بالا ھەمرىيىنىڭ ئالدىن كۆرىنىشى

بالا ھەمرىيىنىڭ ئالدىن كۆرىنىشى

بالا ھەمرىيىنىڭ ئالدىن كۆرىنىشى ___ كىلىنكىدا جىنسىي يولدىن قان كېلىش، تۇغۇتتىن كېيىنكى قاناش، ھامىلىنىڭ بالىياتقۇدا يېتىش ھالىتى توغرا بولماسلىق قاتارلىقلار بىلەن ئىپادىلىنىدىغان شەكىل بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىك. 

ئۇيغۇرچە نامى بالا ھەمرىيىنىڭ ئالدىن كۆرىنىشى
ئىنگىلىزچە نامى placentalpresentation
خەنزۇچە نامى 前置胎盘
كېسەللىك ئورنى بالياتقۇ

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

بالا ھەمرىيىنىڭ ئالدىن كۆرىنىشىبالا ھەمرىيىنىڭ ئالدىن كۆرىنىشى ___ ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، بالا ھەمرىيىنىڭ بىرقىسمى ياكى ھەممىسى بالىياتقۇنىڭ ئالدىنقى تەرىپىگە ئورۇنلىشىپ، بالىياتقۇ ئېغىزىنى قىسمەن ياكى پۈتۈنلەي يېپىپ تۇرۇش بىلەن كىلىنكىدا جىنسىي يولدىن قان كېلىش، تۇغۇتتىن كېيىنكى قاناش، ھامىلىنىڭ بالىياتقۇدا يېتىش ھالىتى توغرا بولماسلىق قاتارلىقلار بىلەن ئىپادىلىنىدىغان شەكىل بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىك. نورمالنى ھالەتتە بالا ھەمرىيى بالىياتقۇ تېنىنىڭ ئالدى ياكى ئارقا دىۋارىغا چاپلىشىپ تۇرىدۇ.

پىلانلىق تۇغۇتنى يولغا قويۇش، چىللە ۋە ھەيز مەزگىلىدىكى تازلىققا دىققەت قىلىش، بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسىنىڭ زەخمىلىنىشى ياكى ياللۇغلىنىشى قاتارلىقلاردىن ساقلىنىش ئۈچۈن، تۇغۇتتىن كېيىن ياكى سۈنئىي ئۇسۇلدا بالا ئالدۇرۇۋەتكەندىن كېيىن، يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، بالىياتقۇنى قىرىش ياكى بالىياتقۇ بوشلىقى ئوپىراتسىيىنى كۆپ قېتىم ئىشلەشتىن ساقلىنىش، ھامىلىدارلىقنىڭ ئاخىرقى مەزگىلدە قاناش يۈز بەرگۈچىلەر ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا بېرىپ كۆرىنىپ، بالدۇر دىئاگنوز قويۇش، توغرا بىر تەرەپ قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

بالا ھەمرىيىنىڭ ئالدىن كۆرىنىشى1.بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسىدىكى قان ئايلىنىش يېتەرسىز بولۇش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ. كۆپ تۇغۇش، بالىياتقۇنى كۆپ قىرىش، كۆپ قېتىم ھامىلىنى ئالدۇرۇۋېتىش، يۇقۇملىنىش، بالىياتقۇ ئۆسمىسى قاتارلىقلار بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسىنى زەخمىلەندۈرۈپ، ئۇنىڭ ياللۇغلىنىشى ۋە قان بىلەن تەمىنلىنىش يېتەرسىزلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. نەتىجىدە بالا ھەمرىيى يېتەرلىك ئوزۇقلۇق قوبۇل قىلىش ئۈچۈن، يۈزى كېڭىيىپ بالىياتقۇ تۆۋەن بۆلىكىگىچە سوزۇلۇپ كېلىپ، ئالدىغا ئورۇنلاشقان بالا ھەمرىيىنى شەكىللەندۈرىدۇ.

2. ئۇرۇقلانغان تۇخۇمنىڭ يېتىلىشى كېچىكىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ. ئورۇقلانغان تۇخۇم بالىياتقۇ بوشلىقىغا كەلگەندە ئۇنىڭ ئوزۇقلاندۇرغۇچى قەۋىتى يېتىلمەي، ئورۇنلىشىش ئىقتدارىغا ئىگە بولمىغان بولسا، داۋاملىق تۆۋەنلەپ، بالىياتقۇنىڭ تۆۋەنكى قىسمىغا ئورۇنلىشىپ، ئالدىغا ئورۇنلاشقان بالا ھەمرىيىنى شەكىللەندۈرىدۇ.

3. بالا ھەمرىيى يۈزى بەك چوڭ بولۇش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ. كۆپ كېزەكلىك ھامىلە، زور ھامىلە كۆپرەك قان بىلەن تەمىنلىنىشكە ئېھتىياجلىق بولغاچقا، بالا ھەمرىيىنىڭ يۈزى ئۇنىڭغا ماس ھالدا چوڭىيىپ، بالىياتقۇنىڭ تۆۋەنكى بۆلىكىگە سوزۇلۇپ، ئالدىغا ئورۇنلاشقان بالا ھەمرىيىنى شەكىللەندۈرىدۇ. 

بالا ھەمرىيى قىرى بىلەن بالىياتقۇ بوينى ئېغىزىنىڭ بىر سانتىمېتىر كېڭەيگەن ۋاقتىدىكى مۇناسىۋىتىگە ئاساسەن، ئالدىغا ئورۇنلاشقان بالا ھەمرىيى تۆۋەندىكى ئۈچ تۈرگە بۆلىنىدۇ.

1. مەركەز خاراكتېرلىك بالا ھەمرىيىنىڭ ئالدىن ئورۇنلىشىشى (بالا ھەمرىيىنىڭ تولۇق ھالدا ئالدىغا ئورۇنلىشىشى) بۇنىڭدا بالىياتقۇ بوينى ئىچكى ئېغىزى پۈتۈنلەي بالا ھەمرىيى توقۇلمىسى بىلەن يېپىلىپ قالغان بولىدۇ.

2. قىسمەن ئالدىغا ئورۇنلاشقان بالا ھەمرىيى بۇنىڭدا بالىياتقۇ بوينى ئىچكى ئېغىزىنىڭ بىر قىسمىلا بالا ھەمرىيى توقۇلمىسى بىلەن يېپىلىپ قالىدۇ.

3.گىرۋەك خاراكتېرلىك ئالدىغا ئورۇنلاشقان بالا ھەمرىيى. بۇنىڭدا بالا ھەمرىيى بالىياتقۇنىڭ تۆۋەنكى بۆلىكىگە چاپلاشقان بولۇپ، ئۇنىڭ قىرى بالىياتقۇ بويۇن ئىچكى ئېغىزىدىن ئېشىپ كەتمەيدۇ.

بالا ھەمرىيىنىڭ ئالدىن كۆرىنىشىبالا ھەمرىيىنىڭ ئالدىغا ئورۇنلىشىشىدا تۆۋەندىكىدەك ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.

1. جىنسىي يولدىن ئاغرىتماي قان كېلىش. ھامىلىدارلىقنىڭ ئاخىرقى مەزگىلى ياكى تۇغۇت باشلانغاندىن كېيىن، جىنسىي يولدىن ئاغرىمايلا تەكرار قان كېلىش-ئالدىغا ئورۇنلاشقان بالا ھەمرىيىنىڭ مۇھىم ئالامىتىدۇر. سىرتقا چىققان قان مىقدارى بىلەن قان ئازلىق دەرىجىسى ئوڭ تاناسىپ بولىدۇ. ھامىلىدارلىقنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە بالىياتقۇ تەرتىپسىز قىسقىراپ، تۆۋەنكى بۆلىكى تەدرىجى كېڭىيىپ، بالىياتقۇ بوينى كانىلى يوقىلىپ، بالىياتقۇ بوينى ئېغىزى كېڭىيىدۇ. ئەمما بالىياتقۇنىڭ تۆۋەنكى بۆلىكىگە ياكى بالىياتقۇ بوينى ئىچكى ئېغىز چاپلىشىپ تۇرغان بالا ھەمرىيى مۇناسىپ ھالدا كېڭىيەلمەي، ئورنى سىلجىپ، سۇيۇلۇپ قانايدۇ. سۇيۇلغان ئورۇندىكى قان ئۇيۇپ قالسا، قان ۋاقتىنچە توختاپ قىلىشىمۇ مۇمكىن. ئەگەر بالىياتقۇنىڭ تۆۋەنكى بۆلىكى يەنىمۇ كېڭەيسە، بالا ھەمرىيىنىڭ سويۇلغان يۈزى كېڭىيىپ، قاناش قايتا يۈز بېرىدۇ. قاناش يۈز بېرىش ۋاقتى ۋە قاننىڭ ئاز-كۆپلىكى بالا ھەمرىيىنىڭ ئالدىغا ئورۇنلىشىش تىپى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. مەسىلەن، بالا ھەمرىيىنىڭ پۈتۈنلەي ئالدىغا ئورۇنلىشىش تىپىدا قاناشنىڭ يۈز بېرىش ۋاقتى بۇرۇنراق بولىدۇ. ئادەتتە ھامىلىدارلىقنىڭ 28-ھەپتىسى ئەتراپىدا بولۇپ، بىرىنچى قېتىمدىلا كۆپلەپ قان كېلىپ، شۇك كېلىپ چىقىدۇ. بالا ھەمرىيىنىڭ گىرۋىكى ئالدىغا ئورۇنلىشىش تىپىدا قاناش يۈز بېرىش ۋاقتى كېيىنرەك بولۇپ، كۆپىنچىسىدە تۇغۇلۇشنىڭ ئالدى-كەينىدە قانايدۇ، قان مىقدارىمۇ ئازراق بولىدۇ. بالا ھەمرىيىنىڭ قىسمەن ئالدىغا ئورۇنلىشىش تىپىدا قاناشنىڭ يۈز بېرىشى يۇقىرىقى ئىككى تىپنىڭ ئارىسىدىراق بولۇپ، ئەگەر ھامىلە قېپى يىرتىلغاندىن كېيىن، ھامىلە بېشى تېزلىكتە تۆۋەنلەپ، بالا ھەمرىيىنى باسسا، قان ۋاقتىنچە توختاپ قېلىشىمۇ مۇمكىن. 2. ھامىلىنىڭ بالىياتقۇدا يېتىش ھالىتى توغرا بولماسلىق. بالا ھەمرىيى بالىياتقۇنىڭ تۆۋەنكى قىسمىغا يېپىشىپ تۇرغانلىقتىن، ئالدىن كېلىش قىسمى ئوڭايلىق بىلەن داس بوشلىقىغا كىرەلمەي، ھامىلە بېشىنىڭ ئىگىزدە لەيلەپ تۇرۇش، ساغرا بىلەن كېلىش، توغرا كېلىش ھالەتلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

3. تۇغۇتتىن كېيىنكى قاناش. تۇغۇتتىن كېيىن بالىياتقۇنىڭ تۆۋەنكى قىسمىنىڭ قىسقىرىشى ئاجىز بولغانلىقتىن)بالىياتقۇنىڭ تۆۋەنكى قىسمى نېپىز، قان−تومۇرلىرى كۆپ بولغانلىقتىن( يېنىك زەخمىلەنگەندىمۇ ئېغىر دەرىجىدە قاناشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

4. يۇقۇملىنىش. بالا ھەمرىيىنىڭ ئاجرىغان قىسمى بالىياتقۇ بوينى سىرتقى ئېغىزىغا يېقىن بولغانلىقتىن، جاراسىملار ئاسانلا جىنسىي يول ئارقىلىق يۇقۇملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

5. تەكرار قاناش ۋە بالدۇر تۇغۇش. قاناش ۋە تۇغۇت مەزگىلىدە بالا ھەمرىيىنىڭ ئالدىن ئورۇنلىشىش قىسمى بېسىمغا ئۇچراش سەۋەبىدىن ھامىلىگە ئوكسىگىن يېتىشمەي، تۇنجۇقۇش ياكى ئۆلۈپ قېلىش كېلىپ چىقىدۇ.

كىلىنكىلىق ئالامىتى ۋە ئاياللار بۆلۈمىدە تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسەن دىئاگنوز قويىلىدۇ. بىماردا جىنسىي يولدىن ئاغرىتماي قان كېلىش، تۇغۇتتىن كېيىن قاناش، تەكرار قاناش ۋە بالدۇر تۇغۇش قاتارلىقلار كۆرۈلىدۇ. ئاياللار بۆلۈمىدە تەكشۈرگەندە، قولغا بۇلۇتسىمان توقۇلما سىزىلىدۇ. بالىياتقۇ ئېغىزى بىلەن بۇلۇتسىمان توقۇلمىنىڭ مۇناسىۋىتىگە ئاساسەن، بالا ھەمرىيىنىڭ ئالدىن ئورۇنلاشقان تۈرى بېكىتىلىدۇ.

قوشۇمچە تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسەن دىئاگنوز قويۇلىدۇ. B تىپلىق ئۇلتىرا ئاۋاز دولقۇنىدا تەكشۈرگەندە بالىياتقۇ دىۋارى، بالا ھەمرىيىنىڭ ئالدن ئورۇنلاشقان ئورنى، بالا ھەمرىيى بىلەن بالىياتقۇ بوينىنىڭ جايلىشىشى قاتارلىقلارنى ئېنىق كۆرگىلى بولىدۇ. بۇنىڭغا ئاساسەن بالا ھەمرىيى بىلەن بالىياتقۇ بوينى ئىچكى ئېىغىزىنىڭ مۇنسىۋىتىگە يەنىمۇ بىر قەدەم ئىلگىرىلىگەن ھالدا بالا ھەمرىيىنىڭ ئالدىن ئورۇنلىشىشىنىڭ تۈرىگە ئېنىق ھۆكۈم قىلغىلى بولىدۇ.

بالا ھەمرىيى ئالدىن سۇيۇلۇش، بالىياتقۇ مونچاق گۆشى، بالىياتقۇ بوينى شەلۋەرەش، بالىياتقۇ بوينى راكى قاتارلىق كېسەللىكلەردىن پەرقلەندۈرىلىدۇ.

قاناشنى توختىتىش، قان تولۇقلاش، يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەقسىتىدە دورا ئىشلىتىلىدۇ.

قان توختىتىش ئۈچۈن شەربىتى ئەنجىباھار كۈندە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 30 مىللىلىتىردىن، قورسى كەھرىبا كۈندە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا 5 تالدىن ئىستېمال قىلىشقا بېرىلىدۇ. قان تولۇقلاش مەقسىتىدە ئانارشەربىتى كۈندە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 30 مىللىلىتىردىن، جاۋارىش كۈندۈش، مەجۇنى سوم، خېمىرى مەرۋايىت، ئانار گۈلقېنى، مەجۇنى سالاجىت قاتارلىقلار كۈندە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا ئەھۋالغا قاراپ 5-10 گرامغىچە ئىستېمال قىلىشقا بېرىلىدۇ. يەككە دورىلاردىن ئاقاقىيا، ئامىلە، ئانارگۈلى، بەزرۇلبەنجى، بىخ مارجان، ئوسوڭ ئۇرۇقى، پاقا يوپۇرمىقى ئۇرۇقى، قىزىلگۈل، كەھرىبا، نىلۇفەر، خوخا، بۇغا مۆڭگۈزى قاتارلىق دورىلار ئەھۋالغا قاراپ تاللاپ ئىشلىتىدۇ. يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئەرقى چۆبىجىن، ئەرقى شوخلا كۈندە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 30-50 مىللىلىتىردىن، ئىتتىرفىل چۆبچىن كۈندە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن تاللاپ ئىستېمال قىلىشقا بېرىلىدۇ. بالا ھەمرىيىنىڭ ئالدىن ئورۇنلىشىشى مەركەز خاراكتېرلىك بولسا، تىنچلاندۇرۇش ئۈچۈن مەجۇنى بەرشىشا، مەجۇنى سەنجىرىنا، مەجۇنى پولونىيا، مەجۇنى بەزرۇلبەنجى قاتارلىقلار كۈندە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا 3-5 گرامدىن تاللاپ ئىستېمال قىلىشقا بېرىلىدۇ ياكى كۆكنار شاكىلىنى سوقۇپ قاينىتىپ، قورساقنىڭ ئۈستىگە تېڭىپ تولغاقنى توختىتىپ، ئاندىن ئوپىراتسىيە قىلىنىدۇ. ئەگەر گىرۋەك خاراكتېرلىك ياكى قىسمەن خاراكتېرلىك بولسا، تولغاق كەلتۈرۈش ئۈچۈن قارا شېكەرنى قاينىتىپ ئىچكۈزۈش، ماگنىت تاشنى سۇفۇپ قىلىپ، سۇ بىلەن ئىچىش، ئاق ماشنىڭ ئۇنىنى مورمەككى، ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ ھەممەل قىلىش، مەجۇنى ئۇبھەل ئىستېمال قىلدۇرۇش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق تولغاق كەلتۈرۈپ تۇغۇت تېزلىتىلىدۇ.

ئانىغا نىسبەتەن تۇغۇتتىن كېيىن قاناش بىلەن قان ئازلىق كېلىپ چىقىدۇ. تۇغۇتتىن كېيىنكى يۇقۇملىنىش ھەم قىيىن تۇغۇت كېلىپ چىقىدۇ. ھامىلىگە نىسبەتەن ھامىلىنىڭ غەيرىلىكى، ھامىلىگە ئوكسىگىن يېتىشمەسلىك، ھامىلە ئۆلۈپ قېلىش، تۇنجۇقۇش قاتارلىقلار كېلىپ چىقىدۇ.

1. ئەگەر شۇك بولسا، ئالدى بىلەن شۇكقا قارىتا چارە قىلىش كېرەك.

2. بىمارنى يېتىپ دەم ئېلىشقا دەۋەت قىلىش، ئىدىيىۋى خىزمەتنى ياخشى ئىشلەپ، جىددىلىك، قورقۇش كەيپىياتلىرىنى تۈگىتىش كېرەك. 

3. مەقئەتتىن تەكشۈرۈش ۋە ھەمەل قىلىش مەنئى قىلىنىدۇ.

4. ئوپىراتسىيىدىن ئىلگىرىكى تەييارلىق خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، مەسىلەن: تېرىنى تازىلاش، قان تەييارلاش، زىيادە سەزگۈرلۈك سىنىقى ئىشلەش كېرەك.

5. قان بېسىمى، نەپەس، تومۇرنىڭ سوقۇشى ۋە بالىياتقۇنىڭ قىسقىراش ئەھۋالىنى قاتتىق كۆزىتىش لازىم. جىنسىي يولدىن قان كەلسە، قان مىقدارىنى پەرەز قىلىشقا ئاسان بولسۇن ئۈچۈن ئىشلەتكەن قەغەزنى ئېلىۋەتمەسلىك كېرەك.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تىبابەت دورىگەرلىكىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=1&contentNameId=1202

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

ئۇيغۇر تىبابەت دورىگەرلىكىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=1&contentNameId=1202

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#