سىنىك
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
سىنىكسىنىكنى مۇۋاپىق تولۇقلىمىغاندا سىنىكتىن زەھەرلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بەدەندىكى سىنىكنىڭ بەك كۆپ بولۇشى تۆمۈر ۋە مىسنىڭ سۈمۈرۈلۈشىنى تورمۇلاپ، تۆمۈر كەملىك، مىس كەملىك كېسىلى كېلىپ چىقىدۇ. شۇنداقلا بەدەندىكى مىسنىڭ كەمچىللىكى تۆمۈرنىڭ كەملىكىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىپ، ئەڭ ئاخىرى تۆمۈر يېتىشمەسلىك خاراكتېرلىك قان ئازلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ھەتتا مېڭە ئىقتىدارى زەخىمگە ئۇچراپ ئەقلىي ئىقتىدارىنىڭ يېتىلىشى ئاستا بولۇش ياكى ئەقلىي ئىقتىدارى زىيانغا ئۇچراشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. سۇ سەۋەبتىن سىنىك ئازلىقنىڭ ئىپادىلىرى كۆرۈلسە دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە سىنىك تولۇقلاپ داۋالاش، ھەرگىزمۇ خالىغانچە دورا ئېلىپ قارىغۇلارچە ئۇزۇن مەزگىل سىنىك تولۇقلىماسلىق كېرەك.
سىنك بولسا ئادەم بەدىنىدىكى ئېنزىملارنى تەشكىل قىلغۇچىلارنىڭ بىرى، ھامىلىدار ئاياللارنىڭ فىزىئولوگىيىلىك ئىقتىدارىنى ساقلاشتا ئوخشاش بولمىغان رولغا ئىگە بولۇپلا قالماي، بوشىنىش جەريانىدا، يەنە سەل قارىغىلى بولمايدىغان رولغا ئىگە. يېقىنقى يىللاردىكى تەتقىقاتلاردا بايقىلىشىچە، سىنك بىرخىل پايدىلىق ئېلېمېنت ئىكەن، ئاياللارنىڭ ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى قاندىكى سىنكنىڭ قويۇقلۇق دەرىجىسىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەنلىكى ئارقىلىق كېيىنكى بوشىنىش شەكلىگە ھۆكۈم قىلغىلى بولىدۇ. بەزى كىشىلەر بىر تۈركۈم ھامىلىدار ئاياللارنىڭ قان تەركىبىدىكى سىنك قويۇقلۇقىنى تەكشۈرگەن ھەم بوشىنىش ئۇسۇلىغا قارىتا سېلىشتۇرۇپ تەتقىقات ئېلىپ بارغان. ئاقىۋەتتە، تەبىئىي بوشانغان تۇغۇتلۇق ئاياللارنىڭ ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى قاندىكى سىنكنىڭ قويۇقلۇق دەرىجىسىنىڭ ئوتتۇرىسى ئەڭ يۇقىرى، تۇغۇت قىسقۇچى ئارقىلىق تۇغقان ئاياللارنىڭ بولسا تۆۋەن، ئوپېراتسىيە ئارقىلىق تۇغقان ئاياللارنىڭ بولسا ئەڭ تۆۋەن چىققان. سىنكنىڭ ئادەم بەدىنىدىكى ئومۇمىي مىقدارى ئۈچ گرامدىن ئېشىپ كەتمەيدۇ، بوشانغان ۋاقىتتىكى تەسىرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئاساسلىقى بالىياتقۇنىڭ تارىيىشىغا تەسىر يېتىدۇ. سىنك بالىياتقۇ ھۈجەيرىلىرىدىكى مۇناسىۋەتلىك ئېنزىملارنىڭ پائالىيەتچانلىقىنى كۈچەيتىپ، مۇسكۇل ھۈجەيرىلىرىنىڭ تارىيىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ھامىلە بالىياتقۇدىن چىقىدۇ، شۇڭا ھامىلىدار ئاياللاردا سىنك كام بولسا، بالىياتقۇنىڭ تارىيىش ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ، قىيىن تۇغۇت ۋە تۇغۇتتىن كېيىن كۆپ قان كېلىش قاتارلىق ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.