بېلگىيە
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
بېلگىيەنىڭ تولۇق ئاتىلىشى بېلگىيە پادىشاھلىقى ،جۇغراپىيەلىك ئورنى سەۋەبلىك بېلگىيە يەنى <<غەربىي>> دەپمۇ ئاتىلىدۇ .
بېلگىيەنىڭ ئاھالىسى 2014-يىللىق نوپۇسى 11 مىليون 23 مىڭ بولۇپ، ئاھالىنىڭ %58 نى فلېمىڭ (گوللاند تىلىدا سۆزلىشىدىغان بېلگىيىلىكلەر)، %31 نى ۋاللونلار(فرانسۇز تىلىدا سۆزلىشىدىغان بېلگىيىلىكلەر) ، %2 نى گېرمانلار، %9 نى كۆچمەنلەر ئىگەللەيدۇ. ئۈچ خوشنا دۆلەتنىڭ تىلى- گوللاند، فرانسۇز ۋە گېرمان تىللىرى دۆلەت تىلى. دۆلەت بايرىمى ( 1831-يىلى) 7 -ئاينىڭ 21-كۈنى، بېلگىيەنىڭ تۇنجى قېتىم بىر پۈتۈن مەمۇرى بىرلىك سۈپىتىدە گوللاندىيىدىن ئايرىلىپ مۇستەققىل بولغان كۈن.
بېلگىيە زىمىنى گۇتلارنىڭ (گېرمان تىل سېستىمىسىدىكى مىللەتلەرنىڭ ئەجدادى) ئانا زىمىنى بولۇپ مىلادىدىن بۇرۇن ھۇنلار پاراكەندىچىلىك سالغان. مىلادىدىن كېيىن رىم ئىمپىرىيىسىنىڭ چېگرا زىمىنى بولغان. 2-ئەسىرلەردىن كېيىن شىمال ۋە جەنۇپتا ئايرىم ئايرىم كېنەزلىكلەر ۋە بەگلىكلەر قۇرۇلغان، 14-ئەسىردىن كېيىن ۋاللونلاردىن كېلىپ چىققان لىبورلاند پادىشاھلىقى بېلگىيىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ ئىككى ئەسىر ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزگەن، 16-ئەسىردىن كېيىن ئىسپانىيە، ئاۋستىرىيە، فىرانسىيە، گوللاندىيىلەر بېلگىيەنى نۆۋەت بىلەن بېسىۋالغان. 1830-يىلى بېلگىيە مۇستەقىللىققا ئېرىشكەن. ئىككى قېتىملىق دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە گېرمانىيە تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان. 1993-يىلى پايتەخت بېريۇسسېل، ۋاللونلار ۋە فلېمىڭلار ئولتۇراقلاشقان رايوندا فىدىراتسىيە يولغا قويۇلغان.
ۋاللونلار كاتولىك دىنىغا ئىشىنىدۇ. فلېمىڭلارنىڭ %70 كاتولىك دىنىغا %30 پروتىستانت دىنى مارتىن مەزھىبىگە ئىشىنىدۇ.
دۆلەت بايرىقى
بېلگىيە قارا ، سېرىق ، قىزىلدىن ئىبارەت ئۈچ خىل رەڭلىك يول يۇقىرىسىدىن -تۆۋەنگە قارىتىلغان ۋە تىك تۆت بۇلۇڭ شەكىلدىن تۈزۈلگەن . قارا رەڭ 1830-يىلدىكى مۇستەقىللىق ئۇرۇشىدا قۇربان بولغان قەھرىمانلارغا تەزىيە بىلدۈرۈشنى بىلدۈرىدۇ . سېرىق رەڭ بايلىق ۋە مول ھوسۇلنىڭ سىمۋولى . قىزىل رەڭ ئىنقىلاب ۋە تۆكۈلگەن قاننىڭ سىمۋولى .
دۆلەت گېربى
بېلگىيەئوتتۇرىغا شىرنىڭ شەكلى چۈشۈرۈلگەن قالقانسىمان گېرب، قالقان ئەتراپىدىكى پادىشاھلىق ھاسا پادىشاھ سەلتەنەتىنىڭ سىمۋولى . قالقاننىڭ ئۈستىدە بىر دانە پادىشاھلىق تاج شەكلى بار بولۇپ ، ئەتراپى لېئوپولدىننىڭ ئوردېنى بىلەن بېزەلگەن . بېزەك ھالقىسىغا بىر دانە ئوردېن ئېسىلغان بولۇپ ،ئۇنىڭ ئاستىدىكى لېنتا <<ئىتتىپاقلىق>> دېگەن سۆزلەر بىلەن بېزەلگەن .
بېلگىيە ياۋرۇپا ئىتىپاقىنى قۇرغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى شۇنداقلا دۇنيا بويىچە ئىگىلىكى تەرەققى قىلغان، نوپۇسى زىچ، يېرى مۇنبەت باي دۆلەتلەرنىڭ بىرى. ئاھالىدە تولۇق ئوتتۇرا مائارىپى 1938-يىلىلا ئۇمۇملاشقان. ئاھالىنىڭ %29 ئالى مائارىپ تەربىيىسىگە ئىگە. 2006-يىلى بېلگىيەنىڭ دۆلەت ئىقتىسادىدا يېزا-ئىگىلىك كىرىمى %1، سانائەت %24، مۇلازىمەت %75 نى ئىگەللىگەن بولۇپ، 2005-يىلى مۇقىم تېلفون ئابونتى 4 مىليون 801 مىڭ، يانفون ئابونتى 9 مىليون 446 مىڭ، ئىنتېرنېت ئابونتى 5مىليون 100 مىڭ بولغان.
2006 -يىلى بېلگىيەنىڭ ئۇمۇمى مىللى ئىشلەپچىقىرىش دارامىتى 350 مىليارت 326 مىليون دوللار بولۇپ كىشى بېشىغا 34081 دوللار توغرا كەلگەن. بېلگىيەنىڭ 2000-يىلىدىن بۇيانقى يىللىق ئىقتىسادى ئېشىش سۈرئىتى %2-%3 بولۇۋاتىدۇ.[0][1]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.