يەكەن بازىرى

يەكەن بازىرى

يەكەن بازىرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قەشقەر ۋىلايىتى يەكەن ناھىيەسىگە قاراشلىق بازار بۇلۇپ، يەكەن ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتى يەكەن بازىرىغا جايلاشقان. 

ئۇيغۇرچە نامى يەكەن بازىرى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى يېزا
نوپۇسى 224205 ادەم
ماشىنا كودى يېڭى Q
خەنزۇچە ئاتىلىشى 莎车镇
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
تەۋە رايون قەشقەر ۋىلايىتى يەكەن ناھىيەسى
تېلېفون رايون نومۇرى 0998

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

يەكەن بازىرىيەكەن بازىرى يەكەن ناھىيەسىگە قاراشلىق بازار بۇلۇپ، بازىرىغا قاراشلىق جايلار ناھىيە بازىرى ئىچىگە جايلاشقان.

بازارلىق ھۆكۈمەت ئورگىنى-باغچە ئاھالە كومتېت يېڭى مەھەللە بۇلۇپ، ناھىيە مەركىزىنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا ئىككى كىلومېتىر كېلىدۇ. 

يەكەن بازىرىنىڭ جەنۇبىي تەرىپى گۇلباغ يېزىسىنىڭ چىنباغ، خانقا دەرۋازا تەرپىگە، غەرب تەرىپى گۇلباغ كەنتىگە، شىمالىي تەرىپى قۇمدۆڭ، تېرەكباغ، ھەزىرتىپىر كەنىتلىرىگە، شەرقىي تەرىپى چاسا، كۆنچىلىك كەنىتلىرىگە تۇتىشىدۇ. 

يەكەن بازىرىيەكەن بازار تەۋەلىكىدە 15 ئىجتىمائىي رايون، بىر سەيچىلىك كەنىت كومىتېتى، 62 مەھەللە گۇرۇپپىسى بار بۇلۇپ، 1994-يىللىق ئىستاتىستىكا مەمۇماتىغا ئاساسلانغاندا 8416 ئائىلە، 38 مىڭ 106 ئادەم بار. (بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر 35 مىڭ 512 ئادەم) بۇلۇپ، ئۇمۇمىي ئاھالىنىڭ %94.45، ئۆزبېك مىللىتى 1175 ئادەم بۇلۇپ، ئۇمۇمىي نۇپۇسنىىڭ %3.2، خەنزۇ مىللىتى 1943 ئادەم، ئۇمۇمىي نۇپۇسنىڭ %7، خۇيزۇ مىللىتى 248 ئادەم، ئۇمۇمىي نۇپۇسنىڭ  %1.02 ئىگەللىگەن. قىرغىز مىللىتى 27 ئادەم، قازاق مىللىتى 10 ئادەم، تاجىك مىللىتى 25 ئادەم، تاتار مىللىتى بىر ئادەم. 

ھازىر 224205 نوپۇس بار بۇلۇپ، شەھەر نوپۇسى 51746 ئائىلە، 157871 ئادەم، يېزا نۇپۇسى 4119 ئائىلە، 16474 ئادەم. يەكەن بازار تەۋەلىكىگە ۋىلايەتكە قاراشلىق 4 ئۇرۇن، ناھىيەگە قاراشلىق 96 ئۇرۇن جايلاشقان. 

يەكەن بازىرىيەكەن بازىرى ئازاتلىقتىن ئىلگىرى 2 بەگلىك بۇلۇپ، يېڭى شەھەر، كونا شەھەر دەپ ئىككىگە ئايرىلغان. ھەم ئىككى ناھىيە ئورگانلىرى تۇرۇشلۇق جاي بولغان. 

1950-يىلاقن 1954-يىلغىچە شەھەر رايونى دەپ ئاتىلىپ تەۋەلىكىدە 10كەنىت بولغان. 1954-يىلى شەھەرلىك ھۆكۈمەتكە ئۆزگەرتىلگەن. 

1956-يىلى كەنىت-ئاھالە كومتېتىغا ئۆزگەرتىلىپ تەۋەلىكىدە 3 باشقارما، 10 ئاھالە كومتېت بولغان. 

1958-يىلى 8-ئايدا شەھەر گۇڭشېسى قۇرۇلۇپ ھازىرقى گۈلباغ يېزىسىنىڭ 13 كەنىت كومتېتى بۇ گۇڭشېغا تەۋە بولۇپ، غالىبىيەت گۇڭشې دەپ ئاتالغان. 

1973-يىلى 6-ئايدا ئىككىگە بۈلۈنۈپ، يەكەن بازار ۋە شەھەر بازار دەپ ئايرىلغان. 

يەكەن بازار 8 ئاھالە كومتېت، بىر باغۋەنچىلىك مەيدانى، بىر سەي كۆكتاتچىلىق كەنتىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىپ، بازار گۇڭشې دەپ ئاتالغان. 

1981-يىلى بازار گۇڭشې ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، يەكەن بازارلىق خەلق ھۆكۈمەتكە ئۆزگەرتىلگەن. 

يەكەن بازىرىنىڭ ئازاتلىقتىن ئىلگىرى كوچىلىرى ئەگرى-توقاي، شەھەرنىڭ يەر-تۈزۈلىشى تەكشى ئەمەس، ئاھالىلەرنىڭ  ئولتۇراق ئۆيلىرى رەتسىز بۇلۇپ، ئازادلىقتىن كىيىن  تەدىرىجى قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىپ، 1986-يىلىغا كەلگەندە، بازار ئۇمۇمىي گەۋدە قىلىنغان ئۇزۇن يىللىق قۇرۇلۇش پلانى تۈزۈلۈپ، شەھەر بازار يوللىرى بىلەن يېزا يوللىرى تۇتاشتۇرۇلۇپ قاتناش ئىشلىرى تېخىمۇ راۋانلانلاشتۇرۇلغان. بازار ئىچىدىكى كۆپ قىسىم ئاھالىلەر تۈرۈبا سۈيى ۋە ئېلېكتىر چىرىغى ئىشلەتكەن. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان قەۋەت بىنالار كۆپىيىپ بازارنىڭ قىياپىتىدە زور ئۆزگىرىش بولغان. 

ئازادلىقتىن ئىلگىرى يەكەن بازىرىدا پەقەت بەزى كىچىك قول سانائەت دۇكانلىرى بار بولغان بولسا ئازادلىقتىن كيىن دۆلەت ئىگىلىگىدىكى ۋە كوللىكتىپ ئىگىلىگىدىكى كارخانىلار جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانغان. 

1994-يىلنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە بازار رايونى ئىچىدە ناھىيەگە بىۋاستە قاراشلىق دۆلەت ئىگىلىگىدىكى چوڭ كارخانىلاردىن باشقا بازارلىق ھۆكۈمەت باشقۇرىشىدا بىناكارلىق، ئۇمۇملاشقان ئىش قۇشۇش كارخانىسى، مېھمان كۈتۈش، ساراي قاتارلىقلار قۇشۇلغان. 

بۇ بازارنىڭ باشقۇرۇشىدىكى سەيچىلىك كەنتى، باغۋەنچىلىك مەيدانى، شەھەر ئاھالىلىرىنى كۆكتات، مېۋە-چېۋىلەر بىلەن تەمىنلەپ بېرىدۇ. 

قەشقەر-خوتەن قاتناش-تىرانسىپورت بېكىتى بۇ بازارنىڭ تەۋەسىگە جايلاشقان بۇلۇپ، ئاساسلىق قاتناش تۈگۈنى بۇلۇپ قالغان. 

ئىلىم-پەن مەدەنىيەت، مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ناھايىتى تېز بولغان. 

ئازادلىقتىن ئىلگىرى 1933-يىلى قۇرۇلغان "شەنلى مەكتەپ" (ھازىرقى نامى جامە ئالدى باشلانغۇچ مەكتەپ) 1936-يىلى قۇرۇلغان قازان بازىرى مەكتەپ، (ھازىرقى نامى-گەيشاڭ باشلانغۇچ مەكتەپ) بۇلۇپ، 26 سىنىپ بار بۇلۇپ، ئازادلىقتىن كىين مەكتەپلەر سانى كۆپىيىپ، سىنىپ سانى 75 كە، ئوقۇغۇچى سانى 3222 نەپەرگە، ئىشچى-خىزمەتچ سانى 179 نەپەرگە يىتىپ، ناھىيەگە بىۋاستە قاراشلىق ئۈچ ئۇيغۇر ئوتتۇرا مەكتەپ، ئىككى خەنزۇ ئوتتۇرا مەكتەپ قۇرۇلۇپ ئوقۇش يېشىدىكى بالىلارنىڭ مەكتەپكە كىرىش نىسبىتى يىلمۇ-يىل ئاشقان. بۇنىڭدىن باشقا بازارلىق ھۆكۈمەت باشقۇرشىدا ئۈچ بالىلار باغچىسى قۇرۇلغان. 

ناھىيەگە بىۋاستە قاراشلىق بەش كىنوخانا، ناھىيەلىك سەنئەت ئۆمىكى، تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، ناھىيەلىك مەدەنىيەت يۇرتى، رادىيو ئىستانىسىسى، مەدەنىيەت-تەشۋىقات  پائالىيەتلىرى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇپ ھەر مىللەت خەلقىنىڭ مەدەنىيەت تۇرمۇشى جانلاندۇرۇلغان. 

ئازادلىقتىن ئىلگىرى يەكەن بازىرىدا بىر قانچە ئۇيغۇر تېۋىپلەر، بىر كىچىك غەربچە (شىۋېيت) دوختۇرخانىسى بۇلۇپ، داۋالاش ئىشلىرى قىيىن ئىدى. يەكەن بازىرىدا ھازىر ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسى، ناھىيەلىك ئۇيغۇر تىبابەت شىپاخانىسى بولغاندىن باشقا بازارلىق خەلق شىپاخانىسىمۇ قۇرۇلۇپ بىمارلارنىڭ داۋالىنىش ئىشلىرى ئاسانلاشقان. بۇ شىپاخانىدا 100 دىن ئارتۇق كېسەل كارۋىتى، 60 نەپەرىدن ئاتۇق تېببى خادىم ۋە ئىشچى-خىزمەتچىلەر بار.[0] 

يەكەن بازىرىيەكەن بازىرى ۋاكالەت نومۇرى: 653125100. تەۋەلىكىدە 15 مەھەللە، بىر كەنت ئاھالە كومىتېتى بار بۇلۇپ، بۇلار: باغچا ئالدى مەھەللىسى، خانئېرىق مەھەللىسى، سانائەت يولى مەھەللىسى، ھەزىرتىپىر مەھەللىسى، يېڭىشەھەر مەھەللىسى، قۇرۇلۇش يولى مەھەللىسى، قۇمداڭ مەھەللىسى، دوڭگۇەن مەھەللىسى، چىنباغ يولى مەھەللىسى، يار كوچا مەھەللىسى، سارايكۆل مەھەللىسى، باغمەھەللە مەھەللىسى، كۈنچىلىك مەھەللىسى، تۆمۈر غوجا مەھەللىسى، جامە ئالدى مەھەللىسى، سەيچىلىك كەنتى قاتارلىقلار.[1] 

يەكەن بازىرىيەكەن بازىرى دائىرىسىدە مەشھۇر مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىدىن ئالتۇنلۇق مازىرى، جامە مەسچىتى، ئازنا مەسچىت،(40 گۈمبەز) نورۇز دۆڭ، يەكەن چىلتەنلىرىم مازىرى، بەيسى ھاكىم گۈمبىزى قاتالىق جايلار بۇلۇپ، ئۇيغۇر بىناكارلىقىنىڭ بۈيۈك نامايەندىسى سۈپىتىدە ساقلىنىپ كېلۋاتىدۇ. 

 

 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

1.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

2 نومۇر (2 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    50%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    50%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#