مەدىنە بازىرى

بېشكەك شەھىرىنىڭ شەرقىدىكى ‹‹ئالمائاتا›› كوچىسىغا جايلاشقان ‹‹مەدىنە›› رەخت توپ تارقىتىش بازىرى قىرغىزىستانغىلا ئەمەس، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى باشقا دۆلەت كارخانىچىلىرىغىمۇ ناھايىتى تونۇشلۇق.

نامى مەدىنە بازىرى
قاراشلىق رايون بېشكەك شەھىرى
دۆلەت تەۋەلىكى قىرغىزىستان
ئورنى بېشكەك شەھىرىنىڭ شەرقىدىكى ئالمائاتا كوچىسى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

بېشكەك شەھىرىنىڭ شەرقىدىكى ‹‹ئالمائاتا›› كوچىسىغا جايلاشقان ‹‹مەدىنە›› رەخت توپ تارقىتىش بازىرى قىرغىزىستانغىلا ئەمەس، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى باشقا دۆلەت كارخانىچىلىرىغىمۇ ناھايىتى تونۇشلۇق. بۇ بازار بېشكەكتە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان ئۇيغۇر كارخانىچى، ھازىر قىرغىزىستان جۇمھۇرىيەتلىك پارلامېنتنىڭ ئەزاسى تۇرسۇن تاينىڭ قىزى مەدىنەنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتالغان. بۇ بازاردىكى دۇكانلارنىڭ ھەممىسىنى ئاساسەن دېگۈدەك جۇڭگو شىنجاڭنىڭ ئاتۇش شەھىرىدىن كەلگەن ئۇيغۇر سودىگەرلەر ئىجارە ئالغان بولۇپ، ئۇلار جېجياڭ، خاڭجۇ، گۇاڭجۇ قاتارلىق جايلارنىڭ رەختلىرىنى قىرغىزىستان ۋە باشقا ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە توپ تارقىتىىدۇ. بۇ بازاردىكى دۇكانلارنىڭ ھەممىسى ئىككى قەۋەت كونتېينېر بىلەن قۇراشتۇرۇلغان بۇلۇپ، مەدىنە بازارنىڭ ئىچى ئادەمنى چەت ئەلدە ئەمەس، بەلكى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ‹‹بۇلاقبېشى›› ياكى ‹‹دۆڭكۆۋرۈك›› بازىرىدىكى رەخت بازىرىدا تۇرۇۋاتقاندەك ھېس قىلدۇرىدۇ.

ھازىر قىرغىزىستاندا سودا قىلىۋاتقان ۋە تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقان تەخمىنەن 30 مىڭچە ئۇيغۇر بار بولۇپ، تەخمىنەن 500 دىن 800 گىچە ئائىلە ‹‹مەدىنە›› بازىرىدىكى تىجارەت ئارقىلىق تۇرمۇشىنى قامدايدىكەن. ‹‹مەدىنە›› بازىرىنىڭ ئاساسلىق رەختلىرى قىرغىزىستان ۋە ئەتراپتىكى قوشنا دۆلەتلەرنىڭ تۈرلۈك كىيىم – كېچەك كارخانىلىرىغا سېتىلىدىكەن. رەختتىن باشقا، تۈگمە، يىپ قاتارلىقلارمۇ توپ سېتىلىدىكەن.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#