سولۇن
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
سولۇن ياشىغان دەۋر جەمئىيەت جىددىي ئۆزگىرىۋاتقان دەۋر بولۇپ، ئەينى چاغدا قۇللۇق تۈزۈمدىكى ئافېنا دۆلىتى قۇرۇلۇپ بولغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇرۇقداشلىق تۈزۈمىنىڭ بىرمۇنچە قالدۇقلىرى يەنىلا ساقلىنىپ قالغانىدى، ئافېنا يەنىلا ئۇرۇقداش ئاقسۆڭەكلەرنىڭ دىكتاتورىلىقىدىكى دۆلەت بولۇپ، ئۇرۇقداش ئاقسۆڭەكلەر ئىمتىيازىغا تايىنىپ نامراتلارنى ئېزەتتى. نامراتلار ئۇلاردىن ئالغان قەرزىنى قايتۇرالمىسا، ئۆزلىرىنىڭ بىردىنبىر تىرىكچىلىك مەنبەسى بولغان يېرىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە مەجبۇر بولاتتى-دە، ئۆزى ۋە بالا-چاقىلىرى ھەقدارلارنىڭ قۇلىغا ئايلىنىپ قالاتتى. نۇرغۇن نامراتلار ئەركىنلىكتىن مانا مۇشۇنداق مەھرۇم قىلىنىپ، چەت ئەلگە ئاپىرىلىپ سېتىۋېتىلەتتى، بەزىلىرى قەرزدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن، يۇرتىنى تاشلاپ چىقىپ كېتىپ تىرىكچىلىك قىلاتتى. نامرات، بىچارە ئافېنالىقلار بايلارنىڭ بۇنداق بوزەك قىلىشىغا چىداپ تۇرالماي، قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشكە تەييار بولۇپ قالغان جىددىي ۋەزىيەتتە، سولۇن دۆلەتنىڭ رەھبىرى − باش ئارخۇنغا ئايلانغان. ئۇ بۇ خىل باراۋەرسىزلىكنى تۈگىتىشكە ئىرادە باغلاپ، ئالدى بىلەن «قەرزنى كۆتۈرۈۋېتىش پەرمانى» نى چۈشۈرۈپ، نامراتلارنىڭ بارلىق قەرزىنى بىكار قىلىۋېتىپ، قەرزدار بولۇپ قالغان نامراتلارنى قۇل قىلىۋېلىشنى قاتتىق مەنئى قىلغان. ئۇ يەنە چەت ئەلگە سېتىۋېتىلگەن ئافېنالىقلارنى دۆلەت پۇل چىقىرىپ قايتۇرۇپ كېلىش سىياسىتىنى يولغا قويغان.
ئادەتتىكى پۇقرالارنىمۇ دۆلەتنىڭ باشقۇرۇش ئىشلىرىغا قاتناشتۇرۇش ئۈچۈن، سولۇن ئاقسۆڭەكلەرنىڭ بەزى ھوقۇقلىرىنى تارتىۋېلىپ، ئاقسۆڭەكلەردىن باشقىلارنىمۇ ئەمەلدار بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغان. ئۇ پۇقرالار سوتى دەپ ئاتىلىدىغان يېڭى ئەدلىيە ئورگىنى قۇرغان، سودىيىلەر نامراتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق ئافېنالىقلاردىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ھەر خىل دېلولارنى بېجىرىشكە مەسئۇل قىلىنغان، شۇنداق بولغاچقا، بايلار نامراتلارنى خالىغانچە بوزەك قىلالمىغان.
سولۇن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىن ئىلگىرى، ئافېنادا سىياسىي ھوقۇق ئۇرۇقداش ئاقسۆڭەكلەر گۇرۇھىنىڭ قولىغا مەركەزلىشىپ قالغان. ئىسلاھات داۋامىدا، سولۇن بارلىق ئافېنا پۇقرالىرىنى مال-مۈلكىنىڭ ئاز-كۆپلۈكىگە قاراپ تۆت دەرىجىگە ئايرىپ، ھەر خىل دەرىجىدىكى پۇقرالارنىڭ ھەر خىل سىياسىي ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولىدىغانلىقىنى بەلگىلىگەن. بۇنىڭ بىلەن، ئۇرۇق ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ سىياسىي ئىمتىيازى ئەمەلدىن قالغان، پۇقرالارنىڭ دەرىجىسى ئۇلارنىڭ مال-مۈلكىنىڭ ئاز-كۆپلۈكىگە قاراپ بېكىتىلگەچكە، نامرات پۇقرالار باراۋەر ھوقۇققا ئېرىشەلمىگەن، بۇ تەدبىر سودا-سانائەت قۇلدارلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا نەپ ئېلىپ كەلگەن. سولۇننىڭ ئىسلاھاتى ئافېنانىڭ قۇللۇق تۈزۈمدىكى دېموكراتىيەسىگە ئاساس سېلىپ بەرگەن.
سولۇننىڭ ئىسلاھات تەدبىرلىرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، كىشىلەر بۇ تەدبىرلەرنىڭ يولغا قويۇلۇشىنى سولۇن ئىسلاھاتى دەپ ئاتىغان، سولۇنمۇ دۇنيا تارىخىدىكى ئەڭ داڭلىق ئىسلاھاتچىلارنىڭ بىرى بولۇپ قالغان. كېيىن، ئۇ يىراق-يىراقلارغا بېرىپ سەيلە-ساياھەت قىلغان، ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا ئۆيىدە ئولتۇرۇپ يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان، ئۇ: «مەن ياشىغانسېرى، ئۆگەنگەنلىرىممۇ شۇنچە كۆپىيىپ بېرىۋاتىدۇ» دېگەن. [0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
بەيدۇ قامۇسى
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.