خېمىرى ئەۋرىشىم
خېمىرى ئەۋرىشىم جىگەررەڭلىك مەجۇن، تەمى ئازراق تاتلىق. رەئىس ئەزالارنى كۈچلەندۈرۈش،نېرۋىنى تىنچلاندۇرۇش،كۆڭۈلنى خوش قىلىش تەسىرىگە ئىگە.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
خېمىرى ئەۋرىشىم جىگەررەڭلىك مەجۇن، تەمى ئازراق تاتلىق. رەئىس ئەزالارنى كۈچلەندۈرۈش،نېرۋىنى تىنچلاندۇرۇش،كۆڭۈلنى خوش قىلىش تەسىرىگە ئىگە بۇلۇپ پايدىلىق تەرىپى ئىنتايىن كۆپ.
ياسالما شەكلى
مەجۇن
پىلە غوزىكى 50g لاچىندانە 10g
گاۋزىبان 50g قەلەمپۇر 6g
ئۈستقۇددۇس 20g زەپەر خەمىكى 10g
بادرەنجى بۇيا 100g ئارپا بەدىيان 20g
رەيھان 20g زەپەر 1g
بىستىپايەچ 10g ئالما 1000g
دۇرنەج ئەقرەبى 10g كۆمۈش ۋەرەق 10دانە
ئاسارۇن 10g قىزىلگۈل 3g
سازەچ 10g سۇمبۇل 10g
ئۆشنە 20g
ئاساسلىق دورىسى
يۇقۇرىدىكى 19 خىل دورىدىن،پىلە غوزىكى،بادرەنجى بۇيا،ئالمىلارغا سۇ قوشۇپ 2 قېتىم قاينىتىمىز،ھەر قېتىمدا 2سائەتتىن،دورا سۈيىنى بىرلەشتۈرۈپ، سۈزۈپ،سۈزۈلمىنى مۇۋاپىق مىقداردا قۇيۇلدۇرۇپ، 400g شېكەر قوشۇپ ئېرىتىپ قىيام تەييارلايمىز؛ كۆمۈش ۋەرەقتىن باشقا دورىلارنى سوقۇپ يۇمشاق تالقانلاپ،يۇقۇرىدىكى قىيام،كۆمۈش ۋەرەقلەر،چەككىلەنگەن ھەسەل بىلەن تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ، 1000g مەجۇن تەييارلىنىدۇ.
پەرقلەندۈرۈش
دورىدىن 20g ئېلىپ، 20g دىئاتومىد قوشۇپ،ئېزىپ تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ، 50ml ئېتىل ئاتسىتات قوشۇپ،ئۇلتىرا ئاۋاز دولقۇنىدا 20 مىنۇت تۇرغۇزۇپ، سۈزۈپ،سۈزۈلمىنى پارلاندۇرۇپ قۇرۇتۇپ،دورا قالدۇقىغا 1ml ئېتىل ئاتسىتات قوشۇپ ئېرىتىپ،سىناق ئېرىتمىسى تەييارلايمىز.بادرەنجى بۇيە سېلىشتۇرما دورىسىدىن 2g ئېلىپ، 30ml ئېتىل ئاتسىتات قوشۇپ يۇقۇرىقىغا ئوخشاش ئۇسۇلدا سېلىشتۇرۇلىدىغان ئېرىتمىسى تەييارلىنىدۇ.نېپىز قەۋەتلىك رەڭ سىپېكتىر ئۇسۇلى (قوشۇمچە Ⅵ B) سىنىقى تەجرىبىسىگە ئاساسەن،سىناق قىلىنغۇچى دورا ئېرىتمىسىدىن 10µl ، سېلىشتۇرۇلىدىغان دورا ئېرىتمىسىدىن 5µl شۈمۈرۈپ ئېلىپ، نېپىز قەۋەتلىك سىلىكاگىل G لىق تاختا ئۈستىدىكى ئايرىم-ئايرىم نوقتىغا تېمىتىپ، (4∶2∶0.1)تولۇئول-ئېتىل ئاتسىتات-فورمات كىسلاتانى يېيىلدۇرغۇچى قىلىپ يېيىلدۇرۇپ،شامالدىتىپ قۇرۇتۇپ،%5 لىك ۋانىللىن سۇلفات كىسلاتا ئېرىتمىسىنى پۈركۈپ،℃105 لۇق ھارارەتتە داغ توچكىلىرى ئېنىق كۆرۈنگىچە قىزدۇرىمىز. سىناق قىلىنغۇچى دورىنىڭ رەڭ سىپىكتىرىدا، سېلىشتۇرۇلىدىغان دورىنىڭ رەڭ سىپىكتىرىدىكى مۇناسىپ ئورۇندا ئوخشاش رەڭلىك داغ توچكىلىرى كۆرۈنىدۇ.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.