بەشئېرىق بازىرى

بەشئېرىق بازىرى

بەشئېرىق بازىرى ئاۋات ناھىيەسىنىڭ شىمالىي قىسمىغا جايلاشقان بولۇپ، ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 18 كىلومېتىر.

ئۇيغۇرچە نامى بەشئېرىق بازىرى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى بازار
يەر مەيدانى 486 كۋادرات كىلومېتىر
كىلىماتى ئىللىق مۆتىدىل بەلباغ قۇرغاق كىلىماتى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 拜什艾日克镇
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
تەۋە رايون ئاۋات ناھىيەسى
نوپۇسى 41 مىڭ

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

بەشئېرىق بازىرىبەشئېرىق بازىرى ئاۋات ناھىيەسىنىڭ شىمالىي قىسمىغا جايلاشقان بولۇپ، ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 18 كىلومېتىر، يەر شەكلى تار ھەم ئۇزۇن، شەرقتىن غەربكە كەڭلىكى 18 كىلومېتىر، جەنۇب-شىمال ئۇزۇنلۇقى 27 كىلومېتىر، شەرقتە ئاقسۇ شەرقىي چوڭ دەرياسى، ئاقسۇ شەھىرىنىڭ قاراتال بازىرى بىلەن دەريانىڭ ئىككى يېقىدا قارىشىپ تۇرىدۇ، غەرب تەرىپى تام تولاق بازىرى بىلەن، جەنۇبتا خېڭفىڭ شىركىتى ۋە باغ تولاق بازىرى بىلەن، شىمالدا ئاقسۇ شەھىرىنىڭ قۇمباش يېزىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. 

بەشئېرىق بازىرىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 486 كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، جەمئىي 102 مىڭ مو تېرىلغۇ يەر بار، ئومۇمىي نوپۇسى 41426 ئادەم، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان تېرىلغۇ يەر تەخمىنەن 8 مو. بازار بويىچە جەمئىي 72 مەمۇرىي كەنت، 118 كەنت ئاھالە گۇرۇپپىسى، 1167 نەپەر پارتىيە ئەزاسى بار، بىر پارتىيە باش ياچېيكىسى، 36 پارتىيە ياچېيكىسى، مائارىپ ئىشخانىسى پارتىيە باش ياچېيكىسى بىر، 18 پونكىت (ئورنى)، 18 مەكتەپ، بۇنىڭ ئىچىدە بىر ئوتتۇرا مەكتەپ بار. بۇ بازار بىر كۆپ مىللەت ئولتۇراقلاشقان رايون بۇلۇپ، ئۇيغۇر ، خەنزۇ، خۇيزۇ، قىرغىز قاتارلىق 13 مىللەتتىن تەركىب تاپقان. 

بەشئېرىق بازىرىبەشئېرىق بازىرىغا قاراشلىق 28 كەنت ئاھالە كومىتېتى بار: ئۈستۈنكى قۇمئېرىق كەنتى، تۆۋەنكى قۇمئېرىق كەنتى، قۇم ھويلا كەنتى، ئۈستۈنكى بەشئېرىق كەنتى، تۆۋەنكى بەشئېرىق كەنتى، خەلپەسۇڭ كەنتى، چاتقاللىق كەنتى، قاشبېشى كەنتى، ئۈستۈنكى غوجا باسقاق كەنتى، تۆۋەنكى غوجا باسقاق كەنتى، يېرما كەنتى، سۇغۇچى قاراتال كەنتى،بوستان كەنتى، ساڭ كەنتى، ئۈستۈنكى ئىمام پاشا كەنتى، تۆۋەنكى ئىمام پاشا كەنتى، ئابدىرىمان كەنتى، شاكال كەنتى، تۆۋەنكى دۆڭبويى كەنتى، كالتەسۇڭ كەنتى، ئۈستۈنكى دۆڭقىشلاق كەنتى ،تۆۋەنكى دۆڭقىشلاق كەنتى، ئۈستۈنكى تاللىق كەنتى، سۇغۇچى كەنتى، كۆنچىسۇڭ كەنتى، سۇقىمەن كەنتى، تۆۋەنكى تاللىق كەنتى، تاللىق كەنتى.

بەشئېرىق بازىرىبەشئېرىق بازار تەۋەلىكىدە 27 مەمۇرىي كەنت، 110 كەنت ئاھالە گۇرۇپپىسى بار، جەمئىي 7011 ئائىلە، 33867 ئادەم، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار 6834 ئائىلە ،31542 ئادەم بۇلۇپ، ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %93 نى ئىگىلەيدۇ، خەنزۇلار 410 ئائىلىلىك، 2012 ئادەم بۇلۇپ، ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %9 نى، خۇيزۇ ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەت دېھقان ئائىلىسى 67 ئائىلە، نوپۇسى 313 ئادەم، ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %1.1 ىنى ئىگىلەيدۇ. 

بەشئېرىق بازارلىق خەلق ھۆكۈمىتى تۇرۇشلۇق جاي بەشئېرىق بازىرى پۈتۈن بازارنىڭ سىياسىي، ئىقتىساد ﯞﻩ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﻯ. ئاھالىسى 450 ئائىلە ، نوپۇس 6278 ئادەم، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار 5900، خەنزۇلار 378؛ شەھەر نوپۇسى 1631 ئادەم. 

بەشئېرىق بازىرىبۇ بازار يېزا ئىگىلىك كەسىپ قۇرۇلمىسىنى زور كۈچ بىلەن تەڭشەپ، ئاساسلىق ئىقتىسادىي زىرائەت ئۇزۇن تالالىق كېۋەز تېرىلغۇ كۆلىمىنى 78300 مو ئەتراپىدا ساقلاپ، بىرلىك مەھسۇلاتى 120 كىلوگرام، 2005-يىلىدىكى كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى 3974 يۈەن بولغان. ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا ماسلىشىش ئۈچۈن، بۇ بازار كەسىپ قۇرۇلمىسىنى پائال تەڭشەپ، 2-، 3-كەسىپنىڭ تەرەققىيات سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، سىرتقا چىقىرىش، باغ-ئورمانچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، باغۋەنچىلىك ئومۇمىي كۆلىمىنى 1 مىليون موغا يەتكۈزگەن؛ ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، 100 نەچچە مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ، يېڭىدىن 45 پارنىك قۇرۇلغان؛ چارۋىچىلىقنى پائال راۋاجلاندۇرۇپ، 17 باقمىچىلىق ئولتۇراق رايونى، 1490 « تۆت بىر گەۋدىلەشكەن» قوتان، 3605 سىلوس كۆلچىكى، يەتتە كالا تەقسىملەش پونكىتى، بوستانلىق كالا بېقىش جەمئىيىتى قۇرۇلغان، ھازىر ئومۇمىي چارۋا سانى 64067 تۇياق؛ بېيىش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، ھويلا-ئارام ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇپ، 10 كىلومېتىر ئۈزۈم يېشىل كارىدورى قۇرغان. 

بەشئېرىق بازىرى2001-يىلى ئاپتونۇم رايونلۇق كۆكەرتىش خىزمىتىدىكى ئىلغار ئورۇن بولۇپ باھالانغان؛ 

2004-يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پەن-تېخنىكا ئارقىلىق شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى تەرىپىدىن «ئاپتونوم رايونلۇق پەن-تېخنىكا تەرەققىياتى ئىلغار بازار» بولۇپ باھالانغان؛

2001-يىلى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتكوم تەرىپىدىن «ئورمان بىنا قىلىش-كۆكەرتىش خىزمىتىدىكى ئىلغار ئورۇن» بولۇپ باھالانغان؛  

2001-يىلى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتكوم تەرىپىدىن «مەدەنىي كەنت» بولۇپ باھالانغان؛

2001-يىلى ئاقسۇ مەمۇرىي مەھكىمە تەرىپىدىن پىلانلىق تۇغۇت «ئۈچ ئاساس» خىزمىتىدىكى لاياقەتلىك بازار بولۇپ باھالانغان؛

2005-يىلى ناھىيەلىك پارتكوم تەرىپىدىن «ئىلغار ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى» بولۇپ باھالانغان؛  

2005-يىلى بازارلىق ئىتتىپاق كومىتېتى ناھىيىلىك ئىتتىپاق كومىتېتى تەرىپىدىن «4-ماي قىزىل بايراقدار ئىتتىپاق ياچېيكىسى» بولۇپ باھالانغان؛  

 2005-يىلى ناھىيەلىك يۈز كۈنلۈك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە پائالىيىتى تەشكىلىي كومىتېتى تەرىپىدىن ۋاسكېتبول مۇسابىقىسى، ئارغامچا تارتىش مۇسابىقىسى مۇنەۋۋەر تەشكىللەش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن؛ 

2005-يىلى 2004-يىلىدىكى شەھەر-بازارلاردىكى يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆي قۇرۇلۇشى بويىچە ئىلغار كوللېكتىپ بولۇپ باھالانغان.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#