جىنايەتسىز دەپ ئاقلىشىغا يول قويۇش، ئاندىن سوئال قويۇش لازىم. ئۇ ئوتتۇرىغا قويغان قارشى ئسپاتنى ئەستايىدىللىق بىلەن تەكشۈرۈپ سېلىشتۇرۇش كېرەك. قىيىن-قىستاققا ئېلىپ ئىقرار قىلىدۇرۇش ۋە تەھدىت سېلىش، ئازدۇرۇش،ئالداش ھەمدە باشقا قانۇنسىز ئۇسۇللارنى قوللىنىپ ئىقرار قىلدۇرۇشنى قەتئىي مەنئى قىلىش كېرەك.

141-ماددا گاس-گاچا جىنايەت گۇماندارلىرىدىن سوئال سوراشتا، ئۇلارنىڭ ئىشارەت تىلنى ئوبدان بىلدىغانلار قاتناشتۇرۇلۇشى ھەمدە بۇ ئەھۋال ئېنىق خاتىرىلەپ قويۇلۇشى لازىم.

142-ماددا جىنايەت گۇماندارلىرىدىن سوئال سورىغان،دا سوئال سوراشتىن خاتىرە قالدۇرۇش لاىزم. سوئال سوراش خاتىرىسى ئېنىق، تەپسىلىي، كونكرېت، ئەينەن يېزىلىشى ھەمدە جىنايەت گۇماندارىنىڭ كۆرۈشىگە بېرىلىشى كېرەك. ئوقۇيالمايدىغانلىرىغا ئوقۇپ بېرىش لازىم. خاتىرىنىڭ چالا ياكى خاتا يېزىلىپ قالغان جايلىرى بولسا، ئۇنى تولۇقلاش ياكى تۈزىتىپ قويۇش كېرەك. جىنايەت گۇماندارى سوئال سوراش خاتىرىسىدە خاتالىق يوق دەپ قارىغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ھەربىر بېتىگە ئىمزاسىنى قويۇش ياكى تامغىسىنى بېسىشى لازىم. ئىمزا قويۇش ياكى تامغا بېسىشنى رەت قىلسا، خاتىرىدە ئەسكەرتىپ قويۇش كېرەك. تەپتىش خادىملىرىمۇ خاتىرىگە ئىمزا قويۇشى لازىم.

143-ماددا جىنايەت گۇماندارى ئىقرارنامىسىنى ئۆزى يېزىشنى تەلەپ قىلسا، تەپتىش خادىملىرى رۇخسەت قىلىشى كېرەك. زۆرۈر تېپىلغاندا، تەپتىش خادىملىرىمۇ جىنايەت گۇماندارىنىڭ ئىقرارنامىسىنى ئۆزىگە يازدۇرسا بولىدۇ.

144-ماددا جىنايەت گۇماندارىدىن سوئال سورىغاندا، بىرلا ۋاقىتتا ئۈنئالغۇ، سىنئالغۇدىن پايدىلىنىپ خاتىرە قالدۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىشقا بولىدۇ.

145-ماددا تەپتىش خادىملىرى جىنايەت گۇماندارىدىن تۇنجى قېتىم سوئال سورىغاندىن كېيىن ياكى ئۇنىڭغا مەجبۇرلاش تەدبىرى قوللانغان كۈندىن باشلاپ، ئۇنىڭغا قانۇن جەھەتتىن مەسلىھەت بېرىشكە، ۋاكالىتەن ئەرز قىلىشقا ئادۋوكات تەكلىپ قىلسا ياكى بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كېپىلگە بېرىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرۇپ قويۇشى ھەمدە ئۇقتۇرۇلغان ئەھۋالنى خاتىرىگە ئېنق يېزىپ قويۇشى كېرەك.

146-ماددا قاماقتىكى جىنايەت گۇماندارى ئادۋوكات تەكلىپ قىلىشنى تەلەپ قىلسا، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئېنىق خاتىرىلەپ قويۇشى لازىم. دۆلەت مەخپىيىتىگە چېتىلمايدىغان دېلولارنى مۇشۇ قائىدىنىڭ 147-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە بېجىرىش كېرەك. دۆلەت مەخپىيىتىگە چېتىلىدىغان دېلولاردا، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئۈچ كۈن ئىچىدە تەستىقلاش-تەستىقلىماسلىقنى قارار قىلىشى كېرەك. خەلق تەپتىش مەھكىمىسى تەستىقلىماسلىق قارارى چىقارغان بولسا، سەۋەبىنى جىنايەت گۇماندارىغا چۈشەندۈرۈپ قويۇش لازىم.

تەھقىقلەش مەزگىلىدە، جىنايەت گۇماندارى قانۇن جەھەتتىن ياردەمگە ئېرىشىش ئۈچۈن بىردىن ئىككىگىچە ئادۋوكات تەكلىپ قىلسا بولىدۇ.

147-ماددا قاماقتىكى جىنايەت گۇماندارى ئادۋوكات تەكلىپ قىلىشتا ئادۋوكاتلىق ئورنىنىڭ نامى ياكى ئادۋوكاتنىڭ ئىسىم-فامىلىسىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇپ بىۋاسىتە ھاۋالە قىلغان بولسا، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى جىنايەت گۇماندارىنىڭ ھاۋالە پىكرىنى شۇ ئادۋوكاتلىق ئورنىغا ۋاقتىدا يەتكۈزۈشى كېرەك؛ ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلىرىنىڭ ھاۋالە قىلىشىنى تەلەپ قىلغان بولسا، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ھاۋالە پىكرىنى شۇ ئۇرۇق - تۇغقان، دوست-بۇرادەرلىرىگە ۋاقتىدا يەتكۈزۈشى لازىم؛ جىنايەت گۇماندارى ئادۋوكات تەكلىپ قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويغان، ئەمما كونكرېت ھاۋالە قىلىدىغان نىشانى ۋە تەكلىپ قىلىدىغان ئادىمى بولمىسا، خەلق تەپتىش مەھكىمسىى شۇ جايدىكى ئادۋوكاتلار جەمئىيىتىگە ياكى ئەدلىيە مەمۇرىي ئورگىنىغا ئۇنىڭغا ئادۋوكات كۆرسىتىپ بېرىشنى ئۇقتۇرۇشى كېرەك.

ھاۋالە پىكرى يازما بولسىمۇ، ئاغزاكى بولسىمۇ بولىدۇ. ئاغزاكى بېرىلگەن بولسا، ئېنىق خاتىرىلەپ قويۇلۇشى، جىنايەت گۇماندارى ئىمزا قويۇشى ياكى تامغا بېسىشى لازىم.

148-ماددا جىنايەت گۇماندارى ئادۋوكات تەكلىپ قىلىپ بولغان، لېكىن خەلق تەپتىش مەھكىمىسى تەھقىقلەش جەريانىدا دېلونىڭ دۆلەت مەخپىيىتىگە چېتىلىدىغانلىقىنى بايقىسا، جىنايەت گۇماندارى تەكلىپ قىلغان ئادۋوكاتقا دەۋاغا قاتنىشىشنى ۋاقتىنچە توختىتىش توغرىسىدا ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇش قىلىشى ھەمدە ئۇنى جىنايەت گۇماندارىغا ئۇقتۇرۇپ قويۇشى كېرەك.

جىنايەت گۇماندارىنىڭ داۋاملىق ئادۋوكات تەكلىپ قىلىشىغا بولىدىغان - بولمايدىغانلىقىنى تەستىقلاشتا، مۇشۇ قائىدىنىڭ 146-ماددىسىنىڭ 1-تارمىقىدىكى بەلگىلىمە تەتبىقلىنىدۇ.

149-ماددا تەھقىقلەش مەزگىلىدە، ئادۋوكاتنىڭ بىرلا ۋاقىتتا ئىككى ياكى ئىككىدىن ئارتۇق شېرىك جىنايەت گۇماندارىنىڭ ھاۋالىسىنى قوبۇل قىلىپ، قانۇن جەھەتتىن ياردەم بېرىشىگە يول قويۇلمايدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا،خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئادۋوكاتنىڭ قاماقتىكى جىنايەت گۇماندارى بىلەن كۆرۈشۈشىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ بەرمەسلىك كېرەك.

150-ماددا ھاۋالە قىلغان ئادۋوكات قاماقتىكى جىنايەت گۇماندارى بىلەن كۆرۈشمەكچى بولسا، ئىشتىن ئاۋۋال خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە ئۇقتۇرۇپ قويۇشى ھەمدە خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە جىنايەت گۇماندارىنىڭ ھاۋالىنامىسى، ئادۋوكاتلىق كەسپىي گۇۋاھنامىسى ۋە ئادۋوكاتلىق ئورنىنىڭ تونۇشتۇرۇشىنى كۆرسىتىشى لازىم.

تەھقىقلەش مەزگىلىدە، ھاۋالە قىلىنغان ئادۋوكاتنىڭ قاماقتىكى جىنايەت گۇماندارى بىلەن كۆرۈشۈشىگە ئائىت ئىشلارنى خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تەھقىقلەش تارمىقى بېجىرىدۇ.

151-ماددا دۆلەت مەخپىيىتىگە چېتىلمايدىغان دېلولاردا ئادۋوكات قاماقتىكى جىنايەت گۇماندارى بىلەن كۆرۈشمەكچى بولسا، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى كۆرۈشۈشنىڭ كونكرېت ۋاقتىنى 48 سائەت ئىچىدە ئورۇنلاشتۇرۇشى لازىم؛ خىيانەتچىلىك، پارىخورلۇق جىنايىتىگە ئوخشاش چوڭ، مۇرەككەپ بولغان، ئىككىدىن ئارتۇق ئادەم بىرلىشىپ جىنايەت ئۆتكۈزگەن دېلودا، كۆرۈشۈشنىڭ كونكرېت ۋاقتى بەش كۈن ئىچىدە ئورۇنلاشتۇرۇلسا بولىدۇ.

خەلق تەپتىش مەھكىمىسى كۆرۈشۈش ۋاقتىنى ئورۇنلاشتۇرغاندا، دېلو ئەھۋالىغا ۋە ئېھتىياجىغا قاراپ، تۆپىدە تۇرۇشقا ئادەم ئەۋەتىش-ئەۋەتمەسلىكنى قارار قىلىدۇ. ئادەم ئەۋەتمەسلىكنى قارار قىلغانلىرىدا كۆرۈشۈشكە قوشۇلغانلىق ئىسپاتى بېرىدۇ. ھاۋالە قىلىنغان ئادۋوكات خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ كۆرۈشۈشكە قوشۇلغانلىق ئىسپاتىنى ئېلىپ ياكى خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئەۋەتكەن ئادەمنىڭ ھەمراھلىقىدا قاماقتىكى جىنايەت گۇماندارى بىلەن كۆرۈشسە بولىدۇ.

152-ماددا دۆلەت مەخپىيىتىگە چېتىلىدىغان دېلولاردا ئادۋوكات قاماقتىكى جىنايەت گۇماندارى بىلەن كۆرۈشۈشنى تەلەپ قىلسا، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى دېلو ئەھۋالى ۋە ئېھتىياجىغا قاراپ، ھاۋالە قىلىنغان ئادۋوكاتنىڭ قاماقتىكى جىنايەت گۇماندارى بىلەن كۆرۈشۈشنى تەستىقلاش-تەستىقلىماسلىقنى بەش كۈن ئىچىدە قارار قىلىشى كېرەك. ھاۋالە قىلىنغان ئادۋوكاتتىن جىنايەت گۇماندارى بىلەن كۆرۈشۈشكە تەستىقلانغانلىرى مۇشۇ قائىدىنىڭ 151-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە ئىش كۆرىدۇ. 

153-ماددا ھاۋالە قىلىنغان ئادۋوكات قاماقتىكى جىنايەت گۇماندارى بىلەن كۆرۈشكەندە، تۆپىدە تۇرغان تەپتىش ئورگىنى خادىمى ئادۋوكاتقا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئورۇنلىرى ۋە ئالاقىدار ئورگانلارنىڭ كۆرۈشۈش توغرىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئەمەل قىلىشى لازىملىقىنى ئۇقتۇرۇپ قويۇشى كېرەك.

ھاۋالە قىلىنغان ئادۋوكاتنىڭ قاماقتىكى جىنايەت گۇماندارى بىلەن كۆرۈشۈش ئەھۋالىنى تۆپىدە تۇرغان تەپتىش ئورگىنى خادىمى ئېنىق خاتىرىلەپ قويسا بولىدۇ.

154-ماددا ئادۋوكاتنىڭ قاماقتىكى جىنايەت گۇماندارىدىن سوئال سورىغاندا، جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنىنىڭ 96-ماددىسىدا بەلگىلەنگەن ھوقۇق دائىرىسىدىن ھالقىپ كەتسە ياكى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئورۇنلىرىنىڭ ۋە ئالاقىدار ئورگانلارنىڭ كۆرۈشۈش توغرىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلسا، تەپتىش ئورگىنى خادىملىرى توسۇشقا ياكى كۆرۈشۈشنى توختىتىشقا ھوقۇقلۇق.

155-ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئادۋوكاتنىڭ جىنايى ئىشلار دەۋاسىدا قانۇن ۋە ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلغانلىقىنى بايقىسا، ۋاقتىدا توسۇشى ھەمدە ئالاقىدار ئادۋوكات باشقۇرۇش تارمىقىنى ئەھۋالدىن خەۋەردار قىلىشى لازىم.

156-ماددا بۇ پاراگرافتا ئېيتىلغان «دۆلەت مەخپىيىتىگە چېتىشلىق دېلولار» دېگەندە، دېلو ئەھۋالى ياكى دېلونىڭ خاراكتېرى دۆلەت مەخپىيىتىگە چېتىلىدىغان دېلولار كۆزدە تۇتۇلىدۇ.

2-پاراگراف گۇۋاھچى، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىدىن گەپ سوراش

157-ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىسى تەھقىقلەش جەريانىدا گۇۋاھچىلاردىن ۋاقتىدا گەپ سورىشى ھەمدە گۇۋاھچىلارغا گۇۋاھلىق بېرىش ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلشى كېرەكلىكىنى ئۇقتۇرۇپ قويۇشى كېرەك.

خەلق تەپتىش مەھكىمىسى دېلو بىلەن مۇناسىۋەتلىك ياكى دېلو ئەھۋالىدىن خەۋەردار بارلىق پۇقرالارنى دەلىل-ئىسپات بىلەن ئوبيېكتىپ، تولۇق تەمىنلەش شارائىتىغا ئىگە قىلىشى ھەمدە ئۇلارنىڭ مەخپىيىتىنى ساقلىشى لازىم. پەۋقۇلئاددە ئەھۋالدىن باشقىلىرىدا، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى گۇۋاھچىلارنى تەكشۈرۈشكە ھەمكارلاشتۇرسا بولىدۇ.

158-ماددا گۇۋاھچىدىن تەپتىش خادىمى گەپ سورىشى كېرەك. گەپ سورىغاندا تەپتىش خادىمى ئىككىدىن كەم بولسا بولمايدۇ.

159-ماددا گۇۋاھچىدىن گەپ سورىغاندا، گۇۋاھچى تۇرۇشلۇق ئورۇن، ئولتۇرۇشلۇق جايدا سوراشقا بولىدۇ. گەپ سورىغاندا، تەپتىش خادىملىرى خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ گۇۋاھچىدىن گەپ سوراش ئۇقتۇرۇشىنى ۋە خىزمەت كىنىشكىسىنى كۆرسىتىشى كېرەك. زۆرۈر تېپىلغاندا، گۇۋاھچىغا خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە كېلىپ گۇۋاھلىق بېرىشنى ئۇقتۇرسىمۇ بولىدۇ.

گۇۋاھچىلاردىن ئايرىم-ئايرىم گەپ سوراش كېرەك.

160-ماددا گۇۋاھچىلاردىن گەپ سورىغاندا، گۇۋاھچىنىڭ ئاساسىي ئەھۋالى ۋە دەۋالاشقۇچى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ئېنىق سوراش ھەمدە راست دەلىل-ئىسپات بېرىش، راست گۇۋاھلىق بېرىش كېرەكلىكىنى، قەستەن يالغان گۇۋاھلىق بەرسە ياكى جىنايەت پاكىتىنى يوشۇرسا، قانۇن جاۋابكارلىقىغا تارتىلىدىغانلىقىنى گۇۋاھچىغا ئۇقتۇرۇپ قويۇش كېرەك، ئەمما گۇۋاھچىغا دېلو ئەھۋالىنى ئاشكارىلاپ قويۇشقا بولمايدۇ؛ قاماش، قىيناپ سوراق قىلىش، تەھدىت سېلىش، ئازدۇرۇش، ئالداش ئۇسۇلى ۋە باشقا قانۇنسىز ئۇسۇللارنى قوللىنىپ ئۇلاردىن گۇۋاھلىق سۆزى ئېلىشقا بولمايدۇ.

161-ماددا 18 ياشقا توشمىغان گۇۋاھچىلاردىن گەپ سورىغاندا، ئۇلارنىڭ قانۇنىي ۋاكالەتچىسىگە تۆپىدە تۇرۇش ئۇقتۇرۇلسا بولىدۇ.

162-ماددا مۇشۇ قائىدىنىڭ 141-ماددىسىدىن 142-ماددىسىغىچە بولغان بەلگىلىمىلەر گۇۋاھچىلاردىن گەپ سوراشقىمۇ تەتبىقلىنىدۇ.

163-ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى گۇۋاھچى ۋە ئۇنىڭ يېقىن تۇغقانلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈشى لازىم.

گەپ سوراشتا، گۇۋاھچىنىڭ ئار-نومۇسىغا تاقىلىدىغان ئىشلاردا مەخپىيەتلىكنى ساقلاش كېرەك.

گۇۋاھچىلارغا ۋە ئۇنىڭ يېقىن تۇغقانلىرىغا تەھدىت سالغان، ئۇلارنى ھاقارەتلىگەن، ئۇرغان ياكى زەربە بېرىپ ئۆچ ئالغانلاردىن جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر ياكى ئامانلىق ساقلاش ئىشلىرى بويىچە باشقۇرۇش ۋە جازالاشقا تېگىشلىك بولغانلىرىنى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش؛ قىلمىشى يېنىكرەك بولغانلارغا تەنقىد-تەربىيە، تەبىھ بېرىش لازىم.

164-ماددا گۇۋاھچىلاردىن گەپ سوراش توغرىسىدىكى بەلگىلىمىلەر زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلاردىن گەپ سوراشقىمۇ باب كېلىدۇ.

3-پاراگراف ئېنىقلاش، تەكشۈرۈش

165-ماددا تەپتىش خادىملىرى جىنايەتكە مۇناسىۋەتلىك مەيدان، نەرسە، ئادەم بەدىنى، جەسەتلەرنى ئېنىقلىشى ياكى تەكشۈرۈشى كېرەك. زۆرۈر تېپىلغاندا، تەپتىش خادىملىرىنىڭ رىياسەتچىلىكىدە تەپتىش تېخنىكا خادىملىرىنى ئەۋەتىپ ياكى باشقا بىلىم ئەھلىلىرىنى تەكلىپ قىلىپ ئېنىقلاش، تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا بولىدۇ.

166-ماددا ئېنىقلاش، تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغاندا، باش تەپتىش ئىمزا قويغان تەكشۈرۈش ئىسپاتى بولۇش كېرەك.

167-ماددا ئېنىقلىغاندا، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى دېلوغا مۇناسىۋەتسىز ئىككى گۇۋاھچىنى تۆپىدە تۇرۇشقا تەكلىپ قىلىشى لازىم.

168-ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئۆلۈش سەۋەبى ئېنىق بولمىغان كىشىنىڭ جەسىتىنى يېرىپ كۆرۈشنى قارار قىلغاندا، ئۆلگۈچىنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا تۆپىدە تۇرۇشنى ئۇقتۇرۇشى ھەمدە ئۇلارنى يېرىپ كۆرۈش ئۇقتۇرۇشىغا ئىمزا قويدۇرۇشى ياكى تامغىسىنى باستۇرۇشى كېرەك.

ئۆلگۈچىنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ئورۇنسىز سەۋەبلەر بىلەن تۆپىدە تۇرۇشنى ياكى ئىمزا قويۇشنى، تامغىسىنى بېسىشنى رەت قىلسا، يېرىپ كۆرۈشنى ئېلىپ بېرىش تەسىرگە ئۇچرىمايدۇ، لېكىن بۇ ئەھۋالنى يېرىپ كۆرۈش ئۇقتۇرۇشىغا خاتىرىلەپ قويۇش كېرەك. سالاھىيىتى ئېنىق بولمىغان جەسەتنى ئۆلگۈچىنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا ئۇقتۇرۇشق ئامال بولمىغاندا خاتىرىگە ئىزاھلاپ قويۇش لازىم.

169-ماددا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ، جىنايەت گۇماندارىنىڭ بەزى ئالاھىدىلىكلىرىنى، زەخىملىنىش ئەھۋالىنى ياكى فىزىئولوگىيىلىك ھالىتىنى بېكتىىش ئۈچۈن، تەپتىش خادىملىرى ئۇنىڭ بەدىنىنى تەكشۈرسە بولىدۇ.

جىنايەت گۇماندارى تەكشۈرۈشنى رەت قىلغاندا، تەپتىش خادىملىرى زۆرۈر تاپسا مەجبۇرىي تەكشۈرسە بولىدۇ.

ئاياللارنىڭ بەدىنىنى ئايال خادىملار ياكى دوختۇرلار تەكشۈرۈشى لازىم.

170-ماددا ئېنىقلانغان، تەكشۈرگەن ئەھۋالدىن خاتىرە قالدۇرۇلۇشى، ئۇنىڭغا ئېنىقلاشقا، تەكشۈرۈشكە قاتناشقۇچىلار ۋە گۇۋاھچىلار ئىمزا قويۇشى ياكى تامغىسىنى بېسىشى كېرەك.

171-ماددا دېلو ئەھۋالىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن، زۆرۈر تېپىلغاندا باش تەپتىشنىڭ تەستىقى ئارقىلىق تەھقىقلەش سىنىقى ئېلىپ بېرىلسا بولىدۇ.

تەھقىقلەش سىنىقى ئېلىپ بارغاندا، كىشىلەرنىڭ جىسمانىيىتىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان، كىشىلىك ئىززىتىگە ھاقارەت كەلتۈرىدىغان ياكى ئۆرپ-ئادەتكە زىت كېلىدىغان بارلىق قىلمىشلار مەنئى قىلىنىدۇ.

172-ماددا تەھقىقلەش سىنىقىغا زۆرۈر تېپىلغاندا مۇناسىۋەتلىك خادىملار تەكلىپ بىلەن قاتناشتۇرۇلسا بولىدۇ، جىنايەت گۇماندارى، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ۋە گۇۋاھچىلارنىڭ قاتنىشىشى تەلەپ قىلىنسىمۇ بولىدۇ.

173-ماددا تەھقىقلەش سىنىقى ئېلىپ بارغاندا خاتىرە قالدۇرۇش، تەھقىقلەش سىنىقى ئېلىپ بېرىش شەرتى، جەريانى ۋە نەتىجىسىنى ئېنىق خاتىرىلەش، ئۇنىڭغا تەھقىقلەش سىنىقىغا قاتناشقان خادىملار ئىمزا قويۇشى ياكى تامغىسىنى بېسىشى كېرەك.

4-پاراگراف ئاختۇرۇش

174-ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى مۇناسىۋەتلىك ئورۇن ۋە شەخسلەردىن جىنايەت گۇماندارىنىڭ جىنايەتلىك ياكى جىنايەتسىز ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل-ئىسپاتلارنى تاپشۇرۇشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

175-ماددا جىنايەتكە دائىر دەلىل - ئسپاتلارنى توپلاش، جىنايەت ئۆتكۈزگۈچىنى قولغا چۈشۈرۈش ئۈچۈن، تەھقىقلىگۈچى خادىملار جىنايەت گۇماندارىنىڭ، شۇنىڭدەك جىنايەتچىلەرنى ياكى جىنايەتكە دائىر دەلىل-ئىسپاتلارنى يوشۇرۇش ئېھتىمالى بولغان كىشىلەرنىڭ يېنىنى، نەرسە-كېرەكلىرىنى، تۇرار جايىنى، ئىش ئورنىنى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك جايلارنى ئاختۇرسا بولىدۇ.

176-ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئاختۇرۇشتىن ئىلگىرى ئاختۇرۇلغۇچىنىڭ ئااسىي ئەھۋالى، ئاختۇرۇلىدىغان نەق مەيدان ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى مۇھىتنى ئىگىلەپ، ئاختۇرۇش دائىرىسى ۋە مۇھىم نۇقتىسىنى بېكىتىشى، ئاختۇرغۇچى خادىملارنىڭ ئىش تەقسىماتى ۋە مەسئۇلىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشى كېرەك.

177-ماددا ئاختۇرۇش تەپتىش خادىملىرىنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئېلىپ بېرىلىدۇ. زۆرۈر تېپىلغاندا، تەپتىش تېخنىكا خادىملرى قاتناشتۇرۇلسا ياكى شۇ جايدىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى، مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار ھەمكارلىشىشقا تەكلىپ قىلىنسا بولىدۇ.

178-ماددا ئاختۇرغاندا ئاختۇرۇلغۇچى ياكى ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا ئاختۇرۇش گۇۋاھنامىسىنى كۆرسىتىش كېرەك.

ئاختۇرۇش گۇۋاھنامىسىغا باش تەپتىش ئىمزا قويىدۇ.

179-ماددا قولغا ئېلىش، توختىتىپ قويۇشنى ئىجرا قىلغاندا جىددىي ئەھۋال يۈز بەرسە، ئاختۇرۇش گۇۋاھنامىسى بولمىسىمۇ ئاختۇرۇشقا بولىدۇ، لېكىن ئاختۇرۇش ئاياغلاشقاندىن كېيىن ئاختۇرغۇچى خادىملار باش تەپتىشكە ۋاقتىدا دوكلات قىلىشى، ئالاقىدار رەسمىيەتلەرنى ۋاقتىدا تولۇقلىشى كېرەك.

180-ماددا ئاختۇرغاندا ئاختۇرۇلغۇچى ياكى ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى، قوشنىلىرى ۋە ياكى باشقا گۇۋاھچىلار تۆپىدە تۇرۇشى ھەمدە ئاختۇرۇلغۇچىغا ياكى ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا ئاختۇرۇشقا توسقۇنلۇق قىلىپ ۋەزىپە ئىجرا قىلىشقا دەخلى يەتكۈزسە، قانۇنىي جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدىغانلىقى چۈشەندۈرۈلۈشى لازىم.

ئاياللارنىڭ يېنىنى ئايال خىزمەتچىلەر ئاختۇرۇشى كېرەك.

181-ماددا ئاختۇرغاندا توسالغۇغا ئۇچرىسا، مەجبۇرىي ئاختۇرۇشقا بولىدۇ. ئاختۇرۇشقا زورلۇق قىلىش، تەھدىت سېلىش ئۇسۇللىرى ئارقىلىق توسقۇنلۇق قىلىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلسە، ئۇنى توسۇش ياكى ئەدلىيە ساقچىلىرى ئۇلارنى نەق مەيداندىن ئېلىپ كېتىشى كېرەك. جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈش لازىم.

182-ماددا ئاختۇرۇشنى ئەتراپلىق، ئىنچىكە، ۋاقتىدا ئېلىپ بېرىش ھەمدە مەخسۇس ئادەم ئەۋەتىپ ئاختۇرۇلىدىغان نەق مەيداندىكى ئەھۋالغا قاتتىق دىققەت قىلىش كېرەك.

183-ماددا ئاختۇرۇلغۇچىلار قانۇن-ئىنتىزامغا رىئايە قىلىشى، قوماندانلىققا بويسۇنۇشى، قانۇننى ئىلمىي ئىجرا قىلىشى، ئاختۇرۇلىدىغان نەق مەيداندىكى بۇيۇملارنى سەۋەبسىز بۇزۇۋەتمەسلىكى كېرەك. قولغا چۈشۈرۈلگەن مۇھىم يازما ئىسپات، ماددىي ئىسپات، ئۈن-سىن ماتېرىياللىرى، شۇنىڭدەك شۇ نەرسىلەر قويۇلغان جايلارنى سۈرەتكە ئېلىش ھەمدە مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللارنى يازما ئىزاھلاپ قويۇش لازىم؛ زۆرۈر تېپىلغاندا سىنئالغۇغا ئېلىشقا بولىدۇ.

184-ماددا ئاختۇرۇش ئەھۋالىدىن خاتىرە قالدۇرۇش، ئۇنىڭغا تەپتىش خادىملىرى ۋە ئاختۇرۇلغۇچىلار ياكى ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى، قوشنىلىرى ۋە ياكى باشقا گۇۋاھچىلار ئىمزا قويۇشى ياكى تامغىسىنى بېسىشى كېرەك. ئاختۇرۇلغۇچى ياكى ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى قېچىپ كەتكەن ئىمزا قويۇشنى، تامغىسىنى بېسىشنى رەت قىلغان بولسا، خاتىرىدە ئەسكەرتىپ قويۇش لازىم.

185-ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئۆز تەۋەسىدىن باشقا جايدا ئاختۇرۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلغاندا، دېلو بېجىرگۈچىلەر ئاختۇرۇش گۇۋاھنامىسى، خىزمەت كىنىشكىسى، شۇنىڭدەك دېلونىڭ ئاساسىي ئەھۋالى، تەكشۈرۈش مەقسىتى، تەلىپى قاتارلىق مەزمۇنلار يېزىلغان ئالاقىنى ئېلىپ، شۇ جايدىكى خەلق تەپتىش مەھكىمىسى بىلەن ئالاقىلىشىشى كېرەك. شۇ جايدىكى خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئاختۇرۇشقا ماسلىشىشى ۋە ھەمكارلىشىشى لازىم.

5-پاراگراف ماددىي ئىسپات، يازما ئىسپات ۋە ئۈن-سىن ماتېرىياللىرى ئېلىش ھەم ئۇلارنى تۇتۇپ قېلىش

186-ماددا تەپتىش خادىملىرى خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئىسپاتلىق ھۆججىتىگە ئاساسەن، مۇناسىۋەتلىك ئورۇن ۋە شەخسلەردىن جىنايەت گۇماندارىنىڭ جىنايەتلىك ياكى جىنايەتسىز ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل-ئىسپات ماتېرىياللىرىنى ئالسا بولىدۇ ھەمدە ئېھتىياجغا قاراپ سۈرەتكە، سىنئالغۇغا ئېلىشقا، نۇسخا ئېلىشقا ۋە كۆپەيتىشكە بولىدۇ. دۆلەتنىڭ مەخپىيىتىگە چېتىلىدىغان دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ مەخپىيىتىنى قاتتىق ساقلاش كېرەك.

187-ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىسى دېلو بېجىرگەندە ئۆز رايونى تەۋەسىدىن باشقا جايدىكى مۇناسىۋەتلىك ئورۇن ۋە شەخسلەردىن ماددىي ئىسپات، يازما ئىسپاتلارنى ئېلىشقا توغرا كەلسە، دېلو بېجىرگۈچىلەر خىزمەت كىنىشكىسى، ئۆز ئورنىنىڭ دېلو بېجىرىش ئالاقىسى ۋە ئالاقىدار قانۇن ھۆججەتلىرىنى ئېلىپ، شۇ جايدىكى خەلق تەپتىش مەھكىمىسى بىلەن ۋاقتىدا ئالاقىلىشىشى، شۇ جايدىكى خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئۇلارنىڭ ۋەزىپە ئىجرا قىلىشىغا ماسلىشىشى، ھەمكارلىشىشى كېرەك.

ئالدۇرىدىغان دەلىل-ئىسپات ئاددىيراق بولسا، دەلىل-ئىسپات بار جايدىكى خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە ئالاقە ئەۋەتىپ ئالدۇرسا بولىدۇ. دەلىل-ئىسپاتنى ئالاقە ئارقىلىق ئالدۇرۇشتا، ئىسپات ئېلىنغۇچىنىڭ كونكرېت ئەھۋالى ۋە ئېنىق ئادرېسىنى ئەسكەرتىپ قويۇش لازىم. ئالاقە ئارقىلىق ئىسپات ئېلىشقا ھەمكارلىشىدىغان خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ۋاقتىدا ئادەم ئەۋەتىپ، تەكشۈرۈش مەزمۇنىغا ئاساسەن تەكشۈرۈپ ئىسپات ئېلىشى ھەمدە ئالاقىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىنكى بىر ئاي ئىچىدە تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئىسپات ئېلىپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلغان خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە يەتكۈزۈپ بېرىشى كېرەك.

188-ماددا يازما ئىسپات، ئۈن-سىن ماتېرىياللىرىنى ئېلىشتا، ئەسلىسىنى ئېلىشقا مۇمكىن بولمىسا، كۆچۈرمىسى ياكى كۆپەيتىلمىسىنى ئېلىشقا بولىدۇ.

ماددىي ئىسپات ئېلىشتا ئەسلىسىنى ئېلىش لازىم. ئەسلىسىنى يۆتكەش، ساقلاش بىئەپ بولسا ياكى قانۇن بويىچە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىغا قايتۇرۇپ بېرىلگەن بولسا ۋە ياكى مەخپىيەتلىكنى ساقلاش زۆرۈرىيىتى تۈپەيلىدىن ئەسلىسىنى ئېلىشقا مۇمكىن بولمىسا، ئەسلىسىنى سۈرەتكە، سىنئالغۇغا ئېلىشقا بولىدۇ. ئەسلىسىنى سۈرەتكە ياكى سىنئالغۇغا ئېلىشتا،ئەسلىي نەرسىنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشى، مەزمۇنى تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈلۈشى كېرەك.

يازما ئىسپات، ئۈن-سىن ماتېرىياللىرىنىڭ كۆچۈرمىسى، كۆپەيتىلمىسى ئېلىنغان ۋە ماددىي ئىسپات سۈرەتكە، سىنئالغۇغا ئېلىنغان بولسا، ئۇنىڭ ئەسلىسىنى ئالغىلى بولماسلىق سەۋەبىنى، ياسىلىش جەريانىنى ۋە ئەسلىي نەرسە قويۇلغان جاينى ئىزاھلاش ھەمدە ئۇنىڭغا ياسىغۇچى ۋە ئەسلىي يازما ئىسپات، ئۈن-سىن ماتېرىياللىرى، ماددىي ئىسپات ئىگىسى ئىمزا قويۇشى ياكى تامغىسىنى بېسىشى لازىم.

189-ماددا ئېنىقلاش، ئاختۇرۇش جەريانىدا تېپىلغان جىنايەت گۇماندارىنىڭ جىنايەتلىك ياكى جىنايەتسىز ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرەلەيدىغان تۈرلۈك ھۆججەت، ماتېرىيال ۋە باشقا نەرسىلەرنى تۇتۇپ قېلىش كېرەك؛ دېلوغا مۇناسىۋەتسىز بولغانلىرىنى تۇتۇپ قېلىشقا بولمايدۇ.

دېلوغا مۇناسىۋەتلىك ياكى مۇناسىۋەتسىز ئىكەنلىكىنى دەرھال ئېنىقلىغىلى بولمايدىغان گۇمانلىق ھۆججەت، ماتېرىيال ۋە باشقا نەرسىلەرنىمۇ تۇتۇپ قېلىشقا بولىدۇ، لېكىن ۋاقتىدا تەكشۈرۈش كېرەك. ھەقىقەتەن دېلوغا مۇناسىۋەتسىز ئىكەنلىكى ئېنىقلانغانلىرىنى ئۈچ كۈن ئىچىدە قايتۇرۇش لازىم.

تۇتۇپ قېلىشقا تېگىشلىك ھۆججەت، ماتېرىيال ۋە باشقا نەرسىلەرنىڭ ئىگىسى تاپشۇرۇشنى رەت قىلسا، مەجبۇرىي تۇتۇپ قېلىشقا بولىدۇ.

190-ماددا تۇتۇپ قېلىنغان ھۆججەت، ماتېرىيال ۋە باشقا نەرسىلەرنى تەھقىقلىگۈچى خادىملار تۆپىدە تۇرغان گۇۋاھچىلار ۋە تۇتۇپ قېلىنغان نەرسىلەرنىڭ ئىگىسى بىلەن بىرلىكتە ئىدىتلاپ، شۇ جاينىڭ ئۆزىدە ئوخشاش نۇسخىدا ئىككى پارچە تۇتۇپ قېلىنغان نەرسىلەر تىزىملىكى تۈزۈپ، تۇتۇپ قېلىنغان ھۆججەت، ماتېرىيال ۋە باشقا نەرسىلەرنىڭ نامى، بەلگىسى، ئۆلچىمى، سانى، ئېغىرلىقى، سۈپىتى، رەڭگى، كونا-يېڭىلىق دەرىجىسى ۋە زىيان-زەخمەت ئالامەتلىرى قاتارلىقلارنى ئېنىق يېزىشى؛ ئۇنىڭغا تەپتىش خادىملىرى، گۇۋاھچىلار ۋە نەرسە ئىگىسى ئىمزا قويغان ياكى تامغىسىنى باسقاندىن كېيىن، بىر نۇسخىسىنى شۇ نەرسە ئىگىسىگە بېرىشى، يەنە بىر نۇسخىسىنى دېلوغا سېلىشى كېرەك. نەرسە ئىگىسى ئىمزا قويۇشنى ياكى تامغىسىنى بېسىشنى رەت قىلسا، تۇتۇپ قېلىنغان نەرسىلەر تىزىملىكىگە خاتىرىلەپ قويۇش لازىم.

تۇتۇپ قېلىنغان ئالتۇن-كۈمۈش، ئۈنچە-مەرۋايىت، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى، داڭلىق ھۆسنخەت، رەسىم، چەكلەنگەن بۇيۇملار، شۇنىڭدەك راست-يالغانلىقىنى پەرقلەندۈرۈش قىيىن بولغان باشقا قىممەتلىك بۇيۇملارنى شۇ جاينىڭ ئۆزى پېچەتلەش ھەمدە تۇتۇپ قالغۇچى خادىملار، گۇۋاھچى ۋە تۇتۇپ قېلىنغان نەرسە ئىگىسى پېچەتلەنگەن ماتېرىيالغا ئىمزا قويۇشى ياكى تامغىسىنى بېسىشى كېرەك.

191-ماددا تۇتۇپ قېلىشقا تېگىشلىك، ئەمما ئېلىپ كېتىش بىئەپ نەرسىلەرنى سۈرەتكە ياكى سىنئالغۇغا ئالغاندىن كېيىن، ئۇنى تۇتۇپ قېلىنغان مال-مۈلۈك ئىگىسىنىڭ ساقلىشىغا تاپشۇرسا بولىدۇ ھەمدە تۇتۇپ قېلىنغان نەرسىلەرنىڭ تىزىملىكىنى ئوخشاش نۇسخىدا ئىككى پارچە تەييارلاپ، تىزىملىكتە شۇ نەرسىنىڭ سۈرەتكە ياكى سىنئالغۇغا ئېلىنغانلىقىنى، نەرسە ئىگىسىنىڭ ئۇنى ئوبدان ساقلىشى لازىملىقىنى، يۆتكىۋېتىشكە، سېتىۋېتىشكە، بۇزۇۋېتىشكە بولمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ قويۇش لازىم. تەپتىش خادىملىرى، گۇۋاھچى ۋە نەرسە ئىگىسى تىزىملىككە ئىمزا قويۇشى ياكى تامغىسىنى بېسىشى؛ تىزىملىكنىڭ بىر نۇسخىسى نەرسە ئىگىسىگە بېرىلىشى، يەنە بىر نۇسخىسى سۈرەت، سىنئالغۇ لېنتىسى بىلەن بىللە دېلوغا سېلىنىشى كېرەك.

192-ماددا جىنايەت گۇماندارىنىڭ پوچتا يوللانمىسى، تېلېگراممىلىرى ياكى ئېلېكترون پوچتا يوللانمىلىرىنى تۇتۇپ قېلىشتا، باش تەپتىشنىڭ تەستىقىنى ئالغاندىن كېيىن، پوچتا-تېلېگراف ئورگىنى ياكى تور مۇلازىمەت ئورگىنىغا مۇناسىۋەتلىك پوچتا يوللانمىسى، تېلېگرامما ياكى ئېلېكترون پوچتا-تېلېگراف ئورگىنى ياكى تور مۇلازىمەت ئورگىنىغا مۇناسىۋەتلىك پوچتا يوللانمىسى، تېلېگراممىنى ياكى ئېلېكترون پوچتا يوللانمىلىرىنى تۇتۇپ قېلىپ ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى ئۇقتۇرۇش لازىم.

داۋاملىق تۇتۇپ قېلىش زۆرۈرىيىتى قالمىغاندا، پوچتا-تېلېگراف ئورگىنى ياكى تور مۇلازىمەت ئورگىنىغا دەرھال ئۇقتۇرۇش قىلىش كېرەك.

193-ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىسى تۇتۇپ قالغان بۇيۇم، ھۆججەت، پوچتا يوللانمىلىرى، تېلگراممىلارنى ئادەم بەلگىلەپ ئوبدان ساقلىشى، ئۇنى ئىشلىتىشكە ئالماشتۇرۇۋېلىشقا، بۇزۇۋېتىشكە ياكى ئۆز ئالدىغا بىر تەرەپ قىلىۋېتىشكە يول قويماسلىقى كېرەك. دېلو بىلەن مۇناسىۋەتسىز ئىكەنلىكى ئېنىقلانسا، تۇتۇپ قېلىشنى ئۈچ كۈن ئىچىدە بىكار قىلىپ، ئەسلىي ئىگىسىگە ياكى ئەسلىي پوچتا-تېلېگراف ئورگىنىغا قايتۇرۇپ بېرىش لازىم.

6-پاراگراف ئامانەت پۇلى، پېرېۋوت پۇلىنى سۈرۈشتۈرۈش ۋە توڭلىتىش

194-ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىسى جىنايەتنى تەھقىقلەش ئېھتىياجىغا قاراپ، جىنايەت گۇماندارىنىڭ ئامانەت پۇلى، پېرېۋوت پۇلىنى بەلگىلىمە بويىچە سۈرۈشتۈرسە، توڭلاتسا بولىدۇ.

195-ماددا بانكا ياكى باشقا پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتى ۋە پوچتا-تېلېگراف ئورگىندىىن جىنايەت گۇماندارىنىڭ ئامانەت پۇلى، پېرېۋوت پۇلىنى سۈرۈشتۈرگەن ياكى توڭلىتىشنى تەلەپ قىلغاندا، باش تەپتىشنىڭ تەستىقىنى ئېلىپ، بانكا ياكى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتى ۋە پوچتا تېلېگراف ئورگىنىغا ئىجرا قىلىشنى ئۇقتۇرۇش كېرەك.

196-ماددا جىنايەت گۇماندارىنىڭ ئامانەت پۇلى، پېرېۋوت پۇلى توڭلىتىۋېتىلگەن بولسا، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى قايتا توڭلاتسا بولمايدۇ، لېكىن مۇناسىۋەتلىك بانكا ياكى باشقا پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتى ۋە پوچتا-تېلېگراف ئورگىنىدىن توڭلىتىشنى بىكار قىلىش ياكى بىر تەرەپ قىلىشتىن ئىلگىرى خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە ئۇقتۇرۇش قىلىشنى تەلەپ قىلىش لازىم.

197-ماددا توڭلىتىلغان ئامانەت پۇلى، پېرېۋوت پۇلىنىڭ ھەقىقەتەن دېلو بىلەن مۇناسىۋەتسىز ئىكەنلىكى ئېنىقلانسا، ئۈچ كۈن ئىچىدە توڭلىتىشنى بىكار قىلىش كېرەك.

198-ماددا دېلو بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان ئورۇنلارنىڭ ئامانەت پۇلى، پېرېۋوت پۇلىنى سۈرۈشتۈرمىگەن ۋە توڭلاتقاندا، مۇشۇ قائىدىنىڭ 194-ماددىسىدىن 197-ماددىسىغىچە بولغان بەلگىلىمىلەر تەتبىقلىنىدۇ.

7-پاراگراف باھالاش

199-ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىسى دېلو ئەھۋالىنى ئېنىقلاش، دېلودىكى بەزى مەخسۇس مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن باھالاش ئېلىپ بېرىشى كېرەك.

200-ماددا باھالاش ئېلىپ بېرىشنى باش تەپتىش تەستىقلايدۇ، باھالاشنى خەلق تەپتىش مەھكىمىسى تېخنىكا تارمىقىنىڭ باھالاش سالاھىيىتى بار خادىملىرى ئېلىپ بارىدۇ. زۆرۈر تېپىلغاندا، باھالاش سالاھىيىتى بار باشقا خادىملار تەكلىپ قىلىنسىمۇ بولىدۇ، لېكىن باھالىغۇچى ئىشلەيدىغان ئورۇننىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىش كېرەك.

جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنىنىڭ 28 -، 29-ماددىسىدا بەلگىلەنگەن چەتلەپ تۇرۇشقا تېگىشلىك ئەھۋالى بارلار باھالىغۇچى بولسا بولمايدۇ.

201-ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىسى باھالىغۇچىنىڭ باھالاش ئېلىپ بېرىشىغا زۆرۈر شارائىت يارىتىپ بېرىپ، باھالىغۇچىغا تەكشۈرۈلىدىغان ماتېرىيال ۋە سېلىشتۇرۇلىدىغان ئەۋرىشكە قاتارلىق ئەسلىدىكى ماتېرىياللارنى يەتكۈزۈپ بېرىشى، باھالاشقا مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللارنى تونۇشتۇرۇشى ھەمدە باھالاش ئارقىلىق ھەل قىلىنىدىغان مەسىلىلەرنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇشى كېرەك. لېكىن، باھالىغۇچىغا مەلۇم باھالاش خۇلاسىسىنى چىقىرىپ بېرىشتىن بېشارەت بېرىشكە ياكى ئۇنى شۇنداق قىلىشقا زورلاشقا بولمايدۇ.

202-ماددا باھالىغۇچى باھالاپ بولغاندىن كېيىن باھالاش خۇلاسىسى، تەكشۈرۈش دوكلاتى تەييارلىشى ھەمدە ئۇنىڭغا ئىمزا قويۇشى ياكى تامغىسىنى ېبسىشى لازىم.

بىرنەچچە باھالىغۇچىنىڭ پىكرىدە ئىختىلاپ بولسا، باھالاش خۇلاسىسىگە ئىختىلاپ مەزمۇنى ۋە سەۋەبىنى ئېنىق ېيزىش ھەمدە باھالىغۇچىلارغا ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئىمزا قويدۇرۇش ياكى تامغىسىنى باستۇرۇش كېرەك.

203-ماددا باھالىغۇچىلاردىن قەستەن يالغان باھالانغانلىرى قانۇنىي جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشى لازىم.

204-ماددا باھالاش خۇلاسىسىنى تەپتىش خادىملىرى تەكشۈرۈشى كېرەك، زۆرۈر تېپىلغاندا، تولۇقلاپ باھالاش ياكى قايتا باھالاش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، باش تەپتىشنىڭ تەستىقىنى ئالغاندىن كېيىن تولۇقلاپ باھالىسا ياكى قايتا باھالىسا بولىدۇ. باش تەپتىش تولۇقلاپ باھالاشنى ياكى قايتا باھالاشنى بىۋاسىتە بېكىتسىمۇ بولىدۇ.

205-ماددا دەلىل-ئىسپات قىلىنىدىغان باھالاش خۇلاسىسىنى خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ دېلو بېجىرگۈچى تارمىقى جىنايەت گۇماندارىغا، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىغا ئۇقتۇرۇپ قويۇشى كېرەك؛ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئۆلگەن بولسا ياكى ئۇنىڭ دەۋا ھەرىكەت ئىقتىدارى بولمىسا، ئۇنىڭ قانۇنىي ۋاكالەتچىسىگە، يېقىن تۇغقىنىغا ياكى دەۋا ۋكالەتچىسىگە ئۇقتۇرۇپ قويۇش لازىم. جىنايەت گۇماندارى، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ياكى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ قانۇنيي ۋاكالەتچىسى، يېقىن تۇغقىنى، دەۋا ۋاكالەتچىسى ئىلتىماس قىلسا، باش تەپتىشنىڭ تەستىقى بىلەن تولۇقلاپ باھالاشقا ياكى قايتا باھالاشقا بولىدۇ، لېكىن ئىلتىماس قىلغۇچى باھالاش ھەققىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

جىنايەت گۇماندارىغا، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىغا ياكى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ قانۇنىي ۋاكالەتچىسىگە، يېقىن تۇغقىنىغا، دۋا ۋاكالەتچىسىگە باھالاش خۇلاسىسىنى ئۇقتۇرۇپ قويۇشتا، ئۇلارغا خۇلاسىنىڭ يەكۈن قىسمىلا ئۇقتۇرۇپ قويۇلسا بولىدۇ، باھالاش جەريانى قاتارلىق باشقا مەزمۇنلارنى ئۇقتۇرۇشقا بولمايدۇ.

206-ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىسى قايتا باھالاشنى قارار قىلغاندا، باھالىغۇچىنى باشقىدىن ئەۋەتىش ياكى تەكلىپ قىلىش كېرەك.

207-ماددا تېببىي باھالاشتا تالاش-تارتىش بولغان جىسمانىي زەخىمنى قايتا باھالاشقا ياكى روھىي كېسەلنى تېببىي باھالاشقا توغرا كەلگەندە، باھالاش ئىشىنى ئۆلكە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى بېكىتكەن دوختۇرخانا ئېلىپ بارىدۇ. باھالىغۇچى باھالاپ بولغاندىن كېيىن باھالاش خۇلاسىسى يېزىپ چىقىشى ھەمدە ئۇنىڭغا باھالىغۇچى ئىمزا قويۇشى، دوختۇرخانا تامغا بېسىشى لازىم.

تېببىي باھالاشتا تالاش-تارتىش بولغان جىسمانىي زەخىمنى قايتا باھالاشقا تېگىشلىك ئەھۋاللار؛

1) ئوخشاش بىر جىسمانىي زەخىمدە ئىككىدىن ئارتۇق ئوخشاش بولمىغان باھالاش خۇلاسىسى چىقىرىلغان بولۇپ، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى بىلەن جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى، جىنايەت گۇماندارى، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئوتتۇرىسىدا ياكى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى بىلەن جىنايەت گۇماندارى ئوتتۇرىسىدا ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىنماي، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى قايتا باھالاش زۆرۈر، دەپ ھېسابلىسا؛

2) خەلق تەپتىش مەھكىمىسى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ جسىمانىي زەخىمنى تېببىي باھالىشىنى دېلو بېكىتىشنىڭ ئاساسى قىلىشقا بولمايدۇ، قايتا باھالاش زۆرۈر، دەپ ھېسابلىسا؛

3) خەلق تەپتىش مەھكىمىسى بىلەن جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى، جىنايەت گۇماندارى ئوتتۇرىسا ياكى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى بىلەن جىنايەت گۇماندارى ئوتتۇرىسىدا ئوخشاش بىر جىسمانىي زەخىمنى تېببىي باھالاشقا بولغان تونۇش ئوخشاش بولمايدۇ، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى قايتا باھالاش زۆرۈرىيىتى بار، دەپ ھېسابلىسا.

208-ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئۆلكە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى بېكىتكەن دوختۇرخانا چىقارغان باھالاش خۇلاسىسىنى دېلونى بېكىتىشنىڭ ئاساسى قىلىشقا بولمايدۇ دەپ قارىسا، ئۆلكە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى بېكىتكەن باشقا دوختۇرخانىغا قايتا باھالاش ياكى تولۇقلاپ باھالاشنى باشقىدىن ھاۋالە قىلىشى كېرەك.

209-ماددا جىنايەت گۇماندارىنىڭ روھىي كسىلىنى باھالاشقا كەتكەن ۋاقىت قاماپ تۇرۇش سۈرۈكى ۋە دېلو بېجىرىش سۈرۈكىگە كىرگۈزۈپ ھېسابلانمايدۇ.

8-پاراگراف تونۇتۇش

210-ماددا دېلو ئەھۋالىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن، زۆرۈر تېپىلغاندا تەپتىش خادىملىرى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى، گۇۋاھچى ۋە جىنايەت گۇماندارىغا جىنايەتكە مۇناسىۋەتلىك بولغان نەرسە، ھۆججەت، جەسەتنى تونۇتسا بولىدۇ؛ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ۋە گۇۋاھچىغا جىنايەت گۇماندارىنى تونۇتسىمۇ ياكى جىنايەت گۇماندارىغا باشقا جىنايەت گۇماندارىنى تونۇتسىمۇ بولىدۇ.

جىنايەت گۇماندارىنى تونۇتقاندا، باش تەپتىشنىڭ تەستىقىنى ئېلىش كېرەك.

211-ماددا تونۇتۇش تەپتىش خادىملىرىنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئېلىپ بېرىلىدۇ. تونۇتۇشتىن بۇرۇن، تونۇغۇچىدىن تونۇتۇلىدىغان ئادەم ياكى نەرسىلەرنىڭ كونكرېت ئالاھىدىلىىنى تەپسىلىي سوراش كېرەك. تونۇتۇشتىن بۇرۇن تونۇغۇچىغا تونۇتۇلىدىغان ئادەم ياكى نەرسىنى كۆرسىتىش مەنئى قىلىنىدۇ ھەمدە تونۇغۇچىغا قەستەن يالغان تونۇسا، قانۇن جاۋابكارلىقىغا تارتىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرۇپ قويۇش كېرەك.

212-ماددا بىرقانچە تونۇغۇچىغا تونۇتۇلىدىغان بىر ئادەم ياكى ئوخشاش نەرسىنى تونۇتقاندا، تونۇغۇچىلارنىڭ ھەربىرىگە ئايرىم-ئايرىم تونۇتۇش كېرەك. زۆرۈر تېپىلغاندا، گۇۋاھچىلار تۆپىدە تۇرسا بولىدۇ.

213-ماددا تونۇتقاندا تونۇتۇلىدىغان ئادەم ۋە نەرسىلەرنى باشقا كىشىلەرگە ياكى باشقا نەرسىلەرگە ئارىلاشتۇرۇپ تونۇتۇش كېرەك. تونۇغۇچىغا ھەرقانداق بىشارەت بېرىشكە بولمايدۇ.

جىنايەت گۇماندارىنى تونۇتقاندا، تونۇلغۇچى ئادەمنىڭ سانى بەشتىن، سۈرەت بەش پارچىدىن ئاز بولسا بولمايدۇ.

نەرسىنى تونۇتقاندا، ئوخشاش خىلدىكى نەرسە بەشتىن، سۈرەت بەش پارچىدىن ئاز بولسا بولمايدۇ.

214-ماددا تونۇتۇش ئەھۋالىدىن خاتىرە يېزىش كېرەك. خاتىرىگە تونۇتۇش ئىشىغا قاتناشقان مۇناسىۋەتلىك خادىملار ئىمزا قويىدۇ ياكى تامغىسىنى باسىدۇ.

215-ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىسى تونۇتۇش ئىشىنى ئېلىپ بارغاندا، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى بىلەن قاتنىشىش ياكى ھەمكارلىشىشىنى كېڭەشسە بولىدۇ.

9-پاراگراف تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىش

216-ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىسى بىۋاسىتە قوبۇل قىلغان دېلولارنى تەھقىقلىگەندە، قولغا ئېلىشقا تېگىشلىك جىنايەت گۇماندارى قېچىپ يۈرگەن ياكى قولغا ئېلىنغان جىنايەت گۇماندارى قېچىپ كەتكەن بولسا، باش تەپتىشنىڭ تەستىقى بىلەن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىشنى قارار قىلسا بولىدۇ.

217-ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى ئۆز رايونى تەۋەسىدە جىنايەت گۇماندارىنى تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىشقا توغرا كەلگەندە، تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىشنى بىۋاسىتە قارار قىلسا بولىدۇ؛ ئۆز رايونى تەۋەسىنىڭ سىرتىدا جىنايەت گۇماندارىنى تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىشقا توغرا كەلگەندە، قارار قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى قارار قىلىدۇ.

218-ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىسى تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىش ئۇقتۇرۇشى ۋە تۇتۇلىدىغان جىنايەت گۇماندارىنىڭ سۈرىتى، سالاھىيىتى، ئالاھىدىلىكى ۋە قىسقىچە دېلو ئەھۋالى توغرىسىدىكى ماتېرىيالنى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا يەتكۈزۈپ بېرىشى، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىپ جىنايەت گۇماندارىنى قوغلاپ تۇتۇشى كېرەك.

219-ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىسى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا پائال ماسلىشىشى، تۇتۇش بۇيرۇقىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالىنى ۋاقتىدا تەكشۈرۈپ نازارەت قىلىشى كېرەك.

220-ماددا قولغا ئېلىشقا تېگىشلىك جىنايەت گۇماندارى چېگرىدىن قېچىپ چىقىپ كەتكەن بولسا، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە خەلقئارا جىنايى ئىشلار ساقچى تەشكىلاتىنىڭ جۇڭگو مەركىزىي ئىدارىسى بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ ھەمكارلىشىشىنى ئىلتىماس قىلىش ھەققىدە دوكلات قىلىنسا ياكى جىنايەت گۇماندارى قانۇندا بەلگىلەنگەن باشقا يوللار ئارقىلىق تۇتۇپ كېلىنسە بولىدۇ.

10-پاراگراف تەھقىقەلشنى ئاياغلاشتۇرۇش

221-ماددا جىنايەت گۇماندارىنىڭ قولغا ئېلىنغاندىن كېيىنكى تەھقىقلەش يۈزىسىدىن قامىلىش سۈرۈكىنى ئىككى ئايدىن ئاشۇرۇۋېتىشكە بولمايدۇ. ئاساسىي قاتلام تەپتىش مەھكىمىلىرى، شۆبە، ئوبلاستلىق، شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى ۋە ئۆلكە دە, رى, جىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى بىۋاسىتە دېلو ئېچىپ تەھقىقلىگەن دېلولاردىن ئەھۋالى مۇرەككەپ بولغان، سۈرۈك ئچىىدە ئاياغلاشتۇرغىلى بولمايدىغانلىرىنىڭ سۈرۈكى بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تەستىقى بىلەن بىر ئاي ئۇزارتىلسا بولىدۇ.

222-ماددا ئاساسىي قاتلام خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى ۋە شۆبە، ئوبلاستلىق، شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى بىۋاسىتە دېلو ئېچىپ تەھقىقلەيدىغان دېلولاردىن قاتناش ئىنتايىن قۇلايسىز بولغان چەت جايلاردا يۈز بەرگەن چوڭ، مۇرەككەپ دېلولار، چوڭ جىنايەتچىلەر گۇرۇھى دېلولىرى، ئېقىپ يۈرۈپ سادىر قىلغان چوڭ، مۇرەككەپ دېلولار ۋە جىنايەتنىڭ چېتىلىش دائىرىسى كەڭ، دەلىل-ئىسپات ئېلىش قىيىن بولغان چوڭ، مۇرەككەپ دېلولاردىن مۇشۇ قائىدىنىڭ 221-ماددىسىدىكى بەلگىلەنگەن سۈرۈك ئىچىدە تەھقىقلەشنى ئاياغلاشتۇرغىلى بولمايدىغانلىرىنىڭ سۈرۈكى ئۆ, لكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق تەپتىش ەمھكىمىلىرىنىڭ تەستىقى بىلەن ئىككى ئاي ئۇزارتىلسا بولىدۇ.

ئۆلكە دەرىجىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى بىۋاسىتە دېلو ئېچىپ تەھقىقلەيدىغان دېلولاردىن يۇقرىقى ئەھۋاللارغا توغرا كېلىدىغانلىرىنىڭ سۈرۈكىنى ئىككى ئاي ئۇزارتىشنى بىۋاسىتە قارار قىلسا بولىدۇ.

223-ماددا ئاساسىي قاتلام خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى ۋە شۆبە، ئوبلاستلىق، شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھىكمىلىرى بىۋاسىتە دېلو ئېچىپ تەھقىقلىگەن دېلولاردا، جىنايەت گۇماندارلىرىدىن ئون يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسىدىن يۇقىرى جىنايى جازا ھۆكۈم قىلىنىش ئېھتىمالى بولغان، مۇشۇ قائىدىنىڭ 222-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن قانۇن بويىچە ئۇزارتىلغان قاماپ تۇرۇش سۈرۈكى ئىچىدىمۇ تەھقىقلەشنى يەنىلا ئاخىرلاشتۇرغىلى بولمايدىغانلىرىنىڭ سۈرۈكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تەستىقى بىلەن يەنە ئىككى ئاي ئۇزارتىلسا بولىدۇ.

ئۆلكە دەرىجىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمسى بىۋاسىتە دېلو ئېچىپ تەھقىقلىگەن دېلولاردا، يۇقىرىدىكى ئەھۋالغا توغرا كېلىدىغانلىرىنىڭ سۈرۈكىنى يەنە ئىككى ئاي ئۇزارتىشنى بىۋاسىتە قارار قىلسا بولىدۇ.

224-ماددا ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى بىۋاسىتە دېلو ئېچىپ تەھقىقلەيدىغان دېلولاردا، جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنىدىكى بەلگىلىمە بويىچە تەھقىقلەش يۈزىسىدىن قاماپ تۇرۇش سۈرۈكىنى ئۇزارتىشقا توغرا كەلگەندە، تەھقىقلەش يۈزىسىدىن قاماپ تۇرۇش سۈرۈكىن ئۇزارتىشنى بىۋاسىتە قارار قىلسا بولىدۇ.

225-ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى تەھقىقلەش يۈزىسىدىن قاماپ تۇرۇش سۈرۈكىنى ئۇزارتماقچى بولسا، تەھقىقلەش يۈزىسىدىن قاماپ تۇرۇش سۈرۈكى توشۇشتىن يەتتە كۈن بۇرۇن تەڭ دەرىجىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە تەھقىقلەش يۈزىسىدىن قاماپ تۇرۇش سۈرۈكىنى ئۇزارتىش پىكىرنامىسىنى يوللاپ، دېلونىڭ ئاساسىي ئەھۋالى ۋە قاماپ تۇرۇش سۈرۈكىنى ئۇزارتىشنىڭ كونكرېت سەۋەبلىرىنى ئېنىق يېزىشى كېرەك. 

خەلق تەپتىش مەھكىمىسى بىۋاسىتە دېلو ئېچىپ تەھقىقلەيدىغان دېلولاردا، تەھقىقلەش تارمىقى تەھقىقلەش يۈزىسىدىن قاماپ تۇرۇش سۈرۈكىنى ئۇزارتىش زۆرۈر دەپ قارىسا، مۇشۇ ماددىنىڭ 1-تارمىقىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، ئۆز مەھكىمىسىنىڭ تەكشۈرۈپ قولغا ئېلىش تارمىقىغا تەھقىقلەش يۈزىسىدىن قاماپ تۇرۇش سۈرۈكىنى ئۇزارتىش پىكرىنى ۋە ئالاقىدار ماتېرىياللارنى يەتكۈزۈپ بېرىشى كېرەك.

226-ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تەھقىقلەش يۈزىسىدىن قاماپ تۇرۇش سۈرۈكىنى ئۇزارتىشنى تەستىقلاش ياكى قارار قىلىش ئىشلىرىنى قولغا ئېلىش تارمىقى بېجىرىدۇ.

دېلونى قوبۇل قىلغان خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تەكشۈرۈپ قولغا ئېلىش تارمىقى تەھقىقلەش يۈزىسىدىن قاماپ تۇرۇش سۈرۈكىنى ئۇزارتىش پىكرىنى تەكشۈرگەندىن كېيىن، سۈرۈكنى ئۇزارتىشقا قوشۇلىدىغان-قوشۇلمايدىغانلىق پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، باش تەپتىشنىڭ بېكىتىشىگە يوللىغاندىن كېيىن، تەھقىقلەش ئورگىنىنىڭ تەھقىقلەش يۈزىسىدىن قاماپ تۇرۇش سۈرۈكىنى ئۇزارتىش سەۋەبىنى ۋە ئۆز مەھكىمىسىنىڭ تەكشۈرۈش پىكرىنى قاتلام بويىچە قارار قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تەكشۈرۈپ قارار قىلشىىغا يوللىشى كېرەك. قارار قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە خەلق تەپتىش مەھكىمىسى تەھقىقلەش يۈزىسىدىن قاماپ تۇرۇش سۈرۈكى توشقۇچە سۈرۈكنى ئۇزارتىشنى تەستىقلاش-تەستىقلىماسلىق توغرىسىدا قارار چىقىرىشى ھەمدە دېلونى قوبۇل قىلغان خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تەكشۈرۈپ قولغا ئېلىش تارمىقىغا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ ياكى ئۆز مەھكىمىسىنىڭ تەھقىقلەش تارمىقىغا يەتكۈزۈپ بېرىشنى تاپشۇرۇشى كېرەك.

227-ماددا ئالاھىدە سەۋەب تۈپەيلىدىن خېلى ئۇزاققىچە سوت قىلىشقا تاپشۇرغىلى بولمايدىغان پەۋقۇلئاددە چوڭ ۋە مۇرەككەپ دېلولارنىڭ قاراپ چىقىش سۈرۈكىنى ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ تەستىقلىشىدىن ئۆتكۈزۈپ ئۇزارتىدۇ.

228-ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىسى تەھقىقلەش مەزگىلىدە جىنايەت گۇماندارىنىڭ باشقا مۇھىم جىنايىتىنىڭ بارلىقىنى سەزسە، تەھقىقلەش يۈزىسىدىن قاماپ تۇرۇش سۈرۈكىنى مۇشۇ قائىدىنىڭ 221-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە بىنائەن شۇ جىنايىتى سېزىلگەن كۈندىن باشلاپ قايتا ھېسابلايدۇ.

باشقا مۇھىم جىنايىتى بار دېگەندە، قولغا ئېلىنغان ۋاقىتتىكى جىنايەتكە ئوخشاشمايدىغان چوڭ جىنايەت ياكى تۈرى ئوخشاش جىنايەت نامىنى بېكىتىشكە، جازا ئۆلچەشكە تەسىر كۆسىتىدىغان چوڭ جىنايەت كۆزدە تۇتۇلىدۇ.

229-ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىسى تەھقىقلەش يۈزىسىدىن قاماپ تۇرۇش سۈرۈكىنى يېڭىۋاشتىن ھېسابلاشتا، تەھقىقلەش يۈزىسىدىن قاماپ تۇرۇش سۈرۈكىنى يېڭىۋاشتىن ھېسابلاش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۆز مەھكىمىسىنى تەكشۈرۈپ قولغا ئېلىش تارمىقىنىڭ تەكشۈرۈشىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىشى كېرەك. تەكشۈرۈپ قولغا ئېلىش تارمىقى تەكشۈرگەندىن كېيىن تەھقىقلەش يۈزىسىدىن قاماپ تۇرۇش سۈرۈكىنى يېڭىۋاشتىن ھېسابلاشقا قوشۇلىدىغان-قوشۇلمايدىغانلىق پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، باش تەپتىشنىڭ بېكىتىشىگە يوللىشى كېرەك.

230-ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى تەھقىقلەش يۈزىسىدىن قاماپ تۇرۇش سۈرۈكىنى يېڭىۋاشتىن ھېسابلاپ ئەنگە ئالدۇرغانلىرىنى تەكشۈرۈپ قولغا ئېلىش تارمىقى تەكشۈرىدۇ. تەكشۈرۈپ قولغا ئېلىش تارمىقى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ تەھقىقلەش يۈزىسىدىن قاماپ تۇرۇش سۈرۈكىنى يېڭىۋاشتىن ھېسابلىشى مۇۋاپىق ئەمەس دەپ قارىسا، تۈزىتىش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، باش تەپتىشنىڭ بېكىتىشىدىن ئۆتكۈزگەندىن كېيىن جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا تۈزىتىشنى ئۇقتۇرۇشى كېرەك.

231-ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىسى بىۋاسىتە دېلو ئېچىپ تەھقىقلىگەن دېلولارنى قانۇندا بەلگىلەنگەن تەھقىقلەش يۈزىسىدىن قاماپ تۇرۇش سۈرۈكى ئىچىدە تەھقىقلەپ ئاياغلاشتۇرغىلى بولسا، جىنايەت گۇماندارىنى قانۇن بويىچە قويۇپ بېرىشى ياكى مەجبۇرلاش تەدبىرىنى ئۆزگەرتىشى كېرەك.

232-ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تۈرمە-قاماقخانا تەپتىش تارمىقى ئۆز مەھكىمىسى بىۋاسىتە دېلو ئېچىپ تەھقىقلىگەن دېلولاردا، تەھقىقلەش يۈزىسىدىن قاماپ تۇرۇش سۈرۈكىنىڭ ئېشىپ كەتكەنلىكىنى سەزسە، تۈزىتىش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ باش تەپتىشكە دوكلات قىلشى كېرەك.

233-ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىسى تەھقىقلەش يۈزىسىدىن قاماپ تۇرۇش سۈرۈكىنى ئۇزارتىشنى تەستىقلىسا، قارار قىلسا ياكى سۈرۈكنى يېڭىۋاشتىن ھېسابلاشنى قارار قىلسا، تەكشۈرۈپ قولغا ئېلىش تارمىقى ئۆز مەھكىمىسىنىڭ تۈرمە-قاماقخانا تەپتىش تارمىقىغا يازما ئۇقتۇرۇش قىلىشى كېرەك.

234-ماددا تەھقىقلەش ئارقىلىق جىنايەت پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتلار راست، تولۇق بولغان، قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك دەپ قارىغان دېلولاردا، تەھقىقلىگۈچى خادىملار تەھقىقلەشنى ئاياغلاشتۇرۇش دوكلاتى يېزىپ چىقىشى ھەمدە ئەيىبلەش پىكىرنامىسى تۈزۈشى كېرەك.

جىنايى قىلمىشى يېنىك بولۇپ، جىنايى ئىشلار قانۇنىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايى جازا ھۆكۈم قىلىش زۆرۈر بولمىغان ياكى جىنايى جازا كەچۈرۈم قىلىنىدىغان دېلولاردا، تەھقىقلىگۈچى خادىملار تەھقىقلەشنى ئاياغلاشتۇرۇش دوكلاتى يېزىپ چىقىشى ھەمدە ئەيىبلىمەسلىك پىكىرنامىسى تۈزۈشى لازىم.

تەھقىقلەشنى ئاياغلاشتۇرۇش دوكلاتى ۋە ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ياكى ئەيىبلىمەسلىك پىكىرنامىسىنى تەھقىقلىگۈچى تارماقنىڭ مەسئۇللىرى تەكشۈرۈپ كۆرىدۇ، باش تەپتىش تەستىقلايدۇ.

235-ماددا ئەيىبلەش پىكرى ياكى ئەيىبلىمەسلىك پىكرى ئوتتۇرىغا قويۇلغان دېلولارنى تەھقىقلىگۈچى تارماقلار ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ياكى ئەيىبلىمەسلىك پىكىرنامىسى، شۇنىڭدەك باشقا دېلو ماتېرىياللىرى بىلەن بىرگە ئۆز مەھكىمىسىنىڭ ئەيىبلەش تامىقىنىڭ تەكشۈرۈشىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىشى لازىم. دۆلەت ياكى كوللېكتىپ مال-مۈلكى زىيانغا ئۇچرىغان بولسا، ئەيىبلەش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، قوشۇمچە ھەق تەلەپ دەۋاسى پىكرى ئوتتۇرىغا قويۇلسا بولىدۇ.

236-ماددا يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى تەھقىقلەپ ئاياغلاشتۇرغان دېلولار جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنىدىكى بەلگىلىمە بويىچە تۆۋەن دەرىجىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئەيىبلىشى ياكى ئەيىبلىمەسلىكىگە تېگىشلىك بولسا، تەپتىش ھەيئىتىنىڭ قارارى ۋە تەھقىقلەشنى ئاياغلاشتۇرۇش دوكلاتى بىلەن دېلو ماتېرىيالى، دەلىل-ئىسپات قاتارلىقلارنى تۆۋەن دەرىجىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىشى، تۆۋەن دەرىجىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق تەپتىش ەمھكىمىسى تەپتىش ھەيئىتىنىڭ قارارى بويىچە تەھقىقلەش تارمىقىغا ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ياى ئەيىبلىمەسلىك پىكىرنامىسى تۈزۈپ چىقىشنى تاپشۇرۇپ، ئۆز مەھكىمىسىنىڭ ئەيىبلەش تارمىقىنىڭ تەكشۈرۈشىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىشى لازىم.

تۆۋەن دەرىجىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئەيىبلەش تارمىقى دېلونى تولۇقلاپ تەھقىقلەشكە تېگىشلىك دەپ قارىسا، ئۆز مەھكىمىسىنىڭ تەھقىقلەش تارمىقىنىڭ تولۇقلاپ تەھقىقلىشىگە قايتۇرسا بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە، يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تەھقىقلەش تارمىقىمۇ بۇنىڭغا ھەمكارلىشىشى كېرەك.

تۆۋەن دەرىجىلىك خەلق تەپتش مەھكىمىسى يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ قارارىدا خاتالىق بار دەپ قارىسا، يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئەسلىي قارارنى كۈچكە ئىگە قىلسا، تۆۋەن دەرىجىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئىجرا قىلىشى كېرەك.

237-ماددا تەھقىقلەش جەريانىدا تۆۋەندىكى ئەھۋاللرنىڭ بىرى كۆرۈلسە، تەپتىش خادىملىرى دېلونى بىكار قىلىش پىكىرنامىسىنى يېزىپ، تەھقىقلىگۈچى تارماق مەسئۇلىنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكۈزگەندىن كېيىن باش تەپتىش ھەيئىتىنىڭ دېلونى بىكار قىلىش قارارى چىقىرىشىغا سۇنۇشى كېرەك:

(1) جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنىنىڭ 15-ماددىسىدا بەلگىلەنگەن ئەھۋاللارنىڭ بىرى بار بولسا؛

(2) جىنايەت پاكىتى يوق ياكى جىنايى ئىشلار قانۇنىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايى جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالمايدۇ ۋە جىنايەت ئۆتكۈزمىگەن، دەپ قارالغان بولسا؛

(3) جىنايەت پاكىتى بولسىمۇ، ئەمما جىنايەتنى شۇ جىنايەت گۇماندارى سادىر قىلمىغان بولسا؛

بىرلىشىپ جىنايەت ئۆتكۈزگەن دېلولاردا، مۇشۇ ماددىدا بەلگىلەنگەن ئەھۋالغا توغرا كەلگەن جىنايەت گۇماندارىنىڭ دېلوسىنى بىكار قىلىش كېرەك.

238-ماددا دېلونى بىكار قىلىش قارارىنى ئايرىم-ئايرىم ھالدا جىنايەت گۇماندارى تۇرۇشلۇق ئورۇنغا ۋە جىنايەت گۇماندارىنىڭ ئۆزىگە يەتكۈزۈپ بېرىش كېرەك. جىنايەت گۇماندارى ئۆلۈپ كەتكەن بولسا، جىنايەت گۇماندارى ئەسلىي تۇرۇشلۇق ئورۇنغا يەتكۈزۈپ بېرىش كېرەك. جىنايەت گۇماندارى قاماقتا بولسا، قويۇپ بېرىشنى قارار قىلىش ئۇقتۇرۇشىنى تەييارلاپ، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا قانۇن بويىچە قويۇپ بېرىشنى ئۇقتۇرۇش قىلىش كېرەك.

239-ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىسى دېلونى بىكار قىلغاندا، جىنايەت گۇماندارىنىڭ قانۇنغا خىلا تاپاۋىتىنى ئوخشاش بولمىغان ئەھۋاللرغا قاراپ مۇناسىپ بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك:

(1) جىنايەت گۇماندارى ئۆلۈپ كەتكەنلىكى سەۋەبىدىن بىكار قىلىنغان دېلولاردا جىنايەت گۇماندارىنىڭ توڭلىتىلغان ئامانەت پۇلى، پېرېۋوت پۇلىنى مۇسادىرە قىلىشقا ياكى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىغا قايتۇرۇپ بېرىشكە توغرا كەلسە، خەلق سوت مەھكىمىسىگە كېسىم چىقىرىشنى ئىلتىماس قىلسا، توڭلىتىپ قويغۇچى ئورگانغا ئۇنى دۆلەت خەزىنىسىگە تاپشۇرۇشنى ياكى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىغا قايتۇرۇپ بېرىشنى ئۇقتۇرۇش قىلسا بولىدۇ؛ دېلو باشقا سەۋەب تۈپەيلىدىن بىكار قىلىنغان بولسا، توڭلىتىپ قويغۇچى ئورگانغا دۆلەت خەزىنىسىگە تاپشۇرۇش ياكى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىغا قايتۇرۇپ بېرىشنى بىۋاسىتە ئۇقتۇرۇش قىلسا بولىدۇ.

(2) خەلق تەپتىش مەھكىمىسى جىنايەت گۇماندارىنىڭ تۇتۇپ قالغان قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىر قىلىشقا توغرا كەلسە، تەپتىش تەكلىپ بېرىپ ئالاقىدار مەسئۇل ئورگاننىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشى؛ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىغا قايتۇرۇشقا توغرا كەلسە، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىغا قايتۇرۇشنى بىۋاسىتە قارار قىلىشى كېرەك.

240-ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىسى بىۋاسىتە دېلو ئېچىپ تەھقىقلىگەن بىرلىشىپ جىنايەت ئۆتكۈزۈش دېلولىرىدا شېرىك جىنايەت گۇماندارى قېىچپ كەتكەن، ئەمما تۇتۇلغان جىنايەت گۇماندارىنىڭ جىنايەت پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتلار راست، تولۇق بولغان بولسا، شۇ دېلودىكى جىنايەت گۇماندارىنى مۇشۇ قائىدىنىڭ 234-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە تەكشۈرۈپ ئەيىبلەشكە ياكى ئەيىبلىمەسلىككە ئۆتكۈزۈپ بېرىش لازىم.

شېرىك جىنايەت گۇماندارى قېچىپ كەتكەنلىكتىن، تۇتۇلغان جىنايەت گۇماندارىنىڭ جىنايەت پاكىتىنى ئېنىقلاشقا مۇمكىن بولمىسا، تۇتۇلغان جىنايەت گۇماندارىغا قوللىنىلغان تەھقىقلەش يۈزىسىدىن قاماپ تۇرۇش سۈرۈكىنى ئۇزارتىش، مەجبۇرلاش تەدبىرىنى ئۆزگەرتىش ياكى مەجبۇرلاش تەدبىرىنى بىكار قىلىشنى دېلو ئەھۋالىغا قاراپ ئىلتىماس قىلىش كېرەك.

241-ماددا تەھقىقلەش جەريانىدا، جىنايەت گۇماندارى ئۇزاقتىن بۇيان قېچىپ يۈرگەن، ئۈنۈملۈك قوغلاپ تۇرۇش تەدبىرى قوللىنىلغا بولسىمۇ تۇتۇلمىغان بولسا ياكى جىنايەت گۇماندارى روھىي كېسەللىككە، شۇنىڭدەك باشقا ئېغىر كېسەللىككە دۇچار بولۇش تۈپەيلىدىن سوراققا بەرداشلىق بېرەلمەيدىغان ۋە دەۋا ھەرىكەت ئىقتىدارىنى يوقاتقان بولسا، باش تەپتىشنىڭ بېكىتىشى بىلەن تەھقىقلەشنى توختىتىش لازىم. تەھقىقلەشنى توختىتىش سەۋەبى ۋە شەرتى يوققا چىققاندىن كېيىن باش تەپتىشنىڭ بېكىتىشى بىلەن تەھقىقلەشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش كېرەك.

تەھقىقلەشنى توختىتىش مەزگىلىدە جىنايەت گۇماندارى قاماقتا بولۇپ، تەھقىقلەش يۈزىسىدىن قاماپ تۇرۇش سۈرۈكىنى ئۇزارتىش شەرتىگە چۈشىدىغان بولسا، تەھقىقلەش يۈزىسىدىن قاماپ تۇرۇش سۈرۈكىنى قانۇن بويىچە ئۇزارتىش؛ تەھقىقلەش يۈزىسىدىن قاماپ تۇرۇش سۈرۈكى توشسا، بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كېپىلگە بېرىش ياكى تۇرار جايىنى نازارەت ئاستىغا ئېلىش تەدبىرىنى قانۇن بويىچە ئۆزگەرتىش كېرەك.

242-ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىسى بىۋاسىتە دېلو ئېچىپ تەھقىقلەيدىغان دېلولاردا، جىنايەت گۇماندارىغا بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كېپىلگە بېرىش، تۇرار جايىنى نازارەت ئاستىغا ئېلىش، توختىتىپ قويۇش ياكى قولغا ئېلىش تەدبىرى قوللىنىلمىغان بولسا، تەھقىقلەش تارمىقى دېلو ئاچقاندىن كېيىنكى ئىككى يىل ئىچىدە تەكشۈرۈپ ئەيىبلەش-ئەيىبلىمەسلىككە ئۆتكۈزۈپ بېرىشى ياكى دېلونى بىكار قىلىش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى؛ جىنايەت گۇماندارىغا بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كېپىلگە بېرىش، تۇرار جايىنى نازارەت ئاستىغا ئېلىش، توختىتىپ قويۇش ياكى قولغا ئېلىش تەدبىرى قوللىنىلغان بولسا، تەھقىقلەش تارمىقى مەجبۇرلاش تەدبىرىنى كۈچتىن قالدۇرغان ياكى ئەمەلدىن قالدۇرغاندىن كېيىنكى بىر يىل ئىچىدە تەكشۈرۈپ ئەيىبلەش-ئەيىبلىمەسلىككە ئۆتكۈزۈپ بېرىش ياكى دېلونى بىكار قىلىش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى لازىم.

243-ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىسى بىۋاسىتە دېو ئېچىپ تەھقىقلەيدىغان دېلولاردا، دېلو بىكار قىلىنغاندىن كېيىن يېڭى پاكىت ياكى دەلىل-ئىسپاتلار قايتا سېزىلىپ، جىنايەت پاكىتى بار، جىنايى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلۈشكە تېگىشلىك دەپ قارالسا، يېڭىۋاشتىن دېل ئېچىپ تەھقىقلەشكە بولىدۇ.[0]





ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#