بۈركۈت نەي
بۈركۈت نەي — تاجىك لارنىڭ بىر خىل ئالاھىدە چالغۇ ئەسۋابى بولۇپ تاغ بۈركۈتى قانىتىنىڭ سۆڭىكىدىن ياسالغان.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
بۈركۈت نەي — تاجىك لارنىڭ بىر خىل ئالاھىدە چالغۇ ئەسۋابى بولۇپ تاغ بۈركۈتى قانىتىنىڭ سۆڭىكىدىن ياسالغان. قار مۇزلۇق چوققىلار بىلەن قاپلانغان پامىر تاغ بۈركۈتىنىڭ ماكانىدۇر. ئەقىللىق، باتۇر تاجىكلار تاغ بۈركۈتىنى ئېتىپ چۈشۈرۈپ، ئۇنىڭ ئىككى تال سۆڭىكىدىن بۈركۈت نېيى ياسىغان.
بۈركۈت نېيىنىڭ ئۇزۇنلۇقى بىر چى (تەخمىنەن 33 سانتىمېتىر ) ئەتراپىدا بولۇپ، ئۈستۈنكى ئۇچى سۈركەپ تەكشىلەنگەندىن كېيىن، پۈۋلەيدىغان تۆشۈك ئېچىلغان. پۈۋلىگەندە نەيچە ئوڭ تەرەپكە قىڭغايتىلىپ، ئۆپكىدىن چىققان ھاۋا ئېقىمى مەلۇم بۇلۇڭ ھاسىل قىلىدۇ–دە، ئاۋاز شەكىللىنىدۇ. نەيچىنىڭ تۆۋەنكى ئۇچۇ كىسىۋېتىلىپ، ئۇچ تۆشۇك ئېچىلىدۇ.
پۈۋلىگەندە قول بارمىقى بىلەن مۇزىكا رىتىمىغا ئاساسەن بېسىپ تۇرۇلىدۇ ياكى ئوچۇق قالدۇرۇلىدۇ. نەتىجىدە ،ئاۋاز ئۆزگىرىشى كېلىپ چىقىدۇ. بۈركۈت نېيىنىڭ ئاۋازى سۈزۈك ،ئىپادىلەش كۈچى ئانچە كۈچلۈك ئەمەس، پەقەت بەزى رىتىملىق ئاددىي ئاھاڭلارنى چىقىرالايدۇ . ئەمما ئۇنىڭمۇ ئۆزىگە خاس ئالاھىدە ئاھاڭدارلىقى بار بولۇپ ،تاجىك مۇزىكىلىرىنى ئورۇنداشتا كەم بولسا بولمايدىغان چالغۇ ئەسۋاب بولۇپ قالغان.
پامىر ئىگىزلىكىدە بۈركۈت نېيىگە ئائىت نۇرغۇنلىغان گۈزەل رىۋايەتلەر تارقىلىپ يۈرمەكتە. ئېيتىشلارغا قارىغاندا ،ناھايىتى ئۇزاق يىللار ئىلگىرى بىر يىگىت بىلەن بىر قىز بىر چارۋىچىنىڭ قولىدا ئىشلەيدىكەن. يىگىت مال باقىدىكەن، قىز كىر يۇيىدىكەن، ھەيۋەتلىك مۇز تاغ ئېتىكىدە، گۈزەل داپدا يايلىقىدا ،كۆركەم مارسۇ ساھىلىدا ئىشلىگەن ۋاقىتلىرىدا ئۇلار دائىم ئۇچرىشىپ تۇرىدىكەن، ئۇلار ناخشا ئېيتىپ قەلب ئىزھار قىلىشىدىكەن ،مۇھەببەتلىشىدىكەن. كېيىن قارا نىيەت خوجايىن ئۇلارنى ئايرىۋەتمەك بولۇپ، يىگىتنى تاغدا قوي باقىدىغانغا، قىزنى تاغ ئېتىكىدە تۇرۇشقا بۇيرۇپتۇ. يىگىت تاغ باغرىدىكى مەشۇقىغا يۈرەك سۆزىنى ئاڭلىتىش ئۈچۈن، ئوقيا بىلەن بىر تاغ بۈركۈتىنى ئېتىپ چۈشۈرۈپ ،ئۇنىڭ قانات سۆڭىكىدىن دۇنيا بويىچە تۇنجى بۈركۈت نېيىنى ياساپتۇ. قىزچاق بۇ نەي ئاۋازىنى ئاڭلاپ، يۇرىكى ئويناپ، چۈش كۆرگەندەك بولۇپ كېتىپتۇ .ئۇ كۆكتە پەرۋاز قىلىۋاتقان تاغ بۈركۈتىگە تەلمۈرۈپ ،مۇڭلۇق نەي ئاۋازىغا ئەگىشىپ، تاغ بۈركۈتىنىڭ ئۇچۇۋاتقان ۋاقىتتىكى ئەگىشىنى دورايدىكەن. ھېكايە قىلىنىشىچە، بۇ تاجىك مۇزىكىسى ۋە ئۇسسۇلىنىڭ كېلىش مەنبەسى ئىكەن.[1]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.