چېڭدى شەھىرى
چېڭدې خېبېي ئۆلكىسىنىڭ شەرقىي شىمالى قىسمىغا، لۇەنخې دەرياسىنىڭ تارماق ئېقىنى ۋۇليې دەرياسىنىڭ بويىغا جايلاشقان داڭلىق ئارامگاھ.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
چېڭدى شەھىرى خېبېي ئۆلكىسىگە قاراشلىق شەھەر بۇلۇپ ،خۇا بېي ۋە خۇادوڭ ئىككى رايۇنىدىكى بىر بەلۋاغ،شىمال ۋە جەنۇبى ئايرىم-ئايرىم ھالدا بېيجىڭ ۋە تىيەن جىنگە تۇتىشىپ تۇرىدۇ.لۇەنخې دەرياسىنىڭ تارماق ئېقىنى ۋۇليې دەرياسىنىڭ بويىغا جايلاشقان داڭلىق ئارامگاھ.
چېڭدىچېڭدې خېبېي ئۆلكىسىنىڭ شەرقىي شىمالى قىسمىغا، لۇەنخې دەرياسىنىڭ تارماق ئېقىنى ۋۇليې دەرياسىنىڭ بويىغا جايلاشقان داڭلىق ئارامگاھ. چىڭ سۇلالىسى كۆپ مىللەتلىك دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى مۇستەھكەملەش، چېگرىنى تىنچلاندۇرۇش ۋە مۇستەھكەملەش ئۈچۈن، كۆپ قېتىم شىمالغا يۈرۈش قىلىش جەريانىدا، بۇ يەردە تاغلارنىڭ كۆپلۈكىنى، ھاۋاسىنىڭ يېقىشلىق ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، 1703-يىلى(كاڭشىنىڭ42-يىلى) دىن تارتىپ بۇ جايدا يازلىق ئارامگاھ سالدۇرۇشقا باشلىغان، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ئارامگاھنىڭ ئەتراپىنى چۆرىدەپ بىرمۇنچە لاما ئىبادەتخانىسىنى( «تاشقى سەككىز بۇتخانا» دەپ ئاتالغان) سالدۇرغان. شۇنىڭ بىلەن، قەسىرلەر ۋە ئىبادەتخانا مۇنارلىرى قەد كۆتۈرگەن. پادىشاھ ھەر يىلى يازدا بۇ يەرگە كېلىپ يازنى ئۆتكۈزگەن، ئوردا ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلغان، ھەر يەر-ھەر يەرلەردىن كەلگەن ئەلچىلەرنى قوبۇل قىلغان، شۇنداق قىلىپ بۇ يەر چىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئىككىنچى سىياسىي مەركىزى بولۇپ قالغان.
چېڭدىچېڭدى شەھىرى ئېلىمىزنىڭ شىمالىدىكى داڭلىق باغ-بوستان مەركەزلەشكەن جايغا ئايلانغان، تا ھازىرغىچە سەنئەت قىممىتىگە ئىگە نۇرغۇن قەدىمىي قۇرۇلۇشلار ساقلانماقتا. مەشھۇرلىرىدىن: يازلىق ئارامگاھ بىلەن تاشقى سەككىز بۇتخانا ئىچىدىن پۇنىڭ بۇتخانىسى، پۇلې بۇتخانىسى، پۇتو بۈزرۈكۋارلار بۇتخانىسى، شۈمى ئۆمۈر تىلەش بۇتخانىسى قاتارلىقلار بار. بۇلاردىن باشقا، قەدىمكى سەددىچىن سېپىلى، ئەنيۈەن بۇتخانىسى، بورېن بۇتخانىسى، شۇشياڭ بۇتخانىسى قاتارلىقلار بار.
.چېڭدىدا ئىككى ئىنىستىتوت بار ئۇنىڭ بىرى چېڭدى ئىنىستىتوتى،يەنە بىرى چېڭدى ساياھەت كەسپى ئىنىستىتوتى
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.