باخ

باخ مۇزىكا تارىخىدىكى ئەڭ ئۇلۇغ كومپوزىتورلارنىڭ بىرى. ئۇنىڭ گېرمانىيە لىك مىللىي مۇزىكىلىرى ئاساسىدا نېردىرلاندىيە، ئىتالىيە، فرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ 16-ئەسىردىن بۇيانقى مۇزىكا مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى قوبۇل قىلىپ، ئىلگىرىكىلەر تەرەققىي قىلدۇرغان ئاساسىي ئۇسلۇب، شەكىل ۋە مىللىي ئەنئەنىلەرنى ئۇمۇملاشتۇرغان ھالدا تەتقىق قىلىپ ۋە مۇجەسسەملەپ ئۇلارنى تېخىمۇ رەڭدارلىققا ئىگە قىلغانلىقى-باخنىڭ ئىجادىيىتى ھېسابلىنىدۇ.

ئۇيغۇرچە ئىسمى باخ
باشقا نامى Johann Sebastian Bach
تۇغۇلغان ۋاقتى 1685-يىلى
كەسپى كومپوزىتور
خەنزۇچە ئىسمى 约翰·塞巴斯蒂安·巴赫
دۆلەت تەۋەلىكى گىرمانىيە
ۋاپات بولغان ۋاقتى 1750-يىلى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

باخباخ مۇزىكا تارىخىدىكى ئەڭ ئۇلۇغ كومپوزىتورلارنىڭ بىرى. ئۇنىڭ گېرمانىيە لىك مىللىي مۇزىكىلىرى ئاساسىدا نېردىرلاندىيە، ئىتالىيە، فرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ 16-ئەسىردىن بۇيانقى مۇزىكا مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى قوبۇل قىلىپ، ئىلگىرىكىلەر تەرەققىي قىلدۇرغان ئاساسىي ئۇسلۇب، شەكىل ۋە مىللىي ئەنئەنىلەرنى ئۇمۇملاشتۇرغان ھالدا تەتقىق قىلىپ ۋە مۇجەسسەملەپ ئۇلارنى تېخىمۇ رەڭدارلىققا ئىگە قىلغانلىقى-باخنىڭ ئىجادىيىتى ھېسابلىنىدۇ. باخ ھايات ۋاقتىدا ۋە ۋاپات بولغاندىن كېيىنكى 50 يىل ئىچىدە ئۇنىڭ مۇزىكىلىرىنى كىشىلەر ئاساسەن ئۇنتۇپ كەتتى. 1800-يىلدىن كېيىن بولۇپمۇ مېندېلسوننىڭ كۆككە كۆتۈرۈشى بىلەن تەدرىجىي ھالدا ئەھمىيەت بېرىشكە ئېرىشتى. ئۆتكەن 15 يىل ئىچىدە ئۇنىڭ نام-شۆھرىتى ئۈزلۈكسىز ئېشىپ، دۇنيادىكى ھەممە ئېتراپ قىلىدىغان ئىككى ئۈچ ئۇلۇغ مۇزىكانتىنىڭ بىرى بولۇپ قالدى، بەزى كىشىلەر ئۇنى ھەتتا دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ مۇزىكانت دەپ ھېسابلايدۇ. 

باخباخ 1685-يىلى گېرمانىيە نىڭ ئېزىنناخ شەھىرىدە تۇغۇلغان. 

باخ مۇزىكانت ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، ئەتراپىدىكى ھەممە، ئۇنىڭ مۇزىكا تالانتىنىڭ يېتىلىشىگە ئىلھام بېرىدىغان مۇھىت ھېسابلىناتتى. ئۇنىڭ ئاتىسى خېلى ئابرويلۇق ئىسكىرپكىچى ئىدى. ئۇنىڭ ئىككى تاغىسى تالانتلىق كومپوزىتورلاردىن ئىدى. بىر نەۋرە ئاكا-ئۇكىلىرىدىن بىر قانچىسىمۇ ھۈرمەتكە سازاۋەر مۇزىكاتلاردىن ئىدى.

باج توققۇز ياشقا كىرگەن يىلى ئانىسى، بىر يىلدىن كېيىن ئاتىسى ئالەمدىن ئۆتىدۇ. ئۇنى ئورگان چالىدىغان چوڭ ئاكىسى بېقىپ چوڭ قىلىدۇ. باخنىڭ ئاۋازى ياخشى بولغاچقا، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئائىلىسى نامرات بولغانلىقتىن، ئۇ لېپسىگ سېنت-مېخائېل مەكتىپىگە كىرىپ، ئۇقۇش ياردەم پۇلىغا تاينىپ تۇرمۇش كەچۈرىدۇ. بۇ مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىنكى 20 يىلدا باج گەرچە خىزمەت ئونىنى كۆپ قېتىم ئالماشتۇرۇپ كومپوزىتور، ئوقۇتقۇچى ھەمدە دىرىژور بولغان بولسىمۇ، لېكىن ئورگان ئۇستىسى بولۇش بىلەن ھەممىگە تۇنۇلغانىدى. 

1723-يىلى، باخ 38 يېشىدا لېپسىگ سېنت-توماس چېركاۋىنىڭ ئوركىستېر باشلىقى بولىدۇ. ئۇ تا 1750-يىلى ئالەمدىن ئۆتكەنگە قەدەر بۇ يەردە ھاياتنىڭ ئەڭ ئاخىرقى 27 يىلنى ئۆتكۈزىدۇ. 

باخ ھايات ۋاقىتدا نامى چىقمىغانىدى. ئۇنىڭ ئىش ھەققى ئائىلىسىنى بېقىشقا ئاران يېتەتتى. موزات ھايات ۋاقتىدا ئېرىشكەن ئاتاققىمۇ، بېتخوۋېن بەھرىمەن بولغان شان-شەرەپكىمۇ ئېرىشەلمىگەنىدى (ھەتتا لىسىت ياكى شوپىنلارغىمۇ يېتەلمىگەن). چۈنكى، ئۇ چاغدا ئۇنىڭ تالانتىنى ئېتراپ قىلىدىغان بىرەر كىشىمۇ يوق ئىدى. لېپسىگدىكى بىر كومىتېت باش مۇزىكانت تەيىنلىمەكچى بولىدۇ. ئۇلار تاللىغان ئىككى نامزات بىر مەھەل ئارىسالدىلىقتىن كېيىن، بۇ خىزمەتنى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلغاندىن كېيىن، ئاندىن باش مۇزىكانتلىق ئورنى باخقا بېرىلىدۇ. ئەمما بۇ ئىشتىن بىر نەچچە يىل ئىلگىرى يۈز بەرگەن بىر ۋەقەدىن بىز يەنە بىر ئەھۋالنى كۆرۈۋالالايمىز. باخ ئەسلى بىر كىنەزلىكنىڭ ئوردىسىدا ئورگان ئۇستىسى ئىدى. ئۇ بۇ خىزمىتىدىن ۋاز كېچىپ، باشقا يېڭى خىزمەت ئىزلەشنى ئويلىغان. لېكىن كىنەز ئۇنى قويۇپ بېرىشنى رەت قىلغان ھەمدە ئۇنىڭ قېچىپ كېتىشىدىن قورقۇپ، ئۇنى زىندانغا سولاپ قويغان! باخ زىنداندا ئۈچ ھەپتە ياتقاندىن كېيىن كىنەزنىڭ ئىچى ئاغرىپ، ئاخىر يەنە ئۇنى قويۇپ بېرىدۇ. 

باخ 21 ياشقا كىرگەندە نەۋرە سىڭلىسى بىلەن توي قىلغان ۋە ئۇنىڭدىن يەتتە پەرزەنت كۆرگەن. 35 ياشقا كىرگەندە دەسلەپكى خوتۇنى ئۆلۈپ كېتىپ، ئىككىنچى يىلى قايتا ئۆيلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئىككىنچى خوتۇنى ئىلگىرىكى يەتتە بالىنى بېقىشنى ئۈستىگە ئېلىپلا قالماستىن، يەنە ئۇنىڭغا 13 بالا تۇغۇپ بېرىدۇ. ئەمما ئۇلارنىڭ توققۇزى ھايات قالىدۇ، بۇلاردىن تۆتى داڭلىق مۇزىكانت بولۇپ يېتىشىپ چىقىدۇ. بۇنىڭدىن بۇ ئائىلىنىڭ ھەقىقەتەن مۇزىكا تالانتىغا ئىگە ئائىلە ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

باخ يۇقىرى مەھسۇلاتلىق كومپوزىتور بولۇش بىلەن مەشھۇر. ئۇ تەخمىنەن 300 ئاراتورىيە (بۇ پەقەت ناخشا بىلەنلا ئوينىلىدىغان بىر خىل ئويۇن)، 48 تەكشى رىتىملىق كىلاۋىئېر، 140 باشلىنىش مۇزىكىسى، 100 دىن ئارتۇق قەدىمىي پىئانىنو مۇزىكىسى، 24 تەڭكەش قىلىپ چېلىنىدىغان مۇزىكا، 33وناتا ۋە باشقا مۇزىكىلار بولۇپ، جەمئىي 800 دىن ئاتۇق مۇزىكا ئىشلىگەنىدى. 

باخ كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلاتتى. مۇزىكا بىلەن چېركاۋغا خىزمەت قىلىشنى خالايتتى. ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ كۆپى دىنىي مۇزىكىلار ئىدى، ئۇ يېڭىچە مۇزىكا شەكىللىرىنى يارىتىشنى خالىمايتتى. بەلكى ئەسلى بار بولغان ئەندىزىلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ يۇقىرى پەللىگە يەتكۈزگەن ئىدى. 

باخ ئۆلگەندىن كېيىنكى 50 يىل ئىچىدە، ئۇنىڭ مۇزىكا مۇۋەپپەقىيەتلىرى ئېتراپ قىلىنمىدى. 1800-يىلدىن كېيىنلا باخنىڭ تەقدىر يۇلتۇزى پارلىدى. ئەجەبلىنەرلىكى شۇكى، كىشىلەر ئەينى ۋاقىتتا ئۇنىڭ مۇزىكا ئەسەرلىرى كونىچە دېيىشكەنىدى، ئەمما 200 نەچچە يىلدىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە بۇ مۇزىكا ئەسەرلىرى كەڭ تارقىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ئەھمىيەت بېرىشكە ۋە ھۈرمەتكە سازاۋەر بولماقتا. 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#