شىنجاڭ ئاشلىق مەكتىپى

1958-يىلى 12-ئايدا ئۈرۈمچى شەھىرى يېڭى شەھەر رايونىدا قۇرۇلغان.

ئۇيغۇرچە نامى شىنجاڭ ئاشلىق مەكتىپى
قۇرۇلغان ۋاقتى 1974-يىلى 7-ئاي
خەنزۇچە نامى 新疆粮食学校

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

1958-يىلى 12-ئايدا ئۈرۈمچى شەھىرى يېڭى شەھەر رايونىدا قۇرۇلغان. تۇنجى قېتىمدا جەمئىيەتتىكى ياشتىن 179 نەپەر قوبۇل قىلغان. 1959-يىلى 1 ئاينىڭ 10 كۈنى ئوقۇش باشلاپ، ئىسكىلات باشقۇرۇش، ماشىنىسازلىق، پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىق ئۈچ خىل كەسىپ تەسىس قىلغان. 1962 يىلى 5-ئايدا ئاشلىق مەكتىپى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان. 1966-يىلى 4-ئاينىڭ 8-كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق كومىتېتى يېرىم ئىشلەپ، يېرىم ئوقۇش تۈزۈمىدىكى ئاشلىق مەكتىپى قۇرۇشنى تەسىتقلىغان. 1968-يىلى 11-ئايدا ئاپتونوم رايونلۇق ئىنقىلابى كومىتېتنىڭ ئىشلەپچىقىرىشقا قوماندانلىق قىلىش گۇرۇپپىسى قايتا ھۆججەت چۈشۈرۈش بىلەن مەكتەپ يەنە ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان. 1974-يىلى 7-ئاينىڭ 15-كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق ئىنقىلابى كومىتېت شىنجاڭ ئاشلىق مەكتىپىنى قايتا قۇرۇشقا قوشۇلغان. 9-ئايدا جەمئىيەتكە تونۇشتۇرۇش شەكلى بىلەن 125 نەپەر ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلغان. بوغالتىرلىق، ئىسكىلات باشقۇرۇش، ماشىنىسازلىق قاتارلىق ئۈچ كەسىپ تەسىس قىلىنغان. ئوقۇش يىلى ئىككى يىل بولغان.

 1990-يىلى ئەسلىدىكى سودا مىنسىتىرلىكى تەرىپىدىن كەسپىي مائارىپتىكى ئىلغار ئورۇن بولۇپ باھالانغان. 1992-يىلى ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ كومىتېتى، كادىرلار نازارىتى، ئەمگەك نازارىتى قاتارلىق ئورۇنلار كەسپىي تېخنىكا مائارىپىدىكى ئىلغار ئورۇن دەپ باھا بەرگەن. 1993-يىلى ئاپتونوم رايونلۇق نۇقتىلىق ئوتتۇرا تېخنىكوم بولۇپ باھالانغان. 1994-يىلى ئىچكى سودا مىنىستىرلىكى تەرىپىدىن نۇقتىلىق ئوتتۇرا تېخنىكوم دەپ بېكىتىلگەن. 1996-يىلى ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ كومىتېتى ئاپتونوم رايوندىكى ئوتتۇرا تېخنىكوم مائارىپىنى باشقۇرۇشتىكى ئىلغار ئورۇن دېگەن نامنى بەرگەن، بۇ مەكتەپ ئاپتونوم رايون ۋە ئىچكى سودا مىنسىتىرلىكىنىڭ نۇقتىلىق ئوتتۇرا تېخنىكوم مەكتىپى بولۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق ئاشلىق ئىدارىسىغا تەۋە، شىنجاڭنىڭ ئاشلىق ساھەسىدىكى كەسپىي تېخنىك خادىملىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەربىيە بازىسى.

ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 92000 كۋادرات مېتىر، ئوقۇتۇش رايونى قۇرۇلۇش كۆلىمى 9488 كۋادرات مېتىر.

 ئوقۇتۇش خەنزۇ ۋە ئۇيغۇر تىلىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان بولۇپ، مالىيە بۇغالتىرلىقى، ئاشلىق پىششىقلاپ ئىشلەش،ئاشلىق ۋە ماينى ساقلاش، تەكشۈرۈش، كومپيۇتېرنى قوللىنىش، ئىسكىلات ماشىنىسازلىق ئەسلىھەلىرى، ماينى پىششىقلاپ ئىشلەش، بوغالتىرلىقنى كومپيۇتېرلاشتۇرۇش، تاۋار تەكشۈرۈش، ئىچىملىك، پىششىقلاپ ئىشلەش، ئاشلىق، ماي ساقلاش ۋە يۆتكەش، پىلان ستاتىستىكىسى، مۇپەتتىشلىك، بازار تىجارىتى، ئاشلىق ئىسكىلاتلىرى قۇرۇلۇشى قاتارلىق كەسىپلەر تەسىس قىلىنغان.

 ئۇنىڭ تارمىقىدا ۋۇخەن يېمەكلىك سانائىتى ئىنستىتۇتى سىرتتىن ئوقۇتۇش پونكىتى ۋە شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئۇنىۋېرسىتېتى خىزمەت پونكىتى تەسىس قىلىنغان. ئوتتۇرا تېخنىكومنى ئاساس، تېلېۋىزىيە ئۇنىۋېرسىتېتى، ئىشتىن سىرتقى ئۇنىۋېرسىتېتى، چوڭلار ئوتتۇرا تېخنىكومى، كەسپىي گۇۋاھنامە، ئۈزلۈكسىز مائارىپ بىر گەۋدە قىلىنغان كۆپ شەكلىللىك، كۆپ قاتلاملىق مەكتەپ باشقۇرۇش ۋەزىيىتى بەرپا قىلىنغان.

ئۈسكۈنىلىرى ئىلغار بولغان تەجرىبە بىناسى قۇرغان. كەسپىي تەجرىبىخانىسى تولۇق، كۇتۇپخانىدا ساقلىنىۋاتقان كىتاب 140000 پارچىدىن ئارتۇق. مەكتەپ قۇرۇلغاندىن بۇيان ھەر تۈردىكى ئىختىساسلىق خادىملاردىن 11400 ئادەمنى تەربىيىلەپ يېتىشتۈرگەن. مەكتەپ شتاتى 215.1999-يىلدىكى رەسمىي ئوقۇتقۇچى 108) ئالىي لىكتور 21 نەپەر، لىكتور 67 نەپەر) نەپەر. ئوقۇغۇچى سانى 1276 نەپەر.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#