ئودېر دەرياسى

ئودېر دەرياسى ياۋروپانىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى دەريا. 

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ياۋروپانىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى دەريا. باش مەنبەسى چېخوسلوۋاكىيىنىڭ شىمالىدىكى ئودېر تاغلىرىدىن باشلىنىپ، پولشىنىڭ غەربىي جەنۇبىنى بېسىپ ئۆتۈپ، سول تەرەپتىن ئېقىپ كېلىدىغان نىس دەرياسىنى ئۆزىگە قوشقاندىن كېيىن شىمالغا قاراپ پولشا، گېرمانىيىنىڭ چېرگرىسىنى بويلاپ ئېقىپ، بالتىق دېڭىزىنىڭ شېتسىن قولتۇقىغا قۇيۇلىدۇ. ئۇزۇنلۇقى 903 كىلومېتىرغا يېتىدۇ، كۆلىمى 125 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. 

بۇ دەريانىڭ ۋارتا، نىس، نىس-كفوژكا قاتارلىق تارماقلىرى بار. دەريا بويىدا ئوسسىتراۋا(چېخ) ، ئوپولى، بروتسلاۋ، شېتسىن(پولشا) ، فرانكفۇرت(گېرمانىيە) قاتارلىق پورتلار بار.

 دەريانىڭ سۇ قاتنىشى تەرەققىي قىلغان، پولشىنىڭ كورلې شەھىرىدىن باشلاپ دەريا پاراخوتلىرى قاتنىيالايدۇ. ئودېرا دەرياسىدىن ئېلبا، ۋىسۋا دەريالىرىنىڭ تارماقلىرىغا تۇتاشتۇرۇلغان قاناللارمۇ بار. 



ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#