فورتالېزا
فورتالېزا برازېلىيىنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى ئاتلانتىك ئوكيان بويىدىكى پورت شەھەر، سېئارا شىتاتىنىڭ مەركىزى.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
برازېلىيىنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى ئاتلانتىك ئوكيان بويىدىكى پورت شەھەر، سېئارا شىتاتىنىڭ مەركىزى. بۇ شەھەر پارنايىبو دەرياسىنىڭ ئىككى ياقىسىغا جايلاشقان. ئاھالىسى شەھەر رايونى بىلەن قوشۇلۇپ بىر مىليون 900 مىڭدىن ئاشىدۇ. فورتالېزا 1611-يىلى سېلىنغان، 1823-يىلى شەھەر بولۇپ قۇرۇلغان 19-ئەسىردىن باشلاپ تاشيول ھەم تۆمۈر يوللارنىڭ قۇرۇلۇشىغا ئەگىشىپ تەدرىجىي تەرەققىي قىلىپ، زامانىۋى پورت شەھىرىگە ئايلانغان.
ئىقتىسادىي جەھەتتە پورت سودىسىنى ئاساس قىلىدۇ. سانائىتى جەھەتتە توقۇمىچىلىق، تېرە-خۇرۇم، ھەرخىل يېمەكلىكلەرنى پىششىقلاپ ئىشلەش سانائەتلىرىنى ئاسس قىلىدۇ. برازېلىيىنىڭ شەرقىي شىمالى رايونى بويىچە مۇھىم بېلىقچىلىق ھەم بېلىق مەھسۇلاتىنى پىششىقلاپ ئىشلەش سانائەتلىرىنى ئاساس قىلىدۇ. برازېلىيىنىڭ شەرقىي شىمالى رايونى بويىچە مۇھىم بېلىقچىلىق ھەم بېلىق مەھسۇلاتىنى پىششىقلاپ ئىشلەش سانائەت مەركىزى ھېسابلىنىدۇ. شەھەرنىڭ ھەرخىل قون سانائەت مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش سانائىتىمۇ تەرەققىي قىلغان.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.