نەسلى قۇرۇپ كېتىش گىردابىغا بېرىپ قالغان ھايۋانلار

نەسلى قۇرۇپ كېتىش گىردابىغا بېرىپ قالغان ھايۋانلار

يەر شارىدا تۈرلۈك-تۈمەن ياۋايى ھايۋانلار ياشايدۇ. ئۇلار ئىنسانلارغا سان-ساناقسىز بايلىق يارىتىپ بېرىدۇ. ئۇلار ئىنسانلارنىڭ ياخشى دوستى.

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

نەسلى قۇرۇپ كېتىش گىردابىغا بېرىپ قالغان ھايۋانلاريەر شارىدا تۈرلۈك-تۈمەن ياۋايى ھايۋانلار ياشايدۇ. ئۇلار ئىنسانلارغا سان-ساناقسىز بايلىق يارىتىپ بېرىدۇ. ئۇلار ئىنسانلارنىڭ ياخشى دوستى. ئېلىمىزدە ياۋايى ھايۋانات بايلىقى ئىنتايىن مول، لېكىن يەنىلا نۇرغۇنلىرى نەسلى قۇرۇپ كېتىش گىردابىغا بېرىپ قالدى. جەنۇبىي جۇڭگو يولۋىسى ئېلىمىزدە ياشايدىغا ئالاھىدە يولۋاس بولۇپ، ھازىر ئۇنىڭ سانى 50 كىمۇ يەتمەيدۇ. مۈشۈكئېيىق تۇرقى ئوماق، مىجەزى مۇلايىم ھايۋان بولۇپ، ئۇ بۇنىڭدىن 2 مىليون 400 يىل ئىلگىرىلا يەر شارىدا مەۋجۇت بولغان ھەمدە «تىرىك قاتما» دەپ ئاتالغان. ئۇنىڭ يېمەكلىك تۈرلىرى 50 خىلدىن كۆپ بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ھەممىدىن بەك جۇڭگو بامبۇكىنى يېيىشكە ئامراق بولۇپ، جۇڭگو بامبۇكى ئۇنىڭ يېمەكلىك مىقدارىنىڭ 99 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ. ناۋادا جۇڭگو بامبۇكى چېچەكلەپلا قالسا، مۈشۈكئېيىق ئاچلىقتىن ئۆلۈپ كېتىدۇ.

مۈشۈكئېيىقتىن باشقا، ئېلىمىزدە بىرىنچى دەرىجىلىك قوغىلىدىغان ھايۋانلاردىن: ئوتتۇرا جۇڭگودا ياشايدىغان سېرىق ياللىق مايمۇن، غەربىي جەنۇب رايونلىرىدا ياشايدىغان بۇرما مۈڭگۈزلۈك بۆكەن، ئاسىيا پىلى، ھىندىستان ئاق چىپار بۇغىسى، ئاق تۇمشۇقلۇق ئۇزۇن بىلەكلىك مايمۇن، مىكروتسېبوس مايمۇنى، جەنۇبىي جۇڭگودا ياشايدىغان ئۆچكىئېمەر بار. بۇنىڭدىن باشقا يەنە ئۇزۇن قۇيرۇق لانگۇر مايمۇنى، تىمساھسىمان شىنىزاۋر، ئۇزۇن بىلەكلىك قارا ئادەمسىمان مايمۇن، قىزىل ئىبىس، ئۇزۇن قۇيرۇق قارا بويۇن قىرغاۋۇل، قارا لانگۇر مايمۇنى، كوئوكاڭ مايمۇنى، ئېيىقسىمان مايمۇن، ديۇگون، ئاق قورساق فرىگاتا مىنور قۇشى، ئاق پالاقچىلىق دېلفىن، قارا بويۇن تۇرنا، تېبەت بۆكىنى، ئاق قاپاق بۈركۈت، ياۋا ئات، قۇندۇز، قوش لوكىلىق تۆگە، موڭغۇلىيە ياۋا ئېشىكى، شىنجاڭ ترېسكا بېلىقى قاتارلىقلار بار.

ئۇزۇندىن بېرى ئورمانلارنىڭ تۈركۈم تۈركۈملەپ كېسىلىشى، دەريا، كۆل، دېڭىز-ئوكيانلارنىڭ بۇلغىنىشى تۈپەيلىدىن، يەر شارىدىكى تەبىئىي بايلىقلار ئېغىر دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىدى، ئېكولوگىيىلىك تەڭپۇقلۇق بۇزۇلۇپ كەتتى. شۇنداقلا يەنە بەزى كىشىلەرنىڭ قالايمىقان ئوۋلىشى تۈپەيلىدىن، ياۋايى ھايۋانلارنىڭ تۈرى ۋە سانى بارغانسېرى ئازىيىپ كەتتى.



ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#