لالە

لالە گۈلسامساق ئائىلىسىدىكى ئۆسۈملۈك بولۇپ، توق سېمىز يەر ئاستى تەڭگىچە غولى بولىدۇ ھەمدە سوغۇققا چىداملىق. كۆپەيتكەندە تەڭگىچە غولى تۇپراققا كۆچۈرۈپ ئۆستۈرۈلىدۇ.

ئۇيغۇرچە ئىسمى لالە
خەنزۇچە ئىسمى 郁金香
تىپى يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۈسۈملۈكلەر تىپى
تۈركۈمى گۈلسامساق تۈركىمى
ئۇرۇقداشلىرى لالە ئۇرۇقدېشى
ئېنگىلىزچە ئىسمى Tulips
تەۋەلىكى ئۈسۈملۈكلەر دۇنياسى
سىنىپى تاق پەللىلىك ئۈسۈملۈكلەر سىنىپى
ئائىلىسى گۈلسامساق ئائىلىسى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

لالەغەربىي ياۋروپانىڭ گۈللۈكى − گوللاندىيە ئەزەلدىنلا «لالە دۆلىتى» دېيىلىدۇ. لالە شامال چاقپەلىكى(شامال تۈگمىنى) ، پىشلاق (ئېرىمچىك) ، ياغاچ ئاياغ قاتارلىقلار بىلەن بىللە «گوللاندىيىنىڭ تۆت گۆھىرى» دېيىلىدۇ. گوللاندىيە خەلقى ئۇنى گۈزەللىك، ئالىيجانابلىق، تەنتەنىلىكنىڭ سىمۋولى قىلىپ كەلمەكتە. 1977-يىلى گوللاندىيىنىڭ ئايال پادىشاھى بېئاترىكس جۇڭگوغا زىيارەتكە كەلگەندە، نازاكەتلىك سوۋغات سۈپىتىدە مەملىكىتىمىز خەلقىگە لالە سوۋغا قىلىپ، ئۇنى جۇڭگو-گوللاندىيە ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ دوستلۇقىنىڭ سىمۋولى قىلغان. بۇ گۈل بېيجىڭدىكى جۇڭسەن باغچىسىدا ئۆستۈرۈلمەكتە. ھازىر ئۈرۈمچى ئۆسۈملۈكلەر باغچىسىدىمۇ ئۆستۈرۈلۈۋاتىدۇ. 

لالە گۈلسامساق ئائىلىسىدىكى ئۆسۈملۈك بولۇپ، توق سېمىز يەر ئاستى تەڭگىچە غولى بولىدۇ ھەمدە سوغۇققا چىداملىق. كۆپەيتكەندە تەڭگىچە غولى تۇپراققا كۆچۈرۈپ ئۆستۈرۈلىدۇ. گوللاندىيە خەلقى ئۇزاق يىللار يېتىلدۈرۈش ئارقىلىق، 2000 خىلدىن ئارتۇق سورتلىرىنى يېتىلدۈرۈپ چىقتى، ئۇلارنىڭ گۈللىرى قىزىل، سېرىق، ئاق، كۆك، بىنەپشە قاتارلىق رەڭلەردە ئېچىلىدىغان بولۇپ، ئۆز دۆلىتىنى گۈزەللەشتۈرۈپلا قالماستىن، بەلكى يەنە ياۋروپا، ئامېرىكىدىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرگە ھەتتا ياپونىيىگىچە يۆتكەپ سېتىلىدۇ. 

لالەباغۋەنچىلىك ئىلمى مۇتەخەسسسىلىرى لالەنى ئېچىلىش ۋاقتىنىڭ ئىلگىرى-كېيىنلىك خۇسۇسىيىتىگە ئاساسەن بالدۇر ئېچىلىدىغان ۋە كېچىكىپ ئېچىلىدىغان دەپ ئىككى چوڭ خىلغا بۆلگەن. بالدۇر ئېچىلىدىغانلىرىنىڭ گۈل شېخى بىرقەدەر قىسقا بولۇپ، ئېگىزلىكى 20 سانتىمېتىر بىلەن چەكلىنىدۇ. گۈللىرىنىڭ يالاڭ قات بەرگلىك سورتلىرى ھەم قات بەرگلىك سورتلىرى بولۇپ، ھەممىسىلا پۇراقلىق. كېچىكىپ ئېچىلىدىغانلىرىنىڭ گۈل شېخى بىرقەدەر ئۇزۇن، پەقەت يالاڭ قات بەرگلىك سورتلىرىلا بولۇپ پۇراقسىز بولىدۇ. 

لالەلالەنىڭ ئەسلىي ماكانى مەملىكىتىمىزدىكى چىڭخەي-شىزاڭ ئېگىزلىكى بولۇپ، 2000 نەچچە يىللار ئىلگىرى ئوتتۇرا ئاسىيا ئەتراپلىرىغا تارىلىپ بارغان. 16-ئەسىردە تۈركىيىدە تۇرۇشلۇق ئاۋسترىيىلىك بىر ئەلچى لالەنى ياۋروپاغا ئالغاچ بارغان. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن لالە ياۋروپاغا كەڭ تارىلىشقا باشلىغان. گوللاندىيىلىكلەر لالەنى ئالتۇن ئورنىدا بىلىپ، بۇنداق گۈلدىن قانچىلىككە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئۆز بايلىقىنىڭ بەلگىسى قىلىدۇ. 


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#