چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

كالىندار ھېسابىدا تاڭ ئېتىپ قۇياش كۆتۈرۈلگەندىن باشلاپ، قۇياش ئولتۇرغانغا قەدەر بولغان ۋاقىت بىر كۈن بولىدۇ.

بىر كېچە كۈندۈزنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ۋاقىت بىرلىكى بولۇپ، بىر كۈن 24 سائەت بولىدۇ. 

قەدىمكى بابىللىقلار بىر كۈننى 24 ۋاقىتقا بۆلگەن؛ ئوتتۇرا ئەسىردىكى ھىندىستانلىقلار بىر كۈننى 60 قا بۆلۈپ ئۇنىڭ ھەر بىرنى بىر «گەرى» دەپ ئاتىغان، يەنە بىر «گەرى» نى 60 قا بۆلۈپ، ئۇنىڭ ھەر بىرىنى بىر «پەل» دەپ ئاتىغان. بىر پەل 60 قېتىم كۆزنى يۇمۇپ-ئاچقۇچە بولغان ۋاقىتنى بىلدۈرگەن؛ پارسلار بىر كۈننى 8 گە بۆلۈپ، ئۇنىڭ ھەر بىرىنى بىر «پاس» دەپ ئاتىغان؛ ئوتتۇرا ئاسىيادا بىر كۈننى 24 سائەتكە، بىر سائەتنى 60 دەقىقىگە بۆلۈپ ۋاقىت ھېسابلىغان.

ئالىملارنىڭ ھېسابلاپ كۆرۈشىچە، بۇنىڭدىن تۆت مىليارد 500 مىليون يىل ئىلگىرى بىر كۈن ئاران تۆت سائەت بولغان، ئۈچ مىليارد يىل ئىلگىرى 18 سائەت، بىر يىل 507 كۈن بولغان. بۇنىڭدىن 570 مىليون يىل ئىلگىرى بىر كۈن 21 سائەت، بىر يىل تەخمىنەن 421 كۈن بولغان. بۇنىڭدىن ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ھەر كۈنلۈك ۋاقىتنىڭ ئۇزىراپ بارىدىغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. ئەسلىدە يەر شارىنىڭ قۇياش ئەتراپىدا ئايلىنىش سۈرئىتى سۇنىڭ كۆتۈرۈلۈش ۋە پەسىيىشىنىڭ سۈركىلىش تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقتىن ئۈزلۈكسىز ئاستىلاپ بارغان(يەر شارىنىڭ ئۆز ئوقىدا ئايلىنىش ۋاقتى 100 مىڭ يىلدا 1.6 سېكىنۇت قوشۇلۇپ بارغان) . شۇنڭ بىلەن ھەر كۈنلۈك ۋاقىت ئۈزلۈكسىز ئۇزۇراپ بارغان. ھېسابلاشلارغا قارىغاندا 200 مىليون يىلدن كېيىن بىر يىل 300 كۈن، بىر كۈن 30 سائەت بولىدىكەن.


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

خەتكۈچلەر:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#