گۆدەك قىزلاردا بولىدىغان جىنسىي يول ياللۇغى

گۆدەك قىزلاردا بولىدىغان جىنسىي يول ياللۇغى

بۇ ھەرخىل سەۋەبلەردىن بىر ياشتىن بەش ياشقىچە بولغان گۆدەك قىزلارنىڭ جىنسىي يولى ياللۇغلىنىپ، كلىنكىدا جىنسىي يول ئاجرالمىلىرى كۆپىيىش، تاشقى جىنسىي ئەزا قىچىشىش، جىنسىي يول ئېغىزى قىزىرىپ، ئىششىش ئالامەتلىرى بىلەن ئىپادىلىنىدىغان شەكىل بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىك.

كېسەللىك نامى گۆدەك قىزلاردا بولىدىغان جىنسىي يول ياللۇغى
تونۇش نامى ying you er yin dao yan
تەۋە بۆلۈم ئاياللار ئىچكى بۆلۈم
خەنزۇچە نامى 婴幼儿阴道炎
يۇقۇملىنىشى يۇقۇملۇق ئەمەس

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

1. تۇخۇمداننىڭ خىزمىتى تېخى پىشىپ يېتىلمىگەنلىكتىن كېلىپ چىقىدۇ. تۇخۇمداننىڭ خىزمىتى تېخى پىشىپ يېتىلمىگەنلىكتىن جىنسىي يولنىڭ كىسلاتالىق خۇسۇسىيىتى ئاجىز بولىدۇ. يەنى ئاجىز ئىشقارلىققا مايىل بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە جىنسىي يول دىۋارى نېپىز ۋە ئاجىز بولغانلىقتىن جاراسىملار ئاسانلا ھۇجۇم قىلىپ كىرىپ يۇقۇملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. 2. گۆدەك قىزلاردا تازىلىق ئېڭىنىڭ تۆۋەن بولغانلىقىدىن كېلىپ چىقىدۇ. گۆدەك قىزلار ئېغى يوق ئىشتان كىيگەنلىكتىن، بەزى پاسكىنا نەرسىلەرنى تۇتۇپ ئوينىغانلىقتىن ھەمدە شۇ پاسكىنا قولى بىلەن جىنسىي ئەزاسىنى تۇتقانلىقتىن ئاسانلا يۇقۇملىنىپ ياللۇغ كېلىپ چىقىدۇ. 3. تامچە قۇرتلۇق جىنسىي يول ياللۇغى بىلەن ئاغرىغان ئاپىسى بىلەن بىرگە يېتىپ قوپۇش سەۋەبىدىن تامچە قۇرتتىن يۇقۇملىنىشتىنمۇ ياللۇغ كېلىپ چىقىدۇ. ئۇندىن باشقا تۈتۈ مەددە قۇرت كېسىلىگە گىرىپتار بولغان قىزلاردا، تۈتۈ مەددە سوڭ سىرتىدا تۇخۇملىغاندىن كېيىن، جىنسىي يولغا كىرىۋېلىش سەۋەبىدىن قاتتىق قىچىشىش كېلىپ چىقىدۇ. شۇنىڭ بىللە ئۇنى تاتىلاش نەتىجىسىدە ياللۇغ كېلىپ چىقىدۇ.

گۆدەك قىزلاردا بولىدىغان جىنسىي يول ياللۇغىگۆدەك قىزلاردا جىنسىي يول ئاجراتمىلىرى كۆپىيىدۇ ھەم ئاجراتمىلارغا يىرىڭ ئارىلاشقان بولىدۇ. تاشقى جىنسىي ئەزا قىچىشىدۇ. كېسەللىكنىڭ ئۆتكۈر دەۋرىدە تاشقى جىنسىي ئەزادا ياللۇغلىنىش ئېغىرلاپ، تىلى چىقمىغان گۆدەك قىزلاردا قولى بىلەن سىرتقى جىنسىي ئەزا قىسمىنى تاتىلاش، يىغلاپ بىئارام بولۇش ئىپادىلىرى بولىدۇ. تىلى چىققان قىزلار تاشقى جىنسىي ئەزا قىسمىنىڭ ئاغرىغانلىقىنى، قىچىشقانلىقىنى، سىيگەندە ئاغرىغانلىقىنى دەپ بېرەلەيدۇ. ئاياللار بۆلۈمىدە يەرلىك ئورۇننى تەكشۈرگەندە ئۆتكۈر دەۋرىدە تاشقى جىنسىي ئەزا قىزىرىپ ئىششىغان، ئۈستىگە يىرىڭلىق ئاق خۇن يېپىشقان بولىدۇ.

بىمارنىڭ يېشى، تىپىك ئالامەتلىرى ۋە قوشۇمچە تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسەن دىئاگنوز قويۇلىدۇ. گۆدەك قىزلاردا جىنسىي يول ئاجرالمىلىرى كۆپىيىدۇ، تاشقى جىنسىي ئەزا قىچىشىش كۈچلۈك بولىدۇ، ئاياللار بۆلۈمىدە يەرلىك ئورۇن تەكشۈرۈلگەندە تاشقى جىنسىي ئەزادا قىزىرىش، ئىششىش ئالامەتلىرى تىپىك بولىدۇ. قوشۇمچە تەكشۈرۈشلەردىن ئاق خۇندىن سۇۋالما ئېلىپ تەكشۈرگەندە ئاق خۇندىن زەنجىرسىمان جاراسىم، ئۈزۈمسىمان شارچە جاراسىم، تامچە قۇرت ياكى تۈتۈمەددە قۇرت تۇخۇمى تېپىلىدۇ.

گۆدەك قىزلاردىكى جىنسىي يول ياللۇغىغا ۋاقتىدا ئېتىۋار بېرىلمىسە سوزۇلما خاراكتېرلىك ياللۇغلىنىشقا سەۋەب بولىدۇ ھەم جىنسىي يول پۈتەيلىكى كېلىپ چىقىدۇ.

بەدەندە كۆرۈلگەن كېسەللىك ئالامەتلىرىگە قارىتا داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.

يەرلىك ئورۇننىڭ كىسلاتالىق دەرىجىسىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن سۇيۇقلاندۇرۇلغان ئاچچىق سۇ بىلەن يەرلىك ئورۇن يۇيۇلىدۇ. ئوسما يىلتىزى، بابۇنە، ئىكلىلمىلىك، مامىرانچىنى، بىنەپشە، ئىسپىغۇل ھەر بىرىنى 10 گرامدىن ئېلىپ، قاينىتىپ، يەرلىك ئورۇن ئىلمان دورا سۈيىدە يۇيۇلىدۇ. مامىرانچىنى، بابۇنە، ئوسما يىلتىزى، شاپتۇل يوپۇرمىقى قاتارلىقلارنىڭ قاينىتىلغان سۈيىدە يۇسا تامچە قۇرت ۋە باشقا جاراسىمدىن بولغان ياللۇغ ئۈچۈن ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ. سېمىز ئوت ئۇرۇقى، تۈز ۋە ئەگرى تەرخەمەك ئۇرۇقى، كاسىنە ئۇرۇقى، ئۇسۇڭ ئۇرۇقى 9 گرامدىن، قاپاق ئۇرۇقى مېغىزى ۋە تاۋۇز ئۇرۇقى مېغىزى 7 گرامدىن ئېلىپ، نېلۇپەر شەربىتى ياكى بىدەمىشكى شەربىتىگە چىلاپ قاينىتىپ ئىچىشكە بېرىلىدۇ. ئارپىنى 30 مىللىلىتىر نېلۇپەر شەربىتى ۋە چىلان شەربىتى بىلەن قوشۇپ ئىچىشكە بېرىلىدۇ ياكى ئارپىنى سېمىز ئوت ئۇرۇقىنىڭ شىرىسى بىلەن قوشۇپ ئىچىشكە بېرىلىدۇ.

1. گۆدەك قىزلارغا بولغان تازىلىق تەربىيىسىنى كۈچەيتىپ، ياخشى بولغان تازىلىق ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك، گۆدەك قىزلارنىڭ ئۆزىگە خاس يۇيۇنۇش لۆڭگىسى، ئايرىم دېسى بولۇشى كېرەك. ئۇنىڭغا شارائىت يار بەرمىسە، چوڭلار ئىشلەتكەن داسنى يۇيۇپ تازىلاپ ئاندىن بالىنى يۇيۇندۇرۇش لازىم. 2. بالىلار باغچىسى، يەسلى قاتارلىق كوللېكتىپ ئورۇنلار ۋە ئاتا-ئانىلار بىرلىكتە گۆدەك قىزلارنى تازىلىق جەھەتتىن باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، گۆدەك قىزلار ھەركۈنى جىنسىي ئەزاسىنى يۇيۇش، ئىچكى ئىشتانلارنى دائىم ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش، ئىمكانقەدەر ئېغى يوق ئىشتان كىيمەسلىك، ئاممىۋى مونچىلاردا يۇيۇنماسلىق لازىم. 3. ئائىلە باشلىقلىرى ۋە تەربىيىچىلەردە سۆزنەك، تامچە قۇرت قاتارلىق كېسەللىكلەر بولسا ئاكتىپلىق بىلەن داۋالىتىش ۋە بالىلار بىلەن بىللە ياتماسلىق لازىم. 4. يېمەك-ئىچمەك جەھەتتە يەللىك، غىدىقلىغۇچى يېمەكلىك ۋە دورا-دەرمەكلەردىن پەرھىز قىلىش لازىم.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تېبابىتىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=1&contentNameId=1272

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#