نۇراساي مىس كان خارابىسى

نۇراساي مىس كان خارابىسى

نۇراساي مىس كان خارابىسى نىلقا ناھىيەسى نىڭ جەنۇبىغا ئۈچ كىلومېتىر كېلىدىغان قاش دەرياسى بويىدىكى نۇراساي جىلغىسىغا جايلاشقان.

ئۇيغۇرچە نامى نۇراساي مىس كان خارابىسى
تارقالغان رايون شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى نىلقا ناھىيەسى
تەستىقلىغان ئورۇن گوۋۇيۈەن
خەنزۇچە نامى 奴拉赛铜矿遗址
تەۋە بولغان دەۋر ئەمىنىيە-يېغىلىق دەۋرى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

نۇراساي مىس كان خارابىسىنۇراساي مىس كان خارابىسى نىلقا ناھىيەسى نىڭ جەنۇبىغا ئۈچ كىلومېتىر كېلىدىغان قاش دەرياسى بويىدىكى نۇراساي جىلغىسىغا جايلاشقان بولۇپ، 2 مىڭ 500 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە. بۇ خارابە كان قېزىش رايونى بىلەن مېتال تاۋلاش رايونىدىن ئىبارەت ئىككى رايونغا بۆلىنىدۇ.

نۇراساي مىس كان خارابىسىخارابىلەر يۇمىلاق باشلىق تېغىدىكى قەدىمكى مىس كېنى خارابىسى ۋە نۇراساي قەدىمكى مىس كان ئېچىش مېتال تاۋلاش خارابىسى. يۇمىلاق باشلىق تېغىدىكى قەدىمكى مىس كېنى خارابىسى، خاڭ ئۈستىدە ئوچۇق قېزىلىدۇ ۋە چوڭ تىپتىكى تاش قوراللارمۇ بار. نۇراساي مىس كېنى كان ئېچىش رايونىدىن ئون نەچچە جايدا تىك تۆشۈك بايقالغان، ئاللىقاچان ئۆرۈلۈپ چۈشكەن، ئېغىزى تەخمىنەن 5 كۋادرات مېتىر، تىك قۇدۇق چوڭقۇرلۇقى 20 مېتىر ئەتراپىدا، كەڭلىكى تەخمىنەن 5 مېتىر كېلىدۇ. قۇدۇق ئېغىزى ئورنىنىڭ ئەتراپىدا تىك قۇدۇقنى قېزىش جەريانىدا كۆپ مىقداردا رۇدا ۋە يۇمىلاق ياكى ياپىلاق تاش بولقا بايقالغان. مېتال تاۋلاش خارابىسى نۇراساي جىلغا ئىچىدە بىر قەدەر تەكشى يەرلەرگە جايلاشقان. 

نۇراساي مىس كېنى خارابىسى — شىنجاڭدا ھازىرغىچە ساقلانغان ئەڭ بالدۇرقى، كۆلىمى ئەڭ چوڭ ۋە ھادىسىلەر بىر قەدەر مول قەدىمىي خارابىسى، دۆلىتىمىز مېتاللۇرگىيە تەتقىقات تارىخى ۋە شىنجاڭنىڭ يەرلىك تارىخى، مىللەتلەر تارىخى قاتارلىق جەھەتلەردە ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. 

نۇراساي قەدىمكى مىس كېنى خارابىسى نىلقا ناھىيە بازىرىنىڭ جەنۇبىدىكى نۇراساي ئىسىملىك بىر قاش دەرياسى بويىدىكى تاغ جىلغىلىرىنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان، بۇ بىر شەرق-غەرب يۆنىلىشىدىكى جىلغا، كان تومۇرى جىلغىنى بويلاپ يېيىلغان. بۇ خارابىلىك بۇنىڭدىن 2500 يىللىق تارىخقا ئىگە. 

كونا كان كان قېزىش تاۋلاش خارابىسى شىنجاڭدا تۇنجى بولۇپ بايقىغان بولۇپلا قالماستىن، دەل پۈتۈن مەملىكەت ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا بويىچىمۇ ناھايىتى ئاز ئۇچرايدۇ، ئۇنىڭ غەربىي يۇرت تەتقىقاتى، بولۇپمۇ ئىلى دەرياسى ۋادىسىدىكى تارىخىي تەرەققىياتى ۋە مىللەتنىڭ پائالىيەتلىرىگە نىسبەتەن زور بولغان ئەھمىيەتكە ئىگە. 

بۇ خارابىلىك 1999-يىلى 12-ئايدا 3-تۈركۈمدىكى ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان ئورۇن، 2001-يىلى 6-ئايدا 5- تۈركۈمدىكى مەملىكەت بويىچە نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان ئورۇن قىلىپ بېكىتىلگەن. [0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#