قۇيرۇقلۇق يۇلتۇز

قۇيرۇقلۇق يۇلتۇز

 قۇيرۇقلۇق يۇلتۇز سوزۇنچاق ئوربىتىدا قۇياش ئەتراپىنى ئايلىنىپ ھەرىكەت 

قىلىدىغان، ماسسىسى ئىنتايىن كىچىك، ھەجىمى ناھايىتى چوڭ، تاشقى        قىياپىتى تومانسىمان ئاسمان جىسىمىدىن ئىبارەت. 

ئۇيغۇرچە نامى قۇيرۇقلۇق يۇلتۇز
چەتئەلچە نامى Comet
تۈرى ئاسمان جىسىملىرى
خەنزۇچە نامى 彗星
يەنە بىر خىل نامى سۈپۈرگە يۇلتۇز
ئوربىتا يانتۇلۇق بۇلۇڭى ئېللىپس شەكلىدە، پارابولا شەكلىدە، قوش ئەگرى سىزىقلىق شەكلىدە

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

قۇيرۇقلۇق يۇلتۇزقۇيرۇقلۇق يۇلتۇز- كومېتا يادروسى،گاز قاپلىمى ۋە كومېتا قۇيرۇقىدىن تۈزۈلگەن. كومېتا قۇياشقا يېقىنلاشقان چاغلاردا، كومېتا يادروسىدىكى مۇز ماددىلىرى سۇبلىماتسىيىلىنىپ گازلارغا ئايلىنىدۇ ۋە كومېتا يادروسى ئەتراپىدا تۇمانسىمان ھالەتتىكى گاز قاپلىمىنى شەكىللەندۈرىدۇ. گاز قاپلىمىدىكى گاز بىلەن مىكرو چاڭلار قوياش بورىنى تەرىپىدىن ئىتتىرىلىپ، كومېتىنىڭ قۇياشقا يۈزلەنمىگەن تەرىپىدە ناھايىتى ئۇزۇن بىر كومېتا قۇيرۇقى شەكىللىنىدۇ؛ كومېتا قۇياشتىن يىراقلاپ كەتكەندە، كومېتا قۇيرىقى قىسقىراپ يوقىلىپ كىتىدۇ. ھازىر كىشىلەر بايقىغان كومېتىلار 1600 دىن كۆپرەك بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ھالىلىي كومېتىسى ھەممىدىن مەشھۇر، ئۇنىڭ ئايلىنىش دەۋرى 76 يىل. 

 قۇيرۇقلۇق يۇلتۇز ( كومېتا ) ئوربىتىسى ئېللىپس شەكلىدە، پارابولا شەكلىدە، قوش ئەگرى سىزىقتىن ئىبارەت ئۈچ خىل بولىدۇ. 

قۇيرۇقلۇق يۇلتۇز كومېتا مۇقىم ھەجىمى يوق، ئۇ قۇياشتىن يىراقلاشقان ۋاقىتتا، ھەجىمى ناھايىتى كىچىك؛ قۇياشقا يېقىنلاشقاندا، قۇيرۇقلۇق يۇلتۇز بارغانچە چوڭىيىدۇ، كومېتا قۇيرۇقى ئۇزىرايدۇ، ھەجىمى ناھايىتى زور چوڭىيىدۇ. كومېتا قۇيرۇقى ئەڭ ئۇزۇن يولغاندا 2 مىليون مېتىردىن كۆپ،  قۇيرۇقلۇق يۇلتۇز ( كومېتا ) سۈپىتى ئىنتايىن كىچىك.

قۇيرۇقلۇق يۇلتۇز كومېتا قۇيرۇقى گاز ۋە چاڭ - توزاندىن تەركىب تاپقان؛ تۆت دانە بىرلەشكەن ئېففېكتى ئۇنى كومىتاغا پۈۋلەپ چىقىرىپ بېرىدۇ :

 ( 1 ) گاز ۋە بىرلەشكەن چاڭ - توزان بۇ قۇيرۇقلۇق يۇلتۇز يادروسىدا يۇقىرى پارلىنىش ئېلىپ بارغان دەسلەپكى ھەرىكەت مىقدارى. 

 ( 2 ) قۇياش نۇرىنىڭ رادىئاتسىيە بېسىمى چاڭ- توزاننى قۇياشقا ئىتتىرىشى. 

 ( 3 ) قۇياش شامىلى بۇ زەرەتلىك زەررىچىنى پۈۋلەپ قۇياشتىن ئايرىپ چىقىرىپ بېرىدۇ. 

 ( 4 ) قۇياشنىڭ يۆنىلىش ئالەملىك تارتىشىش كۈچىنى تارتىش كۈچىگە ئىگە. 

 بۇ ئېففېكتىنىڭ ئۆزئارا تەسىرى ھەربىر كومېتا قۇيرۇقىغا قارىغاندا ئوخشاش بولمايدۇ. ئەلۋەتتە، ماددىي پارلىنىش، قۇيرۇقلۇق يۇلتۇز چېچى ۋە قۇيرۇقلۇق يۇلتۇز قۇيرۇقىغا بېرىپ، كومېتا يادروسى ماددىلار سەرپىياتى خوراش ئارقىلىق بەزىدە  پارتىلاش شەكلىدە پەيدا بۇلىدۇ، بىراكو كومېتاسى ئەنە شۇلارنىڭ بىرى؛ 1846-يىلى قۇياشتىن ئۆتكەن ۋاقىتتا ئىككىگە ئايرىلغان، 1852-يىلى، پۈتۈنلەي يوقاپ كەتكەن.

قۇيرۇقلۇق يۇلتۇز قۇيرۇقلۇق يۇلتۇزنىڭ يەر شارىغا سوقۇلۇش ئېھتىماللىقى مەۋجۇت. بىراق بۇنىڭدىن ئەندىشە قىلمىساقمۇ بولىدۇ، چۈنكى قۇيرۇقلۇق يۇلتۇزنىڭ يەر شارىغا سوقۇلۇش ئېھتىماللىقى بەكمۇ ئار. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئالىملارمۇ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىدۇ. قۇيرۇقلۇق يۇلتۇز ياكى كىچىك سەييارىنىڭ يەر شارىغا يېقىنلاپ كېلىۋاتقانلىقى بايقالغان ھامان، ئالىملار يادرو بومبىسى ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئۇچار كېمە قويۇپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئايلىنىش ئوربىتىسىنى ئۆزگەرتىپ، بۇ ئارقىلىق يەر شارىغا سوقۇلۇشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

قۇيرۇقلۇق يۇلتۇز1994-يىلى «سۇمېك-لېۋى-9» ناملىق قۇيرۇقلۇق يۇلتۇز يۇپىتېرغا سوقۇلدى، قۇيرۇقلۇق يۇلتۇزنىڭ 21 دانە پارچىسى بىر رەت بولۇپ، بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى يۇپىتېرغا سوقۇلۇپ، يۇپىتېردا ئىككى يېرىم يەر شارى سىغقۇدەك غايەت چوڭ قارا داغ ھاسىل قىلدى.

ئەمەلىيەتتە، قۇيرۇقلۇق يۇلتۇز ئىلگىرى ھەقىقەتەن يەر شارىغىمۇ قەدەم تەشرىپ قىلغان. 1910-يىلىنىڭ بېشىدا، دۇنيادىكى ھەر قايسى چوڭ گېزىتلەرنىڭ ھەممىسى كىشىنى ساراسىمىگە سالىدىغان مۇنداق بىر خەۋەرنى باستى: يەر شارى 5-ئاينىڭ 19-كۈنى ھاللېي قۇيرۇقلۇق يۇلتۇزى بىلەن ئۆز ئارا سوقۇلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن كىشىلەر «ئاخىر زامان» بولىدىغان ئوخشايدۇ دەپ قاراشتى. 5-ئاينىڭ 19-كۈنى ئاخىر يېتىپ كەلدى، كىشىلەر ھېچقانداق غەيرىي ئەھۋاللارنى بايقىمىدى، يەر شارى ھاللېي قۇيرۇقلۇق يۇلتۇزىنىڭ يوغان قۇيرۇقىدىن ساق-سالامەت ئۆتۈپ كەتتى. ئەسلىدە قۇيرۇقلۇق يۇلتۇزنىڭ قۇيرۇقى ئىنتايىن شالاڭ گازدىن تەشكىل تاپقان، ئۇ يەر شارىغا تېگىپ ئۆتكەندە ئۇنىڭغا نىسبەتەن ئېنىق تەسىر كۆرسەتمەيدۇ. 1908-يىلى غايەت زور بىر ئوت شارى سىبىرىيىنىڭ تۇڭگۇس دېگەن يېرىنىڭ ئاسمىنىدا پارتلىغان، بەزى ئالىملار بۇ قېتىمقى پارتلاشنى قۇيرۇقلۇق يۇلتۇزنىڭ يەر شارىغا سوقۇلۇشى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇشى مۇمكىن، دەپ پەرەز قىلىشىدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

4 نومۇر (2 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    50%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    50%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#