ھايۋانات
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ھايۋانلارئىنسانلار مەلۇم بولغان ھايۋانلار ئومۇرتقىسىز ھايۋانلار ۋە ئومۇرتقىلىق ھايۋانلار دەپ ئىككى چوڭ تۈرگە بۆلۈنىدۇ .
ھايۋاناتلارنى تۈرگە ئايرىش ئالىمى ھايۋانلارنىڭ ھەر خىل ئالاھىدىلىكى يەنى شەكىل ھالىتى، ھۈجەيرىسى، نەسىلى، فىزىئولوگىيەلىك، ئېكولوگىيەلىك ۋە جۇغراپىيىلىك تارقىلىش قاتارلىق ئالاھىدىلكلىرىگە قاراپ ھايۋاناتلارنىڭ تۈرگە ئايرىغان. يەنى يەتتە ئاساسلىق دەرىجىسىگە قاراپ، تەۋەلىكى، تىپى، سىنىپى، تۈرى، تۈركۈمى، ئائىلىسى، ئۇرۇقداشلىرى قاتارلىق.
ھاشاراتلار ھايۋانات دۇنياسىدىكى ئەڭ چوڭ بىر تۈر بولۇپ، ھازىرغىچە مەلۇم بولغان ھاشاراتلار تۈرى 1 مىليون خىلىغا يېتىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە مۇتلەق كۆپ قىسمى ئىنسانلارغا پايدىلىق.
دېڭىز-ئوكيان ھايۋانلىرىنىڭ تۈرى 150 مىڭ خىلدىن ئاشىدۇ. پەقەت ھازىرغىچە مەلۇم بولغان بېلىق تۈرلىرىلا 25 مىڭ خىل بولۇپ، بارلىق ئومۇتقىلىق ھايۋانلارنىڭ يىغىندىسىدىنمۇ كۆپ. ئۇچار قۇشلارنىڭ تۈرى 9000 خىلدىن كۆپ. قۇرۇقلۇقتا ياشايدىغان سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلارنىڭ تۈرى 3500 خىلدىن كۆپ.
ئەگەر نەسلى قۇرۇپ كەتكەن ھايۋانات تۈرلىرىنى قوشۇپ ھېسابلايدىغان بولساق، يەر شارىدا ياشاپ ئۆتكەن ھايۋانلارنىڭ تۈرى تېخىمۇ كۆپ بولغان بولىدۇ.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.