شوربۇلاق بازىرى

شوربۇلاق بازىرى

شوربۇلاق بازىرى شىنجاڭ ئىلى ئوبلاستى كۈنەس ناھىيەسىنىڭ غەرب جەنۇبىغا 39 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان.

ئۇيغۇرچە نامى شوربۇلاق بازىرى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى بازار
يەر مەيدانى 268 كۋادرات كىلومېتىر
كىلىماتى تىپىك مۆتىدىل بەلباغ چوڭ قۇرۇقلۇق يېرىم قۇرغاق كېلىمات
خەنزۇچە ئاتىلىشى 肖尔布拉克镇
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
تەۋە رايون ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى كۈنەس ناھىيەسى
نوپۇسى 21267 ئادەم
پىنيىنچە يېزىلىشى xiāo ěr bù lā kè zhèn

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

شوربۇلاق بازىرىشوربۇلاق بازىرى شىنجاڭ ئىلى ئوبلاستى كۈنەس ناھىيەسىنىڭ غەرب جەنۇبىغا 39 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان. شەرقتە تالدى بازىرى بىلەن قوشنا، غەربىي جامائەت خەۋپسىزلىك دېھقانچىلىق مەيدانى، قارابۇرا يېزىسى، نەسىللىك قوي فېرمىسى بىلەن قوشنا، شىمالىي كۈنەس دەريا قىرغاق بويىغا تۇتاشقان، شەرق تەرىپى 72-تۇەن بىلەن چېگرالىنىدۇ، جەنۇب تەرىپى تەڭرىتاغنىڭ تارمىقى جاۋىر تېغى ۋە تالدى بىلەن قوشنا، غەرىب تەرىپى كۈنەس تۈرمىسى بىلەن قوشنا، شىمال تەرىپى كۈنەس دەرياسى بىلەن قوشنا، بازارنىڭ رايون كۆلىمى 268 كۋادرات كىلومېتىر، 218-دۆلەت يولى بىلەن بولغان ئارىلىقى 14.5 كىلومېتىر، 316-دۆلەت يولى بىلەن بولغان ئارىلىقى 2.5 كىلومېتىر، قاتناش ئىنتايىن قولايلىق. 280 مىڭ مو ئوتلاق، 21 مىڭ مو تېرىلغۇ يەر، 273 نەپەر پارتىيە ئەزاسى بار. بازارغا قاراشلىق ئۈچ ئاھالە كومىتېتى، يەتتە مەمۇرىي كەنت بار، بۇنىڭ ئىچىدە شوربۇلاق يېڭى كەنتى، بازارلىق ھۆكۈمەتنىڭ تۇرۇشلۇق جايى.

شوربۇلاق بازىرىدا قازاق، ئۇيغۇر، خەنزۇ، خۇيزۇ، موڭغۇل، جۇۋاڭزۇ، مىياۋزۇ، تۇجىيا قاتارلىق سەككىز مىللەت ئولتۇراقلاشقان، ئومۇمىي نوپۇسى 21267 ئادەم، بۇنىڭ ئىچىدە ئۆز تەۋەلىكىدىكى نوپۇس 8711 ئادەم.

شوربۇلاق بازىرى دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 802 ~ 1200 مېتىر، يەر تۈزۈلۈشى جەنۇبى ئېگىز، شىمالى پەس، تاغ باغرى، يانتۇ ئېتىز، نەم يار جەنۇبتىن شىمالغا قاراپ تىزىلغان. جۇغراپىيىلىك كوردىناتى شەرقىي مېردىئان ″0′56°82، شىمالىي پاراللېل ″0′26°43، ئىلى دەرياسى ۋادىسىدىكى كەڭ بەلۋاغقا جايلاشقان شوربۇلاق بازىرى، كىلىمات بايلىقى جەھەتتىە ئەۋزەللىككە ئىگە.

شوربۇلاق بازىرىنىڭ كىلىماتى ئىللىق، تۆت پەسىل ئېنىق، كۈن نۇرى يېتەرلىك، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى چوڭ، كىلىماتى تىپىك مۆتىدىل بەلباغ چوڭ قۇرۇقلۇق يېرىم قۇرغاق كېلىمات رايونغا تەۋە. بىر يىلدا كۈن نۇرىنىڭ چۈشۈش ۋاقتى 2900 سائەت، كۈن نۇرىنىڭ چۈشۈش نېسبىتى %62. يىللىق ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ℃9 ~ ℃8.2، قۇتۇپتىكى ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى ℃41.5، قۇتۇپتىكى ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى ℃26.4، يىللىق ھۆل-يېغىن مىقدارى 500 ~ 380 مىللىمېتىرغىچە، قىروسىز مەزگىلى 169 كۈن. تۇپرىقى سېرىق زەي تۇپراق ۋە شور تۇپراق، تېرىلغۇ يەر تۇپرىقى ئاساسلىقى سېرىق زەي تۇپراق. يېپىنچا ئۆسۈملۈكلىرى پەقەت شالاڭ بولغان قومۇش ۋە سۇۋان. تەۋەلىكىدە يىل بويى  غەرب شامىلى ۋە غەربىي شىمال شامىلى چىقىدۇ، شامال كۈچى ئادەتتە 3 ~ 6 بالغىچە، ئۇنىڭدىن قالسا، شەرق شامىلى چىقىدۇ، شامال كۈچى بىر قەدەر كىچىك.

شوربۇلاق بازىرى رايونىدا سۇ، تۇپراق، يورۇقلۇق بايلىقى مول، سېرىق پۇرچاق، بۇغداي، شال، تېرىق، ياغلىق ئاپتاپپەرەس قاتارلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلار كۆپ چىقىدۇ. قېزىلما بايلىقلىرىنىڭ تۈرى كۆپ، كۆمۈر، گىپىس ئاساس قىلىنغان. رايون تەۋەسىدە 100 مىڭ مو   ئېچىپ پايدىلىنىشقا بولىدىغان قومۇشلۇق كۆل بار. قومۇشلۇق كۆل چوڭقۇر قاتلىمىدا ياشاپ كۆپەيگەن ئاق قۇ، ياۋا توشقان، قۇندۇز قاتارلىق 20 نەچچە خىل ياۋايى ھايۋانلار بار، ساياھەت بايلىقىنى ئېچىش يوشۇرۇن كۈچى غايەت زور.

شوربۇلاق بازىرىشوربۇلاق بازىرى كۈنەس ناھىيەسىنىڭ غەربىي رايوننى كەڭ كۆلەمدە ئېچىشتەك تارىخىي پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن، « يېزا–بازارنى تايانچ قىلىش، بىر تۈركۈم ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى مۇۋاپىق بولغان، قاتناش قۇلايلىق، يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە، يېڭىچە يېزا-بازار قۇرۇش » فاڭجېنىغا ئاساسەن، ئۆز رايونىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك مۇقىملىقى ۋە تەرەققىيات ئىستراتېگىيىلىك نىشانى ئۈچۈن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ (يېڭى خەلق رايونى [2001] 060-نومۇرلۇق ھۆججەت) تەستىقى بىلەن يېڭى بازار تەسىس قىلغان.

قاراشلىق رايون ئىچىدە ئىلى ئالاھىدە ھارىقى ھاراق ئېچىتىش باش زاۋۇتى بار، شوربۇلاقتا 3 ھاراق زاۋۇتى قاتارلىق كارخانىلار بار، دۆلەت ئىچى، سىرتىغا داڭلىق بولغان «ھاراق يېزىسى»، بۇنىڭدىن سىرت، يېزا-بازار كارخانىلىرى ۋە مۇلازىمەت كەسپى ناھايىتى تەرەققىي قىلغان، ياغ پىششىقلاپ ئىشلەش، ياغاچ پىششىقلاپ ئىشلەش، يەم-خەشەك پىششىقلاپ ئىشلەش، بىناكارلىق پىششىقلاپ ئىشلەش، خىش ياساش، ماگىزىن، ئاشخانا، مېھمانساراي، تىككۈچىلىك، ھۆسن تۈزەش، چاچ ياساش قاتارلىق يەككە، خۇسۇسىي كارخانىلارنىڭ 170 دىن ئارتۇقى بار. ئىجتىمائىي ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتى ئىچىدە، 2-، 3-كەسىپنىڭ مەھسۇلات قىممىتى %50 تىن ئاشقان. ھەر يىلى سودا ئالاقىسى قىلىشقا كەلگەن ئادەم سانى كۆپ، كۆچمە نوپۇس 4000 دىن ئارتۇق ئادەم.

شوربۇلاق بازىرى قارمىقىدىكى 7 كەنت ئاھالىلەر كومىتېتى: شوربۇلاق كەنتى، شوربۇلاق يېڭى كەنتى، قىزىلجاڭگال كەنتى، قۇمتۆپە كەنتى، قىرىقتاش كەنتى، تاشكۆمەي كەنتى، قاق كەنتى قاتارلىقلار.

شوربۇلاق بازىرى كىشىنى ئەڭ جەلىپ قىلىدىغان غەربىي يۇرت ھاراق مەدەنىيەت مۇزېيى. ھاراق مەدەنىيىتى مۇزېيى ئېچىلغاندىن بۇيان، ساياھەتچىلەر 80 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم قېتىم كۈتىۋېلىنغان، ساياھەت كىرىمى بىر مىليون 200 مىڭ يۈەنگە يەتكەن. ساياھەتچىلەر تېخىمۇ روشەن كۆپەيگەن.

شوربۇلاق بازىرىۋىلايەتتىكى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ كەسىپ ئىستىلىنى تۈزەش ۋە باھالاش خىزمىتىگە پائال قاتناشقان، كۆپ مىقداردا مەبلەغ سالغان، سانائەت ساياھەت رايونى ئىچىدىكى ئەسلىھەلىرىنى ئۆزگەرتىش، كېڭەيتكەن. «1-ماي» مەزگىلىدە، ھاراق مەدەنىيىتى مۇزېيى، شىنجاڭدىكى نۇرغۇن ساياھەت كوپىراتىپى تەرىپىدىن، ساياھەت لىنىيىسى مەنزىرە نۇقتىلىرىنىڭ بىرى قىلىپ بېكىتىلگەن، ھەر كۈنىدىكى ساياھەتچىلەر مىقدارى 500 دىن ئارتۇق ئادەم (قېتىم) كۈتۈۋېلىنغان.

2007-يىلى، شوربۇلاق ھاراقچىلىق سانائىتى ساياھەت باغچىسى، «مەملىكەت بويىچە سانائەت ساياھەتچىلىكى ئۈلگە نۇقتىسى» بولغاندىن بۇيان، ھەر يىلى زور مىقداردا مەبلەغ سالغان، ساياھەتچىلەرگە ھەر قېتىم كەلگەندە پۈتۈنلەي يېڭى تۇيغۇ ئاتا قىلغان.

2008-يىلى، شوربۇلاق ھاراقچىلىق سانائەت ساياھەت رايونى شىنجاڭنىڭ سانائەت، ساياھەت AAA دەرىجىلىك مەنزىرە رايونىنىڭ بىرى بولغان، كېيىنكى قەدەمدە مەنزىرە رايونى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، دۆلەتنىڭ AAAA دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى بەرپا قىلىشنى پىلانلىغان.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#