ئۇيغۇرچە نامى چاپچال بازىرى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى بازار
يەر مەيدانى 120 مىڭ مو
تېلېفون رايون نومۇرى 0999
خەنزۇچە ئاتىلىشى 察布查尔镇
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
تەۋە رايون ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسى
نوپۇسى 26542 ئادەم
ماشىنا كودى 新F

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

چاپچال بازىرىچاپچال بازىرى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسى نىڭ شەرقىي جەنۇبىغا جايلاشقان. قاتنىشى قولاي، ئالاقە تەرەققىي قىلغان، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى پروگراممىلىق تېلېفون بىلەن تۇتاشقان، غۇلجا شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 14 كىلومېتىر، جۇغراپىيىلىك ئورنى ئىنتايىن مۇھىم. ئومۇمىي كۆلىمى 120 مىڭ مو، تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 12 مىڭ مو. شىبە، خەنزۇ، ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق 16 مىللەت ئولتۇراقلاشقان، دائىمىي تۇرۇشلۇق ئاھالە نوپۇسى 26542 ئادەم، بۇلار ئىچىدە، يېزا ئىگىلىك نوپۇسى 3762 ئادەم. چاپچال بازىرى، يېزا ۋە شەھەر ئىككى خىل يېزىق بىر تەرەپ قىلىش فۇنكسىيەسىنى يۈرگۈزىدۇ، قارمىقىدا ئىككى كەنت ئاھالە كومىتېتى، تۆت ئاھالىلەر كومىتېتى، بىر باشلانغۇچ مەكتەپ بار.

مەملىكىتىمىزدىكى 56 مىللەت ئىچىدە، نوپۇسى ئاز، شەرقىي شىمال ۋە غەربىي شىمال ئىككى قىسىمغا بۆلۈنۈپ، ئايرىلىپ تۇرىدىغان، قەدىمىي ساغلام، ئىشچان، باتۇر مىللەت شىبە مىللىتى. كېيىنكى ئەۋلادلىرى ھازىرقى 40 مىڭغا يېقىن شىبەلەر، ئاساسلىقى شەرقىي شىمالدىكى لياۋنىڭ، جىلىن ۋە خېيلۇڭجياڭ ئۈچ ئۆلكىگە تارقالغان، يەنە بىر قىسمى شىنجاڭنىڭ  چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسى، قورغاس ناھىيەسى، توققۇز تارا ناھىيەسى، چۆچەك شەھىرى، غۇلجا شەھىرى ۋە ئۈرۈمچى قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، چوڭ دائىرىدە تارقاق، كىچىك دائىرىدە توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان.

چاپچال بازىرىچىڭ سۇلالىسىنىڭ ئوتتۇرا مەزگىللىرىدە، قورال-جابدۇقلىرى تولىمۇ ئاددىي بىر قەۋم پەرمانغا بىنائەن شەرقىي شىمالدىكى شېڭجىڭ(بۈگۈنكى شېنياڭ) دىن يولغا چىقىپ ئۇزۇن يول يۈرۈپ، دالىدا غىزالىنىپ، يەرنى سېلىنچا، ئاسماننى يېپىنچا قىلىپ، شىنجاڭدىكى ئىلى دەرياسى بويىغا كېلىپ، يېڭى ماكان قۇرۇپ، ۋەتىنىمىزنىڭ غەربىي شىمال چېگرىسىنى قوغدايدۇ. بۇ قوۋم شىبە مىللىتى بولۇپ، بۇ قېتىمقى قەھرىمانلارچە سەپەر شىبە لەرنىڭ داستانى «كۆچكۆچ ناخشىسى» دا تەسىرلىك بايان قىلىنغان.

200 نەچچە يىلدىن بۇيان، شىبە خەلقى ۋەتىنىمىزنىڭ غەربىي چېگراسىغا جايلاشقان، بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش مەدەنىيەتىنى ئىجاد قىلغان ۋە  تەرەققىي قىلغان، ئۆز تىل-يېزىقىنى ساقلىغان ھەم تەرەققىي قىلدۇرغان. شىبە مىللىتى نىڭ، شىبە تىلى ۋە شىبە يېزىقى شىنجاڭدا ئورتاق قوللىنىلىدىغان ئالتە خىل مىللىي تىلنىڭ بىرى. باشقا مىللەتلەر بىلەن بولغان ئالاقىدە، شىبەلەر ھەممىسى ئومۇمەن، خەنزۇ تىلى، قازاق تىلى، ئۇيغۇر تىلى، ئاز بىر قىسىم كىشىلەر رۇس تىلى ۋە موڭغۇل تىلىدا باشقىلار بىلەن ئالاقە قىلىدۇ، شۇڭا، بۇ مىللەت «تالانتلىق تەرجىمان مىللەت» دەپ ئاتالغان.

چاپچال بازىرى قارىمىقىدىكى بەش مەھەللە، ئىككى كەنت ئاھالە كومىتېتى : غولمىن يولى شەرقىي كوچا مەھەللىسى (1-رايون)، غولمىن يولى غەربىي كوچا مەھەللىسى (2-رايون)، چالۇگە يولى غەربىي كوچا مەھەللىسى (3-رايون)، چالۇگەي يولى شەرقىي كوچا مەھەللىسى (4-رايون)، فالىچۈن مەھەللىسى (5-رايون)، نىنىگۇچى كەنتى، موڭغۇل كەنتى (تىنچ كەنت دەپمۇ ئاتىلىدۇ) قاتارلىقلار.

ئىسلاھات ‐ ئېچىۋېتىشنى يولغا قويغاندىن باشلاپ، بازارلىق پارتكوم، ھۆكۈمەت «بىر مەركەز، ئىككى ئاساسىي نۇقتا»دا چىڭ تۇرۇپ، ئۆز جايىنىڭ ئەمەلىيىتىنى ئاساس قىلىپ، چارۋىچىلىق ۋە يېزا-بازار كارخانىلىرىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىنى پەيدىنپەي ئۆستۈرگەن. 1997-يىلى، بازار بويىچە كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى 1482.76 يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقىدىن ئايرىم-ئايرىم ھالدا %20 ۋە %15 ئاشقان.

چاپچال بازىرىپۈتۈن بازار يېزا ئىگىلىكى جەھەتتە، جۇغراپىيىلىك ئەۋزەللىككە ئىگە، ھەر خىل تىجارەت، ھويلا-ئارام ئىگىلىكى، پارنىك قاتارلىقلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، چوڭ لاپاستىكى كۆكتات كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، ناھىيە بازىرىدىكى ئاھالىلەرنى كۆكتات بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلغان.

چارۋىچىلىقى

چارۋا-مال سورتىنى ياخشىلاپ، باقمىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئائىلىلەرنى زور كۈچ بىلەن قوللاپ، لۇشى كالىسى، ۋە شارولسەي، سىممېنتال كالىسى قاتارلىق نەسىللىك كالا ۋە تەڭرىتاغ بۇغا بازىسى قۇرغان.

يېزا-بازار كارخانىلىرى

سودىگەر چاقىرىش ئارقىلىق كارخانىنى گۈللەندۈرگەن، ھازىر بازار بويىچە كارخانا ۋە يەككە تىجارەتچىلەردىن جەمئىي 1005 ى بار، پىششىقلاپ ئىشلەش، ئىشلەپچىقىرىش، كىيىم-كېچەك، كۆمۈر قېزىش، يېمەكلىك، ماي قاچىلاش ئۈسكۈنىسى، بىناكارلىق ماتېرىياللىرى ئىشلەپچىقىرىش قاتارلىق 100 خىلدىن ئارتۇق مەھسۇلات بار، بۇنىڭ ئىچىدە تاغار زاۋۇتى ۋە بىناكارلىق ئالدىن ياساش زاۋۇتى بازاردىكى باشلامچى كارخانىغا ئايلانغان، بىر يىلدا سانائەت مەھسۇلات قىممىتى 8 مىليون 520 مىڭ يۈەنگە، پايدىسى 200 مىڭ يۈەنگە يەتكەن.

دېھقانچىلىقى

پۈتۈن بازار بويىچە %85 تېرىلغۇ يەر، چوڭ دەريالارنىڭ سۇغىرىش رايونلىرىغا جايلاشقان بولۇپ، يېرى مۇنبەت، سۇ بايلىقى مول، ناھىيەلىك ئالتە دانە ئىشلەپچىقىرىش بازىسى ئىچىدىكى پاختا، قىزىلچا، پارنىك، چوڭ لاپاس كۆكتىتى، سورتلۇق ئۇرۇق بېقىش بازىسى قاتارلىقلار بۇنىڭدىن كېيىنكى دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ئېشىش نۇقتىسىغا ئايلانغان.

چاپچال بازارلىق پارتكوم كۆپ يىللاردىن بۇيان، ئىككى مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنى تەڭ تۇتۇپ، بۇنىڭ بىلەن پۈتۈن بازاردىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى چىڭ تۇتۇپ، ھەر يىلى ناھىيە بويىچە ئالدىدا مېڭىپ، بولۇپمۇ 1994-يىلىدىن بۇيان، ئۇدا ناھىيە تەرىپىدىن «پارتىيە قۇرلىشىنى نىشانلىق باشقۇرۇش» ۋە «پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى»دىكى ئىلغار كوللېكتىپ، يەنە كۆپ قېتىم «قوش مەدەنىيەت»لىك ئىلغار ئورۇن بولۇپ باھالانغان.

يەر بايلىقى

چاپچالىنىڭ ئومۇمىي يەر كۆلىمى 444360 گېكتار، تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 64 مىڭ گېكتار، بۇنىڭ ئىچىدە تاغ-دەريا سۇغىرىش رايونى 15880 گېكتار، چوڭ دەريا ساھىل رايونى 17147 گېكتار، قاقاسلىق 85 مىڭ گېكتار، ئورمانلىق كۆلىمى 62920 گېكتار، پايدىلىنىشقا بولىدىغان ئوتلاق كۆلىمى 328667 گېكتار.

سۇ بايلىقى

چاپچال تەۋەسىدىكى دەريا ئېقىنلىرى كۆپ بولۇپ، سۇ مەنبەسى بىر قەدەر مول. ئاساسلىق دەريا ۋە ئېرىق-ئۆستەڭ 20 نەچچە تارماق. چاپچال ناھىيەسى تەۋەسىدە مول يەر ئاستى سۇ بايلىقى تارقالغان، يەر ئاستى سۈيىنىڭ سۈپىتى ياخشى، كۆمۈلۈشى تېيىز، تۇتاش كەتكەن، قېزىش ئاسان.

بىيولوگىيەلىك بايلىقى

ئورمان بايلىقى چاپچال ناھىيەسىدىكى ئاساسلىقى ياۋا ئۆسۈملۈك بايلىقلىرىنىڭ بىرى، ئاساسلىق تاغ ئورمىنى، ئىككىلەمچى ئورمان، تۈزلەڭلىك دېھقانچىلىق رايونلىرىدا بىنا قىلىنغان ئورمان قاتارلىقلار بار.

تاغ ئورمىنى ئۇيسۇن تاغ تىزمىسىنىڭ خونۇخاي، چوڭ بۇغرا، جاغىستاي، سۇئاسۇ قاتارلىق ئون نەچچە كانالىق تەسكەي ۋە يېرىم تەسكەي تاغ ئۈستىگە مەركەزلىك تارقالغان. ئاساسلىق دەرەخ تۈرلىرىدىن شىنجاڭ شەمشادى، قارلىق تاغ شەمشادى، تاغ تېرىكى، تاغ سۆگىتى، دولانا دەرىخى ۋە مېۋىسى، چېتىن، شىلۋە، ياۋا ئالما، ئۆرۈك ۋە ئارچا قاتارلىقلار بار.

ئىككىلەمچى ئورمىنى ئىلى دەريا جەنۇبىي قىرغاق ساھىلى جايلاردىكى ئىككىلەمچى ئورمان ۋە تاغ ئالدى ئېدىرلىق جايلاشقان دەريا تېيىز يەر قېتىم ئورمان تەركىب تاپقان. گۈزەل ئىلى دەرياسى چاپچال ناھىيەسىنىڭ شىمالىي قىسمى كېسىپ ئۆتۈپ، ئىلى دەرياسى جەنۇبىي قىرغاق ساھىلى ئىككىلەمچى چاتقاللىق، چاپچال ناھىيەسىنىڭ شىمالىدىكى بىر يېشىل تەبىئىي توساق شەكىللەنگەن. ئومۇمىي كۆلىمى 1773 گېكتاردىن ئارتۇق. ئۇجۇ نېرۇ كەنتى ۋە يىلاچىنىرۇ كەنتى بۆلىكىدىكى دەريا ساھىلى ئىككىلەمچى ئورمان كۆلىمى ئەڭ چوڭ، ئىككىلەمچى ئورمان كۆلىمى 2 نى ئىگىلەيدۇ.

ئېدىرلىق، تاغ ئالدى، دەريا تېيىز يەرلەرگە ئىككىلەمچى ئورمان تارقالغان. بۇنىڭ ئىچىدە ئاپتونوم رايونىدىكى ئاز ئۇچرايدىغان تەڭرىتاغ ئېرەن دەرىخى بار، 33.33 گېكتار ئىككىلەمچى ئورمان چاپچال ناھىيەسى تەۋەسىگە تارقالغان. ئىككىلەمچى دەرەخ تۈرى بىر قەدەر مول، جەمئىي 18 خىل ئاساسلىقى جىگدە، جىغان، ئېقىن سۆگىتى، بوز يۇلغۇن، ئازغان، كۆك يانتاق، قوڭغۇراق تىكەن قاتارلىقلار يەنە ئازراق قارىياغاچ، تەڭرىتاغ ئېرەن دەرىخى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ئىھاتە ئورمان، ماتېرىيال ئورمان، مېۋىلىك باغ قاتارلىقلار بەرپا قىلىنغان ئورمان ئىچىدە ئاساسلىق ئۆستۈرۈلىدىغان دەرەخ تۈرلىرىدىن تېرەك، شىنجاڭ تېرىكى، سۇۋادان تېرەك، ھەشتەرخان تېرەك، بېيجىڭ تېرىكى، شالغۇت تېرىكى، ئاق موم، مۇرەككەپ يوپۇرماقلىق ئىرەن دەرىخى، ئادەتتىكى قارىياغاچ، ئاق ئاكاتسىيە، چوكا دەرىخى، ئۈژمە دەرىخى قاتارلىقلار بار. يېقىندىن بېرى سىرتتىن كىرگۈزۈلگەن ئەلا سورتلۇق دەرەخ، ئىقتىسادىي مېۋىلىك دەرەخ سورتلىرى ئىچىدە ئالما، ئۈزۈم، ئۆرۈك، شاپتۇل، پىندىق ياڭىقى، جىگدە قاتارلىقلار بار.

چاپچالدىكى ياۋا ئۆسۈملۈك بايلىقى ئىچىدە دورىلىق ئۆسۈملۈكلەردىن سوغىگۈل، ئەڭلىكئوت، داخۇاڭ، پارپا، قىزىل سۆسۈن، قالقانگۈل، قارا ترېپانگا، سۇغۇر، سېسىقئوت، شىمال شىقىلدىقى، قار لەيلىسى، چۈچۈكبۇيا، يالپۇز، قىزىلگۈل، پاقىيوپۇرماق ئۇرۇقى، لوپنۇر كەندىرى، جىغان، كاپكاپ، گۈلبوغۇم، شىۋاق، ئارپىغان، تارغاقچۆپ، قاقىر تۇمشۇق، تىپچاق، قارا چىم، ئۈنچە ئوت، قىزىل پىياز، ئېيىق پۇرچىقى، ياۋا ماش، ياۋا بېدە، سىلو، سوغۇق ئەمەن، ئاق شىۋاق، ئاق ئەمەن، ياتما سۈپۈرگە، ياپىلاق باشاقلىق نىجىم، مۈڭگۈز لويلا، ئادەتتىكى چىغ، قومۇش، ماران، كۆك بۇيا، يۆگەي قاتارلىقلار بار.

چاپچالنىڭ تۇپرىقى مۇنبەت، ئاپتاپ تولۇق چۈشىدۇ، ھاۋاسى ئىللىق، ھەر خىل زىرائەتلەرنىڭ ئۆسىشىگە مۇۋاپىق. ئاشلىق زىرائەتلىرىدىن ئاساسلىقى بۇغداي، قوناق، شال، ئارپا، تېرىق، سۆك، پۇرچاق تۈرىدىكىلەر. ياغلىق دان زىرائەتلىرىدىن زىغىر، قىچا، ئاپتاپپەرەس قاتارلىقلار بار. ئىقتىسادىي زىرائەتلەردىن قىزىلچا، تاماكا، پاختا قاتارلىقلار بار. باغۋەنچىلىك زىرائەتلىرىدىن قوغۇن-تاۋۇز، مېۋە ۋە ھەر خىل كۆكتاتلار بار. چاپچالنىڭ تاۋۇزى ناھايىتى داڭلىق، دانىسى چوڭ، تاتلىقى بىلەن داڭلىق.

ياۋايى ھايۋانلاردىن: ئىپار چاشقان، سۇغۇر، بۇغا-مارال، موڭغۇل جەرىنى، ياۋا توڭگۇز، بۆرە، يىلپىز، ئېيىق، تۈلكە، ياۋا توشقان، ياۋا ئۆردەك، قىرغاۋۇل، ئۇلار، بورسۇق قاتارلىقلار.

بېلىق تۈرلىرىدىن: كارپ بېلىقى، ئوتخور بېلىق، ياپىلاق بېلىق، لاققا بېلىق قاتارلىقلار بار.

چاپچال ناھىيەسىنىڭ ئاساسلىق چارۋىلىرىدىن: ئات، تەرپە، قوي، چوشقا قاتارلىقلار يەنە توخۇ، ئۆردەك، غاز ۋە توشقان قاتارلىقلار بار.

قېزىلما بايلىقى

چاپچالدىكى كان بايلىقىمۇ بىرقەدەر مول. ئاساسلىق قېزىلما بايلىقلىرىدىن ئىسسىز كۆمۈر، ئوتقا چىداملىق ماتېرىيال، كۋارتس قۇمى، ھاك تاش، ئىشقارلىق شور قاتارلىقلار بار.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#