پېي خۇيلىن

پېي خۇيلىن

 پېي خۇيلىن مىلادىيە 737-يىلى قەشقەر دە تۇغۇلغان. مەشھۇر بۇددا دىنى ئۆلىماسى، تەرجىمىشۇناس. ئۇ بۇددا دىنى تەلىماتلىرىنى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككە تۇنۇشتۇرغان غەربىي دىيارلىق ئۈچ نامايەندىنىڭ بىرى.

ئۇيغۇرچە ئىسمى پېي خۇيلىن
تۇغۇلغان ۋاقتى 737-يىلى
يۇرتى قەشقەر
خەنزۇچە ئاتىلىشى 裴惠琳
ۋەكىللىك ئەسىرى بارچە نوملارنىڭ شەرھىيىسى
كەسپى تەرجىمىشۇناس

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

مەشھۇر بۇددا دىنى ئۆلىماسى، تەرجىمىشۇناس پېي خۇيلىن مىلادىيە 737-يىلى قەشقەر دە تۇغۇلغان. ئۇ بۇددا دىنى تەلىماتلىرىنى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككە تۇنۇشتۇرغان غەربىي دىيارلىق ئۈچ نامايەندىنىڭ بىرى.

پېي خۇيلىن قەشقەردە نەچچە ئەسىر ھۆكۈم سۈرگەن خان جەمەتىنىڭ پۇشتى. ئۇ ياشىغان دەۋىردىكى قەشقەر سىياسى، ئىقتىساد، مەدەنىيەت ۋە بۇددىزم مەركەزلىرىنىڭ بىر بولۇپ، ئىلىمىي مۇئەسسە، بىلىم يۇرتى ۋە ساڭرام–ئىبادەتخانىلىرىنىڭ كۆپ ۋە قۇرۇلۇشلىرىنىڭ گۈزەل، ھەيۋەتلىكلىكى بىلەن بۇددزىم دۇنياسىدا مەشھۇر ئىدى. ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە شەر ئەللىرىدىن كېلىدىغان تەلەبە ئىلىملەر قەشقەردىكى بۇددا مۇتەپەككۇرلىرى، ئالىملىرىدىن ساۋاق ئالاتتى. مۇشۇنداق ئىلىمىي مۇھىتتا ئۆسۈپ يېتىلگەن پېي خۇيلىن قەشقەردىكى ئالىي ئىبادەتخانىلاردا ئىخلاس بىلەن ئىستىقامەت قىلىپ، ئىجتىھات بىلەن ئىلىم تەھسىل قىلغان. زامانىسىنىڭ دىنى تىلى بولغان ئەنەتكەك تىلىنى پۇختا ۋە سېستىمىلىق ئۆگىنىپ، كۆپ تىل بىلىدىغان ئالىملاردىن بولۇپ يىتىشكەن. ئۇ قەشقەردە بۇددىزم نوم–سۇترىلىرىنى توغرا ۋە چوڭقۇر تەپسىر قىلىش، جانلىق ۋە ئەتراپلىق شەرھلەش، شۇنداقلا ناتىقلىق تالانتى بىلەن شۆھرەت قازانغان.

ئۆز زامانىسىدا بۇددا دىنىنىڭ نوم- سۇترىلىرىنى كۆچۈرۈش، تەرجىمە قىلىپ تارقىتىش، بۇددىستلار نېرۋاناغا ئېرىشىدىغان يەنى يوقلۇق ئالىمىدىن مەڭگۈ بارلىق ئالىمىگە ئۆتىدىغان ساۋابلارنىڭ ئەڭ ئەۋزىلى ۋە ئاۋۋىلى سانالغاچقا، ئۆزىنىڭ ئانا تىلىدىن باشقا، نوم-سۇترا تىلىغا ماھىر پېي خۇيلىن بۇددىزمنىڭ ئەۋزىلى سانالغان ماھايانا نەزەرىيەلىرىنى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككە كېڭەيتىش نىيىتىدە ساۋاب ئىزدەپ خەنزۇ تىل-يېزىقىنى ئۆگەنگەن ۋە نوم-سۇترىلارنى تەرجىمە قىلالايدىغان سەۋىيەگە يېتىپ، نېرۋاناغا ئېرىشىش سەپىرىنى باشلاپ، 52 يېشىدا بۈيۈك تاڭ دۆلىتىنىڭ پايتەختى چاڭئەندىكى مەشھۇر شىمىڭسى («西明寺) ئىبادەتخانىسىدا «بارچە نوملارنىڭ شەرھىيىسى» ناملىق 100 جىلىدلىق مەشھۇر ئەسەرنى يېزىپ مىلادىيە 801-يىلى تاماملانغان.

پېي خۇيلىنئالىمنىڭ «بارچە نوملارنىڭ شەرھىيسى»  (一切经音义) ناملىق بۇ كاتتا ئەسىرى بۇددىزمنىڭ ماھايانا مەزھىپىنىڭ تۈپ نەزەرىيەۋى ئاساسلىرى شەرھىلەنگەن «ماخاپخارا تاپارامىتا سۇترا» دىن باشلىنىپ، بۇددىزمنىڭ پاك ئەخلاق قارىشى ۋە بۇددا قانۇنىنى قوغداش تەشەببۇس قىلىنىدىغان سۇترىدا ئاياغلاشقان. بۇ كاتتا ئەسەردە بۇددىزم نوم–سۇترىلىرىنىڭ تاۋۇش مەنىلىرى كەڭ ۋە چوڭقۇر شەرھىلەنگەندىن تاشقىرىي، نوم–سۇترىلارنى ئوقۇش قائىدىلىرى تىلشۇناسلىق نۇقتىسىدىن چۈشەندۈرۈلگەن. بۇ ئەسەردە 5480 جىلد نوم شەرھىلەنگەن. ئەمما، ئۇ بۇددا ئەھكاملىرىنى شەرھىلەيدىغان دىنىي دەستۇرلار بولۇپلا قالماي، ئۇنىڭغا مۇتەپەككۇر پېي خۇيلىننىڭ پەلسەپىۋى پىكىرلىرى، ئىجتىمائىي قاراشلىرى چوڭقۇر سىڭدۈرۈلگەن.

ئەسەردە يەنە غەربىي دىيارنىڭ تارىخ–جۇغراپىيەسى، ئەدەبىيات ۋە فولكلور، كان ۋە دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىغا ئائىت نۇرغۇن قىممەتلىك مەلۇمات ۋە ئۇچۇرلىرى بار.

بۇ ئەسەر ئالىمنىڭ زامانداشلىرى ۋە كېيىنكىلەر تەرىپىدىن، «تەڭداشسىز ئەسەر» دەپ ماختالغان ۋە ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككە كەڭ تارقىلىپ شۆھرەت تېپىپ، تاكى چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىغىچە بۇددىزم ئۆلىمالىرى تەرىپىدىن ئەتىۋارلانغان. ئۆز زامانىسىدىلا كورېيە، ياپۇنىيە ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى خەنزۇچە تىل–يېزىقىنى قوللىنىلىدىغان مىللەتلەرگە كەڭ تارقالغان.

بۈيۈك بۇددا مۇتەپەككۇرى، مەدەنىيەت ئەلچىسى پېي خۇيلىن بۇ كاتتا ئەسىردە قەشقەرنى جيا شىجىلى «伽师佶黎» دەپ تىرانسكرىپسىيە قىلىپ، ئۆزى ياشىغان دەۋىردىكى قەشقەرنىڭ خەلق تىلىدىكى نامىدىن خەۋەر بەرگەن.

 


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#